سەھەر☀️

2,024 قېتىم ئوقۇلدى

Great Morning- Daveed

 

 

سەھەر-
مەن ئۇنتۇلغان ئۆزۈمنى قايتا تېپىۋالىدىغان،
روھىمنىڭ زۇلمەتلىرىنى قوغلىۋىتىدىغان،
ئۆلگەن ئۈمىدلىرىم تېرىلىدىغان،
قۇياشنىڭ چاقناشلىرىغىچە تەبەسسۇم قىلالايدىغان،
قۇشلارنىڭ سايراشلىرىمۇ ھەقكە ۋە كائىناتقا بولغان مەدىھيە ناخشىسىدەك قەلبىمنى، تەپەككۇرىمنى ئويغىتالايدىغان،
جاھاننىڭ، ئادەملەرنىڭ، ھەتتا ئۆزۈمنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنى مەنسىتمىگۈدەك كۈچ بېرەلەيدىغان،
ھاياتىمنى قايتا رەت باشلايدىغان،

يارىلىرىمنى داۋالايدىغان خاسىيەتلىك دورىغا ئوخشايدۇ.
مەن مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنى قايتا بىر رەت سۆيۈپ قالىمەن~

 

2019.10.10     Reyhan      سەھەر

 

 

 

 

 ھەر كۈنى دىگۈدەك ئۇچىرىغان تەبىئەت گۈزەللىكىنى رەسىمگە تارتىشنى ياخشى كۆرىمەن.

ئۇشبۇ يازمامغا كىرگۈزۈلگىنى دەل يازما يېزىلغان سەھەر تارتىلغان سۈرەتلەر.

بۈگۈنمۇ سەھەردىن باشلانغان گۈزەل بىر كۈنىڭىز بولسۇن، خەيرىلىك سەھەر~☀️

تارقىتىڭ...
  1. بەك ياخشى يىزىپسىز! سۈرەتنىمۇ خۇددى فوتوگىرافتەك چىرايلىق تارتىپسىز…! ☕️☕️

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

سەھەر☀️"

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى