ئاتا -ئانىلىقمۇ چارچايدۇ!

2,139 قېتىم ئوقۇلدى

سىز بەلكىم بالىڭىزنىڭ ئالدىدا ئەزەلدىن كۆز يېشى قىلىپ باقمىغان، ئەزەلدىن ئاجىز تەرەپلىرىڭىزنى كۆرسىتىپ باقمىغان، بالىڭىز سىزنى دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل ئادەم دەپ قارايدىغان مۇنەۋۋەر بىر دادا!

سىز بەلكىم ھەر كۈن ھەر ۋاقىت بالىڭىزنى كۈلۈمسىرەپ باغرىڭىزغا باسالايدىغان، ئەزەلدىن ئاچچىقلىمايدىغان، ئۆزىڭىزدىن پەخىرلىنىدىغان قالتىس ھەم مىھرىبان بىر ئانا!

ھالبۇكى، مەن دادامنىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈپ باققان، دادامنىڭ ئاجىزلىقىنى-كەمچىللىكلىرىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاپ باققان، كۆرۈپ چوڭ بولغان، شۇنداقتىمۇ دادامنى شۇ سەۋەنلىكلىرى بىلەن قوشۇپ ياخشى كۆرىدىغان بالىمەن!

مەن ئانامنىڭ ئانا بولۇشتىن چارچىغان دەملىرىنىمۇ، ئۈنسىز بەدەللىرىنىمۇ، ئۈمىدسىز چىرايىنىمۇ، مۇھەببەتلىك كۆزلىرىنىمۇ، پەخىرلىك ئانىلىق ئۇچقۇنلىرىنىمۇ، ئازابلىرىنىمۇ كۆرۈپ چوڭ بولغان، يىللار ئۆتكەنسىرى ئانامنىڭ شۇ نازۇكلىقى ئىچىدىكى قۇدرەتنى، ئاجىزلىقى ئىچىدىكى نەقەدەر قەھرىمانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ھەم تېخىمۇ تونۇپ يېتىۋاتقان قىزمەن!

قىسقىسى، ئانام-داداملار مېنى تەربىيەلەش جەريانىدا چارچىغان، سەۋەنلىكلەردىن خالى بولالمىغان ۋاقىتلىرى بولغان! مەن ئۇلارنى ھەرگىزمۇ كەم-كۈتسىز پەرىشتە دەپ يالغاندىن تەرىپلىيەلمەيمەن! بىراق، ئۇلارئادىمىيلىك تۈرلۈك-تۈمەن ئۇسۇلدا سېنىلىدىغان بۇ ئالەمدە بىزنى مۇشۇنچىلىك قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك قۇربانلىق ۋە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى رىئاللىق ئالدىدىكى چارىسىزلىكىم، چارچاشلىرىم، ئاجىزلىقىم ئالدىدا تېخىمۇ چۈشىنىپ يېتىمەن. ئۈگەنگەنلىرىم، ئوقۇغانلىرىمنىڭ رىئاللىقتىكى تېڭىرقاشلىرىمدا ئەسقاتماي قالغانلىرىدا ئۇلارنىڭ بىزگە ئوخشاش ھېلى ياپون تىللىق، ھېلى ئىنگىلىزتىللىق كىتابلارنى ۋاراقلىماي تۇرۇپمۇ بىزنى مۇشۇنچىلىك چوڭ قىلالىغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنى تەسىقلايمەن!

قىسقىسى، ھەر بىر ئانىنىڭ، ھەر بىر دادىنىڭ ئاتا-ئانىلىقتىن چارچايدىغان، ئۆزىنى چارىسىز، ئاجىز ھېس قىلىدىغان، ھەتتا، ئۆزىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ قالىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ!

ياپوننىڭ پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت مەزمۇنلىرىنى ياقتۇرىشىمنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى – بۇ مەزمۇنلار سىزنىڭمۇ ئاجىزلىقتىن، كەمچىللىكتىن، چارىسىزلىقتىن خالى ئەمەس ئاددى بىر ئىنسان ئىكەنلىكىڭىزنى ئېتىراپ قىلىدۇ!  سىزنىڭ بىر سەۋەنلىكىڭىز ئۈچۈن بارچە تىرىشچانلىقىڭىزنى يوققا چىقىرىۋەتمەيدۇ، سىزگە قايتا يىنىك نەپەس ئالغۇدەك ئىشەنچ تۇيغۇسى بىرىدۇ!

Why –  ANNA RF

 

تۆۋەندىكىسى چارچىغان ئاتا -ئانىلار ئۈچۈن سۇنۇلغان ئۈزۈندىلەر:

 

(1)

親として、100点満点を目指さない。
ئاتا-ئانىلىقتا 100 نۇمۇرنى كۆزلىمەڭ.

 

(2)

子育てを通して、親も成長する。
بالىلارنى تەربىيەلەش جەريانىدا، ئاتا-ئانا بولغۇچىمۇ بىرلىكتە ئۆسۈپ-يېتىلىدۇ.

 

(3)

子育てに苦労した親ほど、後から子供に感謝される。
بالىلىرىنى چوڭ قىلىش جەريانىدا قانچىكى جاپا چەككەن ئاتا -ئانىلار كېيىنكى كۈنلەردە بالىلىرى تەرىپىدىن شۇنچىلىك مىننەتدارلىققا ئېرىشىدۇ.

 

(4)

何でも親がしない、できる範囲は、子供に自分でやってもらおう。

ھەممە ئىشنى ئاتا-ئانا بولغۇچى قىلىۋالماي، بالىلار ئۆزى قىلالايدىغان دائىرىدە ئۆزلىرىگە قىلدۇرۇش كېرەك.

 

(5)

子供の発達が遅くても、いらいらしない。
بالىنىڭ يېتىلىشى ئاستىراق بولسىمۇ جىددىيلەشمەڭ.

 

(6)

弱音を吐かないと、立派な親になれない。
ئۆزىڭىزگە يېنىكرەك نەپەس ئېلىش پۇرسىتى بەرمىسىڭىز قالتىس ئاتا-ئانىمۇ بولالمايسىز.

(7)

あなたの愛情こそ、子供を成長させる最高の栄養。
مىھىر-مۇھەببىتىڭىز بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدىكى ئەڭ قالتىس ئوزۇقلۇقتۇر.

 

(8)

子育てから開放される時間は、ないよりあったほうがいい。

بالا بېقىشتىن  ئانچە-مۇنچە ئازاد بولىدىغان ۋاقتىىڭىزنىڭ بولغىنى تۈزۈك.

(9)

子育ては、苦しむものではなく、楽しむもの。
بالا بېقىش جاپالىق جەريانلا بولماستىن يەنە كۆڭۈللۈك ئىشتۇر.

(ئەلۋەتتە، ئاشۇنداق كۆڭۈل ئازادىلىكنى تېپىش بەك موھىم)

(10)

子供の寝息は、癒しのメロディー。顔は、天使の表情。

بالىنىڭ ئۇخلاۋاتقاندىكى چىرايى بەئەينى پەرىشتىنىڭ قىياپىتى.
ئۇخلاۋاتقاندىكى نەپەسلىرى بەئەينى ئەڭ يىنىك، ئەڭ يېقىملىق مىلودىيە.

 

(11)

子供を笑わせるときは、親も子供に戻る時間。
بالىلارنى كۈلدۈرگەن ۋاقىت ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىمۇ بالىلىرى بىلەن بىللە بالىلىققا قايتقان گۈزەل دەملەردۇر.

 

(12)

子供は、喜びと感動を与えてくれる存在。
بالىلار ئىنسان قەلبىگە بىغۇبار خۇشاللىق ۋە ھاياجان ئاتا قىلغۇچىلاردۇر·

 

 

بۇلارنى يېزىۋىتىپ يېقىندىن بېرىقى شۇنچىلىك چارچاشلىرىم يېنىكلىگەندەك بولدى، بۇنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى سىزچۇ؟

دۇنيادا مۇكەممەل ئاتا-ئانا يوق، ئاتا-ئانىلار تاكى ئاخىرقى نەپسىگىچە بالىلىرى بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلگۈچى! ئۆزىڭىزگە بەك يۇقىرى تەلەپ قويىۋالماڭ، ئۆزىڭىزگە يېنىكرەك نەپەس بىرىڭ، ھېلىمۇ تىرىشۋاتىسىزغۇ؟!

 

***************************

ئەقلىيە سۆزلەر ياپونچە «يۈرەكنى لەرزىگە سالىدىغان سۆزلەر» تور بېتىدىن ئېلىندى.

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. چارچىغان قەلىبلىرىمىزگە خېلى تەسەللى بولدى. رەھمەت

  2. بەك ياخشى تىملارنى يىزىپسىز چارچىماڭ…☕️

  3. ماۋۇ سۈرەت بەك ئسىل سۈرەتكەن شۇنچىلىك تەبئى بەك ماسلىشىپتۇ…

  4. بەك ئىسىل يېزىپسىز ، مەزمۇننىڭ ياخشىلىقىدىن ئوقۇپ چۈكۈپلا كىتىپتىمەن ، قارسام بىر دەمدىلا تۈگەپ قالدى. قىسقا ئۈزۈندىلەرمۇ ئادەمگە ئالاھىدە روھى ئوزۇق بىغىشلايدىكەن.
    بۇ خاتىرىڭىزنى بىسىپ چىقىرۋىلىپ پات پات ئوقۇيمەن.
    مۇشۇنداق يازمىلىرىڭىز بولسا يەنە ئورتاقلىشارسىز!
    كۆپ رەھمەت !

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئاتا

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى