ئوغۇللارنىڭ قاشلىرىنى تېرىپ قىزلاردەك ياسىنىۋېلىشلىرى، قىزلارنىڭ ئەركەك مىجەزلىشىپ ئوغۇللاردەك يۈرۇش – تۇرۇشلىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ھازىرقى جەمئىيەتتە مەن يەنىلا قىزلارنىڭ قىزلارغا خاس لاتاپەت ۋە گۈزەللىك تۇيغۇلىرىدىن ئىبارەت بۇ بىباھا ھوقوقىنى يوقاتماسلىقىنى، ئوغۇللارنىڭ ئەركەك مىجەز، مەردۇ – مەردانە چوڭ بولىشىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلاردىن بېرى.

بۈگۈن بىزگە تونۇشلۇق بولغان مائارىپشۇناس شىمىزۇ كاتسىھىكو ئەپەندىنىڭ قىز – ئوغۇللارنى پەرقلىق تەربىيەلەشتىكى تەشەببۇسى بىلەن ئازراق تونۇشۇپ ئۆتىمىز.

 

Blue Skies – Daveed

 

تەربىيەلەش ۋە نۇرغۇنلىغان بالىلارنى زىيارەت قىلىش جەريانىدىكى تەجىربىلىرىمدىن شۇنداق يەكۈن چىقاردىمكى،  ئادەتتە ئوغۇللارنىڭ روھىيەت دۇنياسى كۈچلۈكرەك، قىزلارنىڭ ئەمەلى، رىئالىنىي دۇنياغا تەلپۈنىشى كۈچلۈكرەك بولىدىكەن.

يەنى، بۇ دىگەنلىك ئوغۇللار ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش، كۈتكەن نىشانىغا يېتىش بىلەن خۇشاللىق تاپسا، قىزلار سوۋغات دىگەندەك ئەمەلىي، تۇتقىلى، كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىلەر بىلەن بەكرەك خۇشال بولالايدىكەن.

لېكىن، بۇ ھەرگىزمۇ ئوغۇللارغا ئارزۇ – ئۈمىد بېغىشلاش، قىزلارنى ماددى بويۇم بىلەن خۇش قىلىش كېرەك دىگەنلىك ئەمەس جۇمۇ!

يەنى، ئەزەلدىن يېڭىلىشنى ياقتۇرمايدىغان، تەۋەككۇلچى ئوغۇللارغا سەل قىيىنراق بولغان نىشان تىكلىشىگە ياردەم قىلىپ «بۇ سەل قىيىنغۇ دەيمەن؟!» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن بالىنىڭ سىناپ بېقىشى ئۈچۈن ئوت يېقىپ بەرسەك ئۈنۈملۈك بولىدۇ.

ھالبۇكى، قىزلارغا نىسبەتەن بەخىتلىك بىر تۇرمۇشتا ياشىيالايدىغان قىزنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن گۈزەللىكنى ھېس قىلالايدىغان، گۈزەللىككە تەلپۈنىدىغان، گۈزەللىك يارىتالايدىغان قىزلارغا خاس تۇيغۇلارنى يېتىلدۈرۈش كېرەك،- دەپ قارايمەن.

مەسلەن، مۇزىكا سىزىمى ياخشى قىزلارغا پىئانىنو، ئىسكىرىپكا ئۆگىتىش، تورت پۇشۇرۇشلارغا ھەۋىسى بار قىزلار ئۈچۈن دادا ھەمراھ بولۇپ بىرلىكتە پۇشۇرۇقلار دەرسخانىلىرىغا قاتنىشىش، گۈل – گىياھلارنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلار بولسا دادا – بالا بىرلىشىپ بالكون، ھويلىلاردا پەسىللىك گۈللەرنى يېتىشتۈرۈش دىگەندەك ئىشلار ئارقىلىقمۇ قىزلارنىڭ گۈزەللىك تۇيغۇلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە بولىدۇ. قىزىڭىزنىڭ قەلبىدىكى دادىلىق تەسىرنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلىتاي دەپ ئويلىسىڭىز قىزىڭىزنى ھەقىقى، رىئالنى نەرسىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇش پۇرسىتىنى كۆپەيتىپ بېرشىڭىزنى ھەم تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  1. پەن – تېخنىكا، گۈزەل – سەنئەت مۇزىيخانىلىرى، ھايۋاناتلار باغچىسى، سۇ ئاستى ھايۋاناتلار باغچىلىرىغا ئاپىرىش.
  2. ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى مەنزىرىسى گۈزەل، دەل – دەرەخ، گۈللەر بىلەن بېزەلگەن چىرايلىق باغچىلارغا بىللە بېرىش.
  3. باھار پەسلىدىكى گۈزەل نورۇز گۈللىرى، كۈزنىڭ ھەرخىل رەڭدە بېزەلگەن يوپۇرماقلىرى دىگەندەك پەسىللەرنىڭ ئۆزگىچە گۈزەللىكىنى ھىس قىلدۇرىدىغان جايلارغا ئائىلە بويىچە بېرىپ تەبىئەتنىڭ مۆجىزە كەبى گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىش.
  4. مەھەللە، رايۇنلارنىڭ بايراملىرىغا قاتنىشىش. (بىزغۇ ھەر يىلى ياپونلارنىڭ بون ئودورىسىنى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ بىللە ئوينىشىپ بىرىمىز تېخى!😁)
  5. دۆلەت ئىچىدىكى مەشھۇر قەدىمى جايلارنى كۆرسىتىش، دېڭىزلار، تاغلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇش(بىزنىڭ بالىلارغا نىسبەتەن ئامال بار ئۆز مەدەنىيىتىمىز، تارىخىمىز بىلەن ئۇچىرىشىدىغان پۇرسەتلەرنى يارىتىش، ھەر كىمنىڭ ئەسلى كىملىكى بىلەن ھەقىقى گۈزەللىككە يىتەلەيدىغانلىقىدەك ئىددىيەنى سىڭدۈرۈش).
  6. شارائىت يار بەرسە چەتئەل ساياھىتى قىلىپ يات مەدەنىيەت بىلەن ئۇچراشتۇرۇش، دۇنيانىڭ كەڭرىلىكى، ئىنسانلارنىڭ خىلمۇ خ- خىللىقىنى بىلدۈرۈش.
  7. دادا بىلەن قىز بىرلىكتە تاماق ئېتىپ چىرايلىق بېزەشنى سىناپ بېقىش.(دېمىسىمۇ تاماقنىڭ تەمىلا ئەمەس، كۆرۈنىشىمۇ مۇھىمغۇ؟ تاماق ئېتىشمۇ قىزلار بىلىشكە تېگىشلىك بىر سەنئەت💚)
  8. ئۇنىڭدىن باشقا، پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنمۇ كۆرسىتىش، باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئستىكىنى ئويغىتىش.

مانا مۇشۇنداق ھەممىلا ئادەم ئالدىراشچىلىق، تۇرمۇشنىڭ يۈكى بېسىۋالغان بىر دەۋىردە قىزلارنىڭ تەربىيەسى ۋە قىزلارغا خاس گۈزەللىك تۇيغۇلىرىنى يېتىلدۈرۈش، مۇنەۋۋەر بىر قىز بولۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن باش قاتۇرۇش تاشلىنىپ قالسا بولماس، ئامال بار دادىلار قىزى بىلەن بىرلىكتە مانا مۇشۇنداق گۈزەل ۋاقىت پۇرسىتىنى يارىتىشقا تېرىشىپ باقايلى.

ئەسكەرتىش: يۇقارقىسى بىر مائارىپشۇناس دادا تەرىپىدىن يېزىلغان كىتاب، شۇڭا، يازمىدىكى تەشەببۇسلار دادىلىق مەسئۇلىيەتنى بەكرەك تەكىتلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان،  يەنى، بۇ دىگەنلىك ھەرگىزمۇ يۇقارقى مەقسەت پەقەت دادا ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ- دېگەنلىك ئەمەس، بىز بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزغا ماسلاشقۇدەك ئۇيغۇن يوللارنى ئىزدىنىپ باقساق، مەيلى دادا مەيلى ئاپىلار بولسۇن ئۆزىمىز قىلالايدىغان دائىرىدە تېرىشىپ باقساق بولىدۇ.

 

**************************

پايدىلانغان مەنبە:

女の子が幸せに育つパパの習慣

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...