خىزمەتكە بېرىش يولىدىكى مىتىرودا ئالدىڭىزدا ئوخشاش ياشلاردىكى ئىككى ئايال ئۆرە تۇرىدۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ كەيگەن كىيىمىلىرى ئادەتتىكىچە، بوي-تۇرىقى ئانچە پەرىقلەنمەيدۇ. بىرى قەددىنى تىك تۇتۇپ دەرىزىنىڭ سىرتىدىكى گۈزەل مەنزىرىنى تاماششا قىلماقتا. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىشەنچ، ھاياتقا بولغان قىزغىنلىق چاقناپ تۇرىدۇ. يەنە بىرى چىرايى تۈرۈلگەن، مۈرىلىرى قورۇلغان ھالدا قولىدىكى تېلىفۇننى سىيرىش بىلەن ئالدىراش..ئۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى ئوچۇق ھاۋادىكى كېيئو لىنىسىيەسىنىڭ كارتونلاردىكىدەك گۈزەل مەنزىرىسى ھېچنىمە ئەمەس…ئۇنىڭ ئانچە-مۇنچە بېشىنى كۆتۈرۈپ مىتىرونىڭ ئىكرانىغا قارىغاندىكى كۆزلىرىدىن بىزارلىق، بىر خىل خۇنۇك، سوغۇق نۇرلار ئۇچقۇندايدۇ…
خوش، ئەمدى سىزدىن سوراي. مۇشۇ ۋاقىتتىكى ئىككى ئايالنىڭ قايسىسى سىزگە جەزبىدار، گۈزەل كۆرۈنىدۇ؟
Historia De Un Amor – Instrumental Piano Cover
ئۆزىدە ھەقىقى ئىشەنچ تۇرغۇزۇش
ئۆز قابىلىيىتىگە ئىشەنچ بولمايدىكەن ھەر قانداق ئۇتۇق ۋە بەخىتكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.
نورمان ۋىنسېنت پىل
ساغلام بولغان ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ-ھاياتلىقتا خۇشاللىققا ئېرىششنىڭ ئەڭ چوڭ ئامىلىدىن بىرى. ئۆزىنى سۆيۈش، ئۆزىنى ھۆرمەتلەش ئۆزىنى قوبۇل قىلىش كىشىگە ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىگە خاس بەخىت ئاتا قىلىدۇ.
ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ بولغاندا، ھاياتقا تولۇپ تاشقان ئېنىرگىيە ۋە قىزغىنلىق بىلەن يۈزلەنگىلى، ھاياتلىق نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ، بىرەر ئىشنى قارار قىلمىقى ئاسانلىشىدۇ، ھەتتا، ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرلا ئەمەس كەلگۈسىمۇ گۈزەل كۆرۈنىدۇ. ئۆزىنىڭ ئارزۇلىرىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرالايدۇ، باشقىلارغىمۇ ئىشەنچ بېغىشلىيالايدۇ. ئىشلار پىلاندىكىدەك بولۇپ كەتمىسىمۇ تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلارغا دادىل يۈزلىنەلەيدۇ.
كىشىلىك مۇناسىۋەتتە باشقىلار بىلەنمۇ ئاسان چىقىشالايدۇ، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە جەلىپكار سانىلىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە چەك-چىگراسى ئېنىق بولىدۇ ھەم كىشىلەر بىلەن خۇشال، بەخىتلىك، ساغلام بولغان مۇناسىۋەت تورى شەكىللەندۈرەلەيدۇ.
بالىلىق مەزگىلىدە باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچىراش، ساغلام بولمىغان ئائىلە مۇناسىۋىتى، روھى-جىسمانى جەھەتتىن خورلىنىش، ئۆزىگە ئوخىشىمايدىغان باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىش ئىستىكىدە بولۇش، ئۆزىگە زۇلۇم قىلىش..لار ئۆزىگە بولغان ئىشەنچكە تەسىر قىلىدۇ.
ئۇنداقتا، ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچنى قانداق يېتىلدۈرىمەن؟
قانداق قىلغاندا ئۆزۈمگە ئىشىنىدىغان ئادەم بولالايمەن؟
(1)
ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ياخشى كۆرۈڭ
ئۆزىگە ئىشىندىغان كىىشلەر ئەسلىدىكى ھەقىقى ئۆزىدىن خۇشاللىق، ئىشەنچ، راھەت ھېس قىلالايدۇ. مۇكەممەلپەرەسلىك، ئۆزىنى تەنقىدلەش، ئۆزىنى كەمسىتىش قاتارلىق ئۆزىنى ئىنكار قىلىدىغان قەلب شاۋقۇنلىرىغا غەرق بولماستىن، ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە كۆپرەك دېققىتىنى بېرەلەيدۇ.
(2)
« ئىشەنچ خاتىرىسى» يېزىپ باقايلى
خاتىرىگە ئۆزىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى، نەتىجىسى، ئالاھىدىلىكلىرىنى يېزىپ چىقىمىز.
دېققىتىمىزنى ئۆزىمىز ياخشى قىلالايدىغان ئىشلارغا، ئارتۇقچىلىقلىرىمىزغا قارىتىمىز. ھازىرغا قەدەر بىز پەخىرلەنگەن ھەرقانداق بىر ئىشنى يېزىپ چىقساق بولىدۇ. مەيلى ئۇ ئوقۇش ئۇنىۋانى بولسىمۇ، ئاتا–ئانىمىزنىڭ ھاياتلىقى بولسىمۇ، يېقىندا ئېرىشكەن ئىمتىھان نەتىجىمىز بولسىمۇ بولىدۇ. قىسقىسى، مەن زادى قانداق ئادەم؟ مەندە زادى قانداق ئارتۇقچىلىق بار؟ دېگەن سۇئال ئۈستىدە ئويلىنىپ باقايلى. ناۋادا ئارتۇقچىلىقىىڭىزنى زادىلا تاپالمىسىڭىز، سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئىشەنچىلىك ئادەمدىن سوراپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
(3)
ساغلاملىق ۋە تاشقى كۆرۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىشمۇ موھىم
تاشقى كۆرۈنۈشنى ئانچە مۇھىم دەپ ئويلىماسلىقىڭىز مۇمكىن. ئەمما چېنىقىش، ساغلام بولغان يىمەك–ئىچمەك ئادىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش، يارىشىملىق كىيىنىشمۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرىدۇ. (بۇ نوقتىنى شەخسەن مەنمۇ بەك قوللايمەن).
(4)
قەددىڭىزنى تىكلەپ، بېشىڭىزنى ئېگىز كۆتۈرۈڭ
ئۆزىڭىزنىڭ نەزىرىدىكى سىز، باشقىلارنىڭ نەزىردىكى سىزگىمۇ تەسىر قىلىدۇ.
مۈرىڭىزنى تۈگۈپ، يەرگە قارىغان تۇرقىڭىز ئادەمگە باشقىلاردىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرىۋاتقاندەك مەنا بېرىدۇ. شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە مۈرىڭىزنى تىك تۇتۇپ، بېشىڭىزنى كۆتۈرۈڭ.
يول ماڭغاندا، كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتقىنىڭىزدا…قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ، بېشىڭىزنى ئېگىز كۆتۈرسىڭىز ئىختىيارسىز روھى دۇنيارىڭىزمۇ كۆتۈرىلۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىسىز. ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچ ئاشىدۇ. مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان پىقىرمۇ قايتىدىن قەددىمنى رۇسلاپ ئولتۇرۇپ، ئۆزۈمگە تېخىمۇ ئىشەنگەندەك بولىۋاتىمەن-ھە!
(5)
ساغلام ئىشەنچ بىلەن كۆرەڭلىك ئوخشىمايدۇ
كەمتەرلىك گۈزەل پەزىلەت. ئەمما زىيادە كەمتەرلىك زىيانلىق بولغىنىدەك، زىيادە ئۆزىگە ئىشەنگەن كۆرەڭلىكمۇ بىر خىل كىسەللىك.
ساغلام ئىشەنچ دېگەنلىك ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنى كونتىرۇل قىلىپ، تېخى بىلمەيدىغانلىرىنىڭ كۆپلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، يېڭىچە نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن قەلبىنى كىڭەيتىش دېگەنلىكمۇ ھېسابلىنىدۇ.
«مەن ھەمممىدىن قالتىس، مەن ھەممىنى بىلىمەن!» دەيدىغان چىكىدىن ئاشقان ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنىڭ ئارقىسىدا ئۆزىنى ھۆرمەتلىمەسلىك، ئۆزىنى كەمستىش بار دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
قەدىرلىك ئوقۇرمەن، ئوقۇۋىتىپ ھەقىقى ئۆزىڭىزگە قايتۋاتقىنىڭىزنى، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قىلىۋاتقىنىڭىزنى ھېس قىلىۋاتقان، ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ نېمىلىكىنى تاپقاندەك بولغان بولسىڭىز بىلوگىمنى سىز ئۈچۈن، يەنە سىزدەك ھاياتلىق يولىدا تىڭىرقاپ قىلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرئۈچۈن، ئەڭ موھىمى قەدىرلىك ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ پىكىر بايان قىلىۋاتىدۇ، ئورتاقلىشىۋاتىدۇ دەپ بىلىڭ.
خەير، ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەن كۈنلەر يار بولسۇن~
*******************
تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت


















































04/08/2021 10:56 چۈشتىن كېيىن
ماڭا ئۆزۈمدىكى ئارتۇقچىلىقنى بايقىمىغىلى ھەم ئېتراپ قىلمىغىلى خېلى ئۇزۇن بولۇپ كەتتى. بەزىدە ئۆزۈمنى ئۈنۈملۈك بىرەر ئىش قىلالمايدىغاندەك ھېس قىلىمەن. (ئىقتىسادىي قىممەت ياراتماسلىقىمنى كۆزدە تۇتتۇم). ئۆزۈمنى ئائىلەمگە ۋە بالىلىرىمغا ئاتاشنى ياخشى كۆرىمەن، شۇ دەقىقىلەردىن تولىمۇ ھوزۇرلىنىمەن. كۈنلىرىم خوشاللىق ۋە ئالدىراشچىلىقتا ئۆتىدۇ. لېكىن بەزىدە ئۇيقۇم قاچقاندا ۋەياكى ئەينەكتىكى ئۆزۈم بىلەن ئۇزاققىچە تىكىلىپ تىكىلىشكەن چاغلاردا بۇرۇنقى ھاياجانلىق ئارزۇ ئارمانلارغا تەلپۈنىدىغان، جۇشقۇن، شوخ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ”مەن“نىڭ پەقەت ۋە پەقەت 9 يىل بويىچە ئاساسەن ئۆيدىلا “ ئولتۇرۇپ “ قالغانلىقىم ئىچىمنى تاتلايدۇ. خۇددى ھەممە نەرسىدىن قاچقاندەك. پەقەت ۋە پەقەت ئۆي ئىشى، بالا، ئەر… ھەتتا يەرلىك ۋە يا باشقا يەرلىك بىرمۇ ئالاقە دائىرەم يوق، خۇددىي باشچىلاپ بىر قۇدۇقنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەندەكلا . ئۆزۈمنىڭ دۇنياسىدا خۇددى روبىنزون دەك ياشاپ كېتىشىم كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىدۇ. بىرەر ئىشنى بۇ يېشىمدا نۆلدىن باشلىيالايدىغىنىمغا ئىشەنچىم يوق، ھەم قانداق ئىشقا ھەقىقىي قىزىقىمەن ۋە ياكى قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ قېلىش ئېھتىمالىم بارلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. خۇددى مەندىكى نەتىجە يارىتىش سۆزلۈكى مەندىن كۆتۈرۈلۈپ ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەكلا….ئىشەنچ، يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئەسلىدىكى كۈچىنى يوقىتىپ قويامدۇ يا مەن شۇنداق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىممىكىن….
16/08/2021 5:39 چۈشتىن كېيىن
قالدۇرغان ئىنكاسىڭىزنى دەسلەپتە ئوقۇپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالغانىدىم.
بۈگۈن قايتىدىن ئوقۇپ چىقىپ مۇنۇلارنى ئويلىدىم.
بىر ئايالنىڭ ئىقتىسادى قىممەت يارىتىشتىن كەلگەن خۇشاللىقى بىلەن ئائىلىسىگە بېغىشلانغان مىھىردىن كەلگەن خۇشاللىق ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. ھەمدە ئوخشىمىغان ئايالدىكى قىممەت قارىشى يەنە ئوخشىماسلىقى مۇمكىن.
ئەگەر سىز ئائىلىڭىزگە ۋاقتىڭىز ھەم مىھرىڭىزنى بىرىپ بۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپقان بولسىڭىز بۇ نەقەدەر گۈزەل؟
بۇ خۇشاللىق كۈن-كۈنلەپ خىزمەت قىلىپ چارچاپ يۈرىيدىغان، ئۆزىنى بەخىتسىز ھېس قىلىدىغان ئاياللارغا قارىغاندا يەنىلا بەخىت ھېسابلىنىدۇ. گەپ كىمنىڭ نېمىنى بەخىت ھېس قىلىشىدا.
سىز ئەمدى بىرەر قىزىقىشىمنى باشلاشقا كىچىكتىم دەپ قارىغۇدەك قانچە ياشلارغا كىرىپ كەتكەنسىز؟
يېقىندا مەن بىلەن ئىشلەيدىغان قىز توي قىلدى. سورىسام يېشى مەن بىلەن تەڭكەن. مەن ئاللىقاچان توي قىلىپ ئۈچ بالىنىڭ ئاپىسى بوپ بولغاندا ئۇ قىز ئەمدى تۇرمۇشىنى باشلاپتۇ.
ھەممىلا ئادەمنىڭ يېڭى بىر ئىشنى باشلاش نوقتىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ئائىلىدىن باشقا پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىڭىزگىلا خاس ۋاقىت ھەم خۇشاللىق ئۈچۈن ئىزدىنىپ بېقىڭ. سىزنى خۇشال قىلىدىغان ئىشنى چوقۇم تاپالايسىز.
30/09/2021 6:28 چۈشتىن بۇرۇن
مەنمۇ مۇشۇ ئۇسۇللارنى كۆپرەك سىناپ باقاي، مەندە شۇنداق باشنى تۆۋەن سىلىپ تۇرۇش سەل ئىغىرتى، ھازىر خىلى ياخشىلىنىپ قالدى يازمىڭىز سايىسىدە ☺️
مەن ئۆزۈمنىڭ نىمىگە قىزىقىدىغانلىقىمنى بىلەممەي ياشاۋاتقىلى خىلى بوپتۇ، تويۇم بولغۇچە ئاتا ئانامنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن شۇلا سىزىپ بەگەن سىزىقتا مىڭىپ ئۇلانىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشلىرىم ئاللىبۇرۇن باستۇرۇلۇپ كەتكەچمىكىن، تويدىن كىيىن ئۆي ، بالا، ئەر دەپ يەنە قىزىقىشىمنى بايقاشقا پۇرسەت بولمىدىمۇ ياكى قىزىقىشلىرىمنى سەزمەي ياشاپ كۆنۈپ قالدىممۇ بىلمىدىم، خىلى كۆپ قىتىم سىناپ باققان بولساممۇ يەنىلا نىمىگە قىزىقىدىغانلىقىمنى بىلەلمىدىم، خۇددى نىملا قىلسام قاملاشتۇرالمايدىغاندەك . . . …
05/10/2021 11:16 چۈشتىن بۇرۇن
ئىچىڭىزدە مۇشۇنداق بىر ئارزۇنىڭ بارلىقى سىزدە يېنىۋاتقان بىر ئۇچقۇننىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېتىدۇ. سىزنى ئەڭ خۇش ۋە راھەت ھېس قىلدۇرالايدىغان، پەقەت سىزلا قىلالايدىغان ئىش چوقۇم بار.