بۈگۈن ھاياتىڭنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنى بولغان بولسا..

2,443 قېتىم ئوقۇلدى

 

Hayat Bir Umut

 

 

بۈگۈن دۇنيانىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنى بولغان بولسا..

 

  🍃

سەن  چوقۇم ئەڭ چىرايلىق بىر كۈندە  ياشىۋالغان بولاتتىڭ!

سېنى بارچە شەيئىدىن گۈزەل شەكىلدە يارىتىپ، سەن ئۈچۈن كائىناتنى ئۆرنەكسىز ئاجايىپ مۆجىزىكار شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن،  ھېچبىر داڭلىق سەنئەتكارمۇ ئەسلى بويىچە سىزالمىغۇدەك دەرىجىدىكى گۈزەل رەڭ ۋە سەنئەت بىلەن بىزەپ بەرگەن،  تىنىڭنى سالامەتقىلغان، ھەربىر ئەزايىڭنى ماھىرلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان،  سېنى دۇنيادىكى ھەر قانداق ئىنساندىنمۇ بەكرەك سۆيىدىغان مۇھەببەت ئىگىسىگە رەھمەت ۋە مەدىھيە ئېيتقان،  بۇ قۇدىرەتلىك گۈزەل نۇر بىلەن ئۇچىرىشىش ئۈچۈن ئەڭ چىرايلىق ھالىتىڭدە ھازىرلىنىشنىئىستىگەن بولاتتىڭ!

        🍃

قىلغان گۇناھلىرىڭ، بەزىلەردە كۆرۈمسىزلىكلەرنى ساڭا گۈزەل شەكىلدە كۆرسەتكەن شەيتانغا ئەگەشكەنلىكلىرىڭ ئۈچۈن تۆۋبە قىلۋالغان،قىسقىغىنە ھاياتىڭدا ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئانچە موھىم بولمىغان ئادەملەر ئۈچۈن ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلغانلىرىڭ، ئۆزۈڭنى بىھۇدە ئازابلىغانلىرىڭ، ياشلىرىڭنى ئەرزىمەس قىلغانلىقلىرىڭ،  ئۆزۈڭنى تېخىمۇتېخىمۇ قەدىرلىمىگەنلىكلىرىڭ ئۈچۈن قىممەتلىك ئۆزۈڭدىن كەچۈرۈم سورىۋالغانمۇ بولاتتىڭ!

        🍃

سەن يەنە سېنى سۆيگەن،  سېنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىڭگە كېلىشىڭگە سەۋەب بولغان بارچە قىممەتلىك ئادەملىرىڭگە يۈرىكىڭدىن مىننەتدارلىقىڭنى ۋە ئۇلارنى سۆيىدىغانلىقىڭنى ئېيتىۋالغان بولاتتىڭ!

  🍃

جاھاننىڭ خىلمۇخىل رەپدارلىرىغا ئەگەشمەي قەلبىڭگە سىزىلغان يولنى بويلاپ ماڭالىغان ئۆزۈڭنى، شەخسى ئازابىڭدىن ھالقىپ بالىلىقنىڭياشلىقنىڭ پەيزىنى سۈرۈشكە تېگىشلىك يېشىدا پەسكەش دۇنيانىڭ ئەڭ يىرگىنچلىك، ئادەم چىدىغۇسىز ئازابلىرىدا يارىلانغانقەلبلەرنىڭ، ئانىلارنىڭ پىنھاندىكى كۆز ياشلىرى ئۈچۈن ياش تۆكەلىگەن چىرايلىق كۆزلىرىڭنى، ئاھلىرىنى تىڭشىيالىغان قۇلاقلىرىڭنى،  يىڭنە سانجىغاندەك ئاغرىۋاتقان ئاغرىقلىرىڭنى، چىرايلىق قەلبىڭنى يەنە بىر رەت سۆيۈپ قالاتتىڭ!

🍃

سەن ھەتتا، گۈللىرىڭ بىلەن يىقىملىق پاراڭلاشقاچ سۇ قويۇپ قويۇشنىمۇ ئۇنۇتمىغان، سەن كۆرگەن، ئۇچراشقان ھەر بىر گىياھ ھەر بىر ئادەم···ھەممە ھەممىگە مۇھەببەت بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆڭۈل كۆزۈڭدە قارىۋىلىشنى، ھەر دەقىقەڭنىمۇ مۇھەببەت بىلەن ئۆتكۈزۈشنى، مۇھەببەت بىلەن ئۆلۈشنى تىلەپ قالغان بولاتتىڭ!

🍃

ئۆلۈم -شەكسىزكى، ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئىبرەتتۇر.

ھالبۇكى، ھەركۈنۈنۈڭنى ھاياتىڭنىڭ ئاخىرقى بىر بېتى كەبى گۈزەل ياشىيالىغىنىڭدا ئىدىڭ،

ھاياتلىق كىتابىڭ ئەڭ گۈزەل شەكىلدە خاتىمىلەنگەن بولاتتى…

ئەنە شۇنداق ھايات ئاتا قىلغىن، ھەي ئىگەم!

🍃

2019/7/31     سەھەر         رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...
  1. سالام، خۇشپۇراقلىق رەيھانىم! مەن بۈگۈن يەنە سىزنى زىيارەت قىلىپ كەلدىم!ياخشى تۇىۋاتامسىز؟سىزگە ھەمراھ بولىۋاتقان بارلىق سۈيۈملۈك كىشلىرىڭىز، روىيىتىڭىز ۋە ئەمەلىيىتىڭىزدە كۆرۈپ تۇرىۋاتقان، مۇڭدىشىۋاتقان شۇ كىشلەرگە ھەم ئامان-ئېسەنلىك تىلەيمەن، روھىڭىزغا ھەر ۋاقىت كۈچ-قۇۋۋەت تىلەيمەن! بۈگۈن ئۈندىدار چەمبىركىمگە ھەر بىر كۈننى ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ھالىتىدە ئۆتكۈزۈش توغرىلىق يۈرەك سۆزلىرىمنى بايان قىلغانىدىم، مانا بۈگۈن سىزنىڭ بۇ گۈزەل، سېھىرلىك قەسىرىڭىزدە، ئوخشاش تېما، لېكىن ئاجايىپ پاساھەتلىك تىللار بىلەن ئېچىپ بېرىلگەن بايانلىرىڭىزنى ئوقۇپ، ئۆز ئارا روھداش ئىكەنلىكىمىزنى جەزم قىلدىم، چىرايىڭىزدىن، يۈرىكىڭىزدىن كۈلكە كەتمىسۇن رەيھانىم، سىزنى مېھرىم بىلەن قۇچاقلاپ ئۇزاقتىكى روھدىشىڭىز: ئارمان.

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بۈگۈن

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى