تۇرمۇشنى بەخىتسىزلىككە ئېلىپ بارىدىغان ئۈچ يامان ئادەت

2,273 قېتىم ئوقۇلدى

ناچار ئادەم، كۆڭۈلسىز كەچۈرمىش ۋە تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلار بەخىتسىزلىكنىڭ ھەقىقى سەۋەبى بولالمايدۇ.  بەخىتسىزلىككە سەۋەب بولىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل  ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى ئامىللىرىمىزنىڭ بىز ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشىدىن ئىبارەت. نېمە ئۈچۈن بۇ خىل يامان ئادەتلىرىمىز تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى، نېمە ئۈچۈن بۇ خىل بەخىتسىزلىك كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئويلاشماستىن،  ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىپ كۆرمەستىنلا تەقدىرنىڭ كاجلىقىدىن زارلايمىز، ھاياتنىڭ قارا دېڭىزلىرىدا تۇنجۇقۇپ قالىمىز.

شۇنىسى ئېنىقكى، ھاياتلىقتا ھىچكىممۇ  ھەر ۋاقىت، ھەر كۈنى  بەخىت ئىچىدە ياشىيالىغان ئەمەس. بىراق، بەخىت  تۇيغۇلىرىنىڭ دەرىجىسىنى تەڭشەش تامامەن مۇمكىن! ئۆزىمىزنى خۇشال، بەخىتلىك ھېس قىلغان چاغلىرىمىزدا شۇنچىلىك ئاددى تۇيۇلىدىغان ئىشلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان چاغلاردا شۇنچىلىك مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ!  قەلبنىڭ ئىنكاسى تەسلىشىپ، بۇ يامان ئادەتلەرنى توختىتىشمۇ مۇمكىن ئەمەس بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ،- دە يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ!

تەقدىردىن زارلانغاندىن كۆرە تۆۋەندىكى ئۈچ يامان ئادەت ئۆزىڭىزدە بارمىكەن ئويلىنىپ بىقىڭ:

 

Magic Key Of Your Heart

 

(1)

ئېنىرگىيەنى ئوغۇرلايدىغان يامان ئادەت – مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىش

بىز ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقىدىن بىرى قولىمىزدىكى بار نەرسىلەرگە سەل قاراپ، تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىۋالىمىز!

بەخىتنىڭ ئالاھىدە ئۆلچىمى يوقلىقىنى ئېتىراپ قىلغنىمىزدا ئارتۇقچە ئازابلاردىن ساقلىنالايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر خىل ئەھۋال بولۇپ بۇ «ھىسياتنىڭ توختاپ قېلىشى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ كەلگۈسىنىمۇ، كەچمىشنىمۇ ھەرىكەتلەندۈرەلمەيدۇ، نەتىجىدە ئۆسۈپ – يېتىلىش، ئالغا ئىلگىرلەش، قانائەت تۇيغۇسى دىگەنلەردىن ئۇزاقلاپ كېتىپ قالىمىز!

ئۆزىڭىزدىن سەمىميلىك بىلەن نېمىشقا بۇ ھالەتتىن ھالقىيالمايمەن؟ نىمىشقا قورقۇنچنى تاشلىيالمايمەن؟ نېمە ئۈچۈن ئەنسىز ھېس قىلىمەن؟ دەپ سوراپ بېقىڭ. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق روھىڭىزنىڭ زىندانلىرىدىن قۇتۇلۇش يارلىقىنى ئۆزىڭىزگە جاكارلايسىز.

يەنە بىر يامان ئادەت شۇكى ھاياتنى خۇددى ئاپتۇماتىك ماشىنىدەك ئۆتكۈزۈش. يەنى، دەل ھازىرغا كۆڭۈل بۆلەلمەسلىك، ھازىردىن ھوزۇرلىنالماسلىقتۇر.

بۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە نېمە ئىش قىلدىم، نېمە ئىش قىلىمەن دىگەنلەرنى ئويلاپ قويماستىنلا كۈنلىرىمىزنى ئۆتكۈزىۋىرىمىز. بۇ خۇددى ئورمانلىقتا قانچىلىك گۈزەل مەنزىرە بارلىقىغىمۇ دىققەت قىلماستىن يول ئىزدەپ مېڭىۋەرگەن بىلەن باراۋەر! ھازىردىن ئۇزاپ كېتىش – ھەر بىر دەقىقىنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىشتىن، دەل ھازىرنى مەنىلىك ئىشلارغا سەرىپ قىلىشتىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ·

(2)

باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشنى تەلەپ قىلىش

بۇ دىگەنلىك ئۆزىنى باشقىلارغا تاپشۇرۇپ ئۆزى ئۈچۈن ھىچ ئىش قىلماسلىق دىگەنلىكتۇر! كۆپىنچىمىزدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىق شۇكى، ياشىشىمىز، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز،  قىلغان ياخشىلىقىمىز، ھەتتا، ئۆي تۇتۇشلىرىمىزدىن تارتىپ كىيىنشلىرىمىزگىچە باشقىلار ئۈچۈن قىلىمىز،- يۇ، «ئەسلىدە ئۆزۈمنىڭ قىلغۇسى بار ئىش قايسى؟ نېمە ئىش قىلسام ئۆزۈمنى رازى قىلالايمەن؟» دىيەلمەيمىز! ھەتتا، بەزىدە باشقىلار سەۋەبلىك بەدەن ئىھىياجلىق بولغان سۈپەتلىك غىزالنىش، ئۇيقۇنىمۇ تاشلايمىز!  سۈپەتلىك غىزالانماسلىق، ياخشى ئۇخلىماسلىق ئېنىقلا كەيپىياتقىمۇ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئېنىرگىيە ۋە ئۆزىگە بولغان ھۆرمەتنىمۇ تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ!

(3)

ئەڭ ناچار ئادەت – زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ رولىنى ئويناش

 

بۇ نىكاھ، كىشىلىك مۇناسىۋەت، دوستلۇق، مۇھەببەت مۇناسىۋىتىگە ئېغىر مەنپى تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ!

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ رولىنى ئويناش ئەسلىدە يەڭمەكچى بولغان بەخىتسىزلىكنى تېخىمۇ ئىزدەپ تاپقان بىلەن باراۋەر. بۇ خىل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولىۋىلىش ھىسداشلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىدىكى بارچە بەخىتسىزلىكنىڭ مەنبەسىنى قارشى تەرەپ دەپ ئويلىۋالىدۇ، يۈرەكتىكى غەزەپ – نەپرەت تېخىمۇ ئارتىدۇ. ئۆزىڭىزنى بەك چۈشۈرمەستىن، ئەيىپلىمەستىن ئۆز خاتالىقىڭىزنى، مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئېتىراپ قىلىش  ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىزگە، يامان ئادەتلەرنىڭ بەخىتسىزلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

***

«بۇرۇنلاردا مەن بەكمۇ ياخشى ئۆتكۈم بار بىرى بىلەن پەقەت چىقىشالمايتتىم، داۋاملىق يىغلايتتىم، كېچىلىرىمۇ تۈزۈك ئۇخلىيالمايتتىم… ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن ياخشى دوستلاردىنمۇ بوپقالدىم، شۇنىڭدىن كېيىن روھىم تىنچلاندى، خۇشال بولالايدىغان بولدۇم، ئۇ – دەل ئۆزۈم ئىدى!»

يۇقارقىسى ھەپتىنىڭ 2-كۈنى كەچتە قويۇلىۋاتقان «بىز مۆجىزە كەبى يارتىلغان» ناملىق كۆپ قىسىملىق فىلىمدىن ئېلىنغان، مەن بەك ياقتۇرغان سۆز… مەنمۇ شۇنداق! ھېلىمۇ ھەم ئۆزۈم بىلەن چىقىشالمايدىغان ۋاقىتلىرىم، يۇقارقى يامان ئادەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ قالىدىغان چاغلىرىم بوپقالىدۇ…. مېنىڭ تېخىمۇ ھىچقاچان مەندىن يۈز ئۆرىمەيدىغان، مۇھتاج بولغىنمدا مىھرى بىلەن قۇچاقلايدىغان، يالغۇز قالغانلىرىمدا ھەمراھ بولىدىغان، خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىرىمدە مېنى ھېچنىمىگە ئەرزىگۈسىز قىلىۋەتمەستىن مىھرىبانلىق بىلەن خاتالىقىمنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان قەدىرلىك ئۆزۈم بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈم بار…

 ئۆزۈمگە قايتا رەت شۇنى ئەسكەرتتىم:

ئىنسان ئالدى بىلەن ئۆز ھالىنى ئوڭشىمىغۇچە تەڭرىمۇ ئۇنىڭغا ياردەم قىلماس! تەقدىر دىمەك بەخىتسىز يارىلىش بولماستىن ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىنى ئىزدەپ تېپىش دىمەكتۇر!

 

*****************************

مەنبە: ياپونچە «قەلب قېزىش» تور بىتى

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. ياخشىمۇسىز رەيھانگۈل ھەدە بىز مۆجىزە كەبى يارىىتىلغان دىگەن كىنونى ياپونچە بولسىمۇ بىر كۈرۈپ باققۇم كەلدى ھېچ بولمىسا سۈرەتلىردىن بىر نەرسە ھېس قىلىپ قالسا م ئەجەپ ئەمەس ،،، ئىسمىنى يېزىپ ئەۋەتىپ بېرەلەسىزمۇ توردىن ئىزدەپ كۈرۈپ باقسامممم ؟

  2. ھە رەھمەت ، خەنزۇچە 我们由奇迹构成的或者是我们的奇迹,或者是高桥一生 دەپ ئىزدىسە چىقدىكەن ،، بىرىنچى قىسمى 都市文化大学دىىكى بىر ئۇقۇتقۇچنىڭ چىش ئاغىرقى ۋەقەلىكى بىلەن باشلىندىكەنغۇ ھە ، مەن خاتا باشقا كىنونى كۈرۋالمىغاندىمەن

  3. رەھمەت ،ئەجىرلىك بولۇڭ

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

تۇرمۇشنى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى