قابىلىيىتىگە بولغان ئىشەنچ مۇھىممۇ ياكى مەۋجۇدىيىتىگە بولغان ئىشەنچمۇ؟

4,092 قېتىم ئوقۇلدى

«ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىدىم، ھاياتىم تۈگەشتى! سۆيگەن ئادىمىم مېنى قىلچە ياخشى كۆرمەيدىكەن، ياشىغىنىمنىڭ نېمە ئەھمىيتى؟! بۇ دۇنيادا مېنى چۈشىنىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق، ھايات نېمىدىگەن زۇلمەت؟! قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك خىزمىتىم، چىرايىممۇ يوق، بۇنداق ئادەمنىڭ قانچىلىك قىممىتى بولسۇن؟!» دىگەندەك ئويلار بىلەن چۈشكۈنلىشىۋاتقانلار، ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىۋاتقانلار بار……

ئۆزىنى توغرا تونۇغان ئادەم خارلانمايدۇ، خارلىققا يول قويمايدۇ، ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى ھۆرمەت قىلىپ ياشىيالايدۇ.

كۈچلۈكلەر ئالدىدا كىچىكلەپ كەتمەيدىغان، تالانتلىقلار ئالدىدا ئۆزىنى ئەرزىمەس قىلىۋەتمەيدىغان، زەردارلار ئالدىدا ئەرزانلاشتۇرمايدىغان، شاھلىق تونى كەيسىمۇ، جەندە كۇلالدىمۇ ئۆزىنى بىر خىل تۇتالايدىغان ئادەم قانداق يېتىلىدۇ؟

خوش گېپىمىزگە كەلسەك،   ئادەملەر قانچىكى ئۇتۇقلۇق، قابىلىيەتلىك بولغاندا  ئادىمىيلىك  قىممىتى يۇقىرى بولامدۇ؟ بالىنى ئۆزىگە ئىشىندىغان قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

«بالامنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى بەك تۆۋەن، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلسام بولار؟» دىگەن سۇئاللىرىڭىزغا تۆۋەندىكى مەزمۇندىن ئاز -تولا جاۋاب تاپالىشىڭىز مۇمكىن.

 

Historia De Un Amor – Instrumental Piano

 

ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم. بىراق، مۇتلەق كۆپچىلىكىمىز ئىشەنچنىڭ قوش قاتلاملىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.

بىرىنجى قاتلام:  ئۆز مەۋجۇتلۇقىغا بولغان ئىشەنچ، يەنى ئۆزىنىڭ پەقەت ئەسلىدىكى ھالىتى بىلەن قىممەتلىك ئىكەنلىكىگە، ئۆزىنىڭ ھەرگىزمۇ كېرەكسىز ئادەم ئەمەسلىكىگە، ئۆز مەۋجۇتلىقىنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىغا ئىشىنىش دىگەنلىكتۇر. يەنى، بۇ دەل – ئالدىنقى باپتا دىيىلگەن ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىش.

بالىلاردىكى بۇ خىل ئىشەنچ قانداق يېتىلىدۇ دىگەندە، ئاتا-ئانا ھەم ئەتراپىدىكىلەرنىڭ شۇ بالىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن خۇشال بولۇشى ئارقىلىق يېتىلىدۇ.

ئىشەنچنىڭ ئىككىنجى قاتلىمى بولسا – قابىلىيىتىگە بولغان ئىشەنچتۇر. يەنى، ئۆگىنىش قىلالايدىغان بولۇش، تەنتەربىيە، مۇزىكا، بىرەر ساھەدە ئالاھىدە تالانتى  بولۇش، باشقىلارغا ياردەم قىلالايدىغان بولۇش …دىگەندەك.

بۇ خىل ئىشەنچ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى، ماختاشلىرى بىلەن يېتىلىدۇ.

 

ئادەتتە بىز «ئىشەنچ» دىگەن ئاتالغۇنى دەل قابىلىيىتىگە باغلىۋالىمىز. ئەمەلىيەتتە، ئىنسان ھاياتىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغىنى – ئۆز مەۋجۇتلىقىغا بولغان ئىشەنچ!

ئۆز قابىلىيىتىگە بولغان ئىشەنچنى خۇددى تىرىشچانلىق بىلەن ياراتقىلى بولغىندەك، شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ بۇ خىل ئىشەنچ يوقاپمۇ كېتىدۇ. مەسلەن، ئۆگىنىشتە مەغلۇپ بولۇش، مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇش… دىگەندەك چاغلاردا.

دەل مۇشۇنداق مەغلۇپ بولغان چاغلاردا «بۇ قېتىم  نەس باستى!» دەپ، يەنە قايتىدىن ئورنىدىن تۇرالامدۇ ياكى «مەن زادى يارامسىز…» دەپ ئويلاپ ۋاز كېچەمدۇ… بۇ چاغدىكى ئورنىدىن تۇرۇش  دەل ئۆز مەۋجۇتلىقىغا بولغان ئىشەنچتىن كېلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزكى، بالىغا مەيلى ئۆگىنىش، مەيلى تەنتەربىيە…لەردە ئىقتىدار يىتىلدۈرۈشلەردە بولسۇن ۋە ياكى تەنقىدلەشلەردە، بىرەر قائىدە ئۆگىتىشتە بولسۇن… ئۆز قىممىتىگە، مەۋجۇتلىقىغا بولغان ئىشەنچنى ئاساسى ئورۇنغا قويىشىمىز لازىم.

ئەمدى تۆۋەندىكى داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدىغان تۇرمۇش كارتىنىسىغا قاراپ باقايلى:

-ئاپا، مەن يەنە سىنىپ بويىچە بىردىنبىر 100 نۇمۇر ئالغان ئوقۇغۇچى بولدۇم!،- دىگىنىچە  خۇشال بولغان بالا قولىدىكى ئىمتىھان قەغىزىنى ئاپىسىغا سۇندى.

-ۋاي مېنىڭ بالام دىگەن ھەقىقەتەن تالانت ئىگىسى،- دەپ خۇشاللىقىدىن بېشى كۆككە يەتتى بۇنىڭدىن خۇش بولغان ئانا.

دەل مۇشۇ پەيتتە، يەنە بىر بالا 40 نۇمۇرلۇق ئىمتىھان قەغىزىگە قاراپ كۆڭلى يېرىم بولىۋاتاتتى ..

بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆزمەۋجۇتلىقىغا بولغان ئىشەنچى يۇقىرى بالا بۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئۆزىنى قەدىرسىز دەپ قارىمايدۇ.

  مەنمۇ تىرىشىپ 100 نۇمۇر ئالىمەن! ”دىگەن ئىرادە بىلەن تىرىشىدۇ ھەم ئاخىرى ئۆزى كۈتكەن 100 شۇ نۇمۇرغىمۇ ئېرىشەلەيدۇ“ .

ئالدىدىكى 100 نۇمۇرلۇق بالا كېيىنكى قېتىم 90 نۇمۇرغا چۈشۈپ قېلىۋىدى، ئانىسى بالىسنىڭ باشقا بالىلارنىڭ ئارقىدا قالغىندىن قاتتىق كۆڭلى يېرىم بولدى.

نۇمۇر، نەتىجە بىلەن ئۆز قىممىتىنى ئۆلچەيدىغان بالا  بىرەر قېتىملىق تۆۋەن نەتىجە، بىرەر قېتىملىق يېڭلىشلار بىلەن «مەن قانداقلا ئىش قىلسام زادى ياخشى قىلالمايمەن، زادى مەن بىر كېرەكسىز ئادەم» دەپ ئويلىۋالدى، چۈشكۈنلىشىپ مەكتەپكىمۇ بارغۇسى كەلمىدى. ھەممە نەرسىنى نەتىجە، دەرىجە بىلەن ئۆلچەيدىغان ئانا بالىسىنىڭ  باشقىلارنىڭ كەينىدە قېلىشنى ”تۈگەشكەنلىك“ دەپ قارىدى.

يۇقارقى مىسالدىن  بالىلىقىمىزدا كۆرگەن ”ئاپشاركا پۈشتۈكى“ دىكى ھېلىقى ئانا بىلەن ئوغۇل ئېسىڭىزدىن كەچتىمۇ؟

شۇ تاپ سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ نېمىشقىدۇر قابىليەتسىز، ئىقتىدارسىز، كۈچسىز، ھەتتا، پۇلسىزلىقىدىن زارلىنىپ قىلىۋاتقان، ئۆزىڭىزنى ئەرزىمەس ئادەم دەپ قاراۋاتقان بولىشىڭىز،ئازابلىنىۋاتقان بولىشىڭىز  مۇمكىن.

شۇنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرمىزكى، كۆپىنچىلىرىمىز ھالقىلىق تەرەپلەردە خاتا تەربىيلەنگەنلەر، ناتوغرا  تەربىيەلەرنىڭ قۇربانىمىز.

بۈگۈن تەربىيەلىنىشىمىزدىكى ناتوغرا چۈشەنچىلەردىن مۇھىم بىر نوقتىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، ئەۋلادلىرىمىز بەخىتلىك، يورۇق بىر ھايات كەچۈرسۇن دىسەك، بىز ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىزگە، ئەجدادلىرىمىزدىن بەكرەك  تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ دەل ئۆزىمىزنى تونۇشقا بولغان چۈشەنچىمىزدىن ئىبارەت!  پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت بۇ تەرجىمىلەر نوقۇل  پەرزەنت تەربىيەسىلا ئەمەس، ئۇ يەنە ئۆزىمىزگە قىلىنغان خىتاب.

 

********************************************

 

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن ئۆزلەشتۈرۈلدى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

 

تارقىتىڭ...
  1. مەنمۇ تولا ئىزىدىنىپ ھېرىپ قالغان مۇشۇ ئىشەنچ توغرۇلۇق. يەنىلا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ توغرا تەربىيلەنمىسە چوڭ بولغاندا تەسكەن يىتىلدۈرۈش.
    بەزىدە شۇنداق ئىچىم سقىلىدۇ. لېكىن نىمە ئامال يەنە ياشىماي. شۇنداق ۋاقىتتا ئادەم ئىچىدە ھەممىدىن يامانلاپ باقىدىكەنيۇ، سىرىتقا چىقىرالمايدىكەن.

  2. ياخشىمۇسىز، مەن بالامدا ئىشەنىچ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان تىرىشۋاتقان ۋاقىتتا ئۆزەمدەئىشەنچنىڭ كەملىكىنى بايقىدىم، شۇڭا مەن نۇرغۇن بىلىمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىمنى، مۇشۇنداق قىلسام ئۆزەم ھەم بالامغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم، سىزنىڭ بۇ تىمىڭىز مبنى يەنە بىر قېتىم سەگتتى رەھمەت سىزگە

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

قابىلىيىتىگە

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى