بۈگۈن ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئەجدادى🕊

2,163 قېتىم ئوقۇلدى

LA PALOMA – Richard Clayderman

 

 

بۈگۈن 7-ئاينىڭ 17-كۈنى🕊
ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى تۇنجى بالايى-ئاپەت توپان بالاسى توختىغان كۈن.
ھالبۇكى، سىرىتتا يەنە قاتتىق يامغۇر ياغماقتا…مەن قەلبىمنى لەرزىگە سالغان بۇ قىسسەنى بۈگۈننىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە ئۆز قەلىمىمدە خاتىرىلەپ قويماقچىمەن.

🕊

ئالەم يارىتىلىپ 6-كۈنى يەردىن ئېتىلىپ چىققان سۇ بىلەن زېمىن سۇغۇرۇلدى ھەم تەڭرى توپىدىن ئادەمئاتىنى ياساپ، بۇرنىدىن ئۆز روھىنى پۈۋلەپ، ئۇنىڭغا ھاياتلىق بەردى.

ئادەمئاتىنى يالغۇز قالمىسۇن دەپ ئۇ قاتتىق ئۇيقىغا كەتكەن ۋاقىتتا سول قوۋۇرغىسنى ئېلىپ ئايالنى ياسىدى. شۇنداق قىلىپ، دەسلەپكى ئايال ئەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن يارىتىلدى.

ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى بوۋىسى ئادەمئاتا ياشاپ تەخمىنەن مىڭ يىلدىن كېيىن، ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن نۇھ دۇنياغا كەلدى.

ھەزىرىتى نۇھنىڭ زامانىدا كىشىلەر گۇناھتا ھەددىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن، تەڭرى نۇھنى كېمە ياساشقا بۇيرىدى.
نۇھنىڭ كېمىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى 133مېتىر، كەڭلىكى 22 مېتىر، ئېگىزلىكى 13 مېتىر ئىدى.
نۇھ ئايالى، بالىلىرى، ھايۋاننىڭ ھەربىر تۈرىدىن ئەركەك-چىشى بىر جۈپتىن كېمىگە سالدى.

توپان بالاسى بولغاندا نوھ 600 ياشتا ئىدى. 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاسماندىن چىلەكلەپ يامغۇر يېغىپ، يەردىكى بۇلاقلار يېرىلىپ يەر-زېمىننى سۇ باستى.
بەش ئاي يەنى، 150 كۈن داۋاملاشقان توپان بالاسى توختاپ، كېمە 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، يەنى بۈگۈنكى📆كۈندە ھازىرقى ئىراقنىڭ ئارارات تاغ تىزمىلىرىنىڭ بىرىدە توختىدى.
يەنى، بۈگۈن ئىنسانىيەت تارىخدىكى تۇنجى بالايى-ئاپەت توپان بالاسى توختىغان كۈن.

10-ئاينىڭ 1-كۈنى يەر يۈزىدىكى سۇ پەسىيىپ تاغ چوققىسى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. 40 كۈندىن كېيىن بىر كەپتەرنى سۇنىڭ يانغان-يانمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن قويۇپ بەردى.
كەپتەر قونغۇدەك بىرەر جاي تاپالماي قايتىپ كېلىپ، يەتتە كۈندىن كېيىن يەنە قويۇپ بەرگەندە، كەپتەر ئاغزىدا يېڭى زەيتۇن يوپۇرمىقىنى چىشلەپ كەلدى.🕊
دىمەك، يەر يۈزىدىن توپان بالاسى پۈتۈنلەي كەتكەنىدى.

بۇ قىسسەنى ئوقۇپ، كەپتەرنىڭ نېمە ئۈچۈن تىنچلىقنىڭ سىمۋولى ئېكەنلىكىنى، ماۋۇ يوپۇرماق چىشلىگەن كەپتەر سۈرىتىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.🕊

 

🕊

توپان بالاسى بىلەن پۈتكۈل ئىنسانىيەت ۋە جانلىقلار سۇغا غەرق قىلىندى.
پۈتكۈل زېمىندا نۇھنىڭ كېمىسىگە سېلىنغان ھايۋان ۋە نوھ ۋە نوھنىڭ ئايالى، ئەۋلادلىرىدىن سام، ھام، ياپەسلەردىن باشقا بىرمۇ تېرىك جان قالمىغانىدى.
نۇھ 950 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى ھەم ئىنسانىيەتنىڭ ئادەمئاتىدىن كېيىنكى ئىككىنجى بوۋىسى ئاتالدى.
ھازىرقى پۈتكۈل ئىنسانىيەت نۇھنىڭ ئۈچ ئوغلى سام، ھام، ياپەسلەرنىڭ ئەۋلادلىرى دىيىلدى.

 

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

2020.07.17   سەھەر

تارقىتىڭ...

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بۈگۈن

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى