پىسخولوگىيە: پاسسىپ ھىسياتىنى سىرتىغا چىقىرالمايدىغان كىشىلەر(4)

2,187 قېتىم ئوقۇلدى

音闇を呪うより一本のろうそくを灯すほうがいい。

قاراڭغۇلۇققا لەنەت ئوقۇغاندىن، بىر تال شام ياندۇرغان  ئەۋزەل.

تەرجىمىدە: رەيھان


          

Despacito -Temburda Repqet

 

پاسسىپ ھىسياتىنى سىرتىغا چىقىرالمايدىغان «D تىپلىق خاراكتىرلىك»كىشىلەر

 

 

ئەر تۇرمۇش قۇرغان 15 يىلدىن بىرى شۇنچىلىك كۆپ كۆڭلىگە كېلىدىغان ئىشلاريۈز بەرگەن بولسىمۇ، بىرنىمۇ ئايالىغا ئېيتمىغانىدى. ئۇلارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا خۇشاللىقتىن كۆڭۈلسىزلىكنىڭ نىسبىتى ئېشىپ كەتكەن، ئەرنىڭ قورساق كۆپىكى ھەتتا، ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ كۆپ ئىدى.

ئەر ئادەتتىن تاشقىرى سەمىرىپ كەتكەن بولۇپ، كىيىنىشلىرىگىمۇ ئىتىبار بەرمەيدىغاندەك قىلاتتى. مەيلى سېرىتقى كۆرۈنۈش ياكى ئىچكىدۇنياسىدىن قارىغاندىمۇ ئۆزىنى شۇنچىلىك تاشلىۋەتكەنىدى.

بىر قانچە يىل بۇرۇن قان تومۇردا مەسىلە كۆرۈلۈپ تەكشۈرگەندە، دوختۇر يۈرەك كىسىلى قوزغىلىش ئىھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقى، شۇڭا تۇرمۇش ئادىتىىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇ يىمەكئىچمەك ئادىتىنى، ئۇزۇن ئولتۇرىدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېخىچە ئۆزگەرتەيمۇ دىمىگەنىدى.

ئايالىنىڭ داۋاملىق«ئاچچىقى يامان، ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەيدۇدىيىشلىرىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيتتى. ئۇ ئايالىنىڭ زورلىشى بىلەن پىسخىكىلىق داۋالاش ئورنىغا كەلگىنىدە، پىسخولوگ گايۋىنچنىڭ سۇئاللىرىغا شۇنچىلىك تەستە بەرگەن جاۋابلىرىدىن مەلۇم بولدىكى: ئەر تېپىك «D تىپلىق خاراكتىرلىك كىشىلەر» دىن ئىدى.

💡

بۇ يەردىكى«D»بولسا«distressed »نىڭ باش ھەرىپى بولۇپ، مەنپى ھىسياتلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئۇنى ئىپادىلىيەلمەيدىغان، مەنپى ھىسياتىنىقاتتىق كونتىرۇل قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تىرىشىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ خىلدىكى Dخاراكتىر تىپىدىكى ئادەملەرنىڭ تاجىسىمان ئارتېرىيە كېسەللىكى بولۇش خەتىرى يۇقىرى بولىدۇ. ئۆزىدىكى پاسسىپ ھېسياتلارنى چىقىرالمايدۇ. كۆڭلىدە لىققىدە ئاچچىق بولسىمۇ بۇنى سۆز ئارقىلىق ئىپادىلىيەلمەيدۇ.

💡

ئەرنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا بەلكىم، ئۇ ئەڭ ياقتۇرىدىغان پىروگراممىنى كۆرىۋاتقىنىدا ئايالىنىڭ دەخلى قىلىشىدىنمۇ ئارتۇق مەسىلە بولمىساكېرەك!

ئەر ئەڭ ئامراق پىروگراممىسىنى كۆرىۋاتقىنىدا ئايالىنىڭ ئۆزى ياقتۇرمايدىغان «Trek boy» دەپ چاقىرىشلىرى ئۇنىڭ شۇنچىلىك جېنىغا تېگەتتىكى، ئايالىنىڭ مۇنداقئاتىشىدىن، ياخشى كۆرىدىغان پىروگراممىسىنى ئارامىدا كۆرگىلى قويماسلىقىدىن شۇنچىلىك بىزاربولسىمۇ«ئۆزۈڭنى بىل!» دەپ ئاچچىقلىنىشتىن باشقا ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىغانىدى.

پىسخولوگ گايۋىنچ ئەرگە: كېلەر قېتىم ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان پىروگراممىنى كۆرىدىغان چاغدا ناھايتى تەمكىنلىك، ئەستايدىللىق بىلەن ئايالىغا ئۆزىگە دەخلى قىلماسلىقىنى ئېيتىشنى تاپشۇرۇق بېرىدۇ.

             

          💡

شۇنداق قىلىپ ئەر پىسخولوگنىڭ ئۇنىڭغا تاپشۇرغان تۇنجى تاپشۇرىقىنى ئورۇنلايدۇ. ئايالى ئەر تاپشۇرۇقنى ئىشلىگەن شۇ كۈنىدىنباشلاپ يۈرەك كىسىلى قوزغىلىپ قالغان يولدىشىنى بىر ئاي كۈتۈش جەريانىدا، ئۇنىڭ زىتىغا تېگىدىغان بىرمۇ سۆز قىلمايدۇ.

ئەلۋەتتە، ئەرنىڭ ھىسياتىنى ئىپادىلىيەلمەيدىغان مىجەزى ئۆزگەرمەيدۇ. لېكىن، ئۇ نارازىلىقنى ئىچىگە يۇتىۋەرگەندە، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ.

      

                        

جۆرىسى بىلەن بىللە ياشايدىغان ھەرقانداق كىشى قەلبىدىكى نارازىلىقلارنىڭ قايسىسىنى ئېيتىش، قايىسىسىنى  ئېيتماسلىقنى ئۆزى بېكىتىشى كېرەك.

بۇنى قىلالمىغان بىر جۈپلەر قاچانلا قارىسا بىربىرىگە غودۇراپلا يۈرىدۇ ياكى جىدەل ئۈزۈلمەيدۇ.

دىيىشكە تېگىشلىك نارازىلقىنى ئاقىلانىلىك بىلەن تاللاش ناھايتى موھىم.

ئىچىڭىزدىكى نارازىلىقنى ھەقىقەتەنمۇ قارشى تەرەپكە بىلدۈرمەكچى بولسىڭىز، بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە خىل نارازىلىقنى بىراقلا ئېيتىشقا بولمايدۇ.

يەنى، ئانچە موھىم ئەمەسلىرىنى قىسقارتىۋىتىپ ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەڭ موھىم دەپ قارىغىنىڭىزنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇڭ.

چۈنكى، بۇ نارازىلىقىڭىز ھەل بولمايدىكەن، ئالدىنقى يازمىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، كۈندىلىك تۇرمۇش، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

يۇقارقى مىسالدىكى ئەرگە ئوخشاش ئىچكى ھىسياتىنى ئىىپادىلىيەلمەيدىغان، ئىچىدىكى نارازىلىقىنى چىقىرالمايدىغان، ئىچىدىكى نارازىلىقلارنى قانداق ئىپادىلەش ماھارىتىنى يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقان ئادەملەرگە نىسبەتەن ئىشنى چۈشەنمەك ئاسان، كونكىرىت، كىچىك نارازىلىقتىن باشلىغىنى تۈزۈك.

نارازىلىقنىڭ مەنبەسى، شۇ كىشىگە بولغان ئەھمىيىتى، قارشى تەرەپنىڭ خاراكتىرى، نارازىلىقنى يەتكۈزۈش ئۇسۇلى، پەيتى دىگەندەكلەرنىمۇئويلىشىمىز.

**********************

مەنبە: ياپونچە“نارازىلىقنى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەش“ نامىلىق كىتابتىن

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. ھەر بىر قىلىۋاتقان ئەمگىكىڭىزدىن گۈزەل نەتىجىلەر ئۈنسۇن،مەزمۇنلار شۇنداق يېقىشلىق بوپتۇ.

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

پىسخولوگىيە:

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى