بالىلار ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقنى قانداق تەييارلايمەن؟

1,698 قېتىم ئوقۇلدى

سالام قەدىرلىكلەر، ئاۋازلىق ئوقۇشلۇق ئەۋەتىۋاتقان دوستلارغا ھەر قېتىم تەپسىلى چۈشەندۈرۈشكە توغرا كەلدى ھەم بەزى دوستلىرىمىزنىڭ ئەۋەتكۈسى بولسىمۇ ئۆزلىرى تەرجىمە قىلىش، ئاۋازغا  ئېلىش… قاتارلىق جەريانلار تەس تۇيۇلدى. بۈگۈن مەن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئاۋازلىق ئەسەرلىرىنى تەييارلاشنىڭ ئاددى يولىنى ھەم ئەھمىيىتىنى ئاز – تولا سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

 

Suyumluk Muellim – Ablajan Awut Ayup

 

بالىلار ئاۋازلىق ئوقۇشلىقى نېمە ئۈچۈن؟

جاۋاب بەك ئاددى، يىراق قىرلاردا ئۆز تىلىدا ھەم شۇ دۆلەت تىلىدا ئوماق، چۈچۈك تىللىرىدا ئوقۇلغان ئەسەرلەر ئارقىلىق تىل ئۆگىنىش باسقۇچىدىكى باشقا دوستلىرىغا ئىلھام بىرىش ھەم ئۆز ئەجرىدىن پۈتكەن تاتلىق بىر ئەسلىمە خاتىرىسى قالدۇرۇرۇپ قويۇش.

ئاۋازلىق ئوقۇشلۇق قانداق تەييارلىنىدۇ؟

بۇمۇ سىز ئويلىغاندەك مۇرەككەپ جەريان ئەمەس:

1- بالىلىرىمىز ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان، ۋەقەلىكى ئاددى ھەم ياخشى بولغان رەسىملىك كىتاب تاللسۇن، قىينالغاندا ئاتا – ئانىلار تاللىشىپ بەرسە بولىدۇ.

2- ھازىرغا قەدەر تەرجىمىنى بالىلار ئاساسەن ئۆزلىرى قىلىشتى، ئاتا – ئانىلار پەقەت بەزى سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسىگە ئانچە-مۇنچە تۈزىتىش بەرگەندىن باشقا. بىراق، شەرت بۇ ئەمەس، ناۋادا بالىلار ئۆزلىرى تەرجىمە قىلالمىغاندا، تەييار تەرجىمە ماتىريالى ياكى ئاتا – ئانىلار ئۆزلىرى تەرجىمە قىلىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. 

3- ئاۋاز ئالغاندا تېلىفۇنىڭىزدىلا جىمجىت مۇھىتتا، تىلىفۇننى بەك يېقىن ئەكىلىۋالمىغان ئاساستا ئالسىڭىز بولىدۇ. ئانچە-مۇنچە ئېزىپ كېتىش، دۇدۇقلاپ قىلىشلارغا رۇخسەت! تەبىئى، ئوماق چىقىۋىرىدۇ.

4- ئوقۇغان رەسىملىك كىتابنىڭ ھەر بىر بىتىنى سىكاندىرلاپ، ئاۋاز بىلەن ماڭا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

5-ھازىرغا قەدەر تەرجىمە تىكىستىنى كەمىنە ھەر بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ، رەسىمگە قاراپ يازغانىدىم، بۇندىن كېيىن تىكىسىتىنى ئەۋەتىپ بەرگۈچى ئاتا – ئانىلارئۆزلىرى يېزىپ ئەۋەتىپ بەرسە دىگەن ئۈمىدتىمەن.

ئاسانمىكەن؟! شۇ بەك ئاددىيمۇ جەريان ئەمەس-ھە؟ 😇 بىراق، بالىڭىزنىڭ بالىلىقتىكى تاتلىق ئاۋازى، ئانا – بالىنىڭ ئەمگىكىنىڭ گۈزەل بىر ئەسلىمە خاتىرىسى بولۇپ قالىدۇ، قانداق، بالىڭىز بىلەن مۇشۇنداق بىر خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇشنى، بىللە تەپەككۇر قىلىشنى، بىللە تىرىشىشنى، تىل ئۈگىنىش باسقۇچىدىكى باشقا بالىلىرىمىزغا بىللە ئىلھام بولۇشنى خالامسىز؟

خالىسىڭىز تۆۋەندىكى ئادىرىس ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

reyhan@outlook.jp

 

ئاۋازلىق ئوقۇشلۇق ئەۋەتكەن بالىلىرىمىزغا «توكيو خاتىرىلىرى» دىن بالىلارنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىدىغان كىچىككىنە كۆڭۈل سوۋغىسى ئەۋەتىمىز.

ئەمسە ئوماقلىرىمىزنىڭ ئاۋازلىق ئەسەرلىرىنى ساقلايمىز~ 🌻✨

 

تارقىتىڭ...
  1. ئىگىمىز رازى بولسۇن ئۇيغۇر قىزى
    بەك سۆيۈندۈم

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىلار

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى