بالىلار ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقى: پەتى مۈشۈكنىڭ ھىكايىسى (ئىنگلىزچە – ئۇيغۇرچە)

7,466 قېتىم ئوقۇلدى

بالىلاردا شۇنداق خىسلەتلەر باركى، ئۇلار چۈشكۈنلەشمەيدۇ، ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ. پۈتۈن دۇنيانى بېشىغا كىيىپ يىغلىغانلىرىنى ئۇنتۇپ بىردەمدىلا تاتلىق كۈلەلەيدۇ. يەنە كېلىپ كۆز ياشلىرىڭىزنى سۈرتۈپ قويالايدۇ… ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ زۇلمىتىدىكى يورۇق نۇرلارغا ئوخشايدۇ.

بۈگۈن بالىلىرىمىزدىن 10 ياشلىق مېھرىناز بىلەن 9 ياشلىق نازىگۇمنىڭ تاتلىق، چۈچۈك تىللىرى بىلەن بىزنى نېمە بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۈمىدنى يوقىتىپ قويماسلىققا چاقىرغان ئوماق ھىكايىسىنى ئاڭلايمىز.

بۇ قىزلىرىمىزنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىن باشقا يەردە ئانا تىلىنى ئاڭلاش – سۆزلەش شارائىتى يوق. لېكىن ئۇلارنىڭ ھىكايە ئېيتقاندىكى چۈچۈك تىللىرى، ئاجايىپ ئوماق ئىنتوناتسىيەلىرى، ھەتتا، بىزنى ئۈمىدكە چاقىرىشلىرىدىن قەلبىمىز يەنە بىر قېتىم مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ۋەزنىنى تونۇيدۇ، ئەتىگە ئۈمىد بىلەن باقالىغۇدەك كۈچكە تولىدۇ.

 

ئاق ئايىغىمنى بەكمۇ سۆيىمەن!

ئاپتۇرى: ئېرىك لىتۋىن
رەسسام: جېمىس دىن

 

مىكروفۇن ئالدىدا:
مېھرىناز – ئۇيغۇرچە
نازىگۇم – ئىنگلىزچە

 

بىركۈنى پەتەك مۈشۈك يېڭى ئالغان ئاق ئايىغىنى كىيىپ، سەيلە قىلغىلى سىرتقا چىقىپتۇ. پەتەك مۈشۈك ئاق ئاياغلىرىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىكەنكى، خۇشاللىقىدىن ناخشا ئېيتىشقا باشلاپتۇ.

 

ئاق ئايىغىمنى بەكمۇ سۆيىمەن.
ئاق ئايىغىمنى بەكمۇ سۆيىمەن.
ئاق ئايىغىمنى بەكمۇ سۆيىمەن.

 

-ۋايجان! پەتەك مۈشۈك، نىمىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدىڭ سەن؟
-بۆلجۈرگەننىڭ.
-پەتەك مۈشۈكنىڭ ئاياغلىرى قايسى رەڭگە ئۆزگىرىپ قالدى؟
-قىزىل رەڭگە.

 

-پەتەك مۈشۈك يىغلىدىمۇ؟
-ياق، پەقەتلا يىغلىمىدى. بەلكى يەنە ناخشىسىنى ئېيتىپ سەيلىسىنى داۋام قىلدى.

 

قىزىل ئايىغىمنى بەكمۇ سۆيىمەن.
قىزىل ئايىغىمنى بەكمۇ سۆيىمەن.
قىزىل ئايىغىمنى بەكمۇ سۆيىمەن.

 

-ۋايجان! پەتەك مۈشۈك، نىمىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدىڭ سەن؟
-ئېيىق ئۈزۈمنىڭ.
-پەتەك مۈشۈكنىڭ ئاياغلىرى قايسى رەڭگە ئۆزگىرىپ قالدى؟
-كۆك رەڭگە.

 

-پەتەك مۈشۈك يىغلىدىمۇ؟
-ياق، پەقەتلا يىغلىمىدى. بەلكى يەنە ناخشىسىنى ئېيتىپ سەيلىسىنى داۋام قىلدى.

 

كۆك ئايىغىمنى بەكمۇ سۆيىمەن.
كۆك ئايىغىمنى بەكمۇ سۆيىمەن.
كۆك ئايىغىمنى بەكمۇ سۆيىمەن.

 

-ۋايجان! پەتەك مۈشۈك، نىمىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدىڭ سەن؟
-پاتقاقنىڭ.
پەتەك مۈشۈكنىڭ ئاياغلىرى قايسى رەڭگە ئۆزگىرىپ قالدى؟
-قوڭۇر رەڭگە.

 

-پەتەك مۈشۈك يىغلىدىمۇ؟
-ياق، پەقەتلا يىغلىمىدى. بەلكى يەنە ناخشىسىنى ئېيتىپ سەيلىسىنى داۋام قىلدى.

 

قوڭۇر ئايىغىمنى بەكمۇ سۆيىمەن.
قوڭۇر ئايىغىمنى بەكمۇ سۆيىمەن.
قوڭۇر ئايىغىمنى بەكمۇ سۆيىمەن.

 

-ۋايجان! پەتەك مۈشۈك، نىمىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدىڭ سەن؟
-بىر داس سۇنىڭ ئىچىگە. ئۇنىڭ ئايىغىدىكى قىزىل، كۆك، قوڭۇر رەڭلەرنىڭ ھەممىسى ئۆچۈپ كېتىپتۇ.
-پەتەك مۈشۈكنىڭ ئاياغلىرى قايسى رەڭگە ئۆزگىرىپ قالدى؟
-ئاق رەڭگە.

 

-پەتەك مۈشۈك يىغلىدىمۇ؟
-ياق، پەقەتلا يىغلىمىدى. بەلكى يەنە ناخشىسىنى ئىيتىپ سەيلىسىنى داۋام قىلدى.

 

ھۆل ئايىغىمنى بەكمۇ سۆيىمەن.
ھۆل ئايىغىمنى بەكمۇ سۆيىمەن.
ھۆل ئايىغىمنى بەكمۇ سۆيىمەن.

 

كىچىك دوستلار، بىز بۇ ھىكايىدىن نىمىنى چۈشىنەلەيمىز؟ مەيلى قانداق ئىش يۈز بىرىشىدىن قەتئىينەزەر روھلۇق ھالدا ھاياتىمىزنى داۋام قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى ھايات تولىمۇ قىسقا ھەم گۈزەل.
كىچىك دوستلار، قېنى ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ پەتەك مۈشۈكنىڭ قىسقىغىنا بۇ سەيلىسىدە ئۇنىڭ ئاياغلىرى قانداق قىلىپ بىر قانچە خىل رەڭگە ئۆزگىرىپ قالدى؟

ھىكايە تامام

سىلەرگىمۇ رەھمەت قىزلىرىم! يەنە يېڭى – يېڭى ھىكايىلىرىڭلارنى ساقلايمىز ~ ❤

 

بالىلىرىمىزنىڭ تىل ئۈگىنىشكە بولغان سۆيگۈسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش مەقسىتىدە يېڭى يىلدىن باشلاپ ئايدا بىر قېتىم بالىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان ئوقۇشلۇقنى ئېلان قىلىشنى باشلىدۇق. بۇ ئايدىن باشلاپ بالىلىرىمىزغا ئىلھام ھەم سۆيۈنۈشىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇشلۇق ئەۋەتكەن بالىلىرىمىزغا «توكيو خاتىلىرى» دىن كۆڭۈل سوۋغىسى ئەۋەتىلىدۇ.
ئەلۋەتتە، قىلىۋاتقانلىرىمىز بەك چوڭ ئۆزگىرىشلەرگە سەۋەپ بولالمايدۇ. بىراق، كىچىككىنە بولسىمۇ ئىلگىرلەش ئېلىپ كېلەلەيدۇ.

ئوقۇشلۇق ئەۋەتىش ئادرىسى:
‏reyhan@outlook.jp
‏reyhan@tokyoxatiriliri.net

***

ئاخىرىدا، بارلىق يەر يۈزىدىكى پەرىشتىدەك بالىلىرىمىزغا سالامەتلىك، ئەقىل – پاراسەت ۋە نۇر ئىچىدە چوڭ بولۇش نىسىپ بولسۇن دەپ تىلەيمىز~🌟
(ھە – راست، بالىلىرىمىزنىڭ سۇئالىنى جاۋابسىز قويمىغايسىلەر )

 

تارقىتىڭ...
  1. سالام ئەزىزلەر:
    بۇ ھىكايىنى بالىلىرىمىز ئاڭلىسۇن ھەم سۇئالغا جاۋاب بېرىپ باقسۇن.
    جاۋابنىڭ توغرا -خاتالىقىنى مېھرىناز بىلەن نازىگۇم قىزىمىز ئېيتىپ بەرسۇن ھە؟

  2. بەش ياشلىق قىزىمنىڭ دىيىشىچە 4 رەڭگە ئۆزگىرىپتۇ.
    قىزىل، كۆك، قوڭۇر، ئاق رەڭكەن.

  3. مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ۋە ئاۋال تۇنجى نۇسخىسى قويۇلغان بولسا بەكمۇ سۆيۈنەتتۇق،
    uyghur-Baliliri قانىلىدا گۈلزىرە تەرجىمە قىلىپ ئوقۇغانتى.

  4. ئالدى بىلەن ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىزگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
    ئەۋەتكەن دوستىمىز ئېيتقان ،تەرجىمىسىنى توردىن ئالغانلىقىنى، بىراق ، ئىسمىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن تەرجىمە قىلغۇچىنى يېزىشقا ئامالسىز قالغانىدىم…
    تەرجىمە قىلغۇچىنى ئەسكەرتىپ قويساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى ، گۈلزىرە دىسەم بولامدۇ؟

  5. سالام،سۇئالغا جاۋاب بەرگەن بەش ياشلىق قىزنىڭ ئانىسى خانىم، قىزلىرىم قىزىڭىزنىڭ سۇئالنىڭ جاۋابىنى توغرا تاپقانلىقىنى ئىيتتى ھەم ئاپىرىن بەش ياشلىق ئوماق سىڭىلچاققا دەيدۇ. ….. قىزلىرىم ئۇيغۇر يىزىقىنى يىزىشنى ئۆگىنىش باسقۇچىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاكالىتەن دىگەنلىرىنى مەن يوللىدىم.
    ھۆرمەت،بىلەن: مېھرىناز ۋە نازىگۇمنىڭ ئانىسى.

    • قىزلىرىمىزنىڭ جاۋابىغا ھەم مەسئۇلىيەتچان ئاپىسىغا تەشەككۈرلەر~-♥️
      قىزلىرىمىز ئۆز يېزىقىنى ئۈگنىپ بولغاندا بىلوگىمغا سالاملىرىنى يوللاپ تۇرسۇن، ئۇلارنى سۆيۈپ :
      رەيھان ئاپىسىدىن.

  6. بەك سۆيۈندۈم ھەم ھاياجانلاندىم،كېچىكىپ ئاڭلاپ قاپتىمەن،باللىرىمنىڭ سۆيۈپ ئاڭلايدىغىنىغا ئىشىنىمەن،تىلىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماپسىلەر پەرىشتە قىزلىرىم،داۋاملىق بۇ يەردىكى دوسلىرىڭلارغا ئۇ يەردىكى ياخشى ھېكايىلەرنى بولسا داۋاملىق،،سۇنۇپ،،تۇرساڭلار ،،رەھمەت قىزلىرىم

    • رىياسىز سەممى تىلەكلەر بىر – بىرىمىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ياردەم ھەم كۈچ بوپقىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە سۆزلىرىڭىزدىن شۇنچىلىك ئىللىقلىق ھېس قىلدىم، سىزگىمۇ ھەم رەھمەت! تاتلىق ئوماقلىرىڭىزنىڭ كۈلكىلىرى ئۈچۈن سىزمۇ سالامەت ھەم ئامان بولغايسىز~ ☕️❤️

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىلار

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى