سىز قانچە ياش؟

2,135 قېتىم ئوقۇلدى

– سىز قانچە ياش؟

-ھىم، بۇ سۇئالغا ئالدى بىلەن مۇئەللىمىڭلار جاۋاب بىرىپ باقسۇن ھە؟

_مەن بۈگۈن بەش ياش!

_ ياق، مۇئەللىم 4 ياش!

-ھا ھا ھا…راست، 4 ياش!

-ياق، مۇئەللىم بىزدىن چوڭ بولغانكىن 5 ياش!

ۋاي كۈلمەڭ، دەرس ئۆتۈش قوللانمىمىزنىڭ سىنارىيەسى مۇشۇنداقراق! بالىلاربىلەن ئوخشاشراق ياشنى دەيمىز.🤢بەلكىم، بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلار بىلەن ئوخشاش ھىسياتتا تۇرۇپ دەرس ئۆتۈش تەلىپى ۋە بالىلارنىڭ پىسخىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. يامان يېرى بۇ ئەخمەق كىچىكلەر بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ دىسە!😜

مانا مۇشۇنداق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارىسدا ھەقىقەتەن ئۆزىنى شۇ ياشلىق بالىلىقىغا قايتىپ قالغاندەك ھېس قىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تۇيغۇلاردا بىرلىشىپ كېتىدىغان، تولاچاغلاردا خاتىرسىنى يوقاتقان ئادەمدەك  يېشىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان، بىرەر ئانكىت تولدۇرۇش توغرا كەلسىمۇ تۇغۇلغان يىلى بىلەن ھازىرقى يىلنى قايتا ئەسكە ئېلىپ بارمىقىنى چىقىرىپ ھىسابلايدىغان پېقىر«ياش» ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم.

قايسى كۈنى ئۆزۈم ئامراق ياپونچە تور بەتنى ۋاراقلاۋىتىپ مۇنداق بىر جۈملىنى ئۇچىرىتىپ قالدىم: ئادەم قايسى يېشىدا ئەڭ چاقنىغان مەزگىلى بولسا شۇ يېشىدا بىر ئۆمۈر ياشىيالايدۇ!

18 ياش؟! ياق! مەن ئۆزۈمنىڭ 18 يېشىمنى ئانچە ياقتۇرمايمەن، 23 ياش!

خوش، ئۇنداقتا سىز قانچە ياش؟ قانچە يېشىڭىزدا ياشاۋاتىسىز؟

 

Historia De Un Amor – Instrumental Piano

 

دۇنيانىڭ كۆزىدە  ئاياللار گۈزەللىكنىڭ ئوبرازى بولغان ئودرې ھەپېرنمۇ ياشلىقىنى ساقلاپ قالالمىغان، ئاقارغان چاچلىرىنى بوياپ ئۆزىنى ياش كۆرسىتىشكە تىرىشمىغان. بىراق،  ئۇنىڭ گۈزەللىكى ھازىرقى دەۋىردىمۇ قىززىق نوقتىلىق تېما بولۇپ كەلگەن. شۇنداق! دۇنيادا قېرىمايدىغان بىرمۇ گۈزەل قىز، بىرمۇ سۇمباتلىق يىگىت بولمايدۇ! بىراق، گۈزەللىكنى بارغانسىرى يۇقىرىلىتىشقا بولىدۇ. ئۆزىنى تەربىيلەشنى بىلىدىغان 30 ياشلاردىكى ئاياللاردىكى گۈزەللىك ۋە جەلىپكارلىق20ياشلىق قىزلاردىن  ئېشىپ كېتىدۇ! 70 ياشلىق مەزگىلى  قايسى كۈنى تېلۋىزوردا چىققان 70 نەچچە ياشلىق مومايدەك 40 يېشىدىن تېخىمۇ پېشىپ يېتىلگەن ئىچكى گۈزەللىك ئادەمنى ئىختىيارسىز قايىل قىلىدىغان تاشقى گۈزەللىكنى بەرپا قىلىدۇ!  دىمەك، سەممىيلىك بىلەن دەۋەتكەندە، مەڭگۈ 18 ياش مۈمكىن ئەمەس! قېرىماسلىقنى تاللىيالمىغىنىمىز بىلەن قېرىشنى كېچىكتۈرۈشنى  تاللىيالايمىز! قورۇقسىز موماي بولۇشنى تاللىيالمىغان بىلەن قورۇقمۇ گۈزەللىك بېغىشلىيالايدىغان  بارغانسىرى گۈزەللىشىشنى تاللىيالايمىز!

 

ياپونغا يېڭى كەلگەن چاغلىرىمدىكى تۇنجى قېتىملىق ياپون تىلى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرگىنى ئېسىمدە.

بىر كۈنى مېتىرودا بىرسى ئۇنىڭغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىپتۇ، ئوقۇتقۇچۇم يېرىم خۇشال يېرىم كۆڭلى يېرىم بوپتۇ. خۇشال بولغىنى باشقىلارنىڭ ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ئورۇن بوشىتىپ بېرىشى بولسا، كۆڭلى يېرىم بولغىنى قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى قېرى چاغلىغىنى ئىكەن! مەنمۇ يېڭى كەلگەن مەگىللەردە  ئىشلىگەن قولاي ماگىزىندىكى مۈكچىيىپ قالغان بىر خېرىدارىم بوۋاينى «بوۋا» دىگىنىمدە بوۋاينىڭ خالىمىغان شۇ چىرايى ئىسىمدە بولغاچ، ھازىرمۇ تۆت ياشلىق ئىستەمىنى بوۋاي دەۋالغىنىم بىلەن 80-90 ياشلىق ياپونلارنى ئالدىدا ئۇنداق ئاتاشتىن ئىھتىيات قىلىدىغان بولدۇم!🤐 (لېكىنزە، ئادەتتە ئامراقمەن بوۋاي -موماي دىيىشكە!🤑)

ياپون جەمئىيىتىدە يىگىرمە نەچچە يېشىدىلا ئىككى – ئۈچ بالىنىڭ ئاپىسى بولۇپ بولىدىغانلار، 60 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ توي قىلمايدىغان ياكى بالىلىق بولمايدىغانلار، 40 نەچچە ياشلىرىدا تۇنجى بوۋىقىنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغانلار نورمال بولغانلىقى ئۈچۈن،  50 دىن ئاشقان ئايال باشلىقىمنىڭ تېخىچە توي قىلغان – قىلمىغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن تېخىچە يالغۇز ياشايدىغانلىقىنى، بالىسى يوقلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيمەن ھەم سورىيالمايمەن! يىللار شۇنى بىلدۈردىكى، ئۆزىنىڭ ياشلىقىدا ياشاۋاتقان بىرسىگە ياشانغانلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىش، 20 يېشىدا ياشاۋاتقان بىرسىگە 60 ياشلىققا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىش ئەدەبسىزلىك، بارغانسىرى پىسخىكا يېشى كىچىكلەۋاتقان بۇ دۇنيادا  قارشى تەرەپنىڭ كۆڭۈل يېشىغا، شەخسىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش ئەقەللى ئۇقۇم ئىدى! شۇ ئەمەسمۇ، ئۆزىمىزنىڭ ھەم قارشى تەرەپنىڭ ئەمەلىي يېشى بىلەن روھىنى رامكىغا سېلىۋىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ-ھە؟!

تۇيغۇلىرىم، بالىلىق شادلىقىمدىن ئالتە ياشلىق بالىمەن. قەلبىم، ئازابلىرىمنىڭ چوڭقۇر ھاڭلىرىدا بەئەينى80ياشلىق مومايمەن!

ئەينەككە قارىغاندىكى كۈلۈمسىرىگەن چىرايىم، يۈرىكىمدە تېخىچە يالقۇنجاۋاتقان غايىلىرىم، ھېچبىر ئۆزگەرمىگەن تىرىشچانلىقىم بىلەن 20 ياشلىق قىزچاق بولسام، يامغۇردا قالغان گۈلۈمدىن خۇددى  بالامدىن ئەنسىرىگەندەك ئەنسىرەشلىرىم، ھېرىپ كەتسەممۇ ئانىلىقتىن، ئاياللىقتىن، قازان بىشىدىن ۋاز كەچمەيدىغان مەسئۇلىيىتىم ئالدىدا  بالىسغا بەرگەن ھەقسىز ئازارى ئۈچۈن بارچە قۇربانلىقلىرىنى ئۇنتۇپ  كېچىسى ئويغۇنۇپ ياش تۆكىدىغان، كۆيىۋاتقان 30 دىن ھالقىغان ئانىمەن!

تېخى قايسى كۈنىلا 30 ياشلىقلارنىڭ مودا كىيىم ژورنىلىنى قولۇمغا ئېلىپ بولۇپ،«30 ياشقا تېخى يەنە ئىككى يىل تۇرسا …» دەپ ئۇ ژورنالنى ۋاراقلاشتىن ۋاز كەچكەنىدىم. مانا ھازىر مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك ياپونلۇق چىرايلىق ئوقۇتقۇچى قىزغا ئوخشاش باشقىلار يېشىمنى سورىسا جاۋاب بەرگۈم كەلمەس بولدى!

ئالى مەكتەپنى ئۇياقتىن پۈتتۈرۈپ بۇ ياقتىن ئۆگىنىش ئۆتمۈشكە ئايلنىپ كەتكەن، 30ياشتىن ھالقىپلا ئۆزىنى قېرىغا چىقىرىپ پۈتۈن ئارزۇ – ئارمانلىرىنى بالىلىرىغا، ئۆي – ماشىنا، نوركىلارغىلا ئارتىپ قويىدىغان پاراڭلار ماڭا تېتىمايتتى! بەك سەمىمىيلىك بىلەن دىسەم ھەممە ئادەم مەدھىيلەيدىغان 18يېشىم بىلەن ئانچە خوشۇم يوق ئىدى. چۈنكى، ئۇ چاغلاردا بەكمۇ پىرىنسىپچى، ئۆزۈمگە ھەم باشقىلارغا بەكمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇپ قىينايدىغانلاردىن ئىدىم. ئۆزۈمنىڭ 18يېشىمغا قارىغاندا 23 يېشىمنى ياخشى كۆرىمەن ھەم ئۆزۈمنى شۇ يېشىمدا توختاپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن! 10يىل بۇرۇنقى ئۆزۈمگە قارىغاندا ھازىرقى ئۆزۈمنى تېخىمۇ سۆيىمەن!

 

كېلەر قېتىم ئودرې خانقىزنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلاپ باقامدۇق؟ ھە-راست، تىرىشچانلىقىڭىز، ئارزۇ -ھەۋەسلىرىڭىزنى يېشىڭىزنىڭ سان -سېفىرلىرى بىلەن چۈشەكەپ قويماسلىقنى، ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېشنى ماڭا دەپ بېرىشنى،  ئەڭ موھىمى شۇ يېشىڭىزدا ياشاشنى ئۇنۇتماڭ -ھە؟ !✨❤️

 

***************************

رەيھان ئابلەت

2019.04.25

تارقىتىڭ...
  1. ئەمىليەتچىل چىن يىزىپسىز ،يازمىلىرىڭىز شۇنچىلىك ئادەمنىڭ ھاردىقىنى چىقاردۇ… ھەممە ئادەم ئۆزنىڭ ھازىرقى ۋاقتىنى قەدىرلىشى كىرەك دەپ قارايمەن..سىزنىڭچە..؟
    چارچىماڭ.☕️

  2. خىلى بۇرۇن يىزىپتىكەنسىز لىكىن يولىماپتىكەنسىز… يوقاپ كەتسىڭىز يازمامدىكىن دەپتۇق… دەيمە..

  3. يولدۇشممۇ دائىم ئۆزىنىڭ قىرىق يېشىنى پەقەت تەن ئاممايدۇ ، ئەمدى 26 گە كىرگەن تۇرسام دەپ تۇرۇپلاۋالىدۇ ، نىمىشقا باشقا تېخىمۇ كىچىك سانلارنى دىمەيدىغاندۇ دەپ ئويلاپمۇ قالغان ، ئەمدى تىگىگە يەتتىم .

  4. ئويلاپ باقسام ، مەنمۇ ئۆزەمنىڭ 23 يىشىنى بەك ياخشى كۆرىمەن.

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

سىز

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى