نىكاھتىكى بەخىت رېتسىپى

2,626 قېتىم ئوقۇلدى

ھەر قانداق بەخىتلىك بىر ئائىلىنىڭ باشقىلار بىلمەيدىغان مەخپىيەتلىكى بولارمىش!

يېقىندا بىر ياپون ئائىلىسىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاڭلاپ قالدىم، ياقەي! ئۇلار ئۆزلىرى خەلقى – ئالەمگە ئېيتىپ بېرىپتىكەن، تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. قېنى، نىكاھ توغۇرلۇق ئارتۇقچە ۋەز ئېيتقاندىن كۆرە  ئالدى بىلەن رىئاللىقتىكى بۇ  بىر جۈپ ياپونلۇق ئەر – ئايالنىڭ تۇرمۇشىنى ئازدۇر – كۆپتۇر چۈشىنىپ باقايلى.

 

中島美嘉 ー 雪の華

 

يولدىشىم :
ـ تويدىن كېيىن ئائىلە ئايالى بولۇڭ، ـ دىدى .
ـ ماقۇل، ـ دىدىم.
بىر يىلدىن كېيىن يولدىشىم :
ـ قاچانغىچە كۈن بويى ئىشلىمەي لاغايلاپ يۈرىسىز؟!، ـ دىدى.
ـ ھە؟!

ئانام تەرەپنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى بايلاردىن بولۇپ، ماڭاخېلىلا كۆپ مال ـ دۇنيا بۆلۈپ بەرگەنىدى. يىلىغا ئاز – تولا  كىرىمى بار شىركىتىممۇ بار ئىدى. توي قىلىدىغان چاغدا يولدىشىمغا شىركەت توغۇرلۇق دىگەن بولساممۇ، مىراس توغۇرلۇق ئېغىز ئاچمىغانىدىم.

مەڭگۈلۈك سۆيگەن ئادىمىمنىڭ ئارزۇسى بويىچە توي قىلىپلا خىزمىتىمدىن ئىستىپا بىرىپ ئائىلە ئايالى بولغان بولساممۇ، ياتلىق بولۇپ بىر يىلدىن كىيىنلا «قاچانغىچە خىزمەت قىلماي لاغايلاپ يۈرىسز؟» دىگەن گەپ چىققانىدى.

«ئۆز ۋاقتىدا سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز بويىچە مۇشۇنداق قىلغانىدىمغۇ؟!» دەپ ئۇنىڭغا شۇنداقلا ئىنكاس قايتۇرۇپ قويغىنىم بىلەن  قەلبىمدە ئېيتقۇسىز بىر مۇجۇلۇش بولغانىدى، كۆڭلۈم پاراكەندە بولۇپ ئۆي ئىشلىرىنىمۇ قىلغۇم كەلمىگۈدەك بوپقالغانىدىم.

شۇ گەپ ـ سۆزلەر بولۇنۇپ بىر قانچە كۈندىن كىيىن، ئەر ـ خوتۇن ئىككىمىز سىرتقا كەچلىك تاماققا چىقتۇق. يولدىشىم :
ـ خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئاياللىرىمۇ ئىشلەپ ئۆينىڭ ئىقتىسادىغا ياردەم قىلىدىكەن، بالىلىرىنىمۇ ياخشى تەربىيلەيدىكەن، لىكىن، سىزنىزە….، ـ دەپ يەنە شۇ توغۇرلۇق ئېغىز ئېچىپ قالدى.
ـ ”سىزنىزە“، – نېمە  دىمەكچىسىز؟!
ـ ئۆزىڭىز بىر ئويلاپ بېقىڭە !
ـ سەنمۇ ئىشلە دىمەكچىمۇ ؟
ـ ئەمدى شۇ …

ئەسلىدىلا خىزمەتكە ئۆچ بولغانلىقىمدىن ئەمەس پەقەت يولدىشىمنىڭ پىكىرى بىلەنلا خىزمەتتىن توختىغانلىقىم، تېخى بالىمىزمۇ يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە توختىماي يولدىشىمنىڭ خىزمىتى  سەۋەبلىك ئۆي كۆچۈپلا يۈرگەچكىمىكىن دوستۇممۇ يوق يۈرگەنىدىم. بۇ پىكىر ماڭا شۇنداق خۇش ياقتى! ھەم خۇشاللىق بىلەن خىزمەت ئىزدەشكە باشلىدىم.

لېكىن، 25 ياشتىن كىيىنكى يىڭى توي قىلغان ۋاقتىم،  تولا ئۆي كۆچىدىغان شارائىتىم بىلەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىپ خىزمەت ئىزدەپ يېرىم يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ھېچبىر خىزمەت تاپالمايۋاتاتتىم.

يولدىشىمنىڭ «تېخى تاپالمىدىڭىزمۇ؟» دىگەندەك كىنايىلىك گەپلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا «نىكاھ» دىن ئىبارت بۇ سۆزنى ئويلىساممۇ مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىدىغان بولدى.

30 لارغا بېرىپ قالاي دىگەندە يېڭى نىكاھلىق تۇرمۇش، توختىماي خىزمەت ئىزلەشلەر ھەقىقەتەنمۇ كىشىگە ئېغىر كېلەتتى. رېستوران، قولايلىق ماگزىن، تاللا بازىرىدەك يەرلەردە ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇراي دەپ ئويلىساممۇ، مېنىڭ ئاۋۇ سۆيۈملۈك يولدىشىم «مىنىڭ ئايالىم بولغان ئادەم ئۇنداق يەرلەردە ئىشلەپ يۈرسە، تونۇش ـ بىلىشلەر كۆرۈپ قالسا نۇمۇستىن ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالمايمەن…» دىگەن. (ۋۇييۇ… مۇنداق ئويلايدىغان ياپونلارمۇ باركەن ھە… مەن ياپوندا خىزمەتنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋىنى يوق دەپ ئويلايتتىم 😳)

شۇنىڭ بىلەن ئەر ـ خوتۇن  يەنە جىدەللىشىپ قالدۇق.
-ئىشلىمەي لاغايلاپ يۈردۈڭ، ـ دىگەن ئۆزىڭىزغۇ؟! بۇ گىپىڭىزدىن بەكلا چۆچىدىم .
-شۇ ..ئەمەلىيەتقۇ! تاپقىنىمنى يەپ ـ ئىچىپ خاتىرجەم يۈرەلىگىنىڭىزدىن ھەيرانمەن. سىزنى شۇنداق راھەتكە ئېرىشتۈرگەنلىكىمدىن تېخىمۇ مىننەتدار بولىشىڭىز كېرەك ئىدى!
-ئۇنداق ئادەم دەسلىپىدىلا ئائىلە ئايالى بولىشىمنى تەلەپ قىلىپ نىمىمۇ قىلاتتىڭىز؟ نىمانچە زىددىيەتلىك گەپ قىلىسىز؟!
-سىزنى مەڭگۈ ئائىلە ئايالى بولۇڭ دىمىگەندىمەن؟! بۇنچىلىك ئىشنى ساراڭمۇ بىلىدۇ!

ئەمدى گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە تاقىتىمنىڭ يىپى ئۈزۈلدى ھەم ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى خەتنى يازدىم.
ئاتايىن شىركەتنىڭ ئۆيىنى ھەل قىلسام سىز خالىمىغانلىقتىن ئادەتتىكى ئۆينى ئىجارىگە ئالدۇق. ئېيىغا 9 تۈمەن، ئۇنىڭ قاتناش پۇلى، يانفۇن ھەققى بولۇپ 2 تۈمەن، ئۆز ۋاقتىدىكى قەرز ئالغان ئوقۇش پۇلىنىڭ 3.5 تۈمەن…دىگەندەك ئۆي چىقىملىرىنىڭ ھېسابىتىنى تەپسىلى يېزىپ ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم.

بۇلارنى قوشۇپ بىر ھىسابلاپ بېقىڭە؟ مائاشىڭىز بىلەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۆلىيەلەمدىكەنسىز؟! ئۆزۈمنىڭ سۇغۇرتا پۇلى، تېلفۇن ھەققى دىگەنلەرنى ئۆزۈم تۆلەۋاتىمەن. ئۆينىڭ كام ـ كۈتلىرىنى ئۆزۈم تولۇقلاۋاتىمەن.

ئەسلىدىلا ئۆزۈمنىڭ خىزمەتتىن ۋاز كەچكۈم بولمىسىمۇ سىزنىڭ گىپىڭىز بويىچە، سىزنى بالىلىق دەۋردىكى يالغۇزلىقىڭىزنى تولۇقلايمەن، سىزنى ئۆينىڭ تۈۋرىكى بولالايدىغان بىر ئەركەك دەپ قارىغاچقا خىزمىتىمنى تاشلاپتىكەنمەن، ئەپسۇس! سىزنى بۇنداق گەپلەرنى قىلىدۇ دەپ ئويلىماپتىمەن !!!

دەيدىغانلىرىم دەپ بولۇپ ئەتىسى نەرسە ـ كېرەكلىرىمنى ماشىنىغا بېسىپ ئۆيۈمگە قايتتىم. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا ماشىنامنى ھەيدەۋىتىپ تۆكۈلىۋاتقان كۆز ـ ياشلىرىمنى توختىتالمايۋاتاتتىم.

شۇ تاپتىكى ھىسياتىمدا مەڭگۈ ئايرىلماس سۆيگۈ دىگەنلەر قۇرۇق سەپسەتە رىئاللىقتا مەۋجۇت ئەمەس نەرسە ئىدى. تويدىن بۇرۇن ئۇنى چۈشەندىم دەپ ئويلاپتىمەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنى قىلچىلىكمۇ بىلمەيدىكەنمەن. ماڭا نىسبەتەن مۇناسىۋىتى ناھايتى ياخشى ئامراق ئەر – خوتۇنلار دىگەنلەر ئاز ئۇچرايدىغان مۆجىزىدەكلا ئىدى.

ھازىر ئاجىرىشىش دەتالاشلىرى ئىچىدە بىز… مۇشۇنچىۋالا ئىشلار يۈز بىرىپمۇ نىكاھنى يەنە داۋاملاشتۇرىۋىرىشنىڭ ئەھمىيىتى بولمىسا كېرەك.

(فېيسبۇكتىكى بىر ياپونلۇق خانىمنىڭ يوللانمىسىدىن )

خوش، گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، يۇقارقى ياپونلۇق ئەر – خوتۇننىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىدىن شۇنداق بىر رىئاللىقنى تېخىمۇ مەئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىن. يەنى، مەيلى ياپونلۇق، مەيلى ئۇيغۇر، مەيلى ئامرىكىلىق بولسۇن، قىسقىسى جاھاننىڭ قەيىرىدە بولسۇن، ھەر قانداق ئائىلىدە ياكى ئۇنداق ۋە ياكى بۇنداق شەكىلدە  ئازدۇر – كۆپتۇر مەلۇم مەسىللەر بولغان بولىدۇ، گەپ بۇ مەسىلىگە قايسى نوقتىدا قاراشتا.

ۋاشىنگىتون ئۇنۋىرىستىتىنىڭ پىسخولوگىيە پىروففىسورى، نىكاھ ۋە ئائىلە مەسسىللىرى تەتقىقاتچىسى مەشھۇر پىسخولوگ جون گوتمەن ئۆزىنىڭ «نىكاھنى مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان يەتتە پىرىنسىپ» نامىلىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:
نىكاھنى مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە شۇنچىلىك ئاددىيلا بىر ئىش! نىكاھتا بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتقان ئەر – خوتۇنلار پەۋقۇلئاددە ئەقىللىقلار، بەك بايلار ۋە ياكى پىسخولوگىيەدىن دەرس ئالغانلار بولىشى ناتايىن! بۇ بەخىتلىك بىر جۈپلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا قارشى تەرەپنىڭ كەم تەرەپلىرىدىن بەكرەك ئارتۇقچىلىقلىرىغا كۆپرەك دىققەت قىلغانلار، خالاس!

مانا بۇ “ Emotional intelligence “ يەنى، نىكاھتىكى ھىسياتنى ئەقىل بىلەن بىر تەرەپ قىلىشتۇر ھەم نىكاھتا بەخىتلىك بولۇشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

يېغىپ ئېيتقاندا، نىكاھ –  مۇھەببەتنىڭ لوپا ئەينەكتىن ئەڭ يېقىن ئارلىقتىن كۆرۈنگەن ھەقىقى ھالىتى، مۇھەببەتنىڭ ئەڭ رىئاللاشقان شەكلى.

نىكاھ –  قارشى تەرەپنى بارلىقى بىلەن قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەسلى يۈزىنى  قارشى تەرەپنىڭ ۋۇجۇدىدا كۆرۈشتۇر. يەنى، ئۇنىڭ  گۈلدەك ياسانغان، يۈرەكنىڭ تارىنى چېكىدىغان  تەبەسسۇملۇق جەزبىدارھالىتىلا ئەمەس.  يەنە ئۇنىڭ چارچىغان، گىرىمسىز ۋە سارغايغانمۇ ھالىتى.  ئۇنىڭ كۈچلۈك، كېلىشكەن تۇرۇقىلا ئەمەس، يەنە ئۇنىڭ  بۇرۇت – ساقاللار ئۆسكەن، مەغلۇبىيەتتىن، ئۈمىدسىزلىكتىن كۆزلىرى قىزارغان ئاجىز ھالىتى.

نىكاھ – ئايدىڭ كېچە، شىرىن سۆزلەر، چىرايلىق ئېچىلغان ئەتىرگۈللەرلا ئەمەس، يەنە بالىنىڭ زاكىسى، قۇلاق – مېڭىنى يەيدىغان يىغىلىرى …

نىكاھ – ئېغىر مەسئۇلىيەت ۋە يۈك ئارتىلغان ھارۋىدۇر ھەم  مۇھەببەتنىڭ  ئىككى دۇنيالىق  ھەقىقى توزىماس  بەخىت گۈلىنى پەرۋىش قىلش  تۇپرىقىدۇر.

(ئاۋۇ ۋەقەلىكنى تەرجىمە قىلىپ قويغىلى يېرىم يىلچە بوپقاپتىكەن، بۈگۈن رەتلەپ يوللاپ قويدۇم )

ئاخىرىدا، بارلىق ھالال جۈپلەرگە گۈزەل بەخىت گۈللىرى تىلەش بىلەن بىرگە، مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ئەزىزلەرگە جەم بولۇش شادلىقى تىلەيمەن ~ ♥️

 

******************************

رەيھان ئابلەت

2018.05.28

تارقىتىڭ...
  1. ياپۇنلىق ئەر خوتۇنىڭ ھىكايسىنى ئوقۇپ ناھايتى ئەپسۇسلاندىم، ئويلاپ باقسام بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىمۇ نۇرغۇن مۇشۇنۇڭتەك ھىكايلەر كۆپ ئىكەن، ئەر ئايال پەقەت بىر بىردىن ئايرلغاندا ئاندىن قەدىرى يتىلدىكەن،خوددى ياندا بارنىڭ قەدىرى يوق دەپ،ھازىر شۇ قوش قىرىغان بوۋاي مۇمايلارنى كۆرسەم تولمۇ مەسلكۈم كىلدۇ،شۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۇر تىلەيمەن،ھەمرايدىن ۋاقتىسىز ئايرشقا نىسىپ قىلمىغاي دەپ ئويلاپ كىتىمەن، ئەسلدە توي قىلش ئالدىدىكى قىز يىگتىلەر ئانچە مۇنچى نىكاھ توغۇرسدا بىلمىلەرنى بىلىپ قويۇشى زۆرۇر ئىكەن بولمىسا بىللە ياشايدىغان تۇرمۇشقا كۆنەلمەيدىكەن، رەھمەت سىزگە بۇ يازىمىڭىزنى ياقتۇتدۇم،ئاخىردا مەنمۇ شۇ ئەر خوتۇنلارنىڭ قوش قىرىپ كىتىشىكە تىلەكداشمەن، ۋاقتىلىق بىر بىردىن ئايرىلغانلارغا بۇ يىل جەم بولۇش يىلى بولشنى چىن تىلمىدىن ئۈمد قىلمەن

  2. بۇ يىل ئانام – داداملارنىڭ توي قىلغىنىنىڭ 50 يىللىقى، قەدىناسلار بىزگە رىئاللىقتىكى مۇھەببەتنىڭ، نىكاھنىڭ ئۇنچىۋالا چۆچەكلەردىكى بىر ئۆمۈر بەخىتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپتۇ دىگەندىكىدەك چىرايلىق سۈپەتلەر ئەمەس نىكاھتا ئاچچىق -چۈچۈكنىڭ، جاپا – ھالاۋەتتە بىللە بولۇشنىڭ، بىر – بىرىنى كەچۈرىۋىتىشنىڭ ھەقىقى نىكاھ ئىكەنلىكىنى، نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئەمەلىي رىئاللىقى بىلەن بىلدۈرۈپتۇ.
    ئۆتكەن قىتىم كۆرۈشكەنلىرىمدە دادامنىڭ قوشماق گىلاسمۇ ئېيتاۋۇر ئانام بىلەن بىللە يىگىنىنى كۆرۈپ قىزىل گۈلدەك ئۆتكەن بۇ بىر جۈپ قەدىناسلارغا قاراپ مەستلىكىم كەپقالغان.
    ھەممىمىزگە تەڭ قىرىپ تەڭ كۆز يۇمۇش نىسىپ بولسۇن.
    بۇ كۈنلەردىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز ھالال بىر جۈپلەرنىڭ، ئانا -بالا ، دادا -بالىلارنىڭ …جەم بولۇشلىرى بولۇپ قالدى…
    گۈزەل تىلەكلەر يەردە قالمىغاي،سىزگىمۇ ھەم گۈلدەك ئۆتكەن تۇرمۇش نىسىپ بولغاي~ ❤️

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

نىكاھتىكى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى