بالىلاردىكى مۇستەقىللىق قانداق يېتىلىدۇ؟

4,202 قېتىم ئوقۇلدى

بالىلاردىكى قەلىب تايىنىش بىلەن مۇستەقىللىقنىڭ قايتا – قايتا تەكرارلىنىشى ئارقىلىق يېتىلىدۇ. بۇ خىل تەكرارلىنىشلار بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ.

بۇ يەردىكى تايىنىش دىگىنىمىزنى باشقىچە سۆز بىلەن ئىپادىلىسەك «ئەركىلەش»، مۇستەقىللىق دىگىنىمىزنى «قارشىلىشىش» دەپمۇ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ.

بالىلارنىڭ ئەركىلەشلىرى رايىشلىق، مۇلايىملىق بىلەن ئىپادىلەنسە، قارشىشلىرى بەزى ھاللاردا چوڭلارنى تەنقىدلەش، قوپاللىق قىلىش بىلەنمۇ ئىپادىلىنىپ قالىدۇ. بالىلارنىڭ قەلبى مانا مۇشۇ ئىككى خىل ھالەتنىڭ تەكرار ئالمىشىشىدىن ئۆسۈپ – يېتىلىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ يەردىكى تايىنىش بىلەن مۇستەقىللىق بالىلارنىڭ رايى بويىچە بولىدۇ. يەنى، بۇ دىگەنلىك بالا تىگىشلىك ئېھتىياجىنى دىگەندە ياردەم قىلىمىز، «ئۆزۈم قىلىمەن!» دىگەن ئىشلارنى ئۆزىگە قىلدۇرىمىز. ئۆز خاھىشىمىز بىلەن بالىنى ئۆز مەيلىگە قويىۋەتمەيمىز ياكى بەك ئالقىنىمىزدا سىقىۋەتمەيمىز – دىگەنلىك.

 

Bond – Fuego

 

يۇقارقى سۆزلەرنى ئاستىدىكى رەسىملىك ئەمەلىي مىسال بىلەن تېخىمۇ چۈشىنەلەيمىز.

-ئاپا، قورسقىم ئاچتى! – دەپ بالىنىڭ ئۆز ئېھتىياجىنى ئېيتىشى، ئاتا – ئانىنىڭ تىگىشلىك ئېھتىياجنى قاندۇرىشى، مانا بۇ تايىنىش، يەنى، ئەركىلىتىش!

-بالام، بۈگۈن ھەممىمىز بىلەن بىللە سىرتقا چىقامسەن؟

-ياق، دوستلىرىم بىلەن دىيىشىپ قويغان.

مانا بۇ ئۆز خاھىشىنى ئىپادىلەپ قارشىلىق قىلىش – بالىلاردىكى مۇستەقىللىق، يەنى، قارشلىق.

بالىلارنى مۇستەقىل قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟ دىگەندەك سۇئاللارغا كۆپ دۈچ كېلىمىز.

مۇستەقىللىقنىڭ قارشىسى ئەركىلەش، تايىنىۋىلىش دەپ قاراپ، بالىنى مۇستەقىل قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن بەك ئەركىلىتىۋەتمەسلىك، ئۆزىگە تايىنىدىغان قىلىش كېرەك،- دەپ قارايمىز، راستىنلا شۇنداقمۇ؟

ئويلاڭ، مۇستەقىللىقنىڭ ئاساسى كۈچى نېمە؟ بىر ئىشلارنى قىلىش ئىستىكى. ئۇنداقتا، بۇ خىل ئىستەك قانداق شەكىللىنىدۇ؟ دەل بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدىن كېلىدۇ. بۇ خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى قەيەردىن كېلىدۇ؟ بالىلارغا يىتەرلىك مۇھەببەت بىرىشتىن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەركىلىتىشتىن، بالىلار ئېھتىياجلىق بولغاندا ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن كېلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دىيەلەيمىزكى، مىھىر بىرىلمىگەن، ئەركىلتىلمىگەن بالىلار ئەمەس، يىتەرلىك مۇھەببەت بىرىلگەن، مۇۋاپىق ئېھتىياجلىرى قاندۇرۇلۇپ چوڭ بولغان بالىلار مۇستەقىل ئادەم بولالايدۇ.

بالىلار ئەركىلىگەندە، بالىلارنىڭ بۇ ئەركىلەشلىرىنى يىتەرلىك قوبۇل قىلىش، ئۆزى مۇستەقىل بىر ئىش قىلىمەن دىگەندە پۈتۈنلەي قويىۋەتمەستىن، بالىنىڭ ئارقىسىدىن ھىمايە قىلىش، بالىنىڭ ئەركىلەش، قارشلىق كۆرسىتىشلىرىگە ماسلىشىش لازىم.

ئەكسىچە، بالىنىڭ مۇۋاپىق ئىھتىياجلىرى جاۋابىسز قېلىش، مۇستەقىل بىر ئىش قىلاي دىگەندە زىيادە كونتىرۇل قىلىۋىلىش بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئۆلتۈرىدۇ.

تۆۋەندىكى مىسال بىلەن بۇ گەپنى تېخىمۇ چۈشىنىپ باقايلى.

بۇ بالا قاچانلا قارىسا، ئەركىلەپلا يۈرگەن… بۇنداق بولىۋەرسە قانداقمۇ مۇستەقىل بولالىسۇن؟!، – دەپ ئويلايدىغان ئانا ياردەم سوراپ كەلگەن ئوغلىغا مۇنداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

-ئاپا، ۋەلسىپىتىمنىڭ چاقى ئېتىلىپ كەتتى، قانداق قىلسام بولار؟ – دەپ ئاپىسىدىن ياردەم سورىدى ئوغۇل.

بۇ چاغدا بالىسىنىڭ مۇستەقىل بولىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئانا ئوغلىغا:

-بۇنداق ئىشلارنى ئاپاڭدىن سورىماي، ئۆزۈڭ بىر تەرەپ قىلمامسەن؟!

بالا نېمە قىلىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى.

بۇ يەردە بالىنىڭ مۇستەقىللىقى بىلەن تايىنىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلسا توغرا بولاتتى؟

-ئاپا، ۋەلسىپىتىمنىڭ چاقى ئېتىلىپ كەتتى، – دېدى ئوغۇل ئاپىسىغا.

-ئاپلا، ئەمسە رىمۇنتخانىغا بىللە ئاپىرايلىمۇ بالام؟

-ماقۇل

شۇنداق قىلىپ ئانا – بالا ۋەلسىپىتنى يىتىلەپ رىمۇنتخانىغا بىللە باردى ھەم ئوڭشاتتى.

ئاپىسىدىن رازى بولغان بالا:

-رەھمەت ئاپا، دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلەي،  دېگىنىچە خۇشال ھالدا دوستىنىڭ ئۆيىگە ماڭدى.

قىسقىسى، بالا ئېھتىياجلىق بولغاندا تېگىشلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرىمىز! بالا ئۆزى مۇستەقىل بىر ئىشنى قىلماقچى بولغاندا ئۆزىنىڭ  قىلىشغا يول قويىمىز ھەم ئارقىدىن ھىمايە قىلىمىز.

*********************

پايدىلانغان مەنبە :

 「 10代からの子育てハッピーアドバイス 」

تەرجىمىدە : رەيھان ئابلەت

 

インクレディブルファミリー

ئۇزۇن زامانلار بوپكەتتى، – ھە كارتون كۆرمىگىلى! بۇ كارتوننى كۆرمىسەك بولماس! بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك تەيفىڭ كەلگەن كۈندە ئۆينىڭ يېنىدىكى كىنوخانىدا بالىلىرىڭىز بىلەن ئاق بالداق تالىشىپ يىگەچ كۆرسىڭىز قالتىس كۈن بولىدۇ- دە!👻

ياپونچە:   インクレディブルファミリー
ئىنگىلىزچە: Incredibles 2

پىكىسارنىڭ ئەڭ يېڭى ئىشلەنگەن كارتون فىلىمى، ياپون كىنوخانىلىرىدا 8- ئايدىن باشلاپ قويۇلۇشقا باشلىدى.

 دىققەت، بىلوگىمدا تەۋسىيە قىلىنغان كارتونلار ئالدى بىلەن ئۆزۈم كۆرۈپ تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن بالىلارنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىنغان ساغلام كارتونلار. بۇ ئائىلىۋى كارتونمۇ ھەقىقەتەن كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان كومىدىيەلىك دەھشەت فىلىم!😃

بىلىسىزغۇ ئەزەلدىن مەزمۇن تەشۋىق قىلمايمەن، ئەممازە، مۇشۇ ئاياللار قالتىس دە! ئۇلار ھىچقاچان تىلغا ئېلىنمايدىغان، ئورنىنى ھىچكىم باسالمايدىغان قەھرىمانلار!😎

بۈگۈن مۆجىزە كەبى كىچىككىنە بىر قىزچاقنى ئەسلەپ قالغان كۈنۈم… شۇ كىچىك پەرىشتەمگە ھەم يەر يۈزىنىڭ ساپ نۇرلىرى بالىلىرىمىزغا سالامەتلىك ھەم ئۇزۇن ئۆمۈرلەر تىلەيمەن ~❤️

 

تارقىتىڭ...
  1. رەھمەت سىزگە،ماۋۇ كارتۇننىڭ گىپىنى تۆت ياشلىق ئوغلۇم تولا قىلسا دىققەت قىلمەپتىكەنمەن ☺️ئەمدى دەرھال بىللە ئولتۇرۇپ كۆرەيلى

  2. بۇ كارتۇننىڭ ئىسمى نىمە

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىلاردىكى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى