بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇنۇ ئىشلىرىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ!

3,448 قېتىم ئوقۇلدى

ھەرقانداق ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىنىڭ قەلبىدە ئەڭ  گۈزەل بالىلىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغۇسى كېلىدۇ. كەلگۈسىدە بەخىتلىك، قالتىس بىر ئادەم بولىشنى  ئۈمىد قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ پەقەت كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد خالاس! ئاشۇنداق بىر كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن ھازىر قانداق بىر كۆچەتنى تىكىش ھەم يەنە نۇرغۇنلىغان جەريان، ئەجىرلەركېتىدۇ، ئەلۋەتتە!

ئىنساننىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا  ئەڭ مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيدىغان، پۈتكۈل ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، كىيىنكى ھاياتىدا سۈزۈك روھ ۋە گۈزەل قەلب بىلەن ياشاشنىڭ ھۇلى سېلىنىدىغىنى  دەل بالىلىق مەزگىل بولۇپ، بالىلار ئاتا-ئانىنىڭ تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك ئىشىنى بىر ئۆمۈر ئۇنتالمايدىكەن.

 

Itsumo Nando Demo- Erutan

 

(1)

دادا بىلەن ئاپىسىنىڭ مۇناسىۋىتى

دادا بىلەن ئاپىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بولۇشى بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىنكى مۇھەببەت-نىكاھ مەسىللىرىدە ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا قارشى تەرەپكە مۇئامىلە قىلىشىدا ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. (شۇڭا، بىزدىمۇ نىكاھتىن بۇرۇن ئائىلە نەسەبىنى سۈرۈشتۈرۈدىغان ئىشلار بارغۇ؟ قارشى تەرەپنىڭ ئۆيى، بايلىقى، جەمئىيەتتىكى ئورنى ئەمەس، ئائىلە مۇناسىۋىتىنى، بالىلىقتىكى ئۆسۈپ-يېتىلىش مۇھىتىنى بىلىپ بېقىش مۇھىم)

ئەر-ئايال ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بولغاندا، نوقۇل ھالدا ئۆزلىرىنىلا ئويلاپ بالىلارنىڭ ئالدىدا ئۇرۇش-جىدەل كۆپ بولغاندا، بۇنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى ئېغىر بولىدۇ. بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆسۈپ-يېتىلگەن مۇھىتنىڭ تەسىرىدە مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال كۆرۈلۈشى مۇمكىن. يەنى، سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشتىن خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدىغان مۇھەببەتلىك ئادەم بولۇپ يېتىلىدۇ ياكى مۇھەببەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، ئۆزىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەيدىغان سوغۇق ئادەم بوپقالىدۇ. شۇڭا، تۇرمۇشتا ئەر-ئايال ئوتتۇرىسدا پەقەت زىددىيەت بولمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ، بىراق، بالىڭىزنى ھەقىقەتەن بەخىتلىك بولسۇن دىسىڭىز ئامال بار بۇ زىددىيەت، تالاش-تارتىشلىرىڭىزنى بالىڭىزنىڭ ئالدىدا قىلماڭ.

(2)

قوغدىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان پەيت

بالىلاردىكى قورقۇش تۇيغۇسى ھەقىقەتەنمۇ چوڭلارغا قارىغاندا كۈچلۈك بولىدۇ. رىئاللىق بىلەن تەسەۋۋۇرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ھەقىقەتەن پەرىقلەندۈرەلمەيدۇ. بالىلاردىكى ئېنىقسىز، نامەلۇم قورقۇنچلارغا تولغان ۋاقىتتا بالىلارغا نىسبەتەن ئىشەنچ ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى بېرەلەيدىغان بىردىنبىر ئادەم ئاتا-ئانىسىدۇر. ئەگەر، بۇ قورقۇنچ ئاتا-ئانىدىن كەلگەن بولسا، بىچارە كىچىككىنە جاننىڭ پاناھلىنىدىغان باشقا يېرى بولسۇنمۇ؟ بالىلار قورققان ۋاقىتتا بالىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بېرەيلى. بالا مۇشۇنىڭلىق بىلەنمۇ “ ئەمدى قورققۇدەك ئىش يوق!“ دەپ تەشۋىشلىنىشتىن توختايدۇ، ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىمۇ بىخەتەرلىك، يېقىنلىق، مۇھەببەت ۋە ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەش تۇيغۇلىرى كۈچىيدۇ.

(3)

بالىلار چۈشىنىدىغان مۇھەببەت

بالىلار ئۈچۈن سىزنىڭ بالىڭىزنى ياخشى مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن پالاقشىپ توختىماي ئىشىلىشىڭىز مەڭگۈ چۈشىنەلمەيدىغان مۇھەببەت ھىسابلىنىدۇ! ئۇلارغا كۆپرەك ۋاقتىڭىزنى بىرىشىڭىز، بالىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا كىرىشىڭىز ئۇلار ئۈچۈن مۇھەببەت ھېسابلىندۇ! چۈنكى، بالىلار بىنەپشىرەڭلىك مايكىغا مۇھتاج بولغاندا، يېشىل رەڭلىكىنى ئېلىپ بەرگەنلىكىڭىزنى، بالىڭىزغا بەرگەن ۋەدىڭىزنى ئۇنۇتقانلىرىڭىزنى ھەرگىزمۇ ئۇنۇتمايدۇ! بالىلار ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ھېچنىمە ئەمەس دەپ چۈشىنىپ قالغاندا، بالىلىق قەلبى ئېغىر يارلىنىدۇ.

(4)

بالىلار ئۆمۈرۋايەت ئۇنتالمايدىغان بالىلىق ئەسلىمىدىن بىرى- بالىلىق مەزگىلىدىكى خورلىنىش

بىر رىئالنى ھەقىقەت باركى، دۇنيادا مۇكەممەل ئاتا-ئانا ۋە مۇكەممەل بولغان ئانا-بالىلىق مۇناسىۋەت بولمايدۇ، ئاتا-ئانىلار بىلەن بالا ئوتتۇرىسدائانچە-مۇنچە توقۇنۇش بولۇپ قېلىش ناھايتى نورمال ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، بۇ توقۇنۇشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسلىسى ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئاسمان-زىمىن تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەپسۇس! كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بۇ خىل توقۇنۇشلارنى زوراۋانلىق يولى بىلەن ھەل قىلىدۇ. بالىلارنى قورقۇتۇش ئارقىلىق باشقۇرماقچى بولىشىدۇ، بۇ خىل ھالەت داۋاملىشىۋەرسە ئەسلىدىلا نازۇك، ئىنچىكە بالىلىق قەلب بارغانسىرى ھېسسىزلىشىدۇ، بالا بارغانسىرى سوغۇق، قوپال ئادەم بوپقالىدۇ.

(5)

ئائىلىنىڭ ۋاقتى

ئائىلە جەم بولۇپ ھېيت-بايرام، خاتىرە كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن دەملەر بالىلارنىڭ بالىلىق قەلبىدە ئىللىق، مۇھەببەتلىك ئەسلىمە سۈپىتىدە ئورناپ قالىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ ئائىلىنى مۇھىم بىلىشىلىرى ئارقىلىق بالىلارمۇ مۇھەببەتنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆگىنىدۇ. بۇ خىل مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلار كېيىنچە ئاتا-ئانىغىمۇ مىھرىبان، سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش ئىچىدە مۇھەببەتلىك ئادەم بولىدۇ.

پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت يازمىلىرىمنى، بالىلار ناخشىلىرىنى سېغىنىپ قالدىم! شۇڭا، بۈگۈن ئاتا-ئانىلىق مەسئۇلىيتىمىزنى، كۆز ئالدىمىزدىكى گۆھەرلىرىمىزگە قانداق نەزەردە قارىشىمىز كېرەكلىكىنى  ئەسكەرتىدىغان ئۇشبۇ تېمىنى تەييارلىدىم. بىلوگىمدىكى مەيلى پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت يازمىلار بولسۇن، مەيلى تۇرمۇش، ھايات كارتىنىلىرى بولسۇن، بەك سىز ۋە مەن قىلالمايدىغان قۇرۇق دەبدەبىلەر يوق. بىز ھىچقاچان مۇكەممەل بولالمىغان، پەقەت تىرىشىۋاتقانلىقىمىزنىڭ ئۆزىلا قالتىس مۇكەممەللىك، تىرىشايلى، مەيلى بۇ تىرىشچانلىقلىرىمىز بەك ئاز، بەك كىچىك بولسىمۇ~ 🌻

 

**************************

پايدىلانغان مەنبە: «قەلب قېزىش» ناملىق ياپونچە پىسخولوگ تور بېتى

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىلار

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى