ئۇ-ئىقتىدارلىق، ئۆز ئالدىغا شىركىتى بار، يۇمۇرىستىك، خاس خاراكتىرى بار قىز. لېكىن، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزىگە مۇۋاپىق بىرەرىنىڭ چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنمەي قالدى.
ئۇنىڭچە بولغاندا، 30-40 ياشلاردىكى ئەرلەر ئۆزىگە ئوخشاش يېشى چوڭىيىپ قالغان كەسپى قىزلارغا كۆز قىرىنى سالمايتتى. ئۇلارنىڭ ئىزدەيدىغىنى يېنىدا پەخىرلىنىپ ماڭالايدىغان قىزلارئىدى.

ئۇ بىر كۈنى ھەقىقى توي قىلغۇسى بار بويتاقلار ئۈچۈن ئۆزلىرىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان لايىقنى تونۇشتۇرۇش ئېلانى بەرگەن شىركەتكە قىزىقىپ قالدى. شىركەتنىڭ شەخسى خاراكتىر سىناقلىرىنى تۈگىتىپ، ئۆزىگىمۇ خېلى ئېغىر كېلىدىغان يۇقىرى ھەقنىمۇ چىداپ تۆلىدى.
ئېلان رەسىمى ئۈچۈن ساتىراچخانىغا بېرىپ ئاتايىن چىچىنى ياسىتىپ رەسىمگىمۇ چۈشتى.
مەسئۇل خادىم تېزلىكتە مۇۋاپىق لايىق ئۇچۇرىنى بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىپ توختامنامىگە قول قويدى. قىز بۇنى لايىق تېپىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتى دەپ بىلدى.

ئەپسۇس، ئۈچ ھەپتە ئۆتكەن بولسىمۇ شىركەتتىن خەۋەر بولمىدى. ئاخىرى، ئۆزى تېلىفۇن قىلغاندىن كېيىن بىر قانچە لايىق تونۇشتۇرغان بولدى-يۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىرمۇ ئورتاقلىقى يوق، بىرى قېرى، بېرى بەكلا ئېگىز، يەنە بىرى بىرقانداق دىگەندەك ئۆزىگە قەتئى ماس كەلمەيدىغان ئادەملەر بولۇپ چىقتى.
ئۆزىنىڭ مىجەز-خاراكتىرى، لايىققا قويۇلغان تەلەپلىرى تەپسىلى يېزىلغان ئارخىبى قولىدا تۇرۇپمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان شىركەتتىن پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، شىركەت قەتئى رەت قىلدى.
ئامانەت كارتا شىركىتىگە بىر قانچە قېتىم ئەرز قىلىش خېتى يازسىمۇ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەننى باھانە قىلىپ ھەقنى قايتۇرۇپ بەرمىدى.

ئۆزىگە خاس خاراكتىرىمۇ بار، خىزمەتتىمۇ ئۆزىگە ئىشەنچىسى بار بۇ قىزنىڭ ئاياللىق دۇنياسىدا مۇھەببەتنىڭ كاملىقى ئۇنىڭ بىرەرىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچنى يوق قىلدى. ئۆزىنى مۇھەببەتكە ئېرىشكۈدەك سالاھىيتى يوق، باشقىلاردا بار ئارتۇقچىلىقلار ئۆزىدە يوق ئۆزىنى ئەرزىمەس، قەدىرسىز ھېس قىلدى.

 

Ay yuzlum

 

 

سىزدىكى قاندۇرۇلمىغان ئىھتىياج سىزگە نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ موھىم بولسا ياكى موھىم دەپ قارايدىغان تەرەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئىچىڭىزدىكى بۇ نارازىلىقنى ھەل قىلش ئىقتىدارىڭىز ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچكە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

يەنى، مىسالدىكى قىزنى ئالساق، مۇھەببەتلىشىش-نىكاھ مەسلىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىدىكى بەكمۇ موھىم مەسىلە بولغاچ، قىزنىڭ مۇھەببەتتىكى مەغلۇبىيتى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان بارلىق ئىشەنچىسىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى.
ئۆزىگە نىسبەتەن موھىم قارالغان نارازىلىقنى ھەل قىلالماي، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆزىنى چارىسز، كۈچسىز ھېس قىلىش بىلەن بىرگە بىخلىنىپ چىقىدىغىنى ئۆزىنى «زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى» ئورۇنغا قويۇۋىلىشتىن ئىبارەت.
ئەجىبا، قىزنىڭ ھەقىقەتەن مۇھەببەتتىن تەلىيى يوقمۇ؟ مۇھەببەتكە ئېرىشىش سالاھىيتى يوقمۇ؟
ياق، ئۇنداق ئەمەس! ئۇ پەقەت ئالدامچى شىركەتكە ئۇچراپ قالدى، خالاس!

☕️

قىز پىسخولوگ گايۋىنچنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە توختامنامىدىكى شىركەت ۋەدە بەرگەن كونكىرىت نوقتىلارنى تىلغا ئېلىپ قايتىدىن ئامانەت كارتىسى شىرتكىتىگە ئەستايدىللىق بىلەن خەت يازىدۇ ھەم مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا شىركەتتىن ھەقنى قايتۇرىۋالىدۇ.
ئەڭ خۇشاللىنارلىق يېرى، قىز يىللاردىن بىرى ئۆزىمۇ ئۇنۇتقان ۋۇجۇدىدىكى كۈچنى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى قايتا تونۇپ يېتىدۇ.
بۇ چاغدا ئۇ «زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى»دىن ««كۆرەش قىلغۇچىغا ئايلىنىدۇ.

بىر قانچە ئايدىن كېيىن، گايۋىنچ قىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئارتۇقچىلىقلار ئىچىدە يەنە يۇمۇرىستىك خاراكتىرىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، كومىدىيە ساھەسىدە يېڭىچە ئۆزىنى بايقاپ بېقىش تەۋسىيەسىنى بېرىدۇ.
نەتىجىدە نىيۇيوركتىكى بىر كومىدىيە دەرسخانىسىغا قاتناشقان قىز ئىككى ئايدىن كېيىن سەھنىگە چىقىپ ئالقىشلىنىدۇ ھەم ئۆزى بىلەن سەھنىگە چىققان بويى 178 سانتىمىتىر، قىزنىڭ توي قىلىش ئۆلچىمىگە تازا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەرنىڭ توي قىلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن يىللىق بويتاقلىق تۇرمۇشىغا خاتىمە بېرىدۇ.
يۇقىرى كەيپىيات، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ، ئۆزىگە بولغان قەدىر-قىممەتنى قايتا قولغا كەلتۈرگەن قىز قايتىدىن چاقناشقا باشلايدۇ.

 

 

مەندىن خۇلاسە-كالام:
دىمەك، ئىچىڭىزدىكى نارازىلىق سىز موھىم دەپ قارايدىغان مەسىلە بولسا، بۇنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھەل قىلالماسلىق ئادەمنىڭ پەقەت شۇ مەسىلىگىلا ئەمەس ھەر قايسى تەرەپتىكى ئىشەنچىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.
مەسلىنىڭ ئەسلى كېلىپ-چىقىش سەۋەبىنى چۈشىنىش ھەم ئۇنى مۇۋەپىقىيەتلىك ھەل قىلىش كىشىگە كۈچ ۋە ئىشەنچ بېغىشلايدۇ.

 

*************

مەنبە: ياپونچە“نارازىلىقنى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەش“ نامىلىق كىتابتىن

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

 

يېقىندىن بېرى ئوقۇۋاتقان كىتابىمدىن ئالغان تەسىراتنى كىتابنىڭ ئەسلى مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمىگەن ئاساستا بىلوگمدا ئېلان قىلىپ مېڭىۋاتىمەن.  كىتاب ئوقۇپ ئۇنى يېغىنچاقلاپ چۈشىنىشلىك ئۇسۇلدا يەتكۈزۈش ئاددى ئەمەس. ئەلۋەتتە، مانا مۇشۇنداق يېغىنچاقلاش جەريانىدا ئۆزۈممۇ خېلى مەنپەئەتلىنىۋاتىمەن،سىلەرنىمۇ مەنپەئەتلىنىدۇ دەپ قارايمەن. ھەقسىز ئەمگىكىمنىڭ   ھۆرمىتى ئۈچۈن بىلوگىمدىكى مەزمۇنلارنى ئەتراپىدىكىلەرگىمۇ يەتكۈزۈپ، تارقىتىپ كېىلۋاتقان دوستلاردىن مىننەتدارمەن.

تارقىتىڭ...