بالىلارنىڭ جىنىسى خورلۇققا ئۇچرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى

3,819 قېتىم ئوقۇلدى

بالىلارنىڭ جىنسى خورلۇققا ئۇچرىشى بالىلارنىڭ ھىسياتى، كىشىلىك خاراكتىرىنى بۇزىدىغان، كەلگۈسى ھاياتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان قەبىھ قىلمىش! بىز ئاڭلاشنى خالىمايدىغان، بىراق، ئىنكارمۇ قىلالمايدىغان بۇ خىل قورقۇنچلۇق پاجىئەلەرنىڭ ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تاراتقۇلاردىن ئاڭلاپ قېلىۋاتىمىز…

ياپونىيەدەك بىرەر مۈشۈكى تۇيۇقسىز بىنورمال شەكىلدە ئۆلۈپ قالسىمۇ مېدىئالاردا ئاشكارلىنىدىغان جەمىئەتتىن پەرقلىق ھالدا، بۇ خىل زىيانكەشلىككە ئۇچراپ تۇرۇپمۇ ئاشكارىلىيالمايۋاتقان، ئاۋازىنى چىقىرالمايۋاتقان، قوغدىنىشقا ئىگە بولالمايۋاتقان، خورلۇقلاردىن قالغان جاراھەت يۈكىنى مەخپىي ھالدا قەلبىدە كۆتۈرۈپ يۈرىۋاتقان كىشىلىرىمىز، بالىلىرىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمۇ بىز كۆز يۇمالمايدىغان رىئاللىق بولىشى مۇمكىن.

قىسىقىسى، بالىلارنىڭ بۇ خىلدىكى تەن ۋە روھىنىڭ ئېغىر زەخمىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پەرزەنت تەربىيەسىدە بالىلارغا بۇ خىل تەربىيەنى كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپلا ئېلىپ بېرىش كەم بولسا بولمايدۇ.

 

HAVASI  – The Road

 

ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانا بولغۇچى ئالدى بىلەن بالا كۆڭلىدىكىنى ئىشىنىپ تۇرۇپ دىيەلەيدىغان، بالا تەرەپتە تۇرۇپ قوغدىيالايدىغان مەۋجۇتلۇق ئورۇندا بولىشى، بالىلارغا باشقىلارنىڭ قىلىقسىز، چەكتىن ئاشقان ھەرىكەتلىرىنى ئايرىيالايدىغان بولۇشنى ئۆگىتىشى، قانداق ھەرىكەتنىڭ جىنسى پاراكەندىچىلىككە كىرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

ئەلۋەتتە، بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە قارىتا تەربىيەدىكى ئۇسۇل پەرقلەنسىمۇ، بۇ خىل تەربىيە بالىلارغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا يەنىلا چوقۇم ئېلىپ بارمىسا بولمايدىغان تەلىم – تەربىيە ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سىزدە بۇنىڭغا ئائىت چۈشەنچە، شۇنداقلا بالىڭىز بىلەن ئوتتۇرىڭىزدا چوڭقۇر ئانا – بالىلىق مۇناسىۋەت بولسلا، بۇ خىل پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز ھەم تەلىم – تەربىيە مەسىلىسى ئۈسىتىدە بالىڭىز بىلەن مۇۋاپىقىيەتلىك پىكىر ئالماشتۇرالايسىز.

بۇ توغرىسىدا ياپوننىڭ بالىلار ھەق – ھوقوقىنى قوغداش تەشكىلاتى بىزگە ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپ بېرىدۇ:

(1)

ئۆزى ھەم باشقىلارنىڭ  پەقەت شۇ شەخىسكە تەۋە سەزگۈرئورۇنلىرىنى ھۆرمەتلەش

بالىلارغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا تىنىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىگىلا خاس سەزگۈر ئورۇنلىرىنى، ھەر قانداق ئادەمنىڭ قول تەگكۈزسە بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈش كېرەك. يەنى، كىم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ھەتتا، بالىنىڭ ئۆز ئاتا – ئانىسىنىڭمۇ ئۇ خالىمىغان ئەھۋالدا خالىغانچە قۇچاقلاپ سۆيسە، بەدىنىنى سىيلىسا بولمايدىغانلىقىنى، ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۇنداق ھوقوقى بولمايدىغانلىقىنى، ناۋادا شۇنداق ئىشلار بوپقالسا، ئاتا – ئانىغا چوقۇم ئېيتىش زۆرۈرلىكىنى بالىڭىزغا چۈشەندۈرۈڭ.

(2)

ئەسكى مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنىڭ زۆرۈرىيتى يوق

بۇ خىل زىيانكەشلىك قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇ بالىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى، تۇغقانلىرى، ئەتراپىدىكى بالىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن كىشىلەر بولۇپ، بۇ كىشىلەر قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ بالىغا بۇ مەخپىيەتلىكىنى ھىچكىمگە دىسە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. شۇ ئېنىق بولسۇنكى، بالىڭىز سىزدىن سىر يوشۇرمايدىغان، قانداق ئەھۋالغا يولۇقسا دىيەلەيدىغان دەرىجىدە يېقىنلىق بولسۇن. مانا مۇشۇنداق بولغاندا بالا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئەسكىلەرنىڭ ئاتالمىش مەخپىيەتلىكىنى سىزگە ۋە باشقىلارغا دىيەلەيدىغان بولىدۇ.

(3)

ئۆزى ئىشىندىغان چوڭلارغا ئېيتىش

ناۋادا بالىنىڭ يولۇققان مەسىللىرىنى دىيەلەيدىغان ئاتا – ئانىسى بولمىغان تەقدىردىمۇ ئەتراپىدا ئىشەنچىلىك ھالدا ئىچىدىكىنى تۆكەلەيدىغان بىرەر چوڭ ئادەمنىڭ بولىشى، بالىنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا قانداقلىكى بىر ئاۋارىچىلىق بولسا چوقۇم مېنى قۇتقۇزىدىغان، ياردەم قىلىدىغان يار – يۆلىكىم بار دىيەلەيدىغان بولىشى بەك مۇھىم.

ئەسكەرتىش: ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بالىغا نىسبەتەن سوغۇققان بولۇش، بالىنى گۇناھكار قىلماسلىق كېرەك. يەنى، بالا غەيرەتكە كېلىپ ئەھۋالنى سىزگە ئېيتقىنىدا، ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمىگەندەك قىلىپ گۇمانلانسىڭىز، بالا بۇ دۇنيادا ئۆزىنى قوغدايدىغان ھېچكىم يوق دىگەن تۇيغۇغا كەپقالىدۇ، مانا بۇ بەك خەتەرلىك!

 

بالىلارنىڭ جىنسى خورلۇققا ئۇچىرىغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى

بالىڭىزدا تۆۋەندىكى بىر قانچە ئەھۋال كۆرۈلسە، چوقۇم ئەھۋالنى ئېنىقلاپ كۆرۈڭ.

1. نېمىدۇر بىر نەرسىدىن ئەنسىرىگەندەك، نېملەرنىدۇر يوشۇرىۋاتقاندەك بىنورمال كەيپىيات كۆرۈلسە.

2. ئىشتىھاسىزلىق، ئۇخلىيالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈنسە، چوقۇم بىر سەۋەب بار، بۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ ھەل قىلىش سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز.

3. ئەگەر بالىدا باشقىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش كۆرۈلسە، باشقىلار بار يەرگە بېرىشتىن قاچسا، سىزنىڭ يېنىڭىزدىن ئايرىلىشنى پەقەت خالىمىسا، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىۋەتكەن ياخشى.

4. جىنسى خورلۇققا ئۇچرىغان بالىلار سىزغان رەسىملىرى، ئويۇنلىرى ئارقىلىقمۇ نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەپ قالىدىغان ئەھۋالمۇ بوپقالىدۇ. شۇڭا، بۇ ئارقىلىقمۇ بالىنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، بالىلار زىيانكەشلىككە ئۇچراپ بولغاندىن كېيىن «ۋاي، مەن ھېچنىمىنى بىلمەپتىمەن!» دەپ پەرياد ئۇرغاندىن كۆرە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بالا بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ بىرىڭ، بالا بىلەن ئوتتۇرىڭىزدا گۈزەل بىر ئىشەنچ رىشتىسى ئورنىتىشقا تىرىشىپ بېقىڭ.

زاماننىڭ قارا بورانلىرى، كەتمەس كىرلىرى، تەڭسىزلىكى، قارا قوللىرى… ناتىۋانلىرىمىزنى يارىلاندۇرمىسكەن دەپ تىلەيمىز…

 

*********************

پايدىلانغان مەنبە:  ياپونچە «مەن – ئانا» تور بېتى

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. بالىلارغا ئىلىپ بىرىلىدىغان جىنسى تەربىيە چوقۇم بۆشۈكتىن باشلىنىشى ،زىھنى تەربىيە بىلەن ھىسسىيى تەربىيە پاراللىل ئىلىپ بىرىلىشى زۆرۈردۇر . بۇ تىما ئاتا ئانىلار ۋە بالىلار ئۈچۈنمۇ بەكلا مۇھىم بىر تىما ، دىققەت ئىتىبارىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تەييارلىغان رەيھانغا رەھمەت ،ھارمىغايسىز گۈلۈم .

  2. سىزگىمۇ رەھمەت، پەرزەنت تەربىيەسى توغۇرلۇق تولۇقلىما پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز~ ❤️

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىلارنىڭ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى