پىسخولوگىيە: مۇنداق مەسىلىگە يولۇقتۇم!

2,295 قېتىم ئوقۇلدى

Cecile Corbel – on the screen

 

مۇنداق ئەھۋالدا مېنىڭ ئورنۇمدا سىز بولسىڭىز قانداق قىلار ئىدىڭىز؟

  بىرىنجى ئىش

 

يېڭى يىل ھارپىسىدا سېتىۋالغان ئۈزۈكنى يېڭى يىل جەريانىدا بىركۈن تاقاپ،ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇششاق بىرلىيانت كۆزىدىن ئىككىسى يوقلىقىنى بايقىدىم ھەم شۇ پېتىقۇتىسىغا سەپ قويۇپ يېڭى يىللىق دەم ئېلىش تۈگىگەندىن كېيىن، سېتىۋالغان ماگزىنغا ئاپاردىم.

مۇلازىمەتچى كەچۈرۈم سوراپ يېڭىغا ئالماشتۇرۇپ بەرمەكچى بولدى.

لېكىن مەن خالىمىدىم ھەم بۇ شىركەتكە بولغان ئىشەنچىمنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكىنىنى، شۇنداق ئېسىل سودا سارىيىدا قىممەت ساتقان بويۇمىدا بىركۈندىلا مەسىلە كۆرۈلسە، يەنە ئىككىنجى قېتىم سودا قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇ پىكىرىمنى باشلىققا يەتكۈزۈپ قويۇشىنى سىلىقلىق بىلەن  ئېنىق ئېيتتىم.

مۇلازىمەتچى كەچۈرۈم سوراپ پۇلنى قايتۇرۇپ بەردى.

مەنمۇ ئۆزۈمنى توغرا قىلدىم دەپ قارىدىم. چۈنكى، خىرىدارلىق ھوقۇقۇمنى جايىدا ئىشلەتتىم.

      ئىككىنجى ئىش

 

يېقىندا كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك يوگا دەرسىمنى بىر مەزگىل توختىتىش رەسمىيەتلىرى ئۈچۈن بىۋاستە كۇلۇبقا باردىم.

قىززىق يېرى، مۇشۇ يۇقۇم مەزگىلىدىكى توختىتىپ قويۇشقىمۇ 3000 يىن ئەتراپىدا پۇل ئالىدىغانلىقى بولدى.

مەن توختىتىش سەۋەبىنىڭ پۈتۈن دۇنيا خاراكتىرىلىك ھايات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئىكەنلىكى، يالغۇز بۇ كۇلۇبلا ئەمەس نۇرغۇنلىغان ئورۇنلارنىڭ توختىغانلىقى ئېنىق تۇرسا، يەنە كۇلۇب ئەزالىرىدىن ھەق ئېلىشنىڭ ئادىل بولمايدىغانلىقىنى، بۇ پىكىرىمنى باش شىركەتكە يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى ئېيتتىم.

       ئۈچىنجى ئىش

 

ھەر قانداق ئادەمنىڭ تۇرمۇشتا زىيادە نازۇكلىشىپ قالىدىغان، تۇرمۇشتىن، ئادەملەردىن كۆڭلى ئاغرىيدىغان، قەلبى يارلىنىدىغان چاغلىرى بولىدۇ. بەزىدە ئەتراپىمىزدىكى تونۇش-بىلىشلەرنىڭ ئۆزىچە ماي تارتىپ قالغانلىقىنى سېزىپ قالىمىز، نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەيلا قالىمىز.

تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە، يەنى خىزمەتداشلار، دوستلار، سۆيگەنلىرىمىز، ئائىلە ئەزالىرىغا نىسبەتەن نارازىلىقتىن قۇتۇلالمايمىز. ئانچىكى كىچىككىنە ئىشلار سەۋەبلىك مۇناسىۋىتىمىزگە دەز كېتىدۇ.

مۇنداق ۋاقىتتا سىز ئىچىڭىزدە غۇم ساقلامسىز ياكى بىۋاستە قارشى تەرەپ بىلەن پاراڭلىشامسىز؟

مەن «6»نى «9» دەپ كۆرىۋىلىپ ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەۋالىدىغان ياكى ئىچىدىكى ئوي-پىكىرلىرىنى يوشۇرۇپ، جىممىدە تۇرۇۋىلىپ نېمىگە خۇش، نېمىگە خاپا بولۇپ يۈرگىنىنى دىمەيدىغان ئادەم بولمىسىلا بىۋاستە پاراڭلىشىشنى تاللايمەن ھەم ھازىرغا قەدەر كىشىلىك مۇناسىۋەتكە بەك ماھىرلاردىن بولمىساممۇ، مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى قوللاندىم دېيىشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ بۇجەھەتتىكى بىلىشىمنى ئۆستۈرۈشنى خالايمەن.

***

يېغىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىلىقلاردا مۇنداق مەشھۇر جۈملە بارمىش:غىچىلدىغان ئاۋاز چىقمىغۇچە، ھارۋىغا ماي قۇيۇلمايدۇ.

بۇ دىگەنلىكئىچىڭىزدىكى نارازىلىقىڭىزنى ئىپادىلىمىسىڭىز يەنە ئازارلىنىۋىرىسىز دىمەكلىك.

گايۋىنچ مۇنداق دەيدۇ: نارازىلىق ھەرگىز «توسالغۇ» بولماستىن ئەكسىچە بىر پۇرسەت!

ناۋادا، نارازىلىقىمىزنى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلىيەلەپ مەسلىنى ھەل قىلغىنىمىزدا: ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچ ئاشىدۇ.

ئۆز پىكىرىمىزنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويالغىنىمىزدا ئۆزىمىزدىكى كۈچنى تېخىمۇ ھېس قىلىمىز، قەدىرقىممەت تۇيغۇمىز ئاشىدۇ.

كىشىلىك مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ.ھەمراھىمىز بىلەن ئارىلىقىمىز يېقىنلاپ، دوستلۇقىمىز تېخىمۇ چۇڭقۇرلىشىدۇ. ئىچىمىزدىكى بىئاراملىقتىن قۇتۇلىمىز.

ئۆزى ياقتۇرمىغان، نارازى بولغان ئىشلارنى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەيدىغان ئادەم كۆپەيسە،دۇنيانىڭ قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقسڭىز بولىدۇ.

بۇندىن كېيىن #ھەپتىدە بىر ئەسەر# شەكلىدە ئۇشبۇ كىتابتىكى نىيۇيوركلۇق مەشھۇر پىسخولوگ گايۋىنچنىڭ نارازلىقنى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ئورتاقلاشماقچىمەن.

ئەمسە كېلەر ھەپتە بۇ توغۇرلۇق مەزمۇن دىققىتىڭلاردا بولسۇن~

تارقىتىڭ...
  1. كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ زىل بىر مەسىلە ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىپسىز! كۆپ رەھمەت .نۇرغۇنلىرىمىز مۇشۇ نارازىلىقىمىزنى توغرا ئۇسۇلدا ئىپادىلىيەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئىچىمىزدە ساقلىنىۋېرىپ ،كۈنلەرنىڭ بىرىدە يىغىلىپ يىغىلپ بىراقلا پارتلاپ چىققاندا بولسا چوڭ كۆڭۈل ئاغرىقلىرىغا سەۋەب بولىدۇ . ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى كۈتىمىز

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

پىسخولوگىيە:

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى