روھ ئارامى

1,742 قېتىم ئوقۇلدى

شۇنداق بىر كۈننى ئۆتكۈزۈپ باققىڭىز كېلىدۇ. پانى ئالەمنىڭ غەۋغالىرىدىن، قائىدىلىرىدىن خالى، پەقەت تۇيغۇڭىزغىلا بويسۇنغان.

يەنە شۇنداق دەملەردە ياشاپ باققۇڭىز كېلىدۇ، نۇرغۇنلىغان ھەسرەت، تىڭىرقاشلارنى، سېغىنىشلارنى تاڭغان رىئاللىقنى بىر پەس بولسىمۇ تاشلاپ روھىڭىزنىڭ كىچىككىنە شاۋقۇنلاردىن خالى جەننىتىگە مۆكۈنىۋېلىپ روھىڭىزدا باھار كۈيىنى ياڭراتقان.

 

Ay yüzlüm  –  Nahıde babaşlı

 

ئەتىرگۈلنىڭ تىنىقلىرىدا، قىززىق قەھۋەنىڭ ھورلىرىدا، مۇزىكىنىڭ مۇڭلىرىدا، تومۇزنىڭ ئارامبەخش يامغۇرلىرىدا، تۇنجى قارنىڭ چاقنىغان گۈل مۇزلىرىدا، سەھەرنىڭ تال-تال نۇرلىرىدا سېنىڭ سماھىڭ جىىلىۋىلىنەتتى… سەنسىز ياشىيالمايدىغانلىقىمدىن ئەمەس،  سەنسىز ھەقىقى ئۆزۈم بولۇپ ياشىيالمايدىغانلىقىمدىن ئەنسىرەيمەن. بىراق، كەتكۈڭ بولسا كېتىۋەرگىن ھەم دىيەلەيمەن…..

كېتىۋەرگىن !

بايىلا
كۆزلىرىمنى يۇمغىنىمدا
شېئىردىن بىرسى يېزىلىپ قالدى!
چىراقنى يورۇتۇپ
تېرىۋالماقچى بولدۇم ،
كاساپەت!
تۇتۇق بەرمەي قېچىپلا كەتتى…

ۋاي،-راست!
سېنى كەتكۈڭ بولسا كەت دىدىم
ئارقاڭغا قارىماي كېتىۋەر دىدىم
مەنمۇ ھەم كېتىمەن!

مەن سىنىلا ئەمەس
سەنمۇ ھەم يوقىتىسەن مېنى
ھىچبىر زامان بىلمىگەندەك
ھەم زىنھار ئۇنتالمايدىغاندەك!
كەتكىن!
ھەركىمدىن كۆرسەممۇ
سەندە كۆرۈشنى ئەسلا خالىمايدىغان
جېنىمغا تەگكەن
يالغان رەڭ،
ساختا بوياقلارنى
قايتا رەت كۆرسەتمەيدىغان جايغا
كەتكىن!
مەنمۇ ھەم كېتىمەن!
قايتا رەت تېپىلمايدىغان جايغا !

2018.09.05

Reyhan

بۇ سەھەر بىرىۋەتتىم ئەركىنلىكنى تۇيغۇلىرىمغا! نېسىپ بولسا 80 ياشلىق موماي بولغىنىمدىمۇ خىرەلەشكەن كۆزلىرىمدە كۈلۈپ تۇرۇپ «ۋاي ئەخمەق!» دەپ بۇ تۇيغۇ ئەسلىمىلىرىمنى تاتلىققىنە مازاق قىلىمەن .😀👵🏼

 

**********************

سىزگە  ئېغىر پەلسەپىلەردىن، رىئاللىقنىڭ يۈكلىرىدىن روھىڭىزنى بىر پەس ئازاد قىلغان گۈزەل ئارام كۈنى  تىلەيمەن ~🎶

 

تارقىتىڭ...
  1. كەتسەڭ كىتىۋەر دەيتتى، لىكىن كەتسەڭ كىتىۋەر دىيەممەيتتىم، قىيمايتتىم، شۇنچىلىك سىغىناتتىم، تەلپۈنەتتىم، ھەممىنى ئاتىغان ئىدىم، چۈنكى يۈرۈكۈم ئۇنىڭ كىيىنكى ئۆمرۈم ئىكەنلىكىگە ئاللىقاچان قارار چىقىرىپ بىكىتىپ بولغان ئىدى، گىپىمگە كىرمەتتى.
    سەزگىن

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

روھ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى