كۈندە بىر جۈملە/13-كۈنى

3,193 قېتىم ئوقۇلدى

ئاسانلا يىغلايدىغان بالىلارئەمەلىيەتتە ئۆزگىچە، تۇيغۇلىرى مول، سەزگۈر، ئاقكۆڭۈل بالىلاردۇر.

تەرجىمىدە: رەيھان

ئەنسىرەشكە تېگىشلىكىھىسياتىنى «يىغا» بىلەنمۇ ئىپادىلىيەلمەيدىغان، تۇيغۇلىرىنى، دىمەكچى بولغانلىرىنى كونتىرول قىلىپ سىرتقاچىقىرالمايدىغان بالىلاردۇر.

 «يىغلاڭغۇ» بالىلارنىڭ قەلبىنىڭ يىتىلىشىدىن خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ. بۇ خىل بالىلار ئۆزگىچە، تەسىرچان، تۇيغۇلىرى سەزگۈر،ئاقكۆڭۈل بىر ئىنسان بولۇپ چىقىشى مۇمكىن.  بىز بىلىدىغان نۇرغۇنلىغان داڭلىق شەخىسلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ «يىغلاڭغۇ» بالىلىقىبولغان.

***

مەندىن: تۈركەنئاينىڭ ئەمىدلا 3 ياشلارغا كىرگەن چاغلىرى بولسا كېرەك. بىر كۈنى يەسلىدىن بىر تال ھالرەڭ لالىگۈل ئېلىپ كەپتۇ. گۈلنى سۇغا چىلاپ قويۇپ نەچچە كۈنلەر ئۆتكەن بىر كۈنى بەرگىلىرى تۆكۈلگەن  گۈلگە قاراپ بۇ قىز شۇنداق تارام-تارام  يىغلىدىكى، ئىچىمدە «بالا دىگەن ئاجايىپ  بولىدىكەن…» دىگەنلەرنى ئويلىدىم.

تۈركەنئاي ھېىلىمۇ بىرەر كارتون، كىنولارنىڭ تەسىرلىك كۆرۈنۈشلىرى چىقسا كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلىدۇ. ئائىلىدە كىچىككىنە ئىشقىمۇ يىغلايدۇ. بەزىدە ئارتۇق يېغىلىرى چارچىتىپمۇ قويىدۇ.

ئاخىرىدا تۈركەنئاي ھەم ئۇنىڭغا ئوخشاش يىغلاڭغۇلارنىڭ كەلگۈسىدىمۇ تۇيغۇلارغا باي، مىھىر-مۇھەببەتلىك ئادەملەردىن بولىشىنى تىلەيمەن.

تارقىتىڭ...
  1. ئەسسالام رەيھانگۈل❤️تەپەككۇرىڭىز توختالغۇسىز داۋام ئەتكۈسى.
    ئەركىنئاينىڭ ئاسان ھاياجانلىنىدىغان تەرىپى ،مەن ۋە دىلارە قىزىمغا ئوخشايدىكەن.تېلىۋىزورلاردا تەسىرلىك يەرلەر چىقسا،بولۇپمۇ アナと雪の女王نى تۇنجى قېتىم كۆرۈپ كۆزلىرىدىن ئاجايىپ بۇلدۇقلاپ ياشلار تۆكۈلگەن ئىدى.ھەدىلىرى ۋە مەن بەكلا ھەيران قالدۇق.بالىلارنىڭ شۇ خىل ھىسياتلىرى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ.ۋەقەلىكنىڭ ئىچىگە ئۆزىمۇ كىرىپ كەتكەندەك ھىسياتتا بولسا كېرەك.

  2. كەچۈرۈڭ تۈركەن ئاي دىدىم دەپ ئىنكاسقا ئەركىنئاي دەپ كېتىپ قاپتۇ.

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

كۈندە

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى