ياپون پەرزەنت تەربىيەسى: مۇنداق بالىلارنىڭ بەزىدە مەغلۇبىيتىنىمۇ ماختاپ بېرىڭ(10)

3,185 قېتىم ئوقۇلدى

بالىلارنىڭ ئارتۇق تەرەپلىرىنىغۇ ماختاپ بېرەيلى دىيىشتۇق، ئەمدى خاتالىقىنىمۇ ماختايدىغان ئىشمۇ؟ پەرزەنت تەربىيەسى مەسلىھەتچىسى ئاكې خاشى ئەپەندى مۇنداق مۇكەممەلشۇناس بالىلارنىڭ مەغلۇبىيتىنى ماختاپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ يالغۇز بالىلارغىلا ئەمەس، ئۆزىگە زىيادە يۇقىرى تەلەپ قويىۋالىدىغان، بەك «ياخشى» لىق رامكىسى ئىچىگە كىرىپ قالغان چوڭلارغىمۇ ماس كېلىدۇ.

 

 さよならの夏 – 手嶌 葵

 

(10)

مۇنداق بالىلارنىڭ مەغلۇبىيتىنىمۇ ماختاپ بېرەيلى

 

ماختاش ئۇسۇلى (5)

 

يېقندىن بۇيان بالىلار ئىچىدە شۇنداق سەزگۈر، چوڭلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئاسانلا بىلىۋالىدىغان ھەم «كۈچ سەرىپ قىلىش كەتمەيدىغان ياخشى بالىلار»  كۆپىيىپ قېلىۋاتىدۇ.

مۇشۇنىڭدەك گەپ ئاڭلايدىغان، ئۆز ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىدىغان بالىلارنى كۆرگىنىدە بەزى كەپسىز بالىلارنىڭ  ئاتا- ئانىلىرى بۇ بالىلارغا ھەۋەسلىنىپ «مېنىڭ بالاممۇ مۇشۇنداق بالا بولۇشنى ئۆگەنسە…» دەپ ئارزۇ قىلىسا، ئەكسىچە، بۇ خىل بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى «بالىلارنىڭ مۇشۇنداق كۈچ سەرىپ قىلمايىدىغان بالا بولىشى توغرىمىدۇ؟ بالىنىڭ قارشىلىق دەۋرى بولمىسا قانداق بولىدۇ؟» دەپ ئەنسىزلىككە چۈشىدۇ.

مۇنداق بالىلار بىر قېتىم ياخشى بالا بولۇپ ھىسابلاندىمۇ،–بولدى! ئۇلار ھەرگىزمۇ بۇ «ياخشى بالا بولۇش» چەمبىرىكىدىن چەتنەپ كېتەلمەيدۇ.

بىز ھەرقانچە «بولدىلا، ئۇنچىۋالا زىيادە تىرىشمىساڭمۇ بولىدۇ» ، «ئۆزۈڭنى سەل ئەركىگە قويۇپ بەرسەڭمۇ بولىدۇ» ، « ۋاي، بۇنچىۋالا ئويلاپ كەتمە….» دىسەكمۇ، بۇ خىل بالىلار يەنىلا  «بەك ياخشى بالا» بولىۋالىدۇ.  بىر قېتىم «ياخشىلىق كېمىسى» گە ئولتۇرىۋالغان بالا بۇ كېمدىن ھەر قانچە قىلىپمۇ چۈشەلمەيدۇ.

ئۇنداقتا بۇخىل بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلساق بولىدۇ؟

تەكلىۋىم شۇكى، بۇنداق بالىلارنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ماختاپ بېرىڭ.

بۇ خىل بالىلار «ياخشى بالا بولۇشۇم كېرەك!»، «چوڭلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمىسام بولمايدۇ!» دىگەندەك بېسىملار بىلەن ئۆزى تاقابىل تۇرالايدىغان ئەسلىدىكى 120% ئىقتىدارىدىن ھالقىپ، 150 %  تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بەك خەتەرلىك بولۇپ، ئۆز كۈچىدىن ھالقىغان تېرىشچانلىقلار ئادەمنى چارچىتىدۇ ھەم  بۇ چارچاشلار قەيەردىدۇ توپلىنىپ ئاخىرى بىر كۈنى تۇيۇقسىز پارتىلاپ چىقىدۇ.

ئەمدى تۆۋەندىكى مىسالدىكى قىزچاقنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىشى مۇمكىن؟

 

مۇنەۋۋەر بالا بولمىسام بولمايدۇ،- دەپ ئۆز كۈچىدىن ھالقىپ تېرىشچانلىق كۆرسىتىش

 

 -95 نۇمۇر! بۇ قېتىممۇ سىنىپ بويىچە 1- بوپسىز! باشقىلارمۇ تاناكا ساندىن ئۆگىنىڭلار!،- دىدى مۇئەللىم ئىمتىھان قەغىزىنى تارقىتىپ.

-خەپ، كېلەر قېتىممۇ ياخشى نۇمۇر ئالمىسام،- دەپ ئويلىدى قىزچاق.

-ۋاي-ۋۇي، پىئانىنونى بەك قالتىس چالىدىغان بوپكەتتىڭىز، ئۆيدىمۇ چوقۇم كۆپ مەشىق قىلغاندەك تۇرىسىز. سىزدىن ئۈمىدىمىز زور جۇمۇ،- دەپ خۇشال بولدى قىزچاقنىڭ پىئانىنو مۇئەللىمى .

-تېخىمۇ تىرىشىپ مەشىق قىلمىسام!،- دەپ ئويلىدى قىزچاق.

-بىرەر نەرسىڭىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدىغان قالتىس بالىدە سىز! دەپ ماختىدى ئاپىسى ماتىرياللىرىنى يۇغۇشتۇرىۋاتقان ئەستايىدىل قىزىغا.

ئەپسۇس، بىر كۈن تولىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن قىزچاق كەچ بولغاندا ئۆزىنىڭ تولىمۇ چارچىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

بىراق، بۇ خىل بالىلارنىڭمۇبەزىدە مەغلۇپ بولىدىغان، تىرىشچانلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ۋاقىتلىرى بوپقالىدۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتلىرىدا :

“  ۋۇي، سىزنىڭمۇ مەغلۇپ بولىدىغان ۋاقىتلىرىڭىز بولىدىكەن-ھە؟! ئادەم دىگەننىڭغۇ ئانچە – مۇنچە مەغلۇپ بولۇپ تۇرۇشى نورمال ئىش. بىز تىرىشچان سىزنىمۇ، ئانچە-مۇنچە مەغلۇپ بولىدىغان سىزنىمۇ ئوخشاشلا ياخشى كۆرىمىز.“ دەپ ماختاپ بېرەيلى.

مۇشۇنداق بالىنىڭ مەغلۇبىيەتلىرىنىڭمۇ نورمال بىر ئىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشىمىز ئارقىلىق بالىنىڭ ھازىرغا قەدەر«زادى ياخشى بالا بولمىسام بولمايدۇ»، «مەغلۇپ بولسام زادى بولمايدۇ» دىگەندەك ئۆزىگە قويغان چەكلىمە-رامكىلىرى ئەركىن- ئازادىلىككە ئېرىشىپ قالىدۇ.

بالىنىڭ ئىددىيەسىدىكى «ياخشى بالا بولمىسام، بۇ يەردە تۇرۇش سالاھىيتىم بولمايدۇ» دىگەن قاراش «ياخشى بولمىساممۇ بولىۋىرىدۇ» دىگەنگە ئۆزگىرىدۇ. مانا بۇ  دەل ئۆزىنى ھۆرمەتلەش ھېسابلىنىدۇ.

مانا مۇشۇنداق بولغاندا، بالىدا ئاستا-ئاستا ئەسلىدىكى ئۆزىنى ئىپادىلەش ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھازىرغىچە پەقەتلا كۈچ سەرپ قىلىش تەلەپ قىلمىغان بالا تۇيۇقسىزلا باش قاتۇرغىلى سالىدىغان باشقىچە بالىغا ئايلانغاندەك بوپقالىدۇ.

 ئەلۋەتتە، ئاتا-ئانا بولغۇچىغا نىسبەتەن تەس كېلىشى ئېنىق. بىراق، يەنىلا بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ – يېتىلىش نوقتىسىدىن قارىغاندا يەنىلا ياخشى ئەھۋال.

بالىنىڭ زىيادە ياخشىلىقىدىن، ياخشىلىقتىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەپ قالغىنىڭىزدا مۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.

 

بالىنى ئۆز كۈچىدىن ھالقىپ تېرىشىۋاتىدۇ،-دەپ ئويلىغان ۋاقتىڭىزدا ئاكىتىپلىق بىلەن ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ماختاپ بېرىڭ

 

60 نۇمۇر ئاپسىزغۇ؟ يېڭىلىققۇ بۇ؟! ،- دېدى ئانىسى ئالغان نۇمۇرىدىن خېجىل بولغان بالىسىغا، ئانا يەنە گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى.

لىكىن، مەن بۇنى كۆرۈپ بىر خىل خاتىرجەم بولۇپ قالدىم، داۋاملىق بەك يۇقىرى نۇمۇر ئېلىۋەرسىمۇ چارچاپ قالىدۇ كىشى، ئانچە-مۇنچە مۇشۇنداق نۇمۇرلارنىمۇ ئەپ تۇرغۇلۇق،- دەپ بالىسىننىڭ خېجىللىقلىرىنى ياپتى .

ئاپلا،. بۈگۈن پىئانىنو دەرسىڭىز بارلىقىنى ئۇنتۇپ قاپسىز-دە؟!  سىزمۇ مۇشۇنداق خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالىدىكەنسىز،-ھە؟ دېمىسىمۇ داۋاملىق بەك ھەممە ئىشلىرىڭىزنى جايى- جايىدا قىلىۋەتكەندىن ئانچە-مۇنچە ھاڭۋاقتىلىق قىلىدىغان خاناكو بولسىڭىزمۇ بولىدىكەن،  مەن مۇشۇنداق ھاڭۋاقتى قىزىمنىمۇ ياخشى كۆرىۋىرىمەن،-دېدى بۈگۈنكى پىئانىنو دەرسىنى ئۇنتۇپ قېلىپ بارالماي يىغلىغان قىزىنى بەزىلەپ ئانىسى.

تۆۋەندە ناھايتىمۇ ئوماق ھەم ئەمەلى بولغان بىر كېلىنچەكنىڭ يېڭى كېلىنچەك بولغان كۈنلىرىنىڭ قىزىقارلىق خاتىرىسىنى ئوقۇيمىز.

يېڭى كېلىنچەك خاتىرىسى

 

بۇنداق بىر ئېسىل ئائىلىگە ياتلىق بولۇپ كەلگەندىكىن ياخشى بىر كېلىنچەك بولۇش ئۈچۈن تىرىشمىسام بولماس،- دەپ ئويلايتتى يېڭى كىلىنچەك.

-ئاپا، قىلىشىپ بېرىدىغان ئىش بارمۇ؟ دىدى كىلىنچەك پەرتۇقىنى تارتىقىنىچە ئاشخانىغا كىرىپ.

-شۇنداقمۇ؟ مەيلى ئەمسە،- دەپ قازان بېشىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى قېيىن ئاپا.

يېڭى كىلىنچەك قازاندىكى تاماقنى قاپقارا قىلىپ كۆيدۈرۈپ قويدى.

بۇ چاغدا، قېيىن ئاپا كۈلۈپ كېتىپ مۇنداق دېدى:

-بەك ھەممە ئىشنى قىلالايدىغان، مۇكەممەل كېلىنچەك بوپكەتسە قانداقمۇ قىلارمەن دەپ ئويلاپمۇ قالغانىدىم، ھەنىم بولسا، خاتىرجەم بوپقالدىم.

ئاكىتىپلىقى تۇتۇپ كەتكەن يېڭى كىلىنچەك بېلىققا ئۆز كۆڭلىدە يەم بېرىۋاتاتتى، قېيىن ئاتىسى ئالدىراپ كەلدى:

-ۋۇي، بىلىقنىڭ يىمەكلىكى ماۋۇ يەردە، قولىڭىزدىكى ئىتنىڭ يىمەكلىكى،- دەپ بىلىقنىڭ يېمنى قىزغا ئۇزاتتى ھەم خىجىل بولغان كىلىنىگە قاراپ مەستلىگى كىلىپ مۇنداق دېدى.

-ھا…ھا… بۇ كىلىنىم نىمىدىگەن قىززىق ! ئامراق بوپقالدىم!

ئىشلىرىنى بىرەر قۇر تۈگەتكەن كىلىنچەك مۇنداق ئويلىدى؛

يېڭى ئائىلەم نىمانچە ئىللىق! خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ ماختايدىكىنە؟!

مەندىن: ماۋۇ كىچىككىنە ھىكايىچاقتەك بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمىيتىمىزدە كىلىنىنىڭ خاتالىقلىرىغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغان ئائىلە قانچىلىكتۇ ھە؟ مەن بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ كورىيە تىلۋىزىيە تىياتىرى «يەنە بىر كۆرسەم» دىكى يۈنجۇنىڭ زىيادە تىرىشچانلىقى ھەم قېيىن ئاپىسىنىڭ بۇ مۇكەممەل كىلىننى ياقتۇرمىغىنى ئېسىمدىن كەچتى، سىزنىڭچۇ؟

 

***********************

 

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

 

 

قىستۇرما: يېقىندا تۇيۇقسىز بىر ئايلىق يازمىلىرىم ئۆچۈرۈلۈپ كەتتى…شۇ سەۋەبمۇ ئېيتاۋۇر بىرەر نەرسە يازغۇم كەلمەيدىغان، تەرجىمە قىلغۇممۇ كەلمەيدىغان بوپقالدى…ھەقسىز ئەجىرلىرىم قەدىرسىز قالغاندەك تۇيغۇدىن خالىمەن دىسەم يالغان سۆزلىگەن بولىمەن.  يېزىقچىلىق، داۋراڭسىز ئەمگەك قەدرىنى بىلگۈدەك، يۈرىكىدىن ئوقۇيدىغان، تەكلىپ بىرەلەيدىغان ئوقۇرمەن ۋە قوللىغۇچىلىرىغا مۇھتاج، ئەلۋەتتە!

تارقىتىڭ...
  1. مەن بەك ئىھتىياجلىق بىر تىما ئىكەن، بەك مەنپەئەتلەندىم، كۆپ رەھمەت♥️

  2. مىنى كىچىكىمدە باشقىلار دايىم بەك ئەدەبلىك، بەك گەپ ئاڭلايدىغان بلا دەپ ماختايتتى، بارا بارا باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئىرىششى ئۈچۈن تىرىشىدىغان ، قىلغىم كەلگەن ئىشلارنى باشقىلار ياخشى كۆرمەي قالسا قانداق قىلامەن دەپ قىممايدىغان، خاتالىق ئۈتكۈزۈشتىن، باشقىلانىڭ ئەيىپلەپ قىلىشىدىن قۇرقىدىغان بۇپ قالدىم. بارا -بارا چۇڭلارنىڭ نەزىرىدىكى ياخشى بالا بۇلدۇميۇ ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغان مەن بۇلالمىدىم. تا ھازىرغىچە باشقىلارنىڭ قانداق قارىشى مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

  3. مېنىڭ ئوغلۇممۇ دادىسى بىلەن تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە دائىم تولۇق نومۇر ئالىدۇ بۇنىڭغا كۆنۈپ قالدىمۇ قانداق ،مەن خاتاغا خاتا ،توغرىغا توغرا بەلگىسى قويسام ماي تارتىپ يىغلايدۇ،شۇڭا دائىم :ئوغلۇم خاتا بولسا ھېچنىمە بولمايدۇ،پەقەت خاتانى توغىرلىساقلا يەنە يۇقىرى نومۇر ئالىدۇ كىشى،كىچىكىمدە مەنمۇ مۇشۇنداق خاتا قىلاتتىم ،چوڭ بولغانسىرى توغرا ئىشلەيدىغان بولىدۇ دەپ ئۇنىڭغا ئۆز خاتالىقىنى ئۆزى تونۇپ،تۈزۈتۈش ئۈچۈن پۇرسەت بېرىمەن.

    • كىچىك بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى خاتا ئىشلىگەن ـيازغانلىرىنى كۆرسىتىپ بەرسە قىيىداپلا قالىدۇ .
      دەسلەپتە مەن كىرىشىپلا قالاتتىم دېمىسىمۇ خاتا تۇرسا دەپ . كېيىنچە، خاتالىقىنى كۆرسەتسىمۇ خاپا بولغۇدەك بولسا سەل تاشلىۋىتىپ مىجەزى ئوڭ ۋاقىتتا دەيدىغان بولدۇم.

  4. بۇ يازما «چوڭلارغا يارايدىغان بالا» بولۇش تەلىپى بىلەن چوڭ بولغان بىز چوڭلارنىڭ كېچىكىپ بولسىمۇ ئارزۇيىمىزدىكى ھەقىقىي ئۆزىمىزنى تېپىپ چىقىشىمىز ئۈچۈن ئوقۇشىمىزغىمۇ بەك ماس كېلىدىكەن. مەن كىچىكىمدىن «بەك ئىش ئۇقىدىغان بالا» تىم. بالىلىقىمدا ئېرىشكەن بارلىق ئۇتۇق، ئىلھام، مۇكاپاتلارنىڭ ھەممىنى شۇ ئىش ئۇقىدىغانلىقىم بەرگەندەك ھىس قىلاتتىم. بۇ يازمىنى ئوقۇپ ھازىرغىچە ھەقىقىي ئۆزۈم بىلەن باشقىلارغا يارايدىغان ئىش ئۇقىدىغان مەن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلىرىدىن بەك چارچاپ كەتكىنىمنى ھىس قىلدىم. ئۆزۈمنىڭ كەمچىلىكلىرىمنى كەڭ قۇرساقلىق بىلەن ماختاشنى ئۆگىنەي

  5. ئەسسالامۇ ئەلەيكوم .مىنىڭ قىزىم پەقەت گەپ ئاڭلىمايدۇ.لىكىن مەن قىزىمنىڭ گىپىم نى ئاڭلىشىنى خالايمەن.پىسخىكىلىق مەسلىھەت بىرىشنى خالامسىز. مەن بىر گاڭگىراپ قالغان ئانا

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى