بالىلار 2- تىلنى قاچاندىن باشلاپ ئۆگەنسە بولىدۇ ؟

2,353 قېتىم ئوقۇلدى

بالىلارغا باشقا بىر تىلنى ئۆگىتىش ھەم قاچاندىن باشلاپ ئۆگەتسە بولىدىغانلىقى مەسلىسى توغۇرلۇق مۇنداق بىر سۇئالنى سوراپ باقاي :

باشقا بىر دۆلەتكە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن چىقىپ تۇرۇپ قالغان بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىچىدە 3 ياشلىق كىچىك بالا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، ۋە ئاتا – ئانىسىنىڭ قايسىسى شۇ دۆلەتنىڭ تىلىنى ئەڭ ياخشى ئۆگىنىپ كېتىشى مۇمكىن؟

بالىلار يات بىر تىلنى قاچاندىن باشلاپ ئۆگەنسە بولىدۇ ؟

 

Sho’s Lament  –  Nightcore

 

جاۋاب شۇكى، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىچىدە ھەم تېز ھەم ياخشى ئۆگىنىپ كېتەلەيدىغىنى – 3 ياشلىق بالا. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى گىرافىك ئارقىلىق چۈشىنىمىز.

بالىلارنىڭ نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى تۇتاشتۇرغۇچى نېرۋا سىناپىسلىرىنىڭ سانى يېتىلگەن كىشىلەرنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ. گىرافىكقا قارىسىڭىزمۇ شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، ئىنسان ھاياتىدا نېرۋا سىناپىسلىرىنىڭ زىچلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان ۋاقتى تۇغۇلۇپ 8 ئايلىقتىن 1 ياشقىچە بولغان ناھايتىمۇ قىسقا بولغان 4 ئايلا ۋاقىتتۇر.  يەنى، بىر ياشلىق بالىنىڭ نېرۋا ھۈجەيرە باغلىرىنىڭ زىچلىق دەرىجىسى يېتىلگەن كىشىلەرنىڭكىدىن 1.5 ھەسسىگە باراۋەر!

شۇڭا، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى تەرەققىياتى ئەڭ يۇقىرى بولغان مەزگىلدىكى نېرۋا سىناپىسلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئېچىش بەكلا مۇھىم ھېسابلىنىدۇ! بالىلارنىڭ تىل چۈشىنىشتە ئالاھىدە ئانتىنا قابىلىيىتى بار! بالىلاردا پۈتۈن دۇنيادىكى تىللارنى ئاڭلاپ تىل تاۋۇشلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە سۈزۈش ئىقتىدارى بولىدۇ.  يۇقاردىكى رەسىمگە قارىسىڭىز:

ئەگەر بىر ياپونلۇق بالا بوۋاق چېغىدىن تارتىپ پەقەت ياپون تىلى، يەنى، ئانا تىلى بىلەنلا ئۇچىرىشىپ چوڭ بولغان بولسا، ئۇ بالا كېيىن باشقا بىر تىل بىلەن ئۇچراشقاندا، ئالدى بىلەن ئانا تىلدا تەپەككۇر قىلىپ ئاندىن باشقا بىر تىلغا ئۆتىدۇ. مەسلەن، ياپون تىلى بىلەنلا ئۇچراشقان بالا كىيىنچىرەك ئىنگىلىزچە ئۆگەنگەندە، ئىتنى كۆرگەن چېغىدا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئىت ئىكەنلىكىنى ياپون تىلىدا “ ئىنۇ“ ئىكەنلىكىنى جەزىملەشۈرۈپ، ئاندىن ئۇنى ”دوگ“ دەپ ئىنگىلىزچە ئاتايدۇ. ئىككى تىل بىلەن ئۇچراشقان بالا بولسا، ئىتنى كۆرگەن چېغىدا بىۋاستە ”دوگ، ئىنۇ“ دەپ ئىككى خىل تىلدا بىراقلا دىيەلەيدۇ!ئەگەر بالا بوۋاق بىر قانچە تىل بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقان بولسا، بالا بىۋاستىلا شۇ خىل تىل تەپەككۇرىغا كىرەلەيدۇ، دىمەك، سىز ئانا تىلىڭىزدىن باشقا بىر قانچە تىللىق ئاتا -ئانا بولسىڭىز بىراقلا بوۋىقىڭىزغا بىر قانچە تىلنى ئۆگەتسىڭىز ھەم شۇ تىللىق موھىتنى ھازىرلاپ بىرىش ئىنمكانىيتىڭىز بولىسلا بالىڭىز بىراقلا نەچچە خىل تىلنى بىراقلا ئۆگىنىش قابىلىيىتىگە ئېگە دىمەكچى.

رەسىمنىڭ ئەڭ ئاستىدكى گىراڧىكقا قارسىڭىز، مۇنداق پەۋقۇلئاددە تەتقىقات نەتىجىسىنى كۆرەلەيسىز!

بىر بالا 100 پىرسەنتلىك مۇكەممەل بولغان تىل تاۋۇشلىرىنى پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بىلەن تۇغۇلىدىكەن! بۇ نېمىدىگەن گۈزەل مۇكەممەللىك؟! يەنى، بالىلاردىكى بۇ مۇكەممەللىك 6~8 ياشقىچە ئەڭ يۇقىرى نوقتىغا چىقىپ تۆۋەنلەشكە باشلايدىكەن! شۇڭا، تىلشۇناسلارنىڭ بالىلارنىڭ 8 ياشتىن كېيىن ئۆگەنگىنى ئانا تىل بولالمايدۇ دىگىنىنىڭ ھېكىمىتى مۇشۇ يەردىكەن!

چۈشەندۈرىۋاتقىنىم – مۇكەممەل ئانا تىللىق مائارىپ سېستىمىسى بار، ياپون تىلىدا مائارىپ ئېلىپ، ياپون تىلىدا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، خىزمەت قىلىدىغان، تېلىۋىزور، ئۇچۇر -ئالاقە پۈتۈنلەي ياپون تىلى موھىتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ئىككىنجى بىر تىل يەنى، دۇنياۋى تىل ئىنگىلىزچە ئۆگىنىشتىكى تەتقىقات نەتىجىسى ھەم تەشەببۇسى!

سىز بىلەن مېنىڭ نىمىنى ، قايسى تىلنى مۇھىم، ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىمىز شۇ ئائىلىنىڭ ئائىلە مائارىپىغا نىسبەتەن تۇتقان پوزىتسىيەسىگە باغلىق مەسىلە! ئەقىللىق ئاتا – ئانىلار بالىلىرى 8ياشقىچە قايسى تىلغا بەكرەك كۈچەشنىڭ ئەھمىيىتىنى ياخشى بىلەلىدى دەپ قارايمەن! 🌻✨

 

تارقىتىڭ...
  1. تەۋسىيە : بالىلىىرىمىزنى ياشاۋاتقان دۆلەت تىلىدا قىينىلىپ قالماسلىقى ، يەسلى – مەكتەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق ئۈچۈن ئائىلىدىمۇ شۇ دۆلەت تىلىدىلا سۆزلەپ ئانا تىلىمىزغا سەل قاراش بالىنى خۇددى ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىدىن مەھرۇم قىلغانلىق بىلەن باراۋەر·
    بالا تۇغۇلغان بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاپلا ئانا تىلىدا كۆپ سۆزلەپ بىرىش ، بولۇپمۇ بالا ئىمىتىۋاتقان ۋاقىتتا يۇمشاق ئاۋازدا ئانا تىلدا سۆزلەپ بىرىش بالىنىڭ تىل ئىقتىدارىنىڭ ئىشىشغا بەكلا پايدىلىق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىلىمىزدىكى يۇمشاقلىق ، باشقا تىللاردا يوق ق ،غ ، ل ، ر تىل تاۋۇشلىرىنى بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاپلا ئاڭلىتىپ بەرگەندە بالا قۇرامىغا يەتكەندىمۇ باشقا تىللارنى ئۆگەنسىمۇ تەلەپپۇزى چىرايلىق چىقىدۇ ، خۇددى بىز ياپون تىلىنى25 يىشىمىزدا ئۆگىنىپمۇ تەلەپپۇزىمىز ياپونلۇقتىن چانمىغاندەك ·

  2. فېيسىبۇكتىكى ئىنكاسلارغا قاراپ ئويلىغنىم:
    چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئ‍ىكەنمىز قايسى دۆلەتتە بولساق شۇ دۆلەتنىڭ تىلىنى بالىغا ئۆگىتىشىمىز كىرەك. بالىلار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق. ماقالىدىمۇ ئېنىق يېزىپتۇ. مەنچە قارشى ئىنكاستا بولىۋاتقانلار ياكى تېمىنى كۆرۈپلا كۆز قارىشىنى يېزىۋاتقانلار ماقالىنى ئوقۇماي تۇرۇپ يېزىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم . بالىلارنىڭ تىلغا بولغان تالانتى بار. ئانا تىل ئاساسەن ئۆيدە چىقىدۇ. (ئاتا-ئانىسى باشقا تىلدا سۆزلەشمىسىلا.) ھازىر بالاممۇ 2ياشتىن ئاشتى ئۆيدە ئۇيغۇرچە گەپ قىلساق ئىنكاس قايتۇرىدۇ. يەسلىدە ياپونچە سۆزلىسە ئىنكاس قايتۇردىكەن.ئاندىن ئۆزى ياقتۇردىغان بالىلار پروگراممىلىرىنى ئىنگلىزچىدە كۆرىدۇ.شۇڭا بىلدىغان ئىنگلىزچە تاق سۆزلىرى جىقراق.بالىلارغا شۇ تىلنىڭ مۇھىتىنى يارىتىپ بىرەلىسەك قالغىنىنى بالا ئۆزى ھەزىم قىلىپ كىتەلەيدىكەن.بىز بېسىم قىلمىساقلا بولىدۇ. بالىلار يەسلىدە دوست تۇتۇش ئارقىلىق تېخىمۇ پائالىيەتچان بولدىكەن. ئۆيدىلا بېقىپ 4ياشتا ئاپرىپ قويساق بالىلاردىن يىتىرقايدىغان بولۇپ قالدىغان.ئۆزى يالغۇز ئويناشنى خالايدىغان بولۇپ قالىدۇ. چۇنكى 3~4ياشتا يەسلىگە كىرگەندە.2ياشتىن باشلاپ شەكىللەنگەن سىنىپقا كىرىپ ئاللىبۇرۇن دوستلىشىپ بولغان بالىلارنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كىرىشىمۇ تەسرەك. بالىلاردا ئارىغا ئالمايدىغان سىڭىپ كىرەلمەيدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ. بالىمۇ يىتىرقايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

    • بالىلارنىڭ تىل ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلسەممۇ ماتىريالدىكى تەپسىلاتنى كۆرگەندىن كىيىن ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالدىم !
      بالىلار ئائىلىدە ئانا تىلدا تەربىيلەنگەن تەقدىردىمۇ ئىنكاسىمدا ئېيتقاندەك سىرىتقى موھىت ، ئاتا _ئانسىدىن باشقا كىشىلەردىن شۇ دۆلەت تىلىنى قوبۇل قىلىدۇ ·
      شەخسى كۆز قارىشىمدىن ئېيتقاندا ، بالىنى كام دىگەندە بىر ياشقا كىرگۈچە بولسىمۇ ئانىنىڭ بىر قوللۇق بىقىشىنى ، مۇھەببەت ، ئانا سۈتى ، ئانا تىل بىلەن بىر قوللۇق ئوزۇقلاندۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلاردىنمەن ·
      ماتىريالنى كۆرگەندىن كېيىن بالىلارنى بوۋاق ۋاقتىدىلا باشقا تىل بىلەن ئۇچراشتۇرۇشنىڭ زىيىنى يوق ئەكسىچە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم ·
      گەپ – يازمامدىمۇ ئېيتقاندەك ئاتا – ئانىلارنىڭ قايسى تىلنى موھىم ئورۇنغا قويۇشىغا باغلىق ! بالىلار ھەقىقەتەنمۇ بەك ئەقىللىق ~
      ھە – راست ، بۇنىڭغا ئائىت ۋىدىئودا بالىلارنىڭ باشقا بالىلار بىلەن بىللە ئويناش جەريانىدا تىل ئۆگىنىشى يالغۇز ئۆگەنگەندىن ئۈنۈملۈك بولىدۇ دەپتۇ ·
      بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا سىزنىڭ بالىلارغا كۆپرەك دوست تۇتۇش پۇرسىتىنى يارىتىپ بىرىش پىكىرىڭىزمۇ ھەر قايسى جەھەتتىن پايدىلىقكەن ·

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىلار

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى