كىتاب: ئاننې فىرانكنىڭ پاجىئەسىدىن بۈگۈنگىچە

2,216 قېتىم ئوقۇلدى

مۇقەددىمە

رەيھان ئابلەت

«ئاننې فىرانكنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى» فىرانك ئائىلىسدە بىردىنبىر ھايات قالغان ئوتتوفىرانك ئەپەندىنىڭ ناتسىسلارنىڭ لاگىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئايالى ھەم قىزلىرىنى ئەسلەش سۈپىتىدە كىچىك قىزى ئاننېنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى كۆچۈرۈپ نەشىرياتقا سۇنۇش نەتىجىسدە تۇنجى قېتىم گوللاندىيەنىڭ ئامىستىردام شەھرىدە 1947-يىلى كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىنىپ، 30خىلدىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان.
ئۇشبۇ كىتابتا 13 ياشلىق قىزنىڭ ئامىستىردامدىكى كىچىككىنە ئۆيگە يوشۇرۇنۇپ، كۈن بويى قۇياشمۇ كۆرمەي، ئەركىن ھاياتتىن مەھرۇم 25 ئايلىق، يەنى ئىككى يىللىق ھاياتى، تەشۋىشى، ئارزۇلىرى، ھەتتا تۇنجى مەسۇم سۆيگۈسىدىن ئىبارەت چىن ۋەقەلىكلەر بايانلانغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى كىچىككىنە بىر قىزنىڭ ئىنسانى كەمسىتىشكە، زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان يارلانغان بالىلىق قەلبى، زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان ھاياتىلا ئەمەس، ۋەيران بولغان فىرانك ئائىلىسىگە ئوخشاش مىلىيونلىغان يەھۇدىي ئائىلىلىلىرىنىڭ ئۇرۇشنىڭ، ناتسىسلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىغان، ئۆلتۈرۈلگەن، مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىپ قۇل قىلىنغان، نورمال ھاياتتا ياشىيالمىغان مىليونلىغان ناھەق كەتكەن جانلارنىڭ، تېرىك يارىلانغان قەلبلەرنىڭ شاھىتى، تارىخنىڭ ئېچىنىشلىق تارتۇقلىرىنىڭ ئىسپاتى ھەم كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەت خاتىرىسى بولۇپ قالغان.

ئاڭلاۋاتقىنىڭىز يەھۇدىيلارنىڭ مۇزىكىسى، تۇنجى رەت ئۇلارنىڭ مۇزىكىلىرى قانداق بولىدىغاندۇ دەپ ئىزدەپ باقتىم. بىزنىڭ مۇزىكا تەملىرىمىزگە يېقىنراقمۇ كېلىدىكەن..

فىرانك ئائىلىسى

 

Kinder Yoren medley-The soul of the Jewish

 

 «ئاننېنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى»

 

ئاننې فىرانك 1929-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى گىرمانىيەنىڭ فىرانكفورت شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئوتتو فىرانك فىرانكفورت شەھىرىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر سودىگەرلەردىن ئىدى. 1930-يىللاردا ئوتتو فىرەنك گوللاندىيەنىڭ ئامستىردام شەھرىدە ئۆزىنىڭ يىمەكلىك تىجارىتىنى باشلايدۇ ھەم 1934-يىلى باھاردا فىرەنك ئائىلىسى ئامىستىردامدا ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ.
ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تۈتەكلىرى ئەتراپنى قاپلىغانغا قەدەر ئاننې فىرانك گوللاندىيە قىزچاقلىرىدەك بەخىتلىك بالىلىقتا ياشىغان ھەم ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە مونتېسسورى مەكتىپىدە ئوقۇغان
1940-يىلىغا كەلگەندە، گوللاندىيە گىرمانىيەنىڭ مۇھاسىرىسىگە ئۆتكەندىن باشلاپ ھەممە ئۆزگىرىدۇ. مىڭلىغان كىشىلەر گىرمانىيەگە مەجبۇرى ئەمگەك بىلەن قۇللۇققا ئەۋەتىلىدۇ.
يەھۇدىيلارغا قارشى ئاۋازنىڭ كۈچىيىشى، تۈركۈم-تۈركۈملەپ كىشىلەرنىڭ لاگىرغا ئەۋەتىلىشى فىرانك ئائىلىسىگىمۇ تەسىر قىلىدۇ.  1942-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى 16ياشلىق مارگوتقا گىرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىق قەغىزى كېلىدۇ. بۇ مەزگىللەردە مۇشۇ ياشتىكى ياش قىزلارنى يالغۇز چاقىرىتىش، يالغۇز تۇتۇش ئەۋج ئالغان، سەۋەبى نېمە؟!
شۇنىڭ بىلەن چاقىرىق كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى سەھەردىلا  فىرانك ئائىلىسى «مەخپى ئۆي»گە كېلىۋالىدۇ. بۇ ئۆيدە فىرانك ئائىلىسىدىن باشقا يەنە ۋاندان ئەر-ئايال ھەم ئۇلارنىڭ 15 ياشلىق ئوغلى پېتىر، ياشانغان چىش دوختۇرى ئالبېرت داسل  قاتارلىق سەككىز نەپەر كىشى 25 ئاي  بىللە ياشايدۇ. ئاننېنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىمۇ مۇشۇ مەزگىلدە يېزىلىدۇ.

 

فىرانك ئائىلىسى 25 ئاي يوشۇرۇنغان «مەخپىي ئۆي» بار بىنا

 

قىسىقىچە مەزمۇنى

 

خاتىرىدە بىر قىزچاقنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدىكى مەسىللىرى، بالاغەت يېشىدىكى قىزچاقنىڭ ئانىسى بىلەن بولغان زىددىيتى، چوڭلارنىڭ بالىلارغا بوۋاقنىڭ قانداق دۇنياغا كېلىشى توغۇرلۇق سۆزلىگەن يالغانلىرى، قىزچاقنىڭ تۇنجى مەسۇم سۆيگۈسى سەمىمى تىلغا ئېلىنىدۇ.
ئاننېنىڭ ئۆزىنىڭ ھەتتا پېتىرنى ياخشى كۆرۈش جەريانلىرىدىن تارتىپ ئەڭ ئىنچىكە تۇيغۇلىرىنى دادىسىغا ئېيتىپ بىرىشلىرى، دادىسىنىڭ كىچىككىنە ئۆيدە پېتىردىن باشقا ئوغۇل بولمىغان شارائىتتا بىر قىزنىڭ ئىھتىيات قىلىش كىرەكلىكىنى، بەلكىم، ئۇنىڭ يەنە باشقا ئوغۇللارنىمۇ ئۇچراتقاندا ئاندىن ئۆزىگە ھەقىقى لايىق يىگىتنىنڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىش پۇرسىتى بارلىقىنى ئېيتىشىلىرى، دادا بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدىكى سەمىمى دوستلۇق كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.
بالاغەت مەزگىلىدىكى بالىلارنى يەنە بىر رەت چۈشىنىش پۇرسىتى بىرىدۇ.

ئاننېنىڭ مۇستەقىل، ئىسيانكار خاراكتىرى ئاپىسىنىڭ، ھەدىسىنىڭ، باشقىلارنىڭ ئۇنى «ئەدەبسىز، دۆت،ھورۇن…» دەپ ئەيىپلەشلىرىگە قارشى تۇرىدۇ. ھەر قانداق ئادەمگە ئوخشاش ئۆزىدە خاتالىق بارلىقى، بىراق بۇنىڭلىق بىلەن خاتالىقلىرىنى مۇبالىغە قىلىپ ئۇنى پەقەتلا ئىنكار قىلىۋىتىشلىرىگە رەددىيە بېرىدۇ.
كىشى ئىختىيارسىز بۇ كىچىككىنە  قزچاقتىكى تەپەككۇر ۋە ئىسيانكارلىقتىن ھوزۇرلىنىپمۇ قالىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ بالاغەت مەزگىلىدىكى ئىسيانكارلىق بىلەن ئورتاقلىققىمۇ ئېرىشىپ قالىدۇ..

ئىككى يىل ياشىغان بۇ«مەخپى ئۆي» مىليونلىغان يەھۇدىيلار تۇتۇلىۋاتقان، لاگىرلارغا سولۇنىۋاتقان ئەينى شارائىتتىكى ناھايتى ياخشى مۈكۈنۈش ئورنى، بۇ يەردىكى  كۈنلىرىنى  يەنىلا لاگىردىكى باشقا يەھۇدىيلارغا قارىغاندا «جەننەت» دېيىشكە بولسىمۇ، سىرىتقى دۇنيادىن ئايرىلىپ بۇ خىل ياشاش ئاسانغا توختىمايدۇ، ئەلۋەتتە.
ئاننې كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بىئەپلىكلەرنى ھەتتا،ھاۋا ئالماشمىغان بۇ ئۆيلەردىكى نەپەسلەنمەك تەس پۇراقلارنى، ھاجەتخانا، مۇنچىغا چۈشۈشنىڭ نەقەدەر بىئەپلىكىنى ئىنچىكىلىك بىلەن يازىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسسىق كارۋىتىدا ياتقىنىدا مۇشۇنچىلىك  پۇرسىتىمۇ يوق دوستلىرى، قېرىنداشلىرىنىڭ پەقەت يەھۇدى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆلۈمگە، دۇنيادىكى ئەڭ قېيىن كۈنلەرگە قىلىۋاتقانلىقىدىن ئازابلىنىدۇ.

خۇشچاقچاق، ئەقىللىق، تەسەۋۋۇرغا باي ئاننې ھەر سەھەر 8:30 دە باشلىنىدىغان «ھۈش»لەر بىلەن ھەركىتى قاتتىق كونتىرۇل قىلىنىدىغان  مەخپى ئۆيدىكى كۈنلەرنىڭ بارغانسىرى ئۇنىڭلا ئەمەس ھەممىلا ئادەمنىڭ روھى ھالىتىگە تەسىر قىلىپ كۈلەلمەس بوپكەتكىنىنى، كېيىنكى كۈنلەردە ئاشلىق يېتىشمىگەنلىرىنى، ھەتتا بومباردىمان بولغان كۈنلەردىكى قورقۇنچلىرى، ھەتتا، بىر كۈنلەردە گېستاپوچىلار ئۇلارنى تۇتۇش ئۈچۈن كەلگىنىدىمۇ تەمكىن ۋە باتۇر بولۇش ھەقىقدىكى پاراڭلىرىنىمۇ….خاتىرلەپ ماڭىدۇ.

ئاننېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خاتىرىسى 1944-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى يېزىلىدۇ. يېڭىلا 15 ياشقا كىرگەن ئاننې ئۆكتەبىردىن باشلاپ مەكتەپكە بارالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
ئۇ ئاپىسىغا ئوخشىمايدىغان يېڭىچە ئايال بولۇشنى ئىستەيتتى. ئۇ ھەرگىزمۇ پەقەت قازان بېشىدىكى ئۆي ئايالى بولۇپ قالغۇسى يوق ئىدى. ئۇنىڭ كىتابلىرىنى نەشىر قىلدۇرۇپ داڭلىق يازغۇچى بولۇش، ژورنالىست بولۇش ئارزۇسى بار ئىدى!
ئۇ يەنە سەنئەت ماكانى پارىژدا سەنئەت تارىخنى ئۆگەنگۈسى، لوندوندا تىل ئۆگىنىش چۈشلىرى بار ئىدى….
شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ئۆيگە گېستاپوچىلارنىڭ تۇيۇقسىز كىرگەن 1944-يىلى 8-ئاينىڭ 4- كۈنىدىن باشلاپ يېپىلدى!
ئۇنىڭ چىرايلىق چۈشلىرى شۇ كۈندىن باشلاپ قاباھەتكە ئايلاندى!

كىتابتا تەسۋىرلەنگەن ئاننې بىردىنبىر تەبىئەتتىن ھوزۇر ئالالايدىغان دەرىزە

ئىككى يىل«مەخپى ئۆي» دە بىللە ياشىغان سەككىز نەپەر يەھۇدى ھەم ئۇلارغا يىمەك-ئىچمەك يەتكۈزۈپ تۇرغان كۇفۇيس ئەپەندى، كىرەلېر ئەپەندىلەرنىمۇ بىرلىكتە گېستاپوچىلار يالاپ ئېلىپ ماڭدى.
بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن كۇفۇيس داۋالاش مەركىزىگە ئەۋەتىلدى. كىرەلېر سەككىز ئايلىق مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىندى.
قالغان سەككىز يەھۇدىي باشقا يەھۇدىيلار بىلەن بىرلىكتە ئۈچ كېچە-كۈندۈز پويىز بىلەن پولشانىڭ ئاۋشۋىتىز دىگەن يېرىگە ئەكىلىنىدۇ ھەم ئەر -ئاياللارنى ئىككى رەتكە ئايرىيدۇ. بۇ ئوتتوفىرانكنىڭ ئايالى ۋە قىزلىرىنى ئەڭ ئاخىرىقى كۆرگىنى بوپقالىدۇ.
لاگىرغا كىرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ چىچى چۈشۈرىۋىتىلىدۇ. كۈنىگە 20 سائەت كاندا ئەمگەككە سېلىنىدۇ. كېچىلىرى قىستا-قىستاڭ گازارمىدا ئۇخلايدۇ. دەرىزىدىن كۆرىدىغىنى سۈرلۈك قەبرىستانلىق بولىدۇ…

ئاننېنىڭ ئاپىسى فىرانك خانىم 1945-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى لاگىردا ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئوتتو فىرانك ئۆزى بىلەن بىرگە ئەرلەر لاگىرىغا قامالغان ۋاندان ئەپەندىنىڭ گاز بىلەن تۇنجۇقتۇرۇش ئۆيىگە ئېلىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرىدۇ.
داسل ئەپەندى گىرمانىيەدىكى نىئۇنگاممې لاگىرىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ.
پېتىر ۋاندان 1945-يىلى مارتتا گوللاندىيەنىڭ شەرقىگە يالىنىپ خەۋرى بولمايدۇ.يەنى، ناتسىسلار مەغلۇب بولۇشقا ئاز قالغاندا ئۆلتۈرۈلىدۇ.

ۋاندان خانىم، مارگوت، ئاننېلاربەلسېن لاگىرىغا قامالغان بولۇپ، شارائىتنىڭ ناچارلىقى، ئاچارچىلىق دەستىدىن ئالدى بىلەن ۋاندان خانىم ئۆلۈپ كېتىدۇ. 1945-يىلى فىۋرالنىڭ ئاخىرلىرى مارگوت كىسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئاچىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋرىنى ئاننېغا ئېيتمىغان بولسىمۇ، ئاننې ئاچىسى ئۆلۈپ كېتىپ نەچچە كۈندىن كېيىنلا كۆڭلى سىزىدۇ ھەم  جىمجىتلا ئۆلۈپ كېتىدۇ….بۇ چاغدا ئۇ تېخى 16 ياشقىمۇ كىرمىگەنىدى….

 

«مەخپىي ئۆي» دە بىللە ياشىغان سەككىز نەپەر كىشىنىڭ پاجىئەسى

شۇ يىلى 5-ئايدا ئۇرۇش ئاخىرىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت ئاننېنىڭ دادىسىلا ھايات قالىدۇ ھەم نەچچە ئايدىن كېيىن ئامىستىردامغا قايتىدۇ. مىپ بىلەن ئەلى ئىككىسى گېستاپوچىلار ئۇلارنى «مەخپى ئۆي» دىن ئېلىپ ماڭغاندىن كېيىن، پولنىڭ ئۈستىگە تاشلىنىپ قالغان ئەننىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

 ئۇنىڭ قالدۇرغان كۈندىلىك خاتىرىسى باشقىلارنىڭ تەسەۋۋۇر، مۇبالىغە، كۆچۈرمە يازمىلىرىدىن خالى ھالدا ئەينى ئۇرۇش يىللىرىنىڭ يالىڭاچ خاتىرىسى، ئىنسانىيەت دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئۆچۈرۈلمەس پاكىتى، ئوتتو فىرانك ئۈچۈن قىزىدىن قالغان قىممەتلىك ئەستلىك  بولۇپ قالدۇ.

شۇنداق قىلىپ ناتسىسلارنىڭ قاباھەتلىك چۈشى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئەر-ئايال، بالىلاردىن بولۇپ ئالتە مىلىيون يەھۇدىي ئۆلتۈرۈلىدۇ. سانسىزلىغان كىشىلەر قۇل قىلىنىدۇ، ناتسىزلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرايدۇ.

فىرەنك خانىم قىزلىرى مارگوت ۋە ئاننېلار بىلەن بىللە

ئاخىرقى سۆز

 

ئاننې تۇتۇلۇپ كېتىشتىن تېخى نەچچە ئاي ئېلگىرىكى خاتىرىسىگە ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىدىن بىرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ياشىيالىشى ئېكەنلىكىنى يازغانىدى. دەرۋەقە، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنكى 76 يىل بولغان بۈگۈندىمۇ ياشاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى 30 نەچچە خىلغا تەرجىمە قىلىنىپ ئۆلمەس ئەسەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇ 25 ئاي ياشىغان«مەخپىي تۇرالغۇ» ھازىر گوللاندىيەنىڭ ئامىستىرىدام شەھرىدە ئۆز پېتى ساقلىنىپ سانسىزلىغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆرگەزمە قىلىنىشغا ئېچىۋىتىلدى. ئۇ ئوقۇغان ئەينى يىللاردىكى مونتىسسورى مەكتىۋى ھازىر «ئاننې فىرانك مەكتىپى» دەپ ئاتالدى.  دىمەك، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ نامى كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ياشىدى.

«ئاننېنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى» ناملىق ئۇشبۇ كىتاب ئىنسانى يۈرىكى بار ھەر قانداق بىر ئىنسان روھىنى تىتىرتىدۇ…
قايتا بىر رەت مۇنداق ئېچىنىشلىق تارىخنىڭ تەكرارلانماسلىقىغا، تىنچلىققا بولغان تەلپۈنىشىنى كۈچەيتىدۇ. ھالبۇكى، دۇنيا تېخى تىنچلىققا قايتقىنى يوق..ئاننې فىرانكنىڭ ئازابىدا ياشاۋاتقانلار ھېلىمۇ ھەم بار! دۇنيا بۇنىڭدىن دەل 76 يىل ئېلگىرى تېخى 16 ياشقا توشمىغان ياش بىر قىزچاقنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرىۋىلىشقا قادىر بولالمىغان…ئەپسۇس، ھېلىمۇ ھەم قادىر بولالمايۋاتىدۇ! ئۇشبۇ تارىخ ئىبرەتنامىسى بوپ قالغان خاتىرە بەلكىم يەنە قانچىلىغان ئاننېلارنىڭ قەلبىدە يېزىلىۋاتىدۇ….

تۆۋەندە يېقىنقى يىللاردا مەن ياقتۇرۇپ كۆرگەن يەھۇدىيلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچەكىنونى قالدۇرۇپ قويىمەن. تېخى كۆرمىگەن بولساڭلار كۆرۈپ باققايسىلەر~🎬

The Diary of Anne Frank

 

The striped pyjamas boy

 

playing for time

 

Life is beautiful

 

Schindler’s list

 

******************

2021.01.08 (جۈمە)

تارقىتىڭ...
  1. ”پىئانىسىت “ دىگەن كىنومۇ بەك ياخشى ئىشلەنگەن. يەنە “ سوبىبودىن قېچىش“ دىگەن كىنومۇ شۇنداق، ھەقىقىي ۋەقەگە ئاساسەن ئىشلەنگەنكەن.

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

كىتاب:

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى