مۇنداق بىر چىغىر يول

1,353 قېتىم ئوقۇلدى

مۇنداق بىر چىغىر يول تېپىۋالدىم!

بۇ يولدا مۇزىكا ئاڭلىشىم ھاجەتسىز! چۈنكى، ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالىدىغان بەخىتلىك قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى، يۈزلىرىمنى، چاچلىرىمنى سىيپاپ ئۆتۈپ تۇرىدىغان غۇر-غۇر شامال ۋە دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ شېرىن شىۋىرلاشلىرى بار!

 مۇھەببەتلىك قوللار ئۆستۈرگەن گۈللەرنىڭ بەخىتلىك جىلۋىلىرى، كىشى دەسسىگۈسى كەلمەيدىغان ياۋا گۈللەر، يەرگە چۈشسىمۇ چەيلەنمەيدىغان غازاڭلار، تۆكۈلسىمۇ كىشىنىڭ ئېچىنغۇسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە ھاۋادا يېنىك لەيلەيدىغان چىچەك بەرگىلىرى، ئەسىرلەر بويى ئادەملەر ئۆز شەخسىيىتى ئۈچۈن سۇندۇرمىغان، كېسىپ يارىلارندۇرمىغان دەل-دەرەخلەرنىڭ تىنىچ گۈزەللىكى، قىسقىسى، مەن ئاددى قەلىمىم بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدىغان تەڭرىنىڭ ئاجايىپ سەنئىتىنىڭ نامايەندىلىرى، تېلفۇنۇمنىڭ ئاددى چەكلىك ئىقتىدارىدا سۈرەتلەپ بىرەلمەيدىغان ئاجايىپ گۈزەل رەڭلىرى بار!

 

The Sound Of Silence – Bandari

 

مۇنداق بىر چېغىر يول تېپىۋالدىم!

بۇ يولدا تەنتەربىيە كىيىمى كەيسەممۇ، چىرايلىق كىپىنەكتەك ياسانساممۇ بولىۋىرىدۇ! داۋاملىق دۈمبەمگە ئارتىۋالىدىغان سومكامنى ئېسىۋالساممۇ ۋە ياكى ماركىلىق سومكامنى كۆتۈرسەممۇ ئوخشاش!

تەنتەربىيە ئايىغىمنى كېيىۋىلىپ پىيادە ماڭساممۇ، ۋەلسىپتلىك يۈرسەممۇ ، ماشىنا ھەيدىسەممۇ ھېچقىسى يوق! بەرىبىر ئۇنى باھالايدىغان، ماڭا سىرتقى جابدۇقلىرىم بىلەن نۇمۇر قويىدىغان ئادەم يوق! ئەڭ مۇھىمى بۇ يەردىكى گۈزەللىكتىن ھوزۇر تاپالايدىغان يۈرىكىم بولسىلا، ئۆزۈم بولساملا كۇپايە!

مۇنداق  بىر چىغىر يول تېپىۋالدىم!

بىر پەس رىئال دۇنيانى، ۋاقىت ئۇقۇمىنى ئۇنتۇپ تۇرۇپ قالىدىغان، كۈندە ئۆزۈمنى قاچۇرساممۇ بەرىبىر يۇقۇپ تۇرىدىغان قەلبىمدىكى كىرلەرنى تازىلايدىغان، كىملىكىمدىن خۇدۇكسۈرىمەي تۇرۇپ ئۇچرىغان ھەر بىر ئادەمگە ئىنسانى كۈلۈمسىرەيدىغان، يول بويىدىكى مۈشۈكلەر، قاغىلار بىلەنمۇ ئۆز تىلىمدا سالاملىشىدىغان، ئۆلگەن، ئۆلىۋاتقان ئۈمىدلىرىم تىرىلىدىغان، ئارزۇلىرىم قايتا قانات قاقىدىغان، بالىلىق ئەسلىمىلىرىم يادىلىنىدىغان، ۋۇجۇدۇمدىكى بالىلىقىمدا يەنە بىر رەت ياشايدىغان، دۇنيانىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرى، مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەتلىرى چارچاتقان نېرۋىلىرىم تىنچلىنىدىغان، تۈنۈگۈنكى بارچە يارىلانغان تۇيغۇلۇرۇم پۈتۈنلىنىدىغان!

 

شۇنداق، بىر چىغىر يول تېپىۋالدىم!

*******************************

رەيھان

2019. 04. 18 سەھەر

 

تېلىفۇنۇمدا خاتىرىلەنگەن تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈنكى گۈزەللىكتىن بىر قانچە پارچە

 

 

تارقىتىڭ...
  1. ئۆزى ئاددى ئخچام ، تەسىرلىك ئەمەس يۇ…! لىكىن شۇنچىلىك لىرىكىلق خۇددى بىر موزىكانتلاردەك تۇيغۇ چىقىپ تۇردۇ…ۋە نازۇكلۇق ھەم….ئختيارسىز ئادەمنى باللىققا قايتۇردۇ…بۇ موزىكا ھەم ، بىز كىچكىمىزە ئاڭلايدىغان بىتخوۋىنىڭ بولسا كىرەك… !
    چارچىماڭ… راستىنى دىسەم كۈندە چىقارسىڭىز بۇنچىلىك تىتىماسمىكىن بۈلمەيمەن… لىكىن شۈنچىلىك مۇۋاپىق ھەر قايسىجەھەتلەردىن… ☕️☕️☕️…سالامەت بولۇڭ..!

  2. Har parqa blogigizha kirsturdihan musicilarni xunilk bak yahturuiman, rahmat sizga

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

مۇنداق

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى