پەرۋاز: باھارغا ئاشىق

2,639 قېتىم ئوقۇلدى

ھەقنى يازالىغان قەلەم خەنجەرگە ئوخشايدۇ. ئۇ يالتىراق ساختا بەخىت شولىلىرىنى ئەمەس، قانلىق يۈرەكتىن چىققان سادانى يازىدۇ. ئاۋامنىڭ يۈرىكىدىكى نالىلىرىنىڭ زەردابلىرى ئۆزيۈرىكىنى ئېيچىشتۇرغاندىكى پىغانلىرىدىن يازىدۇ.

رەيھان

 

Evanthia Reboutsika – An umbrella over vosporos

باھارغا ئاشىق

پەرۋاز

— قاسىم، ھوي قاسىم !
دەرۋازا ھالقىلىرىنىڭ ئەنسىز شاراقشىشىدىن چۆچۈپ ئويغانغان قاسىم ئۈستىگە تېرە چاپىنىنى يېپىنچاقلاپلا ھويلىغا يۈگۈردى.
— مانە مانە ۋاي نېمە بولدۇڭ ۋۇي قاغا پوق يېمەستە، خوتۇنۇڭ چاي بەرمىدىمۇ نېمە؟_
ئۇ شۇنداق دەپ خىرىلداپ كۈلگىنىچە دەرۋازىنىڭ ئىلغۇرىنى كۆتۈرۈپ دەرۋازىنى ئاچتى يۇ، چىرايىدىكى كۈلكە بىردەمدىلا ھەيرانلىققا ئالماشتى__نېمە بولدۇڭلار ئادۇشۇي قاق سەھەردە؟ ھە ئەھۋالىڭ ياخشىما _ئۇ قوللىرىنى دەرۋازا ئالدىدا تىتىلدىغىنچە ئۇيان بۇيان مېڭىپ يۈرگەن ھەسەنگە ئۇزاتتى.

—قەدىر ئەھۋال ئاداش، ئاڭلىمىدىڭلارمۇ؟

__ۋاي نېمىنى ئاڭلايدۇ؟ تاغدىن چۈشكەندەكلا ئاڭلىمىدىڭلارمۇ دېسەڭ ……

—ئاخشام ئۆيدىكىلەر پايپاسلاپ يۈگۈرۈپ كىرىپتۇ قارا مەھەللىدىكى دۇكىنى بارلار دۇكىنىنى، زاۋۇتى بارلار زاۋۇتىنى تاقاپ ئۆيدىن تالاغا چىقماي ئولتۇرسۇن دەپتۇدەك ……

—بۇ گەپ نەدىن چىقتى ئەمدى؟

—نەدىن چىقتى ئەمەس، يۇقۇملۇق ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇدەك.

—لېكىن بىز تەرەپكە ئۆتمىدىغۇ؟ كەلمىگەن كېسەلگە دەرۋازا تاقاپ ئولتۇرامدۇقكەن، قىزىق گەپ بولدىدە بۇ_
قاسىم ئېڭەكلىرىنى سىيپاپ قويدى، _بىزنى دەپتۇ شۇ، بىزدىن باشقا يەنە كىمنىڭ زاۋۇتى بار بۇ تۆڭگىرەكتە؟ !

—شۇشۇ، ئەمدى قانداق قىلىمىز دەرە؟ _ھەسەن يانچۇقىدىن نېمىنىدۇر ئىزدىدى، ئاندىن قويۇن يانچۇقىدىن تاماكىسىنى چىقىرىپ ئىشىك ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا زوڭزايغىنىچە تاماكىسىنى ئاچچىق شورىدى.

—يەنە نەچچە يەشىك مال قالغان؟

—ئالتە يۈز يەشىكتىن قايسى كۈنى يۈزنى ماڭغۇزغان. ھازىر قالغىنى بەش يۈز، تېخى قاچىلانمىغان،

تەييارلىنىۋاتقانلىرىنى قوشقاندا يۈز ئەللىك يەشىك چىقىدۇ. شۇ ئالدى كەينى بولۇپ يەتتە يۈز يەشىكتەك قولىمىزدا بار.

– ئۇنىڭ ئىككى يۈزىنى تېخى ئەپ كەتمىگەن دېگىنە خېرىدار؟

— ياق،پۇلىنىمۇ بەرمىگەن.

— دۇكان تاقىسا خەق مال ئالامدا ئەمدى، ئالمايدىغۇ ئېنىقلا، _قاسىمنىڭ سارغۇچ چىرايلىرى تاتىرىپ ئۆڭى ئۆچتى، _نېمە ئىشلار ھۇي بۇ؟!

—تاڭەي، بىلمىدىم……

ئەتىگەنلىك ناشتىنى كۆڭۈلسىزلا قىلغان قاسىم چوڭ چوڭ قەدەملىرى بىلەن زاۋۇت ئالدىغا كەلگەندە، زاۋۇت ئالدىنى توسۇپ نەچچە كادىر تۇراتتى.
—كەل كەل قاسىمكا، دەرۋازاڭنى تاقا ئەمدى!

—ياق بۇ، بۇنداق قىلماي تۇر ئۇكام ئىككى كۈن ۋاقىت بەر، بولمىغاندىمۇ مالنى بىر تەرەپ قېلىۋالايلى

__مەن ۋاقىت بەرگەن بىلەن ئاكا ئۈستۈمدە ئادەم باردە، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تەكشۈرۈش كېلىدىكەن. بىرمۇ ئىشىك ئوچۇق قالمىسۇن دېدى، بۇ دېگەن بۇيرۇق!

—ياق ياق، گېپىڭنى چۈشەندىم ئۇكام. بىزمۇ ئاڭلىق ئادەملە دېگىنە، كۆپ ئەمەس بىركۈنلا……

—قاسىمكا ئۆزىمىزگە ئىش تاپمايلى، قىل دېگەننى قىل، قىلما دېگەننى قىلما، بۇرنۇڭغا تېخىچە سۇ كىرمىگەن ئوخشىمامدۇ؟

بالا قاسىمنىڭ كۆزلىرىگە مۇغەمبەرلىك بىلەن تىكىلدى.
—خوش خوش، قاسىم بىردىنلا يېشىغا ماس كەلمىگەنلا بىر ھالەتتە ياش بالىنىڭ ئالدىدا ئىككى پۈكلەندى، _ لېكىن ……بولمىغاندىمۇ ئىچىنى تەكشۈرۈپ ماللارنى رەتلەپ توكلىرىنى ئۈزۈۋىتەي قانداق دېدىم؟

— ھازىر كىرىپ ئۈزۋېتىپ چۈشە ماڭ.

—…… يەنە يەشىكتىكى ماللار ئۇزاقراق تۇرۇپ قالسا بۇزۇلۇپ قالىدۇ شۇنى ……

—سەن قارشى چىقماقچى ئوخشىمامسەن؟ بىز سىلەرنى دەپ قىلىۋاتىمىز بۇ ئىشلارنى بىلسەڭ، سېنىڭچىزە بىز زېرىكىپ قېلىپ قىلغىلى ئىش تاپالمايۋېتىپتۇقتە؟ _ياش بالا قولىدىكى خاتىرىنى ئېچىپ ۋاراقلىدى.

—بولدى بولدى، تاقايلى تاقايلى.
باياتىن بىرى زاۋۇت ئىشىكى ئالدىدا نە كىرىشنى نە كېتىشىنى بىلەلمەي تۇرغان نەچچە ئونلىغان ئىشچىلار باشلىرىنى سېلىپ كۇسۇرلاشقىنىچە ئالدى كەينى بولۇپ تارقىلىپ كېتىشتى. بىر نەچچە يېشى چوڭراق كىشى قاسىمنىڭ يېنىغا كېلىپ نېمىلەرنىدۇر دېۋىدى، قاسىم يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئۇلارغا تۇتقۇزدى:“ھەپتىگە قالماي ئوڭشىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، شۇنىڭغىچە كېرەك بوپ قالار ”.

زاۋۇتنىڭ ماشىنىلىرى، توكلىرى پۈتۈنلەي ئىشلىتىشتىن توختىتىلدى. تېخى تۈنۈگۈنلا ئەينەك قاچىلارغا قاچىلاشقا تەييارلانغان مۇراببالار ئىدىش ئىدىشلاردا شۇ پىتى تۇراتتى. ئەكىتىلىدىغان، تېخى ئەكىتىشكە ئۈلگۈرمىگەن، تېخى سېتىپ چىقىرىلمىغان ماللار پېتى بىلەن بۇزۇلماي تىزىقلىق تۇراتتى.
زاۋۇت ئىشىكىگە قەغەزدە يوغان قىلىپ پىچەت چاپلىنىۋاتقاندا بىر چەتتە قاراپ تۇرغان قاسىمنىڭ يۈرىكى ئاغقاندەك بولدى. شۇنداقتىمۇ چاندۇرماي نېرىدىكى ئارقا ئارقىدىن تاقىلىۋاتقان دۇكان سارايلارغا كۆز يۈگۈرتتى. ”ھەر نېمە بولساق، ئەل قاتارى بولدۇق ……كېيىنچە بىر گەپ بولار قالغىنىغا……“

بىر ھەپتە، ئىككى ھەپتە …… كۈنلەر شۇ تەرىقىدە تولىمۇ ئاستا ئۆتمەكتە. قايسى كۈنىلا مەھەللىنى بېشىغا كېيىشىپ چۇرۇلدىشىپ ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ ئۈنى ئۆچكەن، ئۆزلىرى قايسىدۇر بىر بۇلۇڭلارغا مۆكۈنگەن.
مەھەللىنىڭ چېتىدىكى قارىياغاچ تۈۋىدە، ھاسىسىغا ئېڭىكىنى يۆلەپ بىركۆزىنى قىسىۋىلىپ ئاپتاپسىنغاچ جاھاننىڭ غارايىباتلىرىدىن تەبىر بېرىشىدىغان بوۋايلار ئاللىبۇرۇن ئۆيىدىكى كاڭ مەشنىڭ تۈۋىدىن ئارانلا ئورۇن ئېلىشقا ئۈلگۈرۈشكەن.ئۇلارنىڭ ئەمدىكى ئىشى جىدەلخۇر نەۋرلىرىدىن تىزگىنەك تالىشىپ كۈندىلىك بېرىلىۋاتقان خەۋەرلەرگە تەلمۈرگىنىچە قاچان يەنە ھېلىقى كونا جايىغا قايتىپ قەدىناسلىرى بىلەن ھال مۇڭ بولالايدىغىنىغا قۇلاق يىقىپ ئولتۇرۇش.

—ئوھۇششىزە، نېمانچە يىغلايدىغان بالا بۇ؟ _ياشقىنە كېلىن، جوزىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋىلىپ ھەدەپ پۇت ئېتىپ يىغلاۋاتقان بالىنى ئەيۋەشكە كەلتۈرەلمەي قاقشىغىلى تۇردى، _خەپ قاچانمۇ كېلەر شۇ ئاپاڭ سېنى ئېلىپ كەتسىچۇ ئۆيىگە، ئۇھ ئۆزەمنىڭ بالىسىنىڭ دەردىنى تارتالمايۋاتقاندا سەن بىشىمغا بالا بولدۇڭغۇ بالا ……
كېلىن ۋايسىغىنىچە ھويلا ئارقىسىدىكى باغقا چىقىپ دەستىرخاننى قاقتى.

—ھۇيييي سۇپۇرەم ~بالا نېمانچە يىغلايدۇ؟ئاشەدىن مۇشۇ يەرگىچە ئاڭلاندى زادى نېمە دەيدۇ ئۇ؟ مۇنداقلا چىتلاپ قويۇلغان، پاكارغىنە تام بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان باغنىڭ ئۇ يېقىدا قاتتىق ئوتۇن يىغىۋاتقان سارىخان بىشىنى تامدىن چىقاردى.

— ۋاي نېمە دەيتتى سارىخىندە، ئاپا دەيدۇ. ئاپامنىڭ قېشىغا كېتىمەن دەپ ئۈچ كۈن بولدى مېڭەمدىن ئوچاق ئېسىۋەتتى، ماۋۇ ئۆيدىن چىقمايسىلەر دېگەن خەۋەر باشلىنىشتىن بىركۈن بۇرۇن ئاكاملار مېھمان بولۇپ كەلگەن، بالىسى بالامغا قىيماي قالىمەن دەپ تۇرىۋالغان، بوپتۇلا دەپتۇق ئەتسىدىن تارتىپلا يەڭگەمنى ئىدارىسىدىن كەتكۈزمەي ئېلىپلا قالدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ بالا بىراقلا بىزنىڭكىدە قالدى شۇ ……

— ئا قارا~ بىلگەندەكلا سىزگە ئەكىلىپ بىرىپتۇ ھە_دادىسىچۇ؟ كېلىپ ئەكىتەلمەيدۇ دەڭ، راس راس ئەكىتەلمەيدۇ……

—راسلا شۇنداق بولدى سارىخىندە، نەدىن ئەكىتەلەيدۇ دەيسىز، ئاۋۇ مەھەللىدىن ماۋۇ مەھەللىگە ئۆتكۈزمەيۋاتسا مۇمكىن ئەمەس دەڭە، ھېلىمۇ چىدىدى بۇ بالا نەچچە ھەپتە …… لېكىنزە _كېلىن قاپاقلىرىنى سۈزدى :_جىدىلىدىن خويمۇ تويدۇم زادى، ئاپا دەپ كېچىچە ھۇۋلاپ يىغلاپ چىققىنى چىققان، ۋىيى زادى خەقنىڭ بالىسىنى باقماق بەك تەسكەن جۇمۇ

— شۇ شۇ، بوپتۇ قانداق قېلىسىز ئەمدى، ساۋاپ بولار ئۈتۈپ كېتىدۇ. بۇ كۈنلەرگىمۇ ئاز قالدى

ئاياللار ئۇنى بۇنى دىيىشىپ ئۆيلىرىگە كېتىپ كېتىشتى.

كۈنلەر بىر بىرىنى قوغلاشماقتا، مەھەللىنىڭ چوڭ رادىئوسىدا ئەتىگەندىن كەچكىچە يۇقۇملۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قايتا- قايتا ئۇلاپ قويۇلۇۋىرىپ ئۈچ ياشلىق بالىلار چېغىدا قايسى خەۋەردىن كېيىن قايسى خەۋەر سۆزلىنىدىغانلىرىنى يادقا ئېلىپ بولدى.
مەھەللىنىڭ دوقمۇش دوقمۇشلىرىدا كادىرلار ئۇچىسىدا قېلىن ھەربى جۇۋا، يەڭلىرىدە قىزىل بەلگە تاقاپ يول توسۇپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ بۇ تۇرقىدا ئادەم ئەمەس ئاسماندىكى قۇشلارمۇ ئەنسزچىلىكتە ئۇچۇشتىنمۇ ھەزەر ئەيلىشەتتى.
ھويلىسىدىن چىقىپ دارۋازىنىڭ بوسۇغىسىنىمۇ يۈرەكلىك دەسسيەلمەيۋاتقان كىشىلەرگە كادىرلار، دوختۇر سېستىرلار دەرۋازىمۇ دەرۋازا يۈرۈپ تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى ئىشىك بۇلۇڭلىرىدىن پۈكلەپ كىرگۈزىشەتتى، يوغان كانايلەرنى دەرۋازىنىڭ يوچۇقلىرىغا نىقتاپ تۇرۇپ قىزىتمىلىرىنى سورىشاتتى، كىم نەدىن كەلدى نەگە باردى يېزىپ ئانكىتلىرىنى تولدۇرىشاتتى، بىچارە كادىرلارنىڭ قوللىرى قىشنىڭ سوغۇق شاماللىرىدا توڭلاپ قېتىپ قېلىشقان. بىر ئاينىڭ ياقى بىرەر كۈنمۇ ئۆيگە قايتالماي بالىلىرىنى سېغىنىشقان، ئاتا ئانىلىرىدىن تۈزۈك خەۋەر ئالالماي سىقىلىشقان. چىرايىدىكى ھارغىنلىق، ئۇيقۇسىز كۆزلىرىدىكى قىزىللىق ئۇلارنى نەچچە يىللىق ئېغىر كېسەلمەنگىلا ئوخشىتىپ قويغانىدى.

—كوزىنىڭ تۈۋىنى قېقىشتۇرىۋىدىم ئاران بىر ئاپقۇر ئۇن چىقتى، سۇيۇقئاشقىلا بولغىدەك خېمىر يۇغۇرالىدىم، ئەتە نېمە ئېتىمىزكىنتاڭ- موماي لاخشىگۇرنى يەرگە قايچا قېلىپ قويۇپ قازاننى ئاستا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدى، ئاندىن پىيالىلەرگە ئاز ئازدىن ئاشنى ئۇسسىدى، _ھېلىقى ئۈنچە مارجان تاش ئىكەن، بۇغداي تىرىق تاش ئىكەن دەپ قوشاق توقۇغان زامانىمىزغا قايتتۇقمۇ ھە؟

— ھەيي زىۋىرەم ئەخمەق خوتۇندە سەن، يەرشارى ئۆزى يۇمىلاق تۇرسا قايسى بىر كۈنلەر قايتىلانمىسۇن، بىز ياشىغان زامانلار بۇياقتا تۇرسۇن. سەن بىلەن بىزنىڭ قىلغان ياخشىلىق يامانلىقلىرىمىزمۇ مانا مۇشۇنداق قايتىلىنىپ كېلىدۇ. بۇ زامانلاردا ئىشەنچ يوق، ئىشەنچ قالمىدى بۇ جانلاردىمۇ، بۇرۇن تاغ ئايلانسا ھازىر بوسۇغا ئايلىنىدۇ، كىشىگە قارا سانىساڭ ئۆزۈڭگە دەپ كونىلار بىكار ئىيتمىغان ……- بوۋاي شۇنداق دېگىنىچە چىنىسىدىكى چامغۇرنى قوشۇقىدا ئوتتۇرىدىن بۆلۈپ بىر پارچىسىنى مومىيىنىڭ قاچىسىغا سېلىپ قويدى، _شۇ زامانلاردا تۇغۇلۇپ يەنە شۇنداق زامانلاردا كېتىپ قالمىساق بولاتتىغۇ _ھە زىۋەر؟

—قويسىڭىزا، ئاغزىڭىزنى ئۈشتمەي. موماي بوۋىيىغا كايىدى، _نېرىقى مەھەللىدىكى جالالىدىن تۈگەپ كېتىپ نېمىلەر بولمىدى، شۇ كۈنلەردىن ساقلىسۇن دەپ تىلىسىڭىزچۇ ئەدەم ……

جالالىدىننىڭ ئىسمى چىقىش بىلەن بوۋاينىڭ كەكە ساقاللىرى سۇس تىترىدى، شۈكلىشىپ جىمىپ قالدى.

جالالىدىن نېرىقى مەھەللىدىكى شاپ بۇرۇت، شادىپاچاق قاچانلا قارىسا ھاراق بوتۇلكىسىنى كۆتۈرىۋىلىپ ھەممىلا يەردە جىدەل تېرىپ يۈرىيدىغان ئالىقاپ، قىپقىزىل بىر ساراڭ.
مەھەللىدىكى بالىلار كېچىلىرى ئۇخلىماي قەغىش قىلسا ئانىلىرى“جالال كەلدى ئەنە، دېرىزىدىن مارىلاۋاتىدۇ ”دەپ قويسىلا ئۇلار دەررۇ ياش يۇقى كۆزلىرىنى چىڭڭىدە يۇمۇپ ئۇخلىۋالغان بولىۋالاتتى.
لالما ئىتلار جالالدىننىڭ سايىسىنى كۆرۈش بىلەنلا قۇيرۇقىنى شادا قېلىپ قىچىشاتتى.

”دەرۋازا سىرتىدىن بىر قەدەممۇ ئېلىشقا بولمايدۇ ”دەپ مەھەللىمۇ مەھەللە كاناي كۆتۈرۈپ يۈرگەن كۈنلەردە، مەھەللىدە بىر خەۋەر تارالدى. “ ھاراقكەش جالال كېچىچە ھاراق ئېچىپ ھويلىدا ئۇخلاپ قاپتىكەن، ياتقان يېرىدە توڭلاپ ئۆلۈپ قاپتۇ. بۇ خەۋەر ئۆيدىن تالاغا چىقالماي يۈرگەن كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا ئاجايىپ تېز يەتتىكى، ئىنسانلارنىڭ قەدىمى يەتمىگەن يەرلەرگە ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى قانات چىقىرىپ ئۇچامدىكىنتاڭ، يېرىم سائەت ئىچىدە پۈتۈن بىر يېزا ئۆيىدە ئولتۇرۇپلا ھاراقكەش جالالنىڭ ئۆلۈپ قالغىنىدىن خەۋەر تىپىپ، ئۇنىڭغا قايغۇرۇپمۇ بولۇشتى.
قايسى كۈنىلا ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ بالىلىرىنى قورقۇتۇپ ئۇخلاشقا كۆندۈرگەن ياش ئانىلار، يىراقتىن سايىسنى كۆرۈپ قالسا چوپچوڭ بولۇپ قالغان بالىلىرىغا ئىشارەت قېلىپ، بىقىنلىرىنى چىمدىشىپ ئەگەر بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قالغىنىنى بىلىشىپلا قالسا بەرگەن سۈتىگە رازى بولمايدىغىنىنى قايتا قايتا جىكىلىشكەن ئاق باش ئانىلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆز يىشى قېلىپمۇ ئۈلگۈرۈشتى.

—قويساڭا قويساڭا، قانداق يىغا ئۇ، كوچىدا دۈم يېتىپ ئىشەكنىڭ سۈيدۈكىنى ئېچىدىغان ئىچەرمەن ئۈچۈن نېمە ئەمدى، بوۋاي پىشايۋاندا ئولتۇرۇپ ياشلىرىنى ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن ئىرتىۋاتقان مومىيىغا كايىدى، _ھامان بىركۈنى ئۆلىدىغىنىنى ئۇنۇتقان نەرسە ئۈچۈن ……

— بالدۇرمۇ ئەمەس، كېيىنمۇ ئەمەس. ھېچكىم تالا تۈزگە چىقالمىغىنىدا تۈگەپ قالغىنى يامان بولدى، ئۇنىڭمۇ شۇنداق بولۇپ كېتىشىدە دەردلىرى بار بولغىيتتى.

—نېمە دەردى بولسۇن، ئۇنىڭ دەردى ھەددىنى بىلمىگىنى …… بوۋاي تۇيۇقسىز شاپپىدە توختاپ قالدى_ئۆلگەننىڭ يامان گېپىنى قىلدۇرما ماڭا موماي،گۇناھى ئارتىلىپ قالمىسۇن، يامان بولدى ھەتتىڭەي يامان بولدى توغرا دەيسەن. قانداق بولسا شۇنداق بولسۇن بىزنىڭ چىرايلىق ئۇزىتىپ قويىدىغان يولىمىز بار ئىدى.

جالال ئەل يۇرتقا قېتىلماي قانداق يالغۇز يۈرگەن بولسا، ئۆلۈمىمۇ شۇنداق يالغۇز، غېرىبانە ھالدا ماشىنىغا قاچىلىنىپ جىمجىتلا ئېلىپ كېتىلدى. ھېچ بىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭمىدى ياق ماڭالمىدى.

لېكىن …… بۇ ئىش مەھەللە چوڭلىرىغا چوڭ غەم ۋە تەشۋىش ئېلىپ كەلدى. ئىككى پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان، كۆزلىرىنىڭ نۇرى قاچقان، بەللىرى دۈمچەيگەن بۇ يۇرت چوڭلىرى ياق پۈتۈن بىر خەلقنىڭ تەۋەرۈكلىرى بولمىش بۇ مىھرىبانلارنىڭ بەلكى بۇ ئاپەتلىك يىللاردىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ۋە غېمى بۇ قەپەزگە سولانغان قۇش كەبى تىپىرلاۋاتقان كۈنلەردە ساق سالامەت تۇرۇپ بېرىشى، ئاخىرقى كۈنىنىڭ چىرايلىق ھالەتتە ئۇزاپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىشىدۇر. بەلكىم ”ئۇ كۈنلەردىن يىراق قېلىپ تۇرغىن، شۇنچە ياشاپ ئەل يۇرت بىلەن بولسىمۇ خوشلىشىپ قائىدىسى بىلەن كېتىشىمگە رۇخسەت بەرگىن“دېيىشىپ ھەر بىر ئالغان تىنىقلىرىدە قېلىۋاتقان ئۈنسىز نىدالىرىدۇر.

تېلېفوننىڭ تۇيۇقسىز سايرىشى بىلەن، تەگسىز خىياللارغا چۆمگەن قاسىم چۆچۈپ تېلىفوننى ئالدى.

— قانداراق ئاداش؟

—قەدىر ئەھۋال، ئۆزۈڭچۇ؟_ئۇ شۇنداق دەپ خۇرسىنىپ قويدى.

— شەھەردىكى ئۆيۈمگە بېرىۋالغان دېگىنە ئاداش، ئون كۈن چىقمايسىلەر دېدى، ماقۇل دېدۇق. يەنە ئون كۈن دېدى بوپتۇ دېدۇق. ھازىر بىراقلا چىقالماي ئىشىكلەرگە پىچەت ئۇرىۋەتتى. مەيلىغۇ ئاداش كېسەل مۇشۇنىڭ بىلەن يوقاپلا كەتسە. لېكىن بۇ ھازىر كۆكتات ئالدىغانغىمۇ پۇل قالمىدى قارا، ئىشىك ئالدىدا ئۇن ماي تارقىتىۋىپتىكەن. باھا دېگەن زەھەردەك ئۆرلەپ كېتىپتۇ، ئون كويغا كېلىدىغان سەي- كۆكتات ھازىر يىگىرمە كويكەن، ئادەم دېگەننىڭ قانداقلىقى مۇشۇ كۈنلەردە سىنىلىدىغان ئوخشايدۇ، ھەممە خەق جان قايغۇسىدا قورساق غېمىدا يۈرسە، باھانى ئۆرلىتىپ قىزىل كۆزلۈك قېلىۋاتىدۇ دېگىنە، بۇنداق ھېچ ئىش قىلماي يېتىپ ياتسا تاغمۇ توشۇمايدىكەن شۇڭا ……
قارشى تەرەپ گېپىدىن سەل توختىۋالدى، _ئالدىنقى ئايلىق مائاشنى تارقىتىپ بەرسەڭ، ئىككى بالام، خوتۇنۇم بىلەن ئاچ قالدىغان ئوخشايمىز.

— ئۈندىدارىڭنى ئاچە يۆتكەپ بىرەي.

قاسىم شۇنداق دېگىنىچە گەپ قىلمايلا قارشى تەرەپكە مىڭ سوم ئەۋەتىپ بەردى، _مۇشۇنى يەتكۈزۈپ تۇر ئاغىينە، سەنمۇ كۆردۈڭ ماڭا بۇ يىل قىپقىزىل زىيان چىقىپ كەتتى، سەندىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىشچىلار بار، زاۋۇتنىڭ قەرزلىرى شۇپىتى تۇرۇپتۇ……

— ياق ياق، ئۇنداق دېمە ھەممىمىز بىر يولدىكى ئادەملەر تۇرساق ……

قارشى تەرەپ رەھمەتلەر بىلەن تېلېفوننى قويىۋەتتى.
بىر ھازادىن كېيىن قاسىم ئىككىلەنگەن ھالدا تېلېفون كۇنۇپكىسىنى بېسىپ كىمگىدۇر تېلىفون قىلدى.
—قارا ئۇكام، مۇنداق ئىش ئىدى ……زاۋۇتنى بىر ئاي بولدى تاقىۋەتتۇق، تاقاش ئاسانكەن، لېكىن ھەر ئايلىق بانكىدىن ئالغان قەرزلەرنىڭ سۈيلەش ئۇچۇرلىرىنى تاقاش تەسكەن ئۇكام، ماقۇل دېسەڭ زاۋۇتتىن زۆرۈر يىمەكلىكلەرنى بولسمۇ ئېلىپ كېلىپ مەھەللىدە بولسىمۇ سېتىپ باقسام، كېرەك قىلىدىغانلار ئېلىپ قالار دەيمەن، يانچۇقتا ئون تىيىن قالمىدى. تېخى ئىشچىلارنىڭ مائاشلىرىنى بېرىپ بولالمىغان، ئۇلار نېمە يەپ جان بىقىۋاتىدۇ دەرە……
— گەپ چۈشىنەمسەن ئاكا، ھازىر تالاغا چىقماڭلار دەۋاتسا، ساڭا مال ساتقۇزارما؟ ھازىر كېسەلنىڭ ئەڭ كۈچىيىۋاتقان مەزگىلى تۇرسا بىز ئۆلۈپ تىرىلىپ ئىشلەپ كېتىۋاتىمىز ……
— ياق ياق ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس، بىز تەرەپتە بولمىغانكى يىراقتىن بولسىمۇ …… ۋەي ۋەي
تېلېفون ئۈزۈلدى.

قاسىم ئاچچىق تاماكىسىنى شورىغىنىچە بىر نۇقتىغا تىكىلىپ ئۇزاققىچە ئولتۇرۇپ قالدى.

__بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ غەم قىلمىڭە.
تاماققا چاقىرىپ كىرگەن ئايالى يولدىشىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.—ئاز قالدىغۇ.

— نېمە ئۆتىدۇ؟ نېمە نېمە زادى نېمە ئۆتىدۇ دېگىنە. قاسىم بىردىنلا ئاغزىدىكى تاماكىنىڭ ئاخىرقى ئوتىنى گىلەمگىلا بېسىپ ئۆچۈردى. —كۈنلەر ئۆتۈپ كەتمەيدۇ، بىز ئۆتۈپ كېتىمىز بىز ! بىز ! يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ. بىلەمسەن يۈرىكىم، —قاسىم مۇشتى بىلەن سول تەرىپىنى زەردە بىلەن ئۇردى. نەچچە يىل كۆرمىگەننى كۆردۈم، …… بوپتۇ دېدىم. — بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ دەپ ئۆزۈمنى ئىشەندۈرمەك بولدۇم، راس توغرا ئۆتۈپ كەتتى بۇرۇن قۇرۇپ قويغان ئىگىلىكىم بولغاچقا زەررىچە بولسىمۇ ئۈمىد بېرىپ كەلدى. مانا يەنە يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ ئەمدى ئېقىۋاتقان ئىش ئوقىتىم سۇغا چىلاشتى، قىپقىزىل زىيان ماڭا زىيان ! كۈنىگە نەچچە ئون مىڭلاپ زىيان دەسسەپ مېڭىۋاتىمەن، ئۇمۇ بوپتۇ مەيلى مەن دېگەن ئوغۇلبالا يىقىلغان يېرىمدىن بىر سىقىم توپىنى ئاسمانغا چېچىۋىتىپ دەس تۇرۇشنى ئاتا بوۋامدىن ئۆگەنگەنمەن.لېكىن …… لېكىن، __قاسىمنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ ئاۋازلىرى بوغۇلدى. لەۋلىرى ئۈمچەيدى لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى. __مېنىڭ قولۇمدا ئوتتۇز نەچچە ئىشچى بار، مەن شۇلارنىڭ باشچىسىمەن، بىلەمسەن؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك يېشى چوڭ، ئاغرىق، يالغۇز جېنىغا ئۇششاق بالىلىرىنى بېقىۋاتقان تۇل خوتۇن غېرىپ مىسكىنلەر …… بىچارىلەر قارا بوتەيلىرىنى كېيىپ تىزىغىچە سۇ كېچىپ جېنىنى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ ئىشلىشىدۇ. ھەي تىرىكچىلىك ئەمەسمۇ ئۆيلىرىدە مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرغان قارا كۆزلىرى بار، بىر ئايدا يىگىرمە ئالتە كۈن ئىشلەپ مىڭ ئىككى يۈز سوم ئالىدۇ، مىڭ ئىككى يۈز! ئۇنىڭدىن كۆپىنى مەن بىرەلمەيمەن، ئۇنىڭدىن ئارتۇقىنى ھەم ئۇلار باشقا جايدىن تېپىشقا قۇربىتى يەتمەيدۇ …… شۇنداقتىمۇ ئۇلار ھەر بىر قېتىم مائاشلىرىنى خۇشاللىق بىلەن قوللىرىغا ئېلىشقىنىدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە نۇرلانغان ئۈمىدلەرنىڭ مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق يەتكۈزىلىۋاتقىنىدىن قانچىلىك سۆيۈنىدىغىنىمنى بىلەمسەن؟ ئەمدىچۇ، ئىككى ئاي بولدى مانە، ئۇلارغا مائاشمۇ تارقىتالمايۋاتىمەن، نېمە يەۋاتىدۇ؟ ئۆيلىرىدە قالىغۇدەك كۆمۈر بارمۇ يوق. ئەگەر زىيان چوڭ بولۇپ كەتسە، ئۇلارنى كېيىن يەنە قانداق ئىشلىتەلەيمەن؟ ئۇلار يەنە كىملەرنىڭ ئالدىغا چىراي سارغايتىپ بارار؟ شۇلارنى ئويلايمەن، شۇلارنى ……
قاسىم ئىككى چېكىسىنى چىڭڭىدە سىقىمدىۋالدى.

ئايالى ئۇنىڭ باشلىرىنى ئاستاغىنە مەيدىسىگە ئالدى. كىچىك بالىنى ئەركىلەتكەندەك ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىيلىدى، مۇھەببەتلىك كۆزلىرى ئۇنىڭغا باقتى.
— ھەممە ئىشنىڭ بىر خەيرىيىتى بارلىقىنى بىلىسىزيۇ، يەنە ئازاپلىنىسىز، بۇنداق قىلماڭ بالىلار قورقۇپ كەتمىسۇن. ھەممىنى مۇشۇ يېرىڭىزنىڭ ئىگىسىگە تاپشۇرۇڭ.
ئايال يولدىشىنىڭ يۈرىكىگە ئاپئاق سىيلىق قوللىرىنى قويدى__ئۈمىدسىزلىك بىزگە ياراشمايدۇ.

—ئىنسان ئىكەنمىز، ئىنسان …… مۇيەسسەر، ھەربىر غەملەر بىزنى ئارامسىزلاندۇرىدىكەن، بىزپۇچىلدىكەنمىز، لېكىن قانچە قىلساقمۇ قۇرۇق ئوتۇندەك لاپپىدە ئوت ئېلىپ كۆيەلمەيدىكەنمىز، مۇشۇ يۈرىكىمىز ئويغاق بولغاچقىلا بىزنى داۋاملىق ئوت ئال دەيدىكەن، لېكىن بىز …… بىز __ قاسىم جىمىپ قالدى

قاسىمنىڭ ئەۋەتكەن مىڭ سوم پۇلى بىلەن ھەسەن سەل ئۆزىگە كەلگەندەك بولدى. پۇل دېگەن ئەجەپ نەرسە ھە، پۇل بولمىسا ئادەمنىڭ يۈرەكلىرىمۇ توختاپ قالغاندەك بولۇپ قالدىكەن دېسە توۋۋا، ئىككى كۈننىڭ ياقى يېنىدا ئون تىيىنمۇ قالمىغىنىنى ئايالى ۋە بالىلىرىغا قىلچە چاندۇرمىغان ھەسەن خۇشال ھالدا ئايالىنى چاقىردى:_يۈر پەستىن ئۇن بىلەن گۆش ئەكىرىۋالايلى !

—دادا، قارىڭە مۇنداق كۆكتاتلارنى ئەكىرىڭلارچۇ، كەچتە مۇشۇ رەسىمدىكىدەك تاماق ئېتىپ يەيلى_ئالىي مەكتەپتىن تەتىل بولۇپ كەلگەن قىزى دادىسىنىڭ بوينىغا گىرە سالغاچ توردىكى تاماقلارنى دادىسىغا كۆرسەتتى.

— ياق قىزىم، ھازىرچە ئەڭ كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋىلىپ تۇرايلى…… كېيىن بولسۇن بولامدۇ؟

— مەنلا بىر نەرسە ئالايلى دېسەم ياقلا دېگىنىڭىز دېگەن سىزنىڭ. دوستلىرىم ھەممىسى ئۈندىدارلىرىغا خېلمۇ خىل تاماقلىرىنى ئېتىپ بەھرلەيدۇ. مەنلا قاراپ ئولتۇرغىنىم ئولتۇرغان. قىز تۇمشۇقلىرىنى سوزۇپ باتنىدى.

— سىزمۇ چىقىرىڭ، ئانىڭىز ئۇستىغۇ لەڭمەن پولۇ مانتىلارغا، ئوخشىتىپ ئېتىپ بەرسۇن.

—قويۇڭە، نەدىكى تومپاي تاماقلارنى.

قىز ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى جالاققىدە يىپىپ كىرىپ كەتتى.
—تومپاي؟
ھەسەن ئاچچىق كۈلدى.

— بولدى تەڭ بولمىڭە، تالاغا چىقالماي ئىچى سىقىلغان ئوخشايدۇ.
كەچلىك تاماق ۋاقتىدا دادا قىزىغا پات پات قاراپ قويدى. ياشلىقنىڭ ئەڭ تۈرگۈن، گۈزەل چاغلىرىدا تۇرۇۋاتقان قىزىنىڭ ئوچۇق يورۇقلىقى، ھازىر جاۋاپلىقى دادىسىنى تارتقان، لېكىن ……
—قىزىم، تاماق ئوخشاپتىمۇ؟

—قانداق بولماقچىتى يەنە؟
قىز بېشىنى كۆتۈرمەي ئاڭلىنار ئاڭلانماس پىچىرلىدى.

__مۇشۇنچىلىك بىر قاچا تاماقنىمۇ يىيەلمەيۋاتقانلار بار، شۈكرى قېلىڭ بالام.

— مەن ئۇنداق ھىس قىلمىدىم دادا،
قىز بېشىنى كۆتۈرۈپ دادىسىنىڭ كۆزلىرىگە مىقتەك
قادالدى :
— نېمە ئۈچۈن ئارقامغا قارىغۇدەكمەن؟سىز ئۆزىڭىز بىزگە ئارقاڭلارغا قارىماي ئالدىڭلارغا قاراڭلار دەپ ئۆگەتمىگەنمۇ؟ مېنىڭ ھەممە دوستلىرىم ئېسىل غىزالىنىدۇ. كۈندە چەمبىرىكىدە ئەڭ ئېسىل يەرلەردە غىزالانغان سۈرەتلەر، ھەرخىل ساياھەتلەر، مۇشۇنداق ئۆيدىن تالاغا چىقالماي يۈرگەن كۈنلەردىمۇ ئۇلارنىڭ يەيدىغىنى ئوخشاشلا شۇنچە ئېسىل. ئۇلارغا ھەممىسى ھەۋەس قېلىدۇ، ئاتا ئانىسى ئۇلارنى ياخشى كۆرگەچكە ئۇلارنى شۇنداق باقىدۇ. مېنىڭ ئۇلاردىن نەرىم كەم ……

—ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ._ئانىسى قىزنى سىلكىپ تۇرغۇزدى.

— بىز سىزنى يامان كۆرەمدۇقكەن ئەمىسە؟

قىز بىردىنلا ئۆپكىدەپ يىغلىدى، قولىدىكى چوكىلارنى ئۈستەلگە غەزەپ بىلەن ئاتتى.
— نېمە دەپ بىز شۇنداق كەمبەغەل؟ نېمە دەپ مەنمۇ شۇلاردەك ئېسىل ئائىلىلەردە تۇغۇلمىغان ……
چاڭڭىدە تەگگەن بىر تەستەك بىلەن قىز سەنتۈرۈلۈپ تامغا يۆلىنىپ قالدى.
—دادا؟
دادا ئېغىر ھاسىرىدى، قان تولغان كۆزلىرى بىلەن قىزىغا تىكىلدى :
— توغرا، مەن سىلەرگە دادا، ئانىڭىزغا ئەر بولۇپ تا ھازىرغىچە سىلەر خۇش بولغۇدەك ھېچ ئىش قېلىپ بىرەلمىدىم. سىزنىمۇ ئۇلاردەك بايۋەچچچە قېلىپ بولالمىدىم، ئىشتىنىم تىزىمدىن ئاشماي ئۆتىۋاتقان ھالى خاراپ گادايمەن لېكىن …… -دادىنىڭ كۆزلىرىگە ياش ئولاشتى، نەپسى قىسىلدى، _ لېكىن شۇنداق بولسىمۇ مەن سىلەردىن ۋاز كېچىپ باقمىدىم. قەسەم قېلىمەنكى، ئۇلار ئائىلىسىنى قانچىلىك سۆيسە مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇقى بىلەن سۆيسەم سۆيدۈمكى ھېچ كەم قالمىدىم. مەن سىزگە ئېسىل بىر ۋاقلىق تاماق قېلىپ بىرەلمىدىم بۇ مەندىكى سەۋەنلىك، لېكىن مەن سىلەرنىڭ گېلىڭلاردىن پاكىز لوقما سېلىپ كەلدىم، سىلەرنىڭ كۆزۈڭلاردىن ياش ئاققۇزماي كەلدىم -دادا يەنە نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولىۋىدى، بۇغۇزىغا قاپلاشقان قانداقتۇر ئاچچىق سۇيۇقلۇق ئۇنىڭ يۈرىكىنى پىژژىدە قېلىپ ئېچىشتۇردى.

تېخى تۈنۈگۈنلا داد …… دادا دېگىنىچە ئارقىسىدىن ئەگىشىپ تەمتىلەپ ئەگىشىپ يۈرىيدىغان قىزى ئۈچۈن دادا بىر گىگانت ئادەم ئىدىغۇ، قىزى بۇدرۇق قوللىرى بىلەن دادىسىغا تەلپۈنەتتىغۇ؟
پىلتىڭلاپ يۈگۈرۈپ يۈرگەن قىزى ئۈچۈن دادا ئەسكىلەرنى يوقىتىدىغان ياپوننىڭ كىنولىرىدىكى ئاۋتىمەن ئىدىغۇ،
دادا ! دېسىلا ئالدىدا ھازىر بولىدىغان سىھىرلىك ئالاۋىدىن ئىدىغۇ؟
جىلتىسىنى ئېسىپ مەكتەپكە ماڭغان قىزى ئۈچۈن دادا ھەممىنى بىلىدىغان ئەقىللىق يىشۇ ئەمەسمىدى؟ ئەمدىچۇ؟ بۇ نېمە بولغىنى،دادا قىزى ئۈچۈن ياتلارچىلىكمۇ قەدرى قالمىدىمۇ؟ دادىنىڭ ئائىلىسى، بالىلىرى ئۈچۈن قىلغانلىرىنىڭ مىڭدىن بىرى بولسىمۇ قىزنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمىدىمۇ؟
قىزىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ بۈيۈك ئوبرازى يوقالغان دادا ئەمدى قانداق قېلىش كېرەك؟ قىزىنىڭ قەلبىدىكى پالۋانلىق سالاھىيىتىدىن ئايرىلىپ قالغان دادا زادى قانداق قېلىش كېرەك؟
دادا ئۈستەلگە ئاستاغىنە تىرەجەپ ئورنىدىن تۇردى، قىزىرىپ كەتكەن يۈزىنى سىيلىغىنىچە يىغلاۋاتقان قىزىنىڭ مەڭزىلىرىگە سۆيۈپ قويماقچى، تۇنجى تەگگۈزگەن بۇ بىر شاپىلاق ئۈچۈن ئەپۇ سورىماقچى بولدىيۇ يەنە ئاستا ئۆرۈلۈپ تىترىگەن قەدەملىرى بىلەن ھۇجرا ئۆيىگە قاراپ ماڭدى، ئايالى ئارقىسىدىن يۆلىمەكچى بولىۋىدى ئۇنىڭمۇ قوللىرىنى ئاستاغىنە ئىتتىرىدى……
ئۇنى ھېچكىم چۈشەنمەيدىكەن، ئۇ جانجىگەرلىرىم دەپ باغرىنى ياقسىمۇ، ئوت كاۋاپ بولۇپ كۆيسىمۇ ئۇلار ئۇنى ئۇ سۆيگەندەك سۆيەلمەيدىكەن……

 

باغدىن ئوتۇن تىرىپ كىرىپ ئوچاقتىكى بىر كورا سۈتنى سورۇپ پىشۇرىۋاتقان سارىخان، بىردە گۈرۈلدەپ بىردە پەسىيىپ ئىنچىكە قىپقىزىل تىللىرىنى چىقىرىپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا قارىغىنىچە بايىقى يىغلاۋاتقان بالىنى ئىسىگە ئالدى. “ كىچىكىنتاي بالىكەنتۇق، ئۈچ ياشقىمۇ توشماپتۇ…… ئانىسىنى سېغىنىپ يىغلاۋاتىدۇ دېدى ھە، ھە شۇنداق دېدى راست، نەچچە كۈن ئانىمىزنى كۆرمەي قالغىنىمىزغا مانە مۇشۇ ياشقا كىرىپ بىز چىدىمايمىز ئىمزەكتىكى بالا چىدارمۇ؟ “
ئۆينىڭ بىر چېتىدە بۆشۈككە بۆلەنگەن بوۋاق تۇيۇقسىز ئىڭەلەپ يىغلىغىنىچە ئايالنىڭ خىيالىنى بۆلدى. “ مانە مانە قوزام، قورسىقۇڭ ئاچتىمۇ، ھازىرلا تەييار بولىدۇ مانە، بىچارە ئاپاڭ سۈتىنى ساڭا بىرەلمەي كۆكسىلىرى چىڭقىلىپ ئاغرىۋاتقاندۇ تايىنلىق، جاپاكەش ئاپاڭ ئالدىنقى سەپتە بىمارلار ئۈچۈن جېنىنى تىكىپ قويۇپ ئىشلەپ كېتىۋاتىدۇ، ئامان ئىسەنچىلىكىنى بەرسۇن ئىشقىلىپ. ئېچە قوزام ئېچە، تولىمۇ رىسقىلىق بالىكەنسە ئۆزۈڭمۇ، مانا قوتاندىكى ئون نەچچە كالىمىز بىلەن خويمۇ ئوبدان سۈتچىلىك قېلىپ جان بېقىۋاتقانىدۇق، سۈتنى ئاچىقىپ ياكى ساتالماي ياكى بىرەرىگە بېرىۋېتەلمەي ياكى بۇ سېغىن كالىلارغا سۈتىڭلارنى چىقارماي تۇرۇڭلار سىلەرنى ساغساقمۇ ئىچكۈدەك كىشى يوق دېيەلمەي بىكاردىن بىكارلا زىيان بولىۋاتىدۇ دېسە، ھەييي شۇنچە تۇڭ سۈتتى تۆك !دېگەن بىر بۇيرۇق بىلەنلا يىغلاپ تۇرۇپ تۆكىۋەتتىم، ئۇنىڭدىن خوشنىلارغا بەرسەمچۇ دەپ كەتتىم. ئىسراپچىلىق قىلما دەيدۇ يۇ، يەن شۇ پۈتكەن تۇرغىنى ئىسراپچىلىق……
ھە كۈلىۋاتامسەن، كۈلە قوزام مېنىڭ ئارسلانىمغۇ سەن جان جىگىرىم، مۇشۇ كۈنلەردە سەندىن باشقا كىمىم بار دەيسەن. سەن بولساڭمۇ كۈلگىنە، بىلەمسەن قايسى كۈنىلا مەنمۇ سەندەك ئانامنىڭ قۇچىقىدا بىغەم بىر بوۋاق ئىدىم، ئۇچاغدا مېنى ھېچكىم سارىخان دەپ چاقىرمايتتى، ھەممىسى مېنى سارە، سارەم، بۇسارەئاي دەپ ئەركىلىتەتتى.
شۇچاغلار نەقەدەر گۈزەل ھە!
تەييارنى يەيسەن، تالاغا چىقىپ قانغۇچە ئوينايسەن، خالىساڭ كۈلىسەن، خالىساڭ يىغلايسەن ھېرىپ قالساڭ ئاناڭنىڭ قۇچىقىغا تاشلىنىپ ئۇخلايسەن. ھەممىسى سەن ئۈچۈن ئەتراپىڭدا پەرۋانە …… كۈلسەڭ ئاسمان زېمىن سەن بىلەن تەڭ قاقاھلاپ كۈلىدۇ، يىغلىساڭ يامغۇر بولۇپ ئۈستۈڭگە تۆكۈلىدۇ.
مەسۇم بالىلىق بارچە بارچىسى بىلەن گۈزەل. ھەتتاكى پەيتى كەلگەندە تىزىڭدىن قان ئاققۇزغان شۇ تاشلارمۇ شۇنچە سۆيۈملۈك، شۇنچە ھۇزۇرلۇق تۇيۇلىدۇ. ……
نېمىلەرنى دەپ كەتتىم ساڭا، قارىغىنە ئىسىم قۇرۇسۇن سۈتنى قاچىغا سېلىپ خوشنىلارنىڭ بالىسىغىمۇ
ئاچىقىپ بېرەي شۇلارنىڭمۇ ھەققى بار بۇ سۈتلەردە……

ئايال شۇنداق دېگىنىچە كورىدىكى سۈتنى قاچىغا تۆكتى. ئاندىن باغنىڭ ئارقىسىدىكى چىتلانغان تام تۈۋىگە كېلىپ خوشنىسىنى بوش ئاۋازدا چاقىردى.
— سۇپۇرەم~ ھۇي سۇپۇرەم ~كېلىن !

—ھە مانە – سۇپۇرەم باغدىكى قېلىن قارلارنى كېچىپ تام تۈۋىگە كەلدى.
—بالىغا سۈت بېرىڭ مانە ئېلىڭە ئىسسىققىنە سۈت پىشۇرۇپلا ئېلىپ كېلىشىم. – ئۇ شۇنداق دېگىنىچە قوينىغا تىقىۋالغان قاچىنى ئاۋايلاپقىنە سۇپۇرەمنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

—رەھمەت ھەدە،-دىدى سۇپۇرەم بىردەمدىلا مىچىلداپ بۇرنىنى تارتتى:- قانداقمۇ بىلىپ قالغانسىز بالىلارغا بەرگۈدەك سۈتمۇ قالمىغىنى سارىخىندە؟

—خوشنا دەپ بىكار ئىيتمايدۇ قېرىندىشىم، ئال بالىغا بەرگىن جۇگۇ.

كېلىن پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلاپ تاشلىدى :_سەھرا يېرى قىيامەت دېسە نېمە دەيدىكىن دەپتىمەن ھەدە، ئىبراھىم شەھەرگە كىرىپ يايمىچىلىق قېلىپ تاپقان ئازغىنە پۇلى بىلەن كېتىپ باراتتۇق، يوللار توسۇلۇپ مېۋىلەر ئامباردا سېسىپ تۇرۇپتۇ، يەيدىغان بالداقلار قېتىپ كەتتى چىش ئۆتمەيدۇ، ئۆيدە نە يىگۈدەك بىر بۇردا نان بولسۇن ……
ئۇ يىغلىغاندا كۆزلىرى چاقناپ، لەۋلىرى تىترەپ تولىمۇ گۈزەللىشىپ كېتەتتى.گوياكى بۇ قارا كۈنلەر ئالدىدا ياشلىق يەنە مەيدىسىنى تىككىدە تۇتۇپ تۇرغاندەك قېلاتتى.

— كادىرلارغا دىمىدىڭلارمۇ؟

—دېدۇق، بىر ئىككى قېتىم ئەكىرىپ بەردى. لېكىن بىزدەك كۈندىلىكنى كۈندىلىك تېپىپ يەيدىغان خەقلەر كۈرمىڭ تۇرسا قايسى بىرىگە يىتىشىپ بولالايدۇ دەيسىز، ئاڭلىساق ھازىر خېلى كۆپ خەق نان ئالايلى دىسە يانچۇقىدا ئون تىيىن يوق، كۈنىگە ھەتتا بىرۋاخ بىلەنمۇ كۈن ئۆتكۈزىۋىتىپتۇدەك شۇڭا بىزمۇ خىجىل بولدۇق دەلىۋىرىشتىن …… ئىككى بالا بىلەن ……_قىز ئىسەدەيتتى _ھېچنەرگە بارغىلى
بولمىسا ئاشقازاننى ئېسىپ قويغىلى بولمىسا يا……

سارىخان كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ تۇرۇپ كەتتى :__ بولدى، كۈندە مۇشۇ تامنىڭ يېنىغا بىر چىلەك سۈت بىلەن نان قويۇپ قويىمەن، كېلىپ ئەكەت قىزىم، يىغلىما مېنىمۇ بىر قىسما قېلىپ قويىدىكەنسەن يىغلىساڭ، بېشىمىزدىن نېمە كۈنلەر ئۆتمىدى دەيسەن، رىسقىمىز بولسا بىر گەپ بولار ئەمدى

— مەن كىرىپ كېتەي._قىز ياشلىرىنى يەڭلىرىگە سۈرىتتى_ ئىبراھىم كۆرۈپ قالمىسۇن، يىغلىغىنىمنى كۆرسە كۆڭلى يىرىم بولۇپ قالمىسۇن_ كېلىن قانداق تىز يىغلىغان بولسا يۈزلىرىدىكى ئازاپ شۇنچە تېز كۈلكىگە ئالماشتى.
قارا بۇلۇت ياپار كۆك يۈزىنى بىردەملىككىنە،
قۇياش ھامان كۆك يۈزىدە جەۋلان ئاخىرەتكىنە.

”ھەي قارىغىنە، ياشلىق دېگەن ھە“ئايال قار كېچىپ سۈتنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كېتىۋاتقان ياش كېلىننىڭ ئارقىسىدىن خېلىغىچە قاراپ تۇرۇپ قالدى“مۇھەببەت ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىپ شۇنچە يىراق يەردىن ئۇچۇپ كېلىپ مۇشۇ يەرگە ئۇۋا سېلىشقان بۇ بىرجۈپ قارلىغاچ بالىلىرىغا تۇرمۇشنىڭ ئۆتكۈنچى ئۈششۈكلىرى تەگمىسە بولاتتىغۇ ئىگەكىم“

شۇلارغا ئوخشاشلا ھەممە ھەممىدىن ئىچى سىقىلغان پەرۋاز ئىلدام قەدەملىرى بىلەن شوتىنىڭ پەلەمپەيلىرىگە دەسسەپ ئۆگزىگە چىقتى، بۇلۇتسىز كۆپكۆك ئاسماندا بىر توپ كەپتەرلەر پەرۋاز قىلىۋاتاتتى.
ئۇلار ئۇچاتتى، ئۇچاتتى…… قاناتلىرى ھېچبىر تالمايتتى.
ئۇلار گويا ئېتىنى پەرۋاز قويۇۋىلىپ ھېچقاچان ئۇچۇپ باقمىغان بۇ ياش ناتىۋانغا ئۇچۇشنىڭ نېمىلىكىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولغاندەك كۆك قەھرىدە مەغرۇر قاناتلىرىنى قىقىشاتتى.
پەرۋاز يىراق قىرلارغا نەزەر سالدى، ئاقباش تەڭرىتاغ بوۋاي ئېغىر ھاسىرىغىنىچە باغرىدىكى قىپقىزىل لالەزارلارنى باغرىغا مەھكەم تېڭىپ ياتاتتى.
ئەپسۇسكى بۇ لالە- گۈللەر ئېچىلماقنى شۇنچە ئارمان قېلىشاتتىيۇ باھار ئاتلىق بۇ ئاشقىنىڭ ۋەسلىگە ھېچبىر يىتەلمەيتتى.
”گۈزەل نەۋرۇز ئايلىرىغا ئاز قالدى،“ پەرۋاز ئىچىدە پىچىرلىدى.
نەۋرۇز _ ئەجەبا باھارنىڭ ئاچچىق تولغىقى ئەمەسمۇ؟
ئۇ قولىدىكى لەگلىكىنى ئېگىز قېلىپ ئۇچۇردى،
ئۇچ لەگلىكىم، ئۇچ !
يىپىلىرىڭنى ئۈزۈۋىتەي قانغۇچە ئۇچ!
باھارنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇپ قايتۇرۇپ كەل!
ئۇنىڭغا ئېيت، مەن باھار چىللايمەن.
پەرۋاز باھارغا ئاشىق!
ئۇ بىزگە قات _ قات پورەكلەپ ئېچىلماققا ۋەدە بەرسۇن.
بىزگە قايتا ئاچىلماققا مەدەت بەرسۇن.

ئاپئاق قاناتلىرىغا قارا سىياھتا چوڭ _چوڭ قېلىپ“ باھارغا ئاشىق“دەپ يېزىلغان لەگلەك كۆك قەھرىگە ئاستا ئاستا كۆتۈرۈلىۋاتاتتى.

قارا بۇلۇت ياپار كۆك يۈزىنى بىردەملىككىنە،
قۇياش ھامان كۆك يۈزىدە جەۋلان ئاخىرەتكىنە.

2020-2-22

**************

مەنبە: توردىن ئېلىندى.

تارقىتىڭ...
  1. ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ھېكايە بۇ قوللىرىغا دەرت بەرمىسۇن

  2. ھەدە،بەك ياخشى بوپتۇ

  3. ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز

  4. بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ، قولىڭىزغا دەرت بەمىسۇن ، شۇنداق كۈنگە قالغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ ئۆزى ياردەمچى بولغاي ئىنشائاللاھ

  5. ھەقىقەتەن بەك ياخشى چىققان ئەسەركەن، كۆز تەگمىسۇن

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

پەرۋاز:

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى