سەن – بىر مۇھەببەتسەن!

2,250 قېتىم ئوقۇلدى

بوۋاقنىڭ تۇنجى يىغىسى ئەجىبا، بۇ دۇنيانىڭ كۆرگۈلۈكلىرى ئۈچۈنمۇ؟

ياق! بۇ يىغا ئاۋازى يۈرەكنى تىتىرەتكۈدەك دەرىجىدىكى مۇھەببەتنىڭ چاقىرىلىشى!

مۇھەببەتتىن كەلدۇق، مۇھەببەتكە قايتىمىز!

 خۇش كەلدىڭ مۆجىزەم! سەن بىر مۇھەببەتسەن! مۇھەببەت تاراتقىن، مۇھەببەتلىك دىللاردا ئەبەدى ياشىغىن!

 

Çalıkuşu – yıldızlara doğru

 

سەھەر ئاجايىپ خاسىيەتلىك بىر پەيىت! ئۆلگەن ئۈمىدلەر تىرىلىدىغان، كائىنات  ۋە كائىنات ئىگىسى بىلەن تىنچقىنە سىردىشىدىغان، ئۆزۈڭنىڭ پەردازسىز گۈزەللىكىدىن زوقلىنىدىغان، يەنە بىر قايتا رەت تۇغۇلىدىغان!

بۇ سەھەر، ئاخشام مىھمانخانا خادىمى بىلەن كىلىشكىنىمىز بويىچە سائەت 5:00 بىلەن مەخسۇس مەن ئۈچۈنلا قائىدىنى بۇزۇپ، 9:00 بىلەن ئېچىلىدىغان بۇ ئارامگاھنى ئېچىپ بەرمەكچى. ماڭا نېمە ئامال! قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلگىنىنى كۆرگۈم بار تۇرسا، باشقا يەردە بۇنداق ئېنىق كۆرگىلى بولمىسا…

بولدىلا ئوشۇق گەپنى قويۇپ دېڭىزنىڭ ھەر خىل ۋاقتىدىكى گۈزەللىكىنى بىللە تاماشا قىلايلى. يەنە ئالتە مىنۇتتىن كىيىن ئۇنى چاقىرىمەن! بۇ يازمامنى دېڭىزنى تاماشا قىلغاچ تاماملايمەن.

شۇ تاپ دېڭىزنىڭ، قۇشلارنىڭ ئاۋازى ئىچىدە بۇ قۇرلارنى يېزىۋىتىپ ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھېس قىلدىم! مېنى ئاپىرىدە قىلغان ياراتقۇچىدىن، مىھرىبانلىرىمدىن، ھاياتىمغا كىرىپ كەلگەن بارچە سۆيگەنلىرىمدىن، ئۆزۈم ئۇچراشمىساممۇ قەلبىم ئۇچراشقان قەدىرلىكلەردىن مىننەتدارمەن، سىلەرنى سۆيىمەن!❤️

 

**********************

2018.0818      (سەھەر دېڭىز ساھىلىدا يېزىلدى.)

 

تارقىتىڭ...
  1. سەھەر ھەقىقەتەن تۇلىمۇ گۈزەل، تۈنۈگۈنكى ئالدىراشچىلىقتىن ھارغان تەنلەر، ئايىغى يوق ئىشلاردىن تالغان قوللار، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە قاتىراپ سىرقىرىغان پۇتلار، چارچىغان ھىس-تۇيغۇلار بىر ئۇخلاپ ئويغاندىكى ئاشۇ ساپ ھاۋاغا تويۇنغان سەھەردىلا ئاللىقاياقلارغا غايىپ بولىدۇ. سەھەر بىلەن تەڭ تەقەززا بولغان شۇ گۈزەل كۈنلەردە يەنە بىر كۈن يىقىنلاشقاندەك ھىسسىيات بىلەن جانلىنىدۇ كۆڭۈل. بىر-بىرىمىزگە قىنىشماي، كۈننىڭ بالدۇر كەچ بولۇپ كەتكىنىدىن ئاغرىنىپ، ئەتە يەنە كۆرىشەشنى ۋەدىلىشىپ، قىيالمىغان ھالدا خوشلاشقان شۇ سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز بىلەن يەنە كۆرشىدىغىنىمىزنى ئويلاپ تاتلىق ھىسلارغا چۆمىدۇ يۈرەك.

    ھەييييييييي سەھەر، شۇنداق گۈزەل سەن، لىكىن شۇ سەھەردىكى ئۇيقۇنىڭ تاتلىقلىقىنى، يوتقاننىڭ مىھرىدىن ۋاز كىچەممەيلا قالدىمغۇ تاڭ ؟!

  2. ھا ھا ھا …سەھەر توغۇرلۇق تەسۋىرلىرىڭىزنى ئىچىمدە “ راست “ دەپ تەستىق سالغاچ ئوقۇپ كېلىپ، ئاخىرىغا كەلگەندە كۈلۈپلا قاپتىمەن! (*☻-☻*)(*☻-☻*)

    • ۋاي راست دەيمەن، سەھەرگە ئاشىق، ھەر كۈنلۈك ئىشلىرىمنى سەھەردىلا باشلىغان كۈنلىرى ھەممە ئىشلىرىم ئوڭۇشلۇق ماڭغاندەك بىلىنىدۇ. لىكىن كانازاۋانىڭ سەھىرى بىرخىل سىرلىق، ئەتە سەھەردە تۇرۇپ كىتىمەن دەپ ئۇخلىسام، نەخ شۇ سەھەردە ئەڭ شىرىن چۈش قاينىمىغا غەرق بوپ كىتىمەن.

      كانازاۋادىن —سەزگىن

  3. كانازاۋاغا پۇرچاق ئەپەندىنىڭ ئويغىتىش تېخنىكلىرى تازا لازىممۇ نىمە؟ ♪(๑ᴖ◡ᴖ๑)♪

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

سەن

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى