بالىلارنىڭ قەلبىدە دادىنىڭ ئوبرازى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك! ئۇلارھېچنىمىدىن قورقمايدىغان رىۋايەتلەردىكى ئاجايىپ قەھرىمانلارغا ئوخشايدۇ! بالىلىق ياخشى كۆرۈشمۇ ئاجايىپلا تاتلىق! ئۇلارنىڭ نەزىرىدە دادا – بەئەينى ئۇلار كۆرگەن بارچە مەۋجۇداتلاردا بولغان ئارتۇقچىلىق ۋە قالتىسلىقنىڭ مۇجەسسسىمى!

دادىلار ئانىلاردەك گۈزەل گۈللەرگە، چىرايلىق باغلارغا، مىھر- مۇھەببەت بۇلاقلىرىغا، دۇنيادىكى نەپىس بويۇملارغا ئوخشىتىلمايدۇ! بىراق، ئۇلاردىكى سوغۇقلۇق ئىچىگە يوشۇرۇلغان مۇھەببەت، قوپاللىق پەردىلەنگەن نەپىسلىك، كالامپايلىقلىرى ئىچىدىكى ئوماقلىق ھەقىقەتەنمۇ  نەپىس بويۇم يوشۇرۇنغان ياغاچ ساندۇققا ئوخشايدۇ.

بۈگۈن يەنىلا ياپوندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئاچا – سىڭىل ئوماق قىزلىرىمىزدىن 8 ياشلىق شەرقىنۇر ۋە 6 ياشلىق سەرۋىنۇرنىڭ بارچە دادىلارنىڭ  «دادىلار بايرىمى» غا ئاتاپ تەييارلىغان سوۋغىسىنى ئاڭلايمىز. قېنى ئۇلار دادىلارنى نېمىلەرگە ئوخشاتتىكىن؟

 

شەرقىنۇر، سەرۋىنۇر، سىڭلىسى بىلگىنۇر

 

مېنىڭ دادام بەك قالتىس

ئاپتۇرى: ئانسونى بىرائون

 ياپونچە تەرجىمىدە : خساياما تايچى

ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە: شەرقىنۇر سىراجىدىن

 

مىكروفۇن ئالدىدا:

ئۇيغۇرچە: شەرقىنۇر سىراجىدىن

ياپونچە: سەرۋىنۇر سىراجىدىن

 

うちのパパって かっこいい

 

مېنىڭ دادام ھېچنىمىدىن قورقمايدۇ، رىۋايەتلەردىكى بۆرىنىمۇ قوغلىۋىتەلەيدۇ.

 

دادام سەكرىسە ئايدىنمۇ ئۆتۇپ كېتەلەيدۇ، تانىدىنمۇ يۈگرۈپلا ئۆتۈپ كېتىدۇ!

پالۋانلار مۇسابىقىسى دىگەنلەر دادامنىڭلا بولسۇن!
تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ دادىلار تۈرىدە ئۇ دائىم بىرىنجى بولىدۇ.
مېنىڭ دادام ھەقىقەتەنمۇ ئاجايىپ قالتىس!

دادام ئاتتەكلا شۇنداق ئىشتەيلىك، سۇ ئۈزۈشلىرىغۇ بىلىقنىڭ ئۆزى!

گورىلادەكلا بەك كۇچلۇك، بىگموتتەكلا ھەردائىم خوشال!

دادام ئۆيدەك يوغان بولغىنى بىلەن، ئېيىقچاقتەكلا شۇنچىلىك ئوماق!

دادام خۇددى مۈشۈكياپىلاق مۇئەللىمدەكلا ئەقىللىق،
سۇپۇرگىدەكلا پاكىزلىقنى سۆيىدۇ!

دادام  دىگەن ئۇسۇلنىمۇ شۇنداق ياخشى ئوينايدۇ،
ناخشا ئېتسىغۇ چولپاننىڭ ئۆزى!

پۇتپۇلغا كەلگەندە دادامغۇ بىر تالانت ئېگىسى!
دادام ھەر دائىم مېنى كۈلدۈرىدۇ.

دادا،سېنى بەك ياخشى كورىمەن، چۇنكى…

چۈنكى، داداممۇ مېنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ، ھەرقاچان ھەرۋاقىت… تائەبەتكىچە…

 

تامام!

رەھمەت قىزلىرىم!

ھەر قېتىم مانا مۇشۇنداق «ئانىلار بايرىمى»، «دادىلار بايرىمى» دىگەندەك بايراملارنىڭ باھانىسى بىلەن ئاپىسىغا، دادىسىغا بولغان مۇھەببىتىنى «دادا سېنى ياخشى كۆرىمەن، ئاپا رەھمەت!» دىگەندەك خەتلىرى، تاتلىق سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلەۋاتقان بالىلىرىمىزنى كۆرسەم يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشىدۇ… چۈنكى، مەن مۇشۇ كەمگىچە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بىۋاستە ئۇلارنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ باقمىدىم، ئېيتالمىدىم!  ۋەتەندىن ئايرىلىش ئالدىدىكى بىر قېتىملىق دادىلار بايرىمى كۈنىدە بىر تال ئاق كۆينەك سوۋغا قىلسام، ئانامنىڭ دېيىشىچە  دادام داۋاملىق «قىزىم ئەپبەرگەن كۆينىكىم قېنى؟» دەپ نەچچە يىللار ئارزۇلاپ كىيىپتۇ…..

شۇڭا، ھازىر چوڭ بولىۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ مۇھەببىتىنى، مىننەتدارلىقىنى ئاتا – ئانىىسغا ئىپادىلەپ تۇرىدىغان تەرىپىنى بەك ياقتۇرىمەن. بىزگىمۇ مۇشۇنداق بىلوگدىن بىرنى قۇرۇپ ئاۋازىمىز ئارقىلىق مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلەيدىغان پۇرسەتلەر بولغان بولسا ئەينى ۋاقىتلاردا گۈزەل بىر ئەسلىمە بوپقالاتتى دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن!😇😋

ئاخىرىدا بارچە دادىلارنىڭ «دادىلار كۈنى» نى يەنە بىر تەبرىكلەيمەن! سىلەرگە ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە سالامەتلىك يار بولغاي!💌

 

تارقىتىڭ...