بالاغەت يېشىدىكى بالىلار ئۈچۈن مەسلىھەتلەر

7,386 قېتىم ئوقۇلدى

بالىلىرىم كىچىك ۋاقتىدا ئوقۇيدىغان كىتابلىرىم ئىچىدە چوقۇم پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت كىتابلار بولاتتى. بىرەر مەسىلىگە دۇچ كەلسەم كىتابلار ياخشى مەسلىھەتچىم بولالايتتى. ھەم شۇ كىتابلارنىڭ ئىچىدە ماڭا ئەڭ مەنپەئەت قىلغان كىتابدىن بېرى بولغان ياپونىيەلىك بالىلار تەربىيەسى تەتقىقاتچىسى، يازغۇچى، بالىلار پىسخىكا مەسلىھەتچىسى، ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئاكېخاشى دايجى ئەپەندىنىڭ «پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئاتا-ئانىلارنى خۇشال قىلىدىغان مەسلىھەتلەر»نى تەرجىمە  قىلىپ ياش-ئاتا-ئانىلارغا سۇنغانىدىم.

يىللار بالىلارغا نىسبەتەن شۇنداق تېز ئۆتكەن..مانا ھازىر بالىلىرىم 10 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئۆگەنگەنلىرىم، بىلىشلىرىمنىڭ يىتەرسىزلىكىنى، يەنە ئۆگىنىشىم كېرەكلىكىنى بىلدىم. شۇنىڭ بىلەن 2-ئايلىق كىتابىمغا دەل بالاغەت يېشىدىكى بالىلار ئۈچۈن يېزىلغان يەنە ئاكې خاشى دايىجىنىڭ«ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەشتىكى مەسلىھەتلەر» ناملىق كىتابىنى قايتا ئوقۇپ چىقتىم ھەم ئۆز ۋاقتىدا ئانچە دىققەت قىلمىغان نوقتىلارنى بايقاپ چىقتىم ھەم بۇ كىتابدىنمۇ قوللىنىشچان مەسلىھەتلەرگە ئېرىشتىم.

تەجىربەمگە ئاساسلانغاندا، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئائىلە سىستىمىسى ئۆزىگە خاس بولىدۇ. شۇڭا،  كىتابدىكى نەزىرىيەنىڭ ھەر بىر ئائىلىگە، ھەر بىر بالىغا ماس كېلىشى ناتايىن. ئەمما، تەجىربىلەردىن ئۆتكەن بىلىملەرنى ئائىلىگە، شۇ بالىغا ماس ھالدا قوللىنىش تامامەن مۇمكىن.

تۆۋەندە مەن ئۇشبۇ كىتابنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنى ئاتا-ئانىلار بىلەن ئورتاقلىشىمەن. ئەلۋەتتە، ئۆزۈڭلارغا ماس كېلىدىغان تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلغايسىلەر.

Despacito -Temburda Repqet

بالاغەت يېشىدىكى بالىلارغا مۇئامىلە قىلىشنىڭ 10تۈرلۈك  قائىدىسى

 

مەيلى جاھاننىڭ قەيىرىدىلا بولسۇن، يېتىلىش باسقۇچىدىكى بالىلاردا ئېغىر مەسىللەر مەۋجۇت. مەكتەپلەرنىڭ پىسخىكا بۆلۈملىرىدە بالىلار بىلەن پاراڭلىشىش نەتىجىسىدە شۇنى يەكۈنلەشكە بولىدۇكى، 10 ياش مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ  ئەمەلىي رىئاللىقى بىلەن چوڭلارنىڭ بالىلىرى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرى ئوتتۇرىسىدا ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك چوڭ ھاڭ بولغان. بالىلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندا شۇنى چۈشىنىمىزكى :

قوپاللىق–روھى چۈشكۈنلۈك ۋە ئازابلىق ھىسياتنىڭ سىرتقا ئىپادىلىنىشىدىن.

بېكىنمىچىلىك-كۈن بويى ھىچ كىشى بىلەن ئارلاشماي ئۆيگە بېكىنىۋىلىش بولسا، ئۇنىڭ قەلبىنى يارىلاندۇرىدىغان، ئازار بىرىدىغان رىئاللىق بولغانلىقىدىن.

يالغانچىلىق–راست گەپ قىلسا تېخىمۇ ئوسال ئەھۋالغا قالىدىغانلىقتىن.

ھىچ ئىش خوشياقماسلىق-قىلغۇسى بار ئىشنى ئېيتسىمۇ، قىلالايدىغان بىرەر ئىشنى قىلسىمۇ ھامان ئىنكار قىلىشقا دۇچ كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن.

 

بالاغەت مەزگىلى بالىلارنىڭ ھاياتىدىكى 2- قېتىملىق كۈچلۈك قارشىلىق دەۋرى ھەم بالىلارنىڭ ئىددىيەسى ئاسانلا تەۋرىنىدىغان مەزگىل. مانا مۇشۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ روھى ۋە جىسمانى جەھەتتە ساغلام ئۆسۈپ – يېتىلىشى، ئىنسانى قەلبىنى يوقاتماسلىق ئۈچۈن بىز ئاتا – ئانىلار نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ بالىلارنىڭ  ناتوغرا يوللاردا مېڭىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىز نېمە ئىشلارنى قىلالايمىز؟ قايسى ئىشتىن باشلىشىمىز كېرەك؟

بۇ مۇرەككەپ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن بۇ مەزگىلدىكى بالىڭىزغا يۈزلىنىشتىكى  تۆۋەندىكى نوقتىلار  ئېسىڭىزدە بولسۇن.

 

بالاغەت يېشىدىكى بالىلارغا مۇئامىلە قىلىشنىڭ 10تۈرلۈك  قائىدىسى

  1. «بالىنى ئاتا-ئانىنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ» دېگەن قاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ، زىممىڭىزدىكى يۈكنى يىنىكلىتىڭ.
  2. ”«نېمىشقا مۇنداق.. قىلمايدۇ؟!“ دىگەندەك بالىغا بولغان نارازىلىقلىرىڭىزنى چۆرۈپ تاشلاڭ.
  3. بالىڭىزدا دەل ھازىر مەۋجۇت بولغان ياخشى تەرەپلەرنى، بالىلارغا خاس تىرىشچانلىقلىرىنى تېپىپ چىقىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ.
  4. بالىڭىزغا يول – يورۇق بىرىش، بۇيرۇق قىلىش، شەخسى ئىشلىرىغا ئارلىشىۋىلىشلاردىن ۋاز كېچىڭ.
  5. بالا بىرەر گەپ قىلماقچى بولغاندا، ھەممە ئىشىڭىزنى توختىتىپ ئەستايىدىل ئاڭلاڭ.
  6. بالىغا بىرەر ئىشقا ۋەدە بەرگەندە گېپىڭىزدە تۇرۇڭ.
  7. بالىڭىزنىڭ ئالدىدا ھەقىقەتەن سىزدىن ئۆتكەن خاتالىقلاردا، بالىڭىزدىن سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۈم سوراڭ.
  8. بالىنى تەھدىت ھەيۋىلەر بىلەن قورقۇتۇش، ئۇرۇپ – تىللاش بىلەن بىرەر ئىشنى قىلدۇرغىلى بولىدۇ دىگەندەك ئويلىرىڭىزنى چۆرۈپ تاشلاڭ.
  9. ھەقىقەتەن ئەنسىرەشكە تىگىشلىك ئىشلارغا دادىل يۈزلىنىڭ ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ.
  10. بالىنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا ئامال بار“رەھمەت“ئېيتىشنى ئۇنۇتماڭ.

 

***

يۇقارقى جۈملىلەرنى ئوقۇۋىتىپ ئۆزۈمنىڭ بەزى ئىشلاردا بالىلارغا ھەقىقەتەن بەكرەك كىرىشىۋالىدىغىنىمنى بايقىدىم.

بالىلىرىمىز كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولىۋىرىدۇ. ئۇلار مەلۇم  جەھەتتىن ئېيتقاندا زاماننىڭ، دەۋرنىڭ، ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ تەسىرىگە چوقۇم ئۇچرىماي قالمايدۇ، شۇ ئەمەسمۇ؟

باشقا بىر جەمىيەت، باشقا بىر تەربىيەدە چوڭ بولغان بىزلەر ئۈچۈن ماۋۇ جەمىيەتنىڭ بالىلىرىنى تەربىيەلەش ئۇنچىلىك ئاسانغا توختىمايدۇ. بۇ بىر ھەقىقەت. دەۋر، قىممەت قاراش توقۇنۇشى ھامان بولىدۇ. تاراتقۇلاردىكى«ئاتا-ئانا ئۇنداق بولۇشى كېرەك، مۇنداق بولۇشى كېرەك..»دەيدىغان پەلسەپىلەر ھېلىمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقان ئاتا-ئانىلارغا تېخىمۇ روھى بىسىم ئەكىلىدۇ. مەنچە، مۇشۇ دەۋردىكى ئاتا-ئانىلار بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىز دۇچ كەلمىگەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلاردا ھېلىمۇ تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ…

مەن ماڭا روھى بىسم بولمىغان ئاساستا بالىلىرىم بىلەن تەڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە بالىلىرىمنىڭ«ئاپام بىلەن دادام ھەجەپ مۇھەببەتلىك  ئىنسانلاركەن، بىزنى مۇشۇ كۈنگە ئەكەلگۈچە ھەجەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپتىكەن..»دېگۈدەك كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى،«ئاپامدەك ئۆزگىچە چىرايلىق ياشاشنى، دادامدەك سەمىمىي، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ئۆگىنەي»دېيەلىشىنى خالايمەن.  

 بالىلىرىمىزنىڭ  يېتىلىش باسقۇچىدىن ئىبارەت نازۇك مەزگىلىگە  ئائىت بىلىملەرنى بىلىشنى خالايدىغان ئاتا – ئانىلار دىققىتىڭىز داۋاملىق بىلوگىمنىڭ يېڭى-يېڭى مەزمۇنلىرىدا  بولسۇن!🤓

 

**********************

پايدىلىنىلغان مەنبە :   10代からの子育てハッピーアドバイス

تەييارلىغۇچى : رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. ئەلۋەتتە ئۇگۇنۇشنى خالايمىز رەھمەت بىز ئۇچۇن ئەجىر سىڭدۇرگىنىڭىزگە

      • رەيھان خانىم ياخشىمۇسىز ئۈشبۇ ۋاقتىڭىز خەيرىلىك بولسۇن سىزگە قەلبىمنىڭ ئەڭ بۈيۈك سالاملىرىم كەتتى ھارماڭ قىزىم 6كىرەي دەپ قالدى ئۆزىگە ئىشىنىشى تۆۋەن سىرىتتا ئەڭ يىقىن دۇستىدىن باشقا قىزلاغا، ئاسانلىقچە يقىنلاشمايدۇ ئۇ قىزلا قىزىمنىڭ يىنىغا كىلىپ ئوينامسىز دىگەندە ئاندىن خىجىل بۇلۇپ قۇيۇپ ئاندىن چىقىشىپ ئۇينايدۇ بۇلمىسا ئۆزى باشقا بالىلاردەك بىرىپلا قىتىلىپ ئۆزىنى ئەركىن ھىس قىلالمايدۇ مەن قىزىمنىڭ ئەركىن چۇڭ بۇلۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن يەسلىدىمۇ شۇنداقراق دەيدۇ مۇئەللىم بۇ خىل ئەھۋالدىن قانداق قۇتۇلدۇرمەن

        • سىزگە ھەم سالاملىرىم بولسۇن.
          3-4 يىل بۇرۇن ئوقۇغان پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت بىر كىتابتا مۇنداق دىيىلگىنى ئىسىمدە.
          بالىلارنىڭ مىجەزىنى چوڭ جەھەتتىن 大人タイプ、子供タイプ ، يەنى، چوڭلارغا خاس مىجەز ، بالا مىجەز دەپ ئىككىگە ئايرىغان.
          بالا مىجەز تىپىدىكى بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى – يىتىرقاق، يات كىشىلەرگە ئالدىراپ يىقىنلاشمايدۇ، تارتىنچاق، يىغلاڭغۇراق، ئاپىسىنىڭ يىنىدىن كەتمەيدۇ، لىكىن ، كىشىنىڭ ئامراقلىقى كەلگۈدەك ئوماق.
          مىنىڭچە قىزچاقنىڭ ئەسلى مىجەزى مۇشۇ بالا مىجەز تىپىدا بولىشى مۇمكىن. ئاپتۇر بۇ ئىككى خىل مىجەزنىڭ بىرى ياخشى بىرى يامان دىگىلى بولمايدۇ، ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار ھەم بۇ مىجەز 70 ياشلىق بوۋاي – موماي بولغاندىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ دىگەن.
          گېپىمىزگە كەلسەك، بىزدىمۇ تاش مىجەز ، ئىچ مىجەز دەپ ئايرىلغاندەك، ئەسلى يارىتىلىشتىكى ئىچ مىجەز كىشىلەرنى ئوچۇق -يورۇق، ئەركىن، شوخ بولىسەن دىسەك ، ئۇ مەڭگۈ بولالمايدۇ.
          قىزچاقنىڭ ئەسلى تەبىئىتىگە ھۆرمەت قىلايلى، چوڭ بولغاندا نازۇك ، قىزلارغا خاس لاتاپەتلىك قىز بولغۇسى.
          ئۇندىن باشقا ، پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت تەرجىمىلىرىمنىڭ ئەڭ مەركەز نوقتىسى ھەم مەقسىتىمۇ بالىلارنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئننسانى قەدىر – قىممىتى بىلەن ياشايدىغان ئىنسان بولۇپ يىتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
          ۋاقتىڭىز يار بەرگەندە بارچە مەزمۇنلارنى كۆرۈپ چىقسىڭىز ئاددى سۆزلەر ئىچىدىن خېلى كۆپ سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاپ تاپالايسىز.
          گېپىم يەنە ئۇزىراپ كەتتى، ئوقۇرمەن دوستلار ئىچىدە بىلىدىغانلىرى كۆپ ، تېخىمۇ مۇۋاپىق جاۋاب بىرەلەيدىغان دوستلار بارلىقىغا ئىشىنىمەن ھەم بىلىگەنلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
          ئامان بولۇڭ، مەنمۇ ئۇخلاپ قالاي ئەمدى، خەيرىلىك كەچلەر ~ ⏱❤️

          • رەھمەت سىزگە رەيھان خانىم ماڭا بەرگەن جاۋابىڭىزنى ھازىر كۆرۈپ ئوقۇپ چىقتىم كىچىكىپ قالدىم كەچۈرۈڭ ئۇنداقتا بۇ خىلى مىجەزىدە ئانچە كۆپ ئۆزگۈرۈش بۇلمىسا كىرەك چۈشەندىم مەن قىزىمنىڭ بۇ خىل مىجەزىگە ھۆرمەت قىلاي بىئارام كۆڭلۈم تەسكىن تاپتى كۆپ رەھمەت سىزگە شۇنداق مەنمۇ ئوقۇپ چىقىۋاتىمەن ناھايىتى گۈزەل جاۋاپلارنى تېپىپ پايدىلنىۋاتىمەن خەيىرلىك كەچ ياخشى ئارام ئېلىڭ

  2. سىزگە كۆپ رەھمەت !
    ئەجرىڭىز زىيادە بولسۇن !

    • ئەسلى ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان ئىشتىن خۇشاللىق تىپىۋاتىمەن، سىزگە ئوخشاش كۈچ بىرىۋاتقان دوستلاردىن بەكمۇ مىننەتدارمەن، يازما ،تەرجىمە توغۇرلۇق پىكىر – تەكلىپلىرىڭىزنن ئايىمىغايسىز ❤️

  3. كۆپ ئەجىرلىك بولۇڭ بولۇگىڭىزدىكى مەزمۇنلارنى بەك ياقتۇرىمەن

  4. ئىزدىنشلىرىڭىز بەرىكەتلىك، مەنپەئەتلىك بۇلسۇن خانىم، تەكىلىپىم بالىلار مەسلىسىنى چۈشەندۈرۈش ۋەھەل قىلش تەلىم تەربىيە نۇقتىسنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي قۇللىنشچانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق سۆزلەپ بەرسىڭىز

  5. سالام رەيھان، يوللىغان يازمىڭىزنى كۆرۈپ ئون ياشتىن ھالقىپ بولغان قىزىمدا جىق يەرلەردە خاتا قىلغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. ھەقىقەتەن بەزى چاغلاردا نىمىشقا بۇنداق قىلىدۇ دەپ كىرىشىۋالغان جايلىرىم ھەم 10ياش دەپ بەك چوڭ تەلەپلەرنى قويۇپ، بەك بىسىم قىلىپ قويغان ۋاقىتلىرىم بوپتىكەن…… تىمىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنامەن.

    • سىزگىمۇ ھەم سالاملىرىم بولسۇن~
      بۇ كىتابدىكى مەزمۇن كۆپ ئاتا – ئانىلار بايقىمىغان، بىراق، بىلىشكە تىگىشلىك بىلىملەر دەپ قارايمەن.
      ئامال بار ھەپتىدە بىر مەزمۇن يوللاشقا تىرىشىمەن،بىللە ئۈگىنەيلى~☕️♪(๑ᴖ◡ᴖ๑)♪

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالاغەت

باش بەتكە قايتىمەن

© 2026 توكيو خاتىرىلىرى