بالىلار ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقى: كىچىككىنە پەرىشتە (ياپونچە – ئۇيغۇرچە)

5,618 قېتىم ئوقۇلدى

كۆڭلىڭىز يېرىم، يىغلىغۇڭىز…قانغۇچە بىر يىغلىغۇڭىز كېلىۋاتىدۇ…شۇنداقمۇ؟

بوپتۇ، يىغلىغۇڭىز كەلگەن بولسا قانغۇچە يىغلىۋىلىڭ…بېراق، شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇ دۇنيادا سىز يالغۇز ئەمەس! سىز يىغلىسىڭىز تولىمۇ ئازابلىندىغان بىرى بار… ئۇ سىزنىڭ چىرايلىق تەبەسسۇمىڭىزدا ئۆزىنى تولىمۇ بەخىتلىك، تولىمۇ خۇشال ھېس قىلىدۇ، ئىشىنەمسىز؟

بىر تەبەسسۇمىڭىز، بىراۋغا كۈلۈپ قارىشىڭىزنىڭ نەقەدەر سېھرى كۈچى بارلىقىنى ياپونىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولىۋاتقان بالىلىرىمىزدىن 9 ياشلىق نازىنە بىلەن 7 ياشلىق ئەزھەر دۇنيادىكى ئەڭ ئوماق ئاۋاز، ئەڭ گۈزەل تىلدا سۆزلەپ بېرىدۇ.

 كىچىككىنە پەرىشتە

ئاپتۇرى:  مىياتا تومومى

تەرجىمىدە: نازىنە خەمىت

(كىچىككىنە ئەسكەرتمە: تەرجىمىسىگە بالىلارنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان ئوقۇشلۇقلارنى سەمىمىيلىك بىلەن دىگەندە، ئانچە -مۇنچە بىلەلمىگەن سۆزلۈكلەرنى ئاتا – ئانىلارنىڭ توغرىلاپ بىرىشلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەقىقەتەنمۇ بالىلار ئۆزلىرى تەرجىمە قىلغان. مەنمۇ بەك چوڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىدىم .)

 

مىكروفۇن ئالدىدا :

نازىنە خەمىت – ئۇيغۇرچە

ئەزھەر خەمىت – ياپونچە

 

ちっちゃな てんし

 

يېنىڭىزدا كىچىككىنە پەرىشتىنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟

خۇددى شاماللارنى كۆرەلمىگىنىمىزدەك پەرىشتىنىمۇ كۆرەلمەيمىز.

لېكىن، بىلەمسىزكىن؟ بۇ پەرىشتە بەزىدە يۈىڭىزگە سۆيۈپ قويىدۇ…

بەزىدە قۇلاق تۈۋىلىرىڭىزدە غۇيۇلداپ يۈرىدۇ.

قىسقىسى، پەرىشتە ھەر ۋاقىت يېنىڭىزدىلا…

قاراڭ!  پۇتلىرىڭىزنىڭ ئەتراپىدا تەۋرىنىۋاتقان گۈللەرنى  بايقىدىڭىزمۇ؟


 بەك چىرايلىق ئېچىلىپ كېتىپتۇ،- ھە؟!

پەرىشتە خۇشاللىقىدىن «قارا…قارا…بۇ گۈللەرگە!» دىگىنىچە گۈللەرنى تەۋرىتىۋاتىدۇ…

ھە راست، ئۆينىڭ ئىچىدىمۇ پەرىشتە بارلىقىنى بىلەمسىز؟  ئۇ ھەر دائىم سىزگە ياردەم قىلىدۇ.

لېكىن، يېنىڭىزدا پەرىشتە تۇرۇپمۇ بەزىدە يەنە نىمىشقا كۆڭلىڭىز يېرىم بوپقالىدۇ؟ سىز يالغۇز ئەمەس جۇمۇ!

بىلەمسىز؟ سىز يىغلىسىڭىز پەرىشتىمۇ شۇنچىلىك ئازابلىنىدۇ… خۇشال بولۇڭچۇ؟! پەرىشتە سىزنىڭ كۆز يېشىڭىزغا سېھىر قىلىدۇ.

پاھ! قاراڭ، كۆز ياشلىرىڭىز يالتىراپ كېتىپتۇ!!!

جىققىدە يىغلىۋىلىپ ئۆزىڭىزمۇ يىنىكلەپ قالغانسىز؟ ئەمدى كۆڭلىڭىز يەنە يېرىم بولماس ھە؟

قاراڭغۇ چۈشكەندە  ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاسمانغا قاراپ بېقىڭچۇ؟!

پەرىشتىلەر يۇلتۇزلار بىلەن ئۇسۇل ئويناپ ناخشا ئېيتىدۇ.

قۇلاق سېلىڭە، يۈرىكىڭىزدىن چىقىۋاتقان تىۋىشلارنى ئاڭلىيالايسىز…..

كېچە ئاسمىنىنىڭ كۈيلىرىگە قۇلاق سېلىڭ، پەرىشتىلەر تولىمۇ قىممەتلىك سىزگە بەخىت سوۋغىلىرى يوللاۋاتىدۇ….

پەرىشتە ھەر دائىم سىز بىلەن بىللە جۇمۇ!

 

لېكىن، سىزگە پەرىشتە بىلەن تېخىمۇ ياخشى دوستلاردىن بولۇشنىڭ ئامالىنى ئېيتپ بېرەيمۇ؟ ئۇچۇ…

ئۇ بولسا…سىزنىڭ تەبەسسۇمىڭىز!

ۋاي -ۋۇي ..شۇنچىلىك ئىشمۇ؟!  – دەپ ئويلاپ قالدىڭىز شۇنداقمۇ؟

بىراق، ھەقىقەتەنمۇ سىزنىڭ تەبەسسۇمىڭىز ئاجايىپ سېھىرلىك جۇمۇ!

 

سىز بىراۋغا كۈلۈپ باقسىڭىز، پەرىشتىلەر تېخىمۇ كۆپ دوستلىرىنى باشلاپ كېلىدۇ، بۇنى بىلەمسىز؟

قاراڭ، ئەنە! بىر ..ئىككى..ئۈچ…

پەرىشتىلەر سىز تۇغۇلغان دەمدىن باشلاپ  تا،- بۈگۈنگىچە سىزنى ھەر ۋاقىت ياخشى كۆرۈپ كەلدى.

تامام

رەھمەت ئوماقلىرىم!😘

بۇ ھىكايىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز كۈلۈمسىرىدىڭىزمۇ؟  ھەممىنى ئۇنتۇپ بىر كۈلۈمسىرەڭ، بۇ تاتلىق كۈلكىڭىز خەيرلىك گۈزەللىكلەرنى باشلاپ كەلگۈسى!🌼

 

تارقىتىڭ...
  1. كۈلدۇق كۈلكە دائىم ھەمرا بولغاي

  2. جىنىم باللىرىم، ئەقلىڭلارنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن .

  3. ئەقىللىق باللا، داۋاملىق تىرىشىڭلار!

  4. تاتلىققىنە ئوماقلىرىم
    غەيرەت قىلىڭلار
    بەك ياقتۇردۇق

  5. ھەر قېتىم بالىلىرىمىزنىڭ ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقلىرىنى يوللاپ بولۇپ، ئۆزۈم قايتا – قايتا ئاڭلاپ كېتىمەن….
    بالىلارچە ئاۋازدىن، يات بىر تىلنى سۆزلەۋاتقاندىكى بىزمۇ قاملاشتۇرۇپ بولالمايدىغان چىرايلىق ، توغرا تەلەپپۇزدىن، ئۆز تىلىمىزنى سۆزلىگەندىكى يېقىملىق، ئوماق، تەبىئىيلىكتىن ئاجايىپ ھوزۇرلىنىمەن…
    بالىلىرىمىز بەكلا ئەقىللىق! ئەجىر ھەم پۇرسەتلا بەرسەك ئۇلار كۆپ ئىشلارنى قىلالايدۇ.
    ھەر بىر ئاتا – ئانىغا باللىرى بىلەن دەرقەمدە بولۇش ھەم ئۇلاردىكى ئەقىل ۋە قەلبنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇشقا ئىلھاملار بولسۇن~ ❤️❤️❤️❤️❤️

  6. بەك ياخشى ئوقۇپتۇ ،كۆز تەگمىسۇن ئۇماقلارغا داۋاملىق تىرىشىڭلار!

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىلار

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى