بۇ يىلغا تەۋە ھوزۇرلىنپ ئوقۇغان كىتابىمدىن بىرى شەيخ سەئدىنىڭ «گۇلستان» ناملىق كىتابى بولدى. يىلنىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرىدە بۇ كىتابنىڭمۇ خۇلاسىسىنى ماڭا تەسىر قىلغان جۈملىلەر بىلەن خاتىرىلەپ قوياي.

 

 

Ervah-ı Ezelde- Grup Abdal

 

شەيخ سەئدىنىڭ «گۇلستان»دىن پارچىلار

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

 

📖

ئەي پەرىشتلىرىم، بەندەمدىن راستىنلا ئۇيالدىم.
چۈنكى، ئۇنىڭ مەندىن باشقا ئېگىسى يوق، شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئۆتتۈم.
ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدىم. ئۇنى ھاجەتتىن چىقاردىم.
چۈنكى، بەندىنىڭ كۆپ دۇئا ۋە يېغا-زارىسىدىن ئۇيىلىمەن.

📖

بىر دانىشمەنگە كىشىلەر دىدى:
«قۇياش گۈزەل بولسىمۇ، بىرەر كىشىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ ئاشىق بولغانلىقىنى ئاڭلىمىدۇق!»
دانىشمەن دىدى: «بۇنىڭ سەۋىۋى شۇكى،. ئۇنى ھەر كۈنى كۆرگىلى بولىدۇ. پەقەت زىمىستاندا بۇلۇتقا پۈركۈنىۋالغاندا سۆيۈملۈك بولىدۇ!»

📖

كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشنى بۇيرۇپ، ئۆزۈڭلارنى ئۇنتامسىلەر؟

2-سۈرە 44-ئايەت

📖

بېلىقچى نېسىۋىسىز بولسا، ھەتتا دەجلە دەرياسىدىنمۇ بېلىق تۇتالمايدۇ،
ئەجلى يەتمىگەن بېلىق قۇرۇقلۇقتىمۇ ئۆلمەيدۇ.

📖

پەرھىز قىلمايدىغان ئالىم-مەشئەل كۆتۈرىۋالغان قارىغۇ.
ئۇ باشقىلارغا يول باشلايدۇ-يۇ، ئەمما ئۆزى توغرا يولدا ماڭمايدۇ.

📖

يامانلارغا رەھىم قىلىش-ياخشىلارغا زۇلۇم قىلىشتۇر.
زالىملارنى ئەپۇ قىلىش- كەمبەغەللەرگە جەۋرى سېلىشتۇر.

📖

ئىتائەت قىلىش ئىپادىسىنى كۆرسەتكەن ۋە دوستلۇق ئىزھار قىلىنغان ئاجىز دۈشمەن پەقەت كۈچلۈك دۈشمەنگە ئايلىنىشنىلا مەقسەت قىلىدۇ.
چۈنكى« دوستلارنىڭ دوستلۇقىغا ئىشەنچ يوق» دېيىلىۋاتقان يەردە، دۈشمەننىڭ خۇشامەتكويلۇقىغا قانداق ئىشەنگىلى بولسۇن؟!

📖

گەرچە دانا ئېيتۇر: سۇكۇت ساقلاش ئەدەب،
زۆرۈر چاغدا سۆزلەشكە ھەردەم تىرىش.
ئىككى نەرسە ئەقىلسىزلىق: زۆرۈر چاغدا –
سۆزلىمەسلىك يا بىمەزگىل چەكتىن ئېشىش.

📖

دۈشمەننىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلىش خاتا، لېكىن ئاڭلاپ قويۇش راۋا.
چۈنكى، ئۇنىڭ تەتۈرىسىچە ئىش قىلساڭ توغرا بولۇپ چىقىدۇ.

📖

ھەددىدىن زىيادە غەزەبلىنىش ۋەھىمە تۇغدۇرىدۇ، ئورۇنسىز يۇمشاقلىقمۇ ھۆرمەتنى كەتكۈزىدۇ.
قوپاللىق قىلما، كىشىلەر سەندىن بىزار بولىدۇ.
ئۇنچىلىك يۇۋاشمۇ بولۇپ كەتمە، كىشىلەر سېنى كۆزگە ئىلمايدۇ.

📖

نادان بىلەن سۆز تالىشىپ قالغاندا ئۆزىگە ھۆرمەت كۈتمەسلىكى كېرەك. ئەگەر نادانيېڭىۋالسا ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى، تاش گۆھەرنى پارچىلاپ تاشلايدىغۇ!

ياخشى ئادەم كۆرسە پەسكەشتىن ئەلەم،

چەكمىسۇن دەرت، بولمىسۇن دىل ھەسرىتى.

زەر قەدەھنى قىلسا پارە ئەسكى تاش،

زەر پەسەيمەس، ئۆسمەس تاشنىڭ قىممىتى.

                                              📖

 

ئاقىل ئادەم بىر توپ چۈپرەندىلەر ئارسىدا سۆزىنى ئاقتۇرالمىسا ئەجەبلەنمىگۈلۈك.
چۈنكى، دۇمباقنىڭ گۈمبۈرلىشى تەمبۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتقۇزمايدىغۇ!
سامساقنىڭ پۇرىقى ئەنبەرنىڭ ھېدىنى بېسىپ كېتىدىغۇ!

شەيخ سەئدى-گۈلستان

 

تارقىتىڭ...