ئائىلە گۈزەل ئەسلىملىرىنى مۇنداق يارىتىڭ

3,705 قېتىم ئوقۇلدى

بالىلىقىڭىزنى ئەسلەپ كۆرۈڭ، بالىلىق ئەسلىمىلىرىڭىزدە ھەممىدىن سىزنى سېغىندۇردىغىنى قايسى دەملەر؟

ئەسلىمىمىزدە كۆپرەك قالىدىغىنى، يۈرىكىمىزنى سېغىنىشلاردىن ئۆرتەندۈرىدىغان، كۈنلىرىمىزگە قۇۋۋەت بېرىدىغىنى – دەل بالىلىقىمىزدىكى ئاتا – ئانىمىز، قېرىنداشلىرىمىز بىر يەرگە كېلىپ خۇشال ئۆتكۈزگەن مىنۇتلاركەن، شۇ ئەمەسمۇ؟! ئۆزىمىز چوڭ بولۇپ ئائىلە قۇرغاندىن كېيىن نىمىشقىدۇر بالىلىقىمىزدا ياشىغان ئائىلە مۇھىتى قايتا تەكرالىنىپ قالىدۇ. بۇلار بەخىت تۇيغۇلىرى، كۆڭۈل خاتىرجەملىكى، ئالغا ئىنتىلىدىغان روھ، شۇنداقلا مۇھەببەت – نىكاھ قارىشى دىگەنلەرگىمۇ چېتىلىدۇ. شۇڭا، ئۆزىمىزلا ئەمەس بالىلىرىمىزنىڭ بالىلىق ئەسلىمىسىدىمۇ ئائىلىدە گۈزەل ئەسلىملەرنى كۆپەيتىش ئەقىللىق ئاتا – ئانىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر ئىش.

ئۇزۇن بولدى، ياپونلۇق دادا شىمىزۇ كاتسۇھىكو ئەپەندىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئوقۇمىدۇق. سىزنىڭمۇ ھەقاچان ماڭا ئوخشاش ئۇنداق قىلسىڭىز قارشى تەرەپكە  ياخشى كۆرۈنىسز، مۇنداق قىلسىڭىز قارشى تەرەپ تالاغا قېچىپ كەتمەيدۇ… دەيدىغان فورمۇلالار بىلەن خۇشىڭىز يوققۇ دەيمەن؟ بۇ ئەپەندىنىڭ دەيدىغانلىرى ھەر ھالدا تۇرمۇشتا بىز ئازراقلا دىققەت قىلساق تۇرمۇش تېخىمۇ رەڭدار بولىدىغان مەزمۇنلار، ئوقۇپ بېقىڭ ھە؟

 

Ay yüzlüm fon müzigi

 

ئائىلە خاتىرە كۈنلىرىنى مۇھىم دەپ بىلىڭ

ھەر بىر ئائلىنىڭ بىر يىل ئىچىدىلا نۇرغۇن خاتىرە كۈنلىرى بار، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، توي خاتىرە كۈنلىرى دەيمىز، بىزنىڭ يىلدا ئىككى كېلىدىغان ھېيت دەيمىز، نورۇز، ئۇندىن باشقا شۇ ئائىلىنىڭ خاتىرلەشكە تېگىشلىك ئالاھىدە كۈنى ..دىگەندەك.

بۇ خاتىرىلەشلەر قارىماققا بەك چوڭ ئىشتەك تۇيۇلمىغان بىلەن بالىلىرىڭىز ئۈچۈن ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقنى، ئۆم –ئىناقلىقىنى ھېس قىلدۇرىدىغان مۇھىم پەيىت ھېسابلىنىدۇ.

مەسلەن، بەزى ئائىلىلەردە ھېيت ئەتىگىنى ئائىلە ئەزالىرىنى بىر- بىرىنى تۇيۇقسىز سوۋغىلار بىلەن خۇش قىلىۋىتىش، تۇغۇلغان كۈنى ئويلىمىغان ئۇسۇلدا تەبرىكلەش، ئايالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ھەيران قالدۇرىۋىتىش، ئۆز قولى بىلەن تاماق ئېتىپ بېرىش…دىگەندەك ھەر بىر ئائىلە بەك ھەشەم قىلمىسىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئالاھىدە بىر كۈن قىلىپ ئۆتكۈزۈپ گۈزەل بىر ئەسلىمە قالدۇرۇش ئائىلە ئەزالىرىنىڭ رىشتىنى تېخىمۇ باغلايدۇ.

يالغۇز تۇغۇلغان كۈن، خاتىرە كۈنلىرىدىلا ئەمەس، ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ ئائىلە ئەزالىرىنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىشمۇ بىر كۆڭۈللۈك ئىش، شۇنداققۇ؟

مەسلەن، بەزى كۈنلىرى ئىشتىن قايتقاچ قىزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان تورت ئالغاچ كەلسڭىز، چارچىغان ئايالىڭىزغا بىرەر تال گۈل، مىۋە دىگەنلەرنى سوۋغا قىلىپ تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋەتسڭىز ئائىلىنىڭ كەيپىياتى ۋاللىدە يورۇغاندەك بوپ كېتىدۇ، شۇنداققۇ؟ ( چوقۇم سىناپ بېقىڭ ھە؟!)

ئەلۋەتتە، ئائىلىنى پەقەت ماددى بويۇملار بىلەنلا خۇشاللىققا تولدۇرۇش ھاجەتىسز. تاماق ئۈستىلىگە يېڭى گۈل تىزىپ قويۇش، يېڭىچە تاماق ئىتىپ بېقىش، بىللە بىرەر يېڭىچە ئويۇن ئويناش، ۋاننىغا سالىدىغان خۇشپۇراقلارنى ئالماشتۇرۇپ بېقىش… قاتارلىق كىچىككىنە يېڭىلىق بىلەنمۇ پۇل خەجلىمەيدىغان خۇشاللىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

بولۇپمۇ باشلانغۇچ يېشىدىكى قىزلار باشقىچە دۇنيانى بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنى دادىسىنىڭ كىچىككىنە تاساددىبىي خۇش قىلىشلىرىمۇ ئالەمچە شادلىققا چۆمدۈرىۋىتەلەيدۇ.

لېكىنزە، بۇ تۇيۇقسىز خۇشال قىلىشلىرىڭىز كۆپ بولۇپ كەتسە ئەتىۋارى بولمايمۇ قالارمىش. ئايدا بىرەر – ئىككى قېتىم ئەتراپىدا بولسا ئائىلىنىڭ ئىناق، گۈزەل كەيپىياتى باشقىچە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ قالارمىش.

ئۆينىڭ سىرتىدىكى كۆزگە كۆرۈنىدىغان ھەشەم مۇھىم ئەمەس، ئۆينىڭ ئىچىگە قىممەت باھالىق بويۇملار تىزىلمىسمۇ مەيلى! بىراق، بۇ ئۆيدە بالىلارنىڭ تاتلىق كۈلكىلىرى، بىر ئائىلە دوستىخانغا جەم بولۇپ كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقان، ئاتا – ئانىلار بالىلىرى بىلەن دۈمبەرەڭ ئويناۋاتقان، بالىلىرى بىلەن بىللە كىتاب ئوقۇۋاتقان، قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقان… تاتلىق تۇرمۇش كارتىنىلىرى ئۈزۈلمىسۇن، بۇ تاتلىق تۇيغۇلار يىللار ئۆتسىمۇ قەلىبلەردىكى ئەسلىمىلەر بىتىدە قۇۋۋەت مەنبەسى بولۇپ ئۇيۇپ قالسۇن.

ئاخىرىدا، سىرتقى دۇنيادىن ئاغرىغان كۆڭلىڭىزنىڭ ئائىلىڭىزدە بولسىمۇ ئارامغا ئېرىشىشنى تىلەيمەن ~ 🌻

 

**********************************

 

پايدىلانغان مەنبە:

女の子が幸せに育つパパの習慣

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

 

(ئەسكەرتمە، مەزمۇن نوقۇل ھالدا سۆزمۇ – سۆز تەرجىمە ئەمەس ئۆزلەشتۈرمە شەكلىدە تەرجىمە قىلىندى. پېقىرنىڭ كۆز-قاراشلىرى كۆپرەك سىڭىپ كېتىپ قالدى.)

 

تارقىتىڭ...
  1. بالامنى يەسلىدىن ئەكەلگۈچە تۇيۇقسىز خوشال قىلۋىتەي دەپ بالىنى يەسلىدىن ئاچىقىپلا قولىغا كەمپۈت بەرسەم خوش بولۇپ كېتىپ سۆيۈپ قويغان ئىدى. ئۆزۈمچە خوشال بولۇپ بولدىغان ئىشكە دەپ ئۇدا ئۈچ كۈن بېرىپ خوشال قىلىپ تۆتىنچى كۈنى ئالدراشچىلىقتا ئېلۋاپتىكەنمەن سىرتقا ئاچىقىشىمغىلا قولۇمغا تەلمۈرۈپ تۇرىدۇ يوق بالام بۈگۈن ئەكەلمەپتىمەن ئۆيگە بارغاندا بىرەي دىسەم يانچۇقۇمغا قولىنى تىقىپ ھىچنىمە تاپالماي پاڭڭىدە يىغلىۋەتكەن يىغىسىنى تەستە توختىتىپ ئاران ئۆيگە ئەكىلۋالغان ئىدىم. كۆندۈرۈپ قويسىمۇ بولمامدۇ نىمە.
    PS: بالام بىر يېرى ياشتا ئىدى 😀

  2. ھا ھا ھا ..ئايدا بىرەر – ئىككى قېتىملا دەيدۇ كاتسۇھىكو ئەپەندى! ( ◠‿◠ )بولمىسا كەمپۈت بەرمىسە ئاپا قىلمايدىغان بوپ قالارمىش (*☻-☻*)

  3. ھەرقانداق بىر ئائىلگە توغرا كېلدىغان بىر ئۇسۇل بولمايدۇ. ئىشقىلىپ بەك سەلبى بولمىسا، كۈچنى ئاياپ قالمىسا بولدى، باللا ساقسالامەت چوڭ بولسا دەيدىغان گەپ شۇ.

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئائىلە

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى