بالىلار ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقى: يامانلىققا يامانلىقمىدۇ؟! (ياپونچە – ئۇيغۇرچە)

2,809 قېتىم ئوقۇلدى

 يېقىندىن بىرى كىچىك چاغلىرىمىزدىن ئاڭلاپ كەلگەن، كىشىلىك ئەقىدىمىزگە سىڭىپ كەتكەن «يامانلىق قىلسا يامانلىق يانىدۇ!» دىگەن سۆزنىڭ راستلىقىدىن، بارچە ئەسكىلىك، رەزىللىك، تەڭسىزلىك، گۇناھلارنى قىلىپ بولۇپ يەنە غادىيىپ يۈرەلەيدىغانلارنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۆزى سەۋەپكاربولغان ئاھۇ -زارلارنىڭ، پەريادلارنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىدىن  سەل گۇمانلىنىدىغان بوپقالدىم! 😳بۇ گۇمانىمنى تۇيۇپ قالغان 10 ياشلىق قىزىمىز ئەيدىنە ئىزوپ مەسەللىرىدىن بولغان تۆۋەندىكى ھىكايىنى ماڭا قايتا سۆزلەپ بەرمەكچىدەك، تۇمانلانغان ئەقىل كۆزلىرىمنى، خىرەلەشكەن ئۈمىد چىراقلىرىمنى قايتا يورۇتماقچىدەك تۇرىدۇ، قېنى ئاڭلاپ باقاي🤢

ئەيدىنە ئەسقەر

تۈلكە بىلەن تۇرنا

تەرجىمىدە: غاپپار پەتتار

مىكروفۇن ئالدىدا: ئەيدىنە ئەسقەر

Tulke & Turna

 

تۈلكە تۇرنىنى ئۆيىگە مىھمانغا چاقىرىپتۇ. مەن ئەتكەن ئوخشىغان شورپىغا مەرھەمەت قىلىڭ دىگىنىچە ياپىلاق تەخسىگە لىققىدە شورپا ئاچىقىپ تۇرنىنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. شورپىنىڭ مەززىلىك پۇرىقىدىن مەس بولغان تۇرنا شورپىنى ئىچىشكە تەمشىلىپتۇ يۇ، ئۇزۇن تۇمشۇقى تاقىشىپ شورپىنى زادىلا ئىچەلمەپتۇ. شورپا پەقەت تۇمشۇقىنىڭ ئۇچىنى ئازراقلا نەمدەپتۇ خالاس! تۈلكە تۇرنىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ھىجايغىنىچە ئۆزىنىڭ شورپىسىنى رازىمەنلىك بىلەن ئىچىشكە باشلاپتۇ!

شۇ ئىش بولۇپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۇرنىمۇ تۈلكىنى مىھمان بولۇپ كېتىشكە چاقىرىپتۇ.

-تۈلكەجان، ئالدىنقى قېتىم مىنى شۇنداق ئېسىل مىھمان قىلغىنىڭىزغا  مىننەتدارلىقىم بولۇپ قالسۇن، جىق – جىق يىگەيسىز دىگىنىچە ئۇزۇن بويۇنلۇق لوڭقىغا پۇرچاق سېلىپ ئېلىپ چىقىپتۇ. تۇرنا ئۇستىلىق بىلەن لوڭقىغا بوينىنى سوزغىنىچە پۇرچاقنى يىيىشكە باشلاپتۇ. ئەمما، تۈلكىجان ھەر قانچە بوينىنى سوزسىمۇ – سوزسىمۇ بويۇنلىرى لوڭقا ئېغىزىغا قاپلىشىپ قېلىپ پۇرچاقنى زادىلا يىيەلمەپتۇ.

تۇرنا : ۋاي تۈلكىجان، تارتىنماي ئېىلىڭ دەيمەن! – دىگىنىچە ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى پۇرچاقنى تازا مەززە قىلىپ يەۋىرىپتۇ.

كۆز ئالدىدا شۇنداق مەززىلىك تاماق تۇرسىمۇ يىيەلمەيۋاتقان تۈلكە پەقە كۆڭلى يېرىم ھالدا  تاماقنىڭ مەززىلىك پۇرىقىنىلا پۇراشتىن باشقا ئامالى بولماپتۇ!

يامانلىق قىلسا يامانلىق يانۇر!

تامام!

رەھمەت قىزىم!

 

-خوش، ھىكايىنىغۇ ئاڭلاپ بولدىڭىز، ھازىرمۇ يامانلىقنىڭ يامانلىق بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقىغا گۇمانىڭىز بارمۇ، رەيھان قىز؟!😎

-بار! مەن بۈگۈن بۇ ھىكايىدىن يېڭىچە بىر پىكىرنى بايقىدىم! يامانلىق قىلغۇچىنىڭ يامانلىقىنى ئۆزىگە تونۇتۇپ قويمىغىچە، ئۆزىگە كەلگەن يامانلىققا تۇرنىخاندەك پاراسەت ۋە ھەرىكەت قوللانمىغۇچە تۈلكىدەك ئەبلەخلەر ئۆز يامانلىقىنىڭ جازاسىنى تارتمايدىكەن! سىزچىچۇ؟🤓

 

تارقىتىڭ...
  1. بەك ياخشى ئوقوپسىز بارىككالا تىرىشىڭ

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىلار

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى