بالىلار ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقى: ھېچنىمە بولمايدۇ، ھېچنىمە بولمايدۇ!!! (ياپونچە-ئۇيغۇرچە)

4,094 قېتىم ئوقۇلدى

شۇ تاپ ئەتراپىڭىزدا سىزنى ياخشى كۆرىدىغان، چۈشىنىدىغان، سېغىنىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق تەنھا قالغاندەك، رىئاللىقنىڭ ئاچچىق تولغىقىدا يەنە بىر قەدم ئالغۇدەك جاسارىتىڭىز قالمايۋاتقاندەك، دۇنيا پۈتۈنلەي قاراڭغۇلۇققا تولۇپ بىرەر چىقىش يولىڭىز قالمىغاندەك، ئەتىڭىز تېخىمۇ بەتتەر بولۇپ كېتىدىغاندەك ئەندىشە – قايغۇلاردىن نېرى بولالمايۋاتامسىز؟ ئاڭلاڭ، سىزگە ھاياتنىڭ قۇياش پارلىغان كۆپكۆك ئاسمان، قۇشلار سايراپ گۈللەر ئېچىلغان باھار ھېدلىرى تارالغان يەنە بىر دەرىزىسىنى ئاچالىغۇدەك كۈچ بىرىدىغان  مۇنداق سۆزنى ئۆگىتىپ قويىمىز، ۋاي، ياق! بالىلىرىمىز ئۆگىتىپ قويىدۇ.

 

ئەرقۇت خەمىت

بۈگۈن، تېخى مەكتەپكە كىرمەي تۇرۇپلا ھېلىغۇ ياپونچىكەن، ئۇيغۇرچە ساۋادىنىمۇ چىقىرىپ بولغان ئالتە ياشلىق ئوماق قىزىمىز سۈبھىنۇر بىلەن باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان سەككىز ياشلىق ئوغلىمىز ئەرقۇت بىزگە  ئاددى، بىراق، ئاجايىپ مەنىلىك ھىكايىدىن بىرنى سۆزلەپ بېرىدۇ. يەنە دىسەم يەنە شۇ! بۇ قېتىمقى ئوقۇشلۇقىمىزمۇ ھەر ۋاقىتتىكىدەك يالغۇز رەيھان قىزنىڭلا ئەمەس بالىلىرىمىزنىڭ، بالىلىرىمىزنىڭ خۇددى ئوغۇز سۈتىدەكلا ئانا تىلىمىزدىمۇ ھەققى بارلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن مەسئۇلىيەتچان ئانىلار، سۆيۈملۈك دادىلارنىڭمۇ ھەمكارلىشى ھەم ئەجرى ئارقىسىدا پۈتۈپ چىقتى!

يات تىلدىكى ۋاراڭ – چۇرۇڭلارغا تولغان بۇ قايناق ئەلدە ئۆز تىلىدا قىينالسىمۇ تىرىشىپ سۆزلەۋاتقان كىچىككىنە بۇ ئوماقلىرىمىزنىڭ چۈچۈك تىلىدىن، مەكتەپلەردە ياپون تىللىق، ئائىلىسىگە قايتقاندا ئۇيغۇر تىللىق ئائىلە مائارىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتقان بۇ بالىلىرىمىزنىڭ، ئاتا – ئانىلارنىڭ تىرىشچانلىقىدىن يۈرىكىڭىز لەرزىگە كەلمەيۋاتامدۇ ؟

 

سۈبھىنۇر سىدىق

ھېچنىمە بولمايدۇ، ھېچنىمە بولمايدۇ!

ئاپتۇرى ھەم رەسسامى :  ئىتو ھىروشى

تەرجىمىدە : مەرىپەت پولات

مىكروفۇن ئالدىدا :

ئۇيغۇرچە : سۈبھىنۇر سىدىق

ياپونچە : ئەرقۇت خەمىت

大丈夫、大丈夫

 

مېنىڭ ھازىرقىدىن بەكمۇ، بەكمۇ  كىچىك ۋاقتىم، بوۋاممۇ ھازىرقىدىن ناھايىتى ساغلام چاغلىرى ئىدى. بوۋام بىلەن ھەر كۈنى تولىمۇ كۆڭۈللۈك سەيلە قىلاتتۇق.

 

سەيلىمىز كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ئۆيىمىزنىڭ يېقىن ئەتراپىدا ئالدىرىماي مېڭىپ كېلىش بولاتتى. شۇنداقتىمۇ يىراقتىكى دېڭىز ياكى تاغلارغا بارغاندەك تولىمۇ كۆڭۈللۈك بولاتتى.

ئوت – چۆپلەرگە، دەل – رەخلەرگە، تاشلارغا، كۆك ئاسمانغا، قۇرت – قوڭغۇزلارغا، ئادەملەرگە، ماشىنىلارغا، بەزى ۋاقىتلاردا تۇخۇم توشۇۋاتقان چۈمۈلىلەرگە، ھەتتا تۇمشۇقىنى قانىتىۋالغان مۈشۈككىمۇ، بوۋام خۇددى كونا دوستلىرىغا سالام قىلغاندەك قىزغىنلىق بىلەن سالام قىلاتتى.

 

شۇنچە مىھرىبان بوۋام بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالدىرىماي مېڭىۋاتقان ۋاقىتلاردا، مېنىڭ ئەتراپىم خۇددى سېھىرلەنگەندەك تولىمۇ بىپايان بولۇپ تۇيۇلاتتى.

بىراق يېڭى بايقاشلار، كۆڭۈللۈك ئۇچرىششلار بولغانغا ئوخشاش بەزى بىر ئاۋارچىلىق، قورقۇنۇچلۇق ئىشلارمۇ يۈز بېرىپ تۇراتتى.

 

ئۇدۇلۇمىزدىكى بالا سەۋەپسىزلا مېنى سوقۇۋەتسە كەپسىز كىچىك قىزمۇ كۆرۈشكەندە ھەر قېتىم مېنى زاڭلىق قىلاتتى. ئىت ئېغىزىنى چوڭ ئېچىپ قاۋىسا، ماشىنىلارمۇ چاقلىرىدىن ئاۋاز چىقىرىپ گۈركۈرەپ ئۆتۈپ كېتەتتى.

 

 ئايروپىلان ئاسماندىن چۈشۈپ كەتكەن ئىشلارمۇ، پۈتۈن ئەتراپ قورقۇنۇشلۇق مىكروپلارغا توشۇپ كەتكەندەك ئويلايدىغان ئىشلارمۇ بولدى. ھەرقانچە ئۈگەنسىمۇ ئوقۇيالمايدىغاندەك خەتلەرمۇ شۇنچە كۆپ بولغاچقا، قانچە قىلساممۇ چوڭ بولالمايدىغاندەك ئويلارغا كەپقالغان ۋاقىتلارمۇ بولدى.

 

بىراق بۇنداق چاغلاردا دائىم بوۋام ماڭا ياردەم قىلاتتى. بوۋام دائىم مېنىڭ قولۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ : ھىچنىمە بولمايدۇ، ھىچنىمە بولمايدۇ دەيتتى.

 

ھىچنىمە بولمايدۇ، ھىچنىمە بولمايدۇ – بۇ ھەممەيلەنگە ياخشى بولىمەن دەپ ئۆزۈڭنى قىينىمىساڭمۇ بولىدۇ دىگەنلىك ئىدى. ھىچنىمە بولمايدۇ، ھىچنىمە بولمايدۇ – بۇ ماشىنا ئايروپىلانمۇ قەستەن سوقۇۋېتىدىغان ئىش يوق دىگەنلىك ئىدى.

 

ھىچنىمە بولمايدۇ، ھىچنىمە بولمايدۇ – بۇ كېسەللىك يارىلارمۇ ھامان بىر كۇنى ساقىيىپ كېتىدۇ دىگەنلىك ئىدى. بۇ گېپىنى چۈشەنمىسىمۇ كۆڭلىنى چۈشەنسىلا بولىدۇ دىگەنلىك ئىدى. بۇ ئەتراپىمىزدا دائىملا يامان ئىشلار يۈز بېرىۋەرمەيدۇ دىگەنلىك ئىدى.

 

ھىچنىمە بولمايدۇ، ھىچنىمە بولمايدۇ! بوۋام بىلەن ئىككىمىز بۇ سۆزنى قايتا قايتا تەكرارلايتتۇق. ئۇدۇلىمىزدا تۇرىدىغان بالا، كەپسىز كىچىك قىز بىلەنمۇ دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. ئىتمۇ مېنى چىشلىۋالمىدى.

 نەچچە قېتىم يىقىلىپ نەچچە قېتىم ئاغرىپ قالساممۇ ئاخىرى ساقىيىپ كەتتىم. ماشىنىمۇ مېنى سوقۇۋەتمىدى، ئايروپىلانمۇ بېشىمغا چۈشۈپ كەتمىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىيىن كىتاپلارنىمۇ چوقۇم ئوقۇيالايدىغان بولىمەن، تېخىمۇ كۆپ ئادەملەر، ھايۋانلار، ئوت – چۆپ دەل – دەرەخلەر بىلەنمۇ ئۇچىرىشىمەن.

مەن خېلىلا چوڭ بولۇپمۇ قالدىم.  بىراق بوۋام بولسا بەكلا ياشىنىپ قالدى، بوۋام ئۆگەتكەن سۆزنى دىيىش نۆۋىتى ئەمدى ماڭا كەلدى.

بوۋامنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ قايتا – قايتا شۇنداق دىدىم:  ھىچنىمە بولمايدۇ، ھىچنىمە بولمايدۇ، چوقۇم ساقىيىپ كېتىسەن جېنىم بوۋا!

تامام!

رەھمەت بىزنى ئۈمىد ۋە  خۇشاللىقتىن مەھرۇم قىلمايۋاتقان يۇلتۇزلىرىمىز   ~  😘✨

 

 

شۇنداق كىشىلەر بار! ئۇلار بۇ دۇنياغا ياخشىلىق، گۈزەللىك ھىدلىرى، ئۈمىد نۇرىنى تارىتىش ئۈچۈنلا يارالغاندەك ھەر بىر گىياھ ھەر بىر ئىنسانغا مۇھەببەت بىلەن قارايدۇ. ئۇلار ئۇلۇغ دەبدەبىلەردىن سۆز ئاچمايدۇ – يۇ، ئۇلارنىڭ شۇ ئاددى سۆز ۋە ئەمەلىيىتى روھنىڭ جىمجىت ئېقىنلىرىدا بىر ئۇلۇغلۇقنى پەرۋىش قىلىدۇ! بۇ خىل نۇر كەبى كىشىلەر بىلەن ئۇچىرىشىشمۇ ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل رىسىقتىن بېرى ھىسابلىنىدۇ!

يىقىلغانلىرىڭىزدا، قەلبىڭىز ئەنسىرەش – تەشۋىشلەرگە تولغاندا ، ئۆزىڭىزنى بۇ دۇنيادا تەنھا، يار – يۆلەكسىز ھېس قىلغانلىرىڭىزدا، قەلبىڭىز ئازابتىن سىرقىرغانلىرىدا··· بىر ئىللىق قول مۇھەببەت بىلەن قولىڭىزنى تۇتىدۇ، ئۇ مۇھەببەتلىك كۆزلىرىدە سىزگە بېقىپ دۇنيادىكى ئەڭ ئاددى ئەڭ گۈزەل ئۈمىدلىك سۆزنى ھەدىيە قىلىدۇ :
ھېچنىمە بولمايدۇ ، ھېچنىمە بولمايدۇ! ❤️

 

تارقىتىڭ...
  1. بۈگۈنكى ماڭا ئىلھام بولغان بىريازما ۋە ئوماق قوزىمىزنىڭ ئاۋازلىق بارچى ئىشلارغا ھىچنىمە بولمايدۇ ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ كىتىلى

  2. توغرا ھىچنىمە بولمىدۇق ، ھازىرغىچە ، تەنە ھىچنىمە بولمايدۇ !

  3. ئىشلار مۇرەككەپلىشىىپ، ماڭىدىغان يولنى تاپالمىغاندا مېنىڭ ئويلايدىغىنىم ئەڭ ئاددىي يول، ئەڭ ئاددىي سۆز ۋە ئەڭ چىن نەپەستۇر.
    يېقىنلىرىمغا ئاددىي سۆزلىرىم بىلەن تەسەللىي بەرسەم، ئۇلاردىن ئاڭلايدىغىنىم: سىز مەن بولمىغاچ ئاددىيلا قارار قىلىدىكەنسىز دەيدۇ. توغرا، تەبىئىتىمىزدىن ئەسلىدىنلا پاك، ئاددي ھەم مۇكەممەل بولمىش ئىنسان مۇرەككەپ دۇنيادا تۇرىۋېرىپ، تەپەككۇر نېرىپلىرىمۇ بولىۋاتقان ئىشلارنى ۋە كىشىلەرنى مۇرەككەپ ئويلايدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنى مەن قىزىمنىڭ ماڭا قىلغان «كارتون دۇنياسىدىكى سۆزلىرى» دىن ھېس قىلىمەن، ئۇ دەيدۇ: دادا، سىز مېنىڭ دوستۇم ئەننا بىلەن ئېلىساغا (كارتون فىلىم مۇز مەلىكەدىكى ھەدە سىڭىل) سالام دەپ قويۇڭ، يەنە ئىككىمىزنىڭ كۆينىكىمۇ ئوخشايدۇ، ئۇنىمۇ دەپ قويۇڭ، مەندە ئۇنىڭ سومكىسى بار، ئۇخلاش كىيمىممۇ ئېلىسانىڭ رەسىمىدە. ئۇنى بەك سېغىندىم… (چۈنكى مەنمۇ قىزىم بىلەن ئاددىي ھەم سەبىي دۇنيادا تۇرۇپ كۆرىشىمەن)…. دېىيىشلىرىدىن، بالىلارچە ئاددىيلىق ھەم چىن ئەقىدىنىڭ بىزنىڭ يېشىمىزغا ياش قوشۇلىشى بىلەن سۇسلاپ كېتىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم.
    ھايات بەك گۈزەل، ئىنسانمۇ ھەم. مۇساپىرلىق، ئايرىلىش بولمىسا بىز بىزدە بارىنى ھەقىقىي بىلمەي ئۆتۈپ كېتەركەنمىز. شۇڭا بىز ئىشىنىمىز، بۇ كەچمىشلەر بىزنى چوڭ قىلغىلى كەلدى. تېخىمۇ كونكىرىت قىلىپ ئېيتقاندا، بىزگە ئىنسان قەدىر مېھنىتىنى، ئائىلە مۇھەببىتىنى، پەرزەنتكە بولغان چىن مەسئۇلىيەتنى، ئاتا ئانىغا بولغان ھەقىقىي ھۆرمەت ئېكرامنى، يۇرتقا بولغان سادىقلىقنى ئۆگەتكىلى كەلدى. مىسالى ھۈنەر ئۆگىنىۋاتقان شاگىرت بىز، مەۋسۈملەر توشۇپ، ئىمتىھانلاردىن لاياقەتلىك ئۆتسەك، بىز كۈتكەن دەقىقىلەرمۇ كېلىدۇ تەقدىر كىتابىمىزغا.
    تەكرارلارچە دەيمىزكى، ھازىرىمىز ئۇ مەڭگۈلىكىمىز ئەمەس! ھازىرىمىز ئۇ مەڭگۈلىكىمىز ئەمەس!…
    بەزىدە بىزنى ھاردۇرغان مۇرەككەپ زامانغا، بالىلارچە «ھېچنىم بولمايدۇ» دەپ ئاددىي قاراپ باقساق، تېنىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن روھىمىزنىڭ پارچىسى ئورنىغا قايتىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن.
    ياخشى تۇرۇڭ!

  4. بىرەر پارچە سۈرەت ، بىرەر مىسرا ، بىرەر قۇرلار، ھەتتا ، كۈلۈمسىرەشلەردىن ··· دىن ئۇنىڭ ئىچىگە سىڭگەن نازۇكلۇق ، تىرەنلىك ، گۈزەللىك ھەم يۈرەكنى ئېيچىشتۇرىدىغان ئازابنى چۈشىنەلىگۈدەك ، ھېس قىلالىغۇدەك ئادىمىيلىكنى يېتىلدۈرىۋاتىدۇ بۇ كۈنلەر ···
    قايسى بىر چاغلاردا ئانىمىزدىن بۇرۇن قويىۋەتكەن تېلىفۇننىڭمۇ ، ئاكىمىز ئۈچۈن ئەپبىرەلمىگەن ئامراق گىتتىرى ، ئاچىمىز تالاشقاندا مىھرىدىن كىچەلمىگەن كىيىمنىڭ ···ئۇلار ئۈچۈن شۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلىپ بىرەلمىگەن ئەقىلسىزلىقىمىز ھەم خاتالىقىمىزنى بىزگە تونۇتۇۋاتىدۇ ، ئۇلارنىڭ ھاياتىمىزدا ئەڭ قىممەتلىك ھەم قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرىۋاتىدۇ بۇ كۈنلەر···
    ھاياتىمىزدا كۆرۈپ باقمىساقمۇ قىنىمىز ، تىلىمىز ئوخشاش جان پارچىلىرىمىزنىڭ ئاغرىقلىرىغا چىدىيالمىغۇدەك مۇقەددەس بىر مۇھەببەتنى يېتىلدۈرىۋاتىدۇ بۇ كۈنلەر ···
    بىر تال يوپۇرماقنىڭ چۈشۈشىنىمۇ بىلىدىغان ، قاچان چۈشۈشىنى ئالدىن لاھىيلەپ بولغان مۇكەممەل لاھىيلىگۈچىنىڭ بىزنى مۇھەببەتسىز ھەم يۆلەكسىز قويمايدىغانلىقىغا، بىز ئاددى ئادەملەرگە كۈلپەت بىلىنگەنلەرنىڭ ئارقىسدا ھېكىمەت ھەم خەيرلىكلەر بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمىسەك بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا مەيلى نېمە ئىش بولسۇن “ ھېچنىمە بولمايدۇ ! “ دېيىشنىمۇ ئۈگىتىۋاتىدۇ بۇ كۈنلەر ···

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىلار

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى