«رەھمەت»- ئەڭ قالتىس ماختاش سۆزىدۇر.
ئىنسان ئۈچۈن ھەممىدىن موھىم بولغان ئىنسانى  قەدىر- قىممەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈردىغان سۆزدۇر.

تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت

 

ئادەتتە تولىمۇ كەپسىز، گەپ ئاڭلىمايدىغان پىتىر قۇلاق ئوغلۇم ئىستەمى ئىككىمىز يالغۇز قالغاندا تولىمۇ سۆيۈملۈك، رايىش، گەپ چۈشىنىدىغان باشقىچە بالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىككىمىز پات-پات كىتابخانىلارغا، باغچىلارغا، قەھۋەخانىلارغا بېرىپ تۇرىمىز، بۇ چاغلاردا ئىككىمىز دوستلاردىن بوپ قالىمىز. بىر كۈنى كەچتە بالىنىڭ تۇيۇقسىزلا ئېيتقان سۆزلىرىدىن يۈرىكىم لەرزىگە كەلدى ھەم بۇ تاتلىق پاراڭنى خاتىرەمگە يېزىپ قويدۇم. بۈگۈن يۇقارقى بىر جۈملىگە قوشۇمچە سۈپتىدە ئۇشبۇ ئوتتۇرىمىزدىكى پاراڭنى ئاشكارىلاي.

ئاپا، ھەر دائىم رەھمەت!
(كىچىككىنە بەش ياشلىق ئىستەمى ئۆمۈچۈك پۇتىدەك بۇ خەتلەرنى ئۆزى يېزىپتۇ)

ئۇخلاش ئالدىدا ئىستەمى:  ئاپا تۇغۇلۇپ بەك ياخشى بوپتىكەن!

مەن:  قانداق دەيسەن؟

ئىستەمى:  ئاپا بولغاچ بەك كۆڭۈللۈك.

مەن:  سەنمۇ شۇ، تۇغۇلغىنىڭغا رەھمەت ئوغلۇم!

شۇنداق،سىزنىڭ مەۋجۇتلىقىڭىز پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ھېچنىمە بولسىمۇ،  ساناقلىق ئادەملىرىڭىز ئۈچۈن سىز بىر دۇنياسىز.

شۇ ساناقلىقلىرىمىز بىلەن ئۇچراشتۇرغان ئىگىسىگە شۈكۈرلەر ❤️

2019.08.29

تارقىتىڭ...