ساڭا خەت!

2,999 قېتىم ئوقۇلدى

قۇياشمۇ ھەسرەتلىك كۈلىۋاتقاندەك، تولۇن ئايمۇ يارىلانغاندەك كۆرۈنىدىغان بۇ كۈنلەردە كۈلۈش ئۈچۈن جاسارەت ۋە ياكى ھاماقەتلىك كېرەك ئىدى.
ھاماقەتلىكنى ياكى جاسارەتلىك بولۇشنىمۇ قاملاشتۇرالمايۋاتقان  مۇشۇ كۈنلىرىمدە ئىچىمدىكى چارىسىزلىكلىرىمنى پەقەت ساڭىلا ئېيتقۇم كەلدى… بىلىسەنغۇ؟ سانسىزلىغان قوللارنىڭ چاۋاكلىرىدىن بىر قەلىبنىڭ چۈشىنىشنىڭ  نەقەدەر ئەۋزەللىكىنى….

 

FRANCIS GOYA – ROMANCE DE AMOUR

 

بىلىمەن! ھاياتىڭدا تۇنجى رەت «سېنى سېغىندىم!» دىيەلمەيدىغان سېغىنشنىڭ قەلىبكە نەقەدەر ئېغىر يۈك، ئازاب ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئىچىڭدىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ چۇڭقۇر ھاڭلىرىدا سېغىنىشلىرىڭنىڭ تېخىمۇ ساپلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلۋاتسەن …

 

پەقەت كۆڭۈل كۆزلىرىلا ئىلغا قىلالايدىغان ھاياتنىڭ بۇ غېرىپ، مىسكىن رەڭلىرى قەيەردىن كەلدى دەمسەن!؟
بىلەمسەن، بۇلار ئېچىلسىلا پەريادلارنىڭ تۆكۈلۈشلىرىدىن  ئەنسىرەپ ھىم يۇمۇلغان لەۋلەرگە مەھكۇم  يارىلانغان، دەرتلىك روھنىڭ كائىنات بوشلۇقلىرىدا لەيلەپ قالغان ھالىتى. ھاياتقا بولغان زوق ۋە تەبەسسۇملارنىڭ ئۆچۈش ئالدىدىكى جان تالشىشلىرى. ئاچچىق تۇيغۇلارنىڭ ئىختىيارسىز تارام – تارام ياشقا  ئايلانغاندىكى ئۈنسىز گۇۋاھچىسى …

 

سەن!
ئىچىمنىڭ ئىچىدىكى، قەلبىمنىڭ تەگلىرىدىكى مەن، روھىمنىڭ نازۇك شىۋىرلاشلىرى ئىدىڭ…

سەن!
كەڭرى كائىناتتىن تاپقان بىر گۈزەل نۇر، زۇلمەت كېچىلەردىكى يورۇق يۇلتۇزۇم ئىدىڭ…

سەن!
سۆيگۈدىن كەڭرىسەن
دوستلۇقتىن چۇڭقۇرسەن
قېرىنداشتىن چارىسەن!
سەن پۈتۈن جاھان ئىنسانلىرىنىڭ بىرى ئەمەس، بىردىنبىرى ئىدىڭ!
دۇنيادىكى بارچە تۇيغۇلارغا، بارچە مۇناسىۋەتلەرگە ئىسىم قويۇش كېرەك بولسا، سەن ھىچكىمىم بولغىن! بىراق، ھاياتىمنىڭ باھارى ھەم جەۋھىرى بولغىن!

بۇ سەھەر، سەن ئۈچۈن تۆت قۇلاق ئىزدىدىم. ئازابلىرىڭ، پەرىشانلىقىڭ پەقەت مۇشۇ تۆتقۇلاق بىلەن يوقايدىغاندەك ساددا خىياللار بىلەن ئىنچىكىلىك، ئەستايدىللىق بىلەن ئىزدىدىم… ئاخىرى تاپقىنمىدا يۈزلىرىڭدە ئەڭ يېقىملىق تەبەسسۇمىڭنى، كۆزلىرىڭدە بەخىت ئۇچقۇنلىرىنى، روھىڭدا تىنچلىقنىڭ جىلۋىلىك  تەنتەنىلىرىنى كۆرگەندەك بالىلارچە شادلىققا چۆمدۈم.
ئويلىماپتىمەن، سەن ئۈچۈن تۆتقۇلاق ئىزدىسەم بىر قۇچاق تاپالايدىغانلىقىمنى!
بەخىتلىك بولغىن! بەخىت – يەرشارىنىڭ ئىگىلىرىدىن بولغان سەن بىلەن مەندىنمۇ يىراق بىر ئۇقۇم بوپقالمىسۇن~

 

**************************

2018.04.10

رەيھان

 

تارقىتىڭ...
  1. ھارىمغايسىز بۇ خەت يۈرەككە تەگىدى،قەلمىڭىز ھارمىغاي ……

  2. يۈرەكلەر سالامەت بولسۇن…..~❤️☘️☘️☘️❤️

  3. بۇ يازما بەك ئېسىل يېزىلىپتۇ . چوڭقۇر ئويلاندىم

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ساڭا

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى