بالاغەت مەزگىلىدىكى بالىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە

2,448 قېتىم ئوقۇلدى

 يېڭى بالاغەت مەزگىلىدىكى ئۆزىمىزنىڭ ئەسلىمىلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرەيلى. زىددىيەتكە، گۈزەل ئارمان، يېڭىچە تۇيغۇلارغا تولغان، ئاتا-ئانىمىزغا قويغان تەلەپلىرىمىز يۇقىرى بولغان، ئۇلار بىلەن قارشىلىشىدىغان..بىر دەۋرىمىز بولغان، شۇنداققۇ؟

ئادەم ھاياتىدىكى ئىككىنجى قارشىلىق دەۋرى بولغان بالاغەت مەزگىلى مەيلى قايسى جەمىئەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن بولسۇن، ئوڭۇشلۇق ھالقىماق قېيىن بولغان بىر دەۋىر ھېسابلىنىدۇ.  دىققەت قىلمىسا بالىلار ئاسانلا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ ۋە ياكى ھاياتىدىكى گۈزەل بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداقتا، ئۆزىمىزنىڭ بالاغەت مەزگىلىدىكى ئەسلىملىرىمىزگە قايتقاچ ھازىرقى دەۋرىدە ياشاۋاتقان بالاغەت مەزگىلىدىكى ئېنى-سىڭلىللىرىمىز، بالىلىرىمىزدا قانداق مەسىللەر كۆرۈلىۋاتىدۇ، بۇ مەسىللەرگە قانداق يۈزلىنىش كىرەككەن؟ تۆۋەندىكى ئەمەلىي مىسالنى ئوقۇغاچ ئويلىنىپ كۆرەيلى.

 

Hijirii warabe no Erisu

 

ئانا 15ياشلىق قىزىنىڭ پادىچىلار ئشتىنىنىڭ يانچۇقىدىن كۆز رەڭگىنى ئۆزگەرتىدىغان كۆز قارچۇقى تىپىۋالدى. ئەتىگەنلىك ناشتا ۋاقتىدا قىزىدىن بۇ ئىشنى سوراشنى ئويلىشىۋاتقاندا قىز كېلەر ھەپتنىڭ ئاخىرى يېقىن دوستىنىڭ ئۆيىدىكى يېغىلىشقا بارسا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىدى.

بۇ چاغدا ئاپىسى قىزىنىڭ سۆزىنى بۆلۈپلا قاچاندىن باشلاپ كۆزىگە مۇنداق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى سورىدى.

قىز: نېمە؟ مەن ئەزەلدىن ئۇنداق نەرسە ئىشلىتىپ باقمىدىم،- دىدى ھەيرانلىق بىلەن.
ئاپىسى: ئەمسە بۇ نېمە؟ دەپ قولىدىكى ئىسپاتىنى كۆرسەتتى.
قىز : نېمە ئۇ؟
ئاپىسى: ئىشتىنىڭنىڭ يانچۇقىدىن چىققان نەرسىنى ئۆزۈڭ بىلمەمسەن؟
قىز: كىيملىرىمنىڭ يانچۇقىنى ئاشۇنداق خالىغانچە ئاقتۇردىڭىزما؟،-دېگىنىچە قولى بىلەن يۈزىنى ئەتكىنىچە يىغلاپ تاشلىدى…ئادەمنىڭ يانچۇقىنى خالىغانچە ئاقتۇرۇپ…نېمىدىگەن بىمەنىلىك! ئۇ نەرسىنى ئۇقمايمەن، بىرەرسى سەپ قويغان ئوخشايدۇ…
ئانا: نەدە ئۇنداق ئىش باركەن! راست گەپنى ئېيتمىغۇچە سىرىتقا چىقىشىڭغا رۇخسەت يوق! دەرھال تېلىفۇنلىرىڭنى تاپشۇر!  تېلىفۇن، خاتىرە كومپىيۇتىر..ھەممىسىنى ئىشلەتمەيسەن.
قىز: ھەممىڭلارغا ئۆچ بولدۇم! چىرايىڭلارنىمۇ كۆرگۈم يوق! دىگىنىچە ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكنى قاتتىق ياپتى.
شۇندىن كېيىنمۇ قايتا-قايتىلاپ بۇ ئىشنى سوراپ جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن، قىزىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلەلمىگەن ئانا ئاخىرى  پىسخولوگ گايۋىنىچدىن مەسلىھەت سورايدۇ.
قىزىمنىڭ بۇ مەسلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى چارىسى بارمۇ؟

 

 

 

 

💡

 بالاغەت مەزگىلىدىكى  بالىلارغا نارازلىقنى يەتكۈزۈش ئۇسۇلى

 

ئەمدىلا ياشلىق باسقۇچىغا قەدەم قويغان ئونياشارلارغا ئاتا-ئانا بولغۇچى قانچىكى ئەنسىرەشلىرىنى ئېيتقانچە، بالىغا ھېچنىمە تەسىر قىلماس بولىۋالىدۇ.
ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز تەلىپىنى، نارازىلىقلىرىنى ئېيتىشى، بالىنىڭ مۇداپىئەگە ئۆتۈشى، ئاتا-ئانا بىلەن پاراڭلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىشى، ئاتا-ئانىنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماسلىقتەك بۇ خىلدىكى پاراڭلىشىش ئۇسۇلى« تەلەپ-چېكىنىش خاراكتىرىلىك پاراڭلىشىش» دىيىلىدۇ.
مانا بۇ خىل پىكىر ئالماشتۇرۇش-ھەر ئىككىلا تەرەپنى يارىلاندۇرىدىغان، ھېچقانداق پايدىسى يوق، مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىدىغان خاتا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. روھى جەھەتتىن ئەنسىز ھالەتتە بالىغا تەربىيە قىلىش، نارازىلىقنى ئېيتىش-ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككىلا تەرەپ بەدەل تۆلەيدىغان ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنداقتا، ئۇلار بىلەن قانداق نورمال پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك؟

ئاتا-ئانىلار بالىلار مۇھىم دەپ قارىغان مەسىللەرگە قۇلاق سالماي، ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم دەپ بىلگەنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا يۇقارقىدەك«پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن قېچىش» كېلىپ چىقىدۇ.
بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ  سۆزلىرىنى ئاڭلىشى زۆرۈر.

يۇقارقى مىسالدىكى ئانا بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىنى ئالساق، ناشتا ۋاقتىدا قىز ئۆزىنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتقاندا، ئاتا-ئانىسى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىللىق  بىلەن ئاڭلىشى، ئاندىن سۆز تېمىسىنى تەبىئى ھالدا قىزنىڭ مەسلىسىگە يۆتكىگەن بولسا بولاتتى.

قىسقىسى، ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى«تەلەپ ۋە قېچىش خاراكتىرىدىكى پاراڭلىشىش»دىن ساقلىنىش ئۈچۈن:
 بالا ئۇششاق-چۈششەك، ئەرزىمەس بىرەر ئىش توغرىسىدا سۆزلىگەن تەقدىردىمۇ، بالىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن باراۋەر ھالدا پاراڭلىشىپ بېرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش، بالىنىڭ سۆزىنى بېرىلىپ ئاڭلاپ بېرىش كېرەك.
شۇنداق بولغاندا، ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا  ئورتاق، باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ مەسلىنى ھەل قىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ.

ئونياشارلار بىلەن بالدۇر مۇھەببەتلىشىش، تاماكا چىكىش ھەم غەيرى ئادەتلەرگە ئۆگىنىپ قىلىش…دىگەندەك ئېغىر تېمىلاردا پاراڭلىشىش توغرا كەلسە ئاتا-ئانىلارگەپنى يېغىنچاق، قىسقا قىلىشقا دېققەت قىلىشى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئويلىغانلىرى، تەلەپ-پىكىر، پىلان، بالىنىڭ مەنپەئەتى، بالىنى قوغداش ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىرى…دىگەنلەرنى پۈتۈن پاراڭنىڭ يېرىمىغا يېغىنچاقلىشى كېرەك.

ئەڭ مۇھىمى بالىنىڭ ئويلىرى، كۆڭلىدىكىگە قۇلاق سىلىش ھەم چۈشىنىش بولۇپ، بالا بىلەن ئوخشاش ئۆزىمۇ« ئون نەچچە ياشلىق بالا»بولۇش، بالا بىلەن بىللە ئۆسۈپ-يېتىلىشتۇر.
بالىغا يېرىم قەدەم يېقىنلىشىڭ. قالغان يېرىم قەدەمنى بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئېلىشىنى ساقلاڭ. ئاخىرقى قېتىم يەنە بىر ئەسكەرتسەك، بالا بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ قائىدىسى شۇكى-بالىڭىزغا تەلىم-تەربىيە بېرىشنىڭ 80% بالىنى ئېتىراپ قىلىش ھەم بىتەرەپ ئورۇندا تۇرۇپ سۆزلەش، 20% كۆرسەتمە بېرىش ۋە تەلەپ بولسۇن.

بۈگۈن بالاغەت يېشىدىكى بالىلىرى بار ھەم بەزى مەسىللەردە نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ھەتتا ھەقىلىق دەرسلەردىنمۇ تىپىلمايدىغان جەۋھەر مەزمۇننى سۇندۇم. يۇقارقى مەزمۇننىڭ ماڭا ھەم كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى ئۈچۈن قىممەتلىك گۆھەر بولۇپ قالىدۇ دەپ بىلىمەن.

*******************

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت
پايدىلانغان ماتىرىيال: پىسخولوگ گايۋىنىچنىڭ“نارازىلىقنى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەش“ نامىلىق كىتابى

 

 

ئەسكەرتمە: Teenager، 10代 دىگەن ياپونچە، ئىنگىلىزچە ئاتالغۇلار ئۇشبۇ يازمىدا كۆپلىگەن يەرلەردە ئونياشارلار دەپ ئېلىندى.

تارقىتىڭ...
  1. بەكمۇ ياخشى تېما ئىكەن، رەھمەت سىزگە، ھارمىغايسىز

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالاغەت

باش بەتكە قايتىمەن

© 2026 توكيو خاتىرىلىرى