ئۆزىنى سۆيۈشنىڭ بەش خىل ئۇسۇلى

1,543 قېتىم ئوقۇلدى

بۇدۇنيادا سىز ئۇچىرىتىشقا تېگىشلىك بىرى بار! ھەر دائىم ئەڭ چۇڭقۇر تۇيغۇلىرىڭىزغا ھەمراھ بولىدىغان، ھەر قانچە خاتالىق ئۆتكۈزسىڭىزمۇ كەچۈرۋىتەلەيدىغان، سىزگە دۇنيادىكى ئەڭ يېقىملىق سۆزلەربىلەن ئىشەنچ بىرەلەيدىغان، سىزنى ئەڭ چۈشىنىدىغان بىرى بار، شۇ قەدىرلىكىڭىزنى ئۇچراتتىڭىزمۇ؟ توغرا ئادەم، توغرا ئورۇن، توغرا يول دىگەن نېمە؟

بۈگۈن بىز تولا ئاڭلاپ كونىراپ قالغان ”ئۆزىنى سۆيۈش“ ھەققىدە يېڭىچە بىر نوقتىدىن ئويلىنىپ كۆرەيلى.

もし君を許せたら- 家入レオ

 

(1)

ئۆزىڭىزگە ئىجابى سۆزلەرنى سۆزلەپ بېرىڭ

ئۆزىگە قانداق ھالەتتە سۆزلەش، قانداق سۆزلەرنى ئىشلىتىشمۇ بەكلا موھىم، ئىشىنەمسىز؟ئەگەر داۋاملىق ئۆزىڭىزنى ئەيىپلەيدىغان سۆزلەرنى قىلسىڭىز كەيپىياتىڭىز تېخىمۇ بۇزۇلىدۇ، يەنە بىر قەدەم ئالغۇدەك ماغدۇرىڭىزمۇ قالمايدۇ.

ئۆزىڭىزگە قاتتىق مۇئامىلە قىلغاندا، ئۆسۈپ-يېتىلىش يولىڭىز توسۇلىدۇ. مۇنداق ئويلاڭ، ئادەم ئۆزىنىڭ ئارتۇق تەرەپلىرىنى كۆرۈشنى بىلىش، ياخشى تەرەپلىرىدىن قانائەتلىنىش بىلەن بىرگە يەنە ئانچە –مۇنچە كام تەرەپلىرىنىمۇ قوبۇل قىلىشنىمۇ بىلىشى كىرەك، يەنى، ئارتۇقچىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كىرەك.

بەك مۇكەممەللىك قوغلىشىش –ئادەم ئەمەس باشقا بىر نەرسىگە ئايلىنىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن باراۋەر.

تەڭرى بەرگەن، ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىش- روھىمىزغا تىنچلىق بەرسە، ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىش- جاسارەت ھېسابلىنىدۇ.

 

(2)

روھ بىلەن تەننى ئوخشاشلا ئاسراش

تەن ۋە روھنى ھەرگىزمۇ ئايرىپ مۇئامىلە قىلغىلى بولمايدۇ. بىرسىگە قىلىنغان ياخشىلىق يەنە بىرى ئۈچۈنمۇ پايدىلىقتۇر. يەنى، بەدەننىمۇ، روھنىمۇ ئوخشاشلا ئاسىرىغاندا بىر پۈتۈن بەخىتكە ئېرىىشكەن بولىمىز. بۇ يەردە  مۇنداق بىر شەخسى كۆز قارىشىمنىمۇ تىلغا ئېلىشنى لايىق كۆردۈم. بىز بۇرۇن ئوقۇغان بەزى كىتابلاردىكى دەم ئېلىشنىمۇ، ئادىمىيلىكتىكى راھەت ۋە ھوزۇرنىمۇ چەتكە قاقىدىغان زىيادە مۇكەممەللىك قوغلىشىدىغان ئوبرازلار ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئېڭىمىزغا خاتا بۇرمىلانغان ئىددىيەلەرنى تارقاتقابن دەپ قارايمەن.( بۇ توغۇرلۇق كېيىنچە تەپسىلى توختىلىپ قىلىشىم مۇمكىن)

توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتى، يىتەرلىك ئۇخلاش، بەدەن چىنىقتۇرۇش، يېقىملىق مۇزىكىلارنى تىڭشاش، گۈزەل تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىش، قىممەتلىك ئادىمىڭىز بىلەن شام يورۇقىدا كەچلىك تاماقنى بىللە يېيىش..قاتارلىقلار چوقۇم كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلايدۇ. شۇڭا، تەن ۋە روھىڭىزغا پايدىلىق ئاكىتىپ بولغان قىزىقىشنى، گۈزەللىك قارىشىنى يېتىلىدۈرۈڭ ھەم سىناپ كۆرۈڭ.

(3)

خاتالىقلىرىڭىزنى“ ئۆگىنىش پۇرسىتىم“ دەپ بىلىڭ

خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، ئۆزىنى جازالاشنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق!( كەمىنىنىڭ بۇرۇن خاتالىق ئۆتكۈزسەم ئۆزۈمنى جازالاشنىڭ بىر قاتار تەدبىرلىرى بولىدىغانتى😓) ھاياتلىقتا خاتالاشمايدىغان ئادەم بولمايدۇ، بۇنى، ھاياتلىقنىڭ نورمال بىر قىسمى دەپ قاراڭ. ھەرقانداق خاتالىققا مەلۇم ساۋاق ۋە ئىشلارنى باشقىچە يولدا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۆگىنىش پۇرسىتى يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

يەنى، ئۆزىنى سۆيۈش دېگىنىمىز- يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا، خاتالىقلىرىدىن ئۆگىنىش، خاتالىقلىرى ئىچىگە يوشۇرۇنغان ساۋاقنى تېپىپ چىقىش، ئۆزىنى كەچۈرىۋىتىشنى بىلىش دىمەكتۇر.

(4)

زىددىيەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۇنتۇپ كېتىش

زىددىيەتلىك ئۇچۇر دېگىنىمىز ماختاشنىمۇ، تەنقىدمۇ بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولىدىغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەن كىشىلەردە بۇ خىل ھالەت كۆپ تەكرارلىنىدۇ. مەسلەن،“ بەك ياخشى بولدى، لېكىن، بەك كۆپ ۋاقىت كېتىپ قالدى“ دىگەندەك كاللىدىكى زىددىيەتلىك ئۇچۇرلاردۇر.

مانا مۇشۇنداق كاللىمىزدا زىددىيەتلىك ئۇچۇرلار شەكىللەنگەندە، كۆپ ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا كاللىمىزنى ئۆزىمىزنى ماختىغان تەرەپكە بىرەيلى،يەنە مەسلەن: “ خىزمىتىمدىن بەكلا مەمنۇنمەن!“ دىگەندەك.

 

(5)

توغرا ئورۇن، توغرا ئادەم، توغرا ئىش

 

توغرا ئورۇن – روھىڭىز تىنىچلانغان، ياشاش قىزغىنلىقىڭىز ۋە خۇشاللىقىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىگەن ئورۇندۇر. يەنى تەبىئەتنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۈچۈن تاغلار، دېڭىز، باغچا دىگەندەك، بەزىلەر ئۈچۈن كۈتۈپخانا، قەھۋەخانا، ياكى ئۆي دىگەندەك.ئۆي دىگەنمۇ بەك ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ ئەڭ موھىمى قولايلىق ۋە ئۆزىڭىزگە راھەت بېغىشلىغۇدەك بولسىلا بولدى، ئۆيىڭىز رەتلىك پاكىز بولسا، تۇرمۇشىڭىزمۇ رەتكە چۈشىدۇ.

توغرا ئادەم – ئۇ ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقى روھىڭىزغا تىنىچلىق ۋە كۈچ بىرەلىگەن ئادەملەر.

بۇ خىل سىزگە خۇشاللىق ۋە روھى تىنىچلىق بىرەلىگەن كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قىلىپ، تۇيغۇلىرىڭىزنى خوراتقان كىشىدىن ۋە كىشىلىك مۇناسۋەتتىن يىراق تۇرۇڭ.

توغرا ئىش – كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى روھى بىسىملارنى بىر تەرەپ قىلغۇدەك كۈچ ئاتا قىلىدۇ. ياخشى بولغان بىرەر كىتابنى ئوقۇش، كىنو كۆرۈش، بىرەر تەنتەربىيە تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىش، ئارام ئالغۇسى كەلگەندە ئارام ئېلىش دىگەندەك.

مانا بۇلار ئۆزىنى سۆيۈشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىشنىڭ ئاساسى. ئۆزىنى بېغىشلاش، ئۆزىنى قوغداش، ئاسراش، ئۆزىنى موھىم بىلىش – ھېسسىي جەھەتتىكى ساغلاملىق ئۈچۈن كام بولسا بولمايدۇ. بۇ بەخىتلىك ھاياتنى قۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاساسى ئۇسۇلى.

 

ۋاقتىمىز توشقاندا روھىمىزمۇ تەندىن ئايرىلىدىغان، ھامان ئايرىلىشلار بىلەن تولغان بۇ رەھىمىسز دۇنيادا ئۆز-ئۆزىڭىزنىڭ قەھرىمانى بولۇڭ، بۇ دۇنيادا ئالدى بىلەن ئەڭ ياخشى ئۆتۈشكە تېگىشلىك، ئۇچراشقۇڭىز بار ئادەم ئۆزىڭىز بولۇڭ، قەدىرلىك ئۆزىڭىزنى سەمىمىيلىك ۋە مۇھەببەت بىلەن چىڭ قۇچاقلاڭ!

 

*************************************

مەنبە: ”قەلبنى قېزىش“ ناملىق ياپونچە تور بەت

ئۆزلەشتۈرگۈچى: رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...
  1. سەھەرلىك چېنىقىشىمدا بۇقۇرلارنى ئوقۇپ، بەدىنىم بىلەن تەڭ روھىممۇ قۇۋۋەتكە تولۇپ تاشتى. كۆپ رەھمەت. داۋاملىق چېنىقاي، خەير

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئۆزىنى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى