ھەپتىدە بىر ئادەت- ھەقىقى ئىشەنچ تۇرغۇزۇش

973 قېتىم ئوقۇلدى

 

ئۆزىدە ھەقىقى ئىشەنچ تۇرغۇزۇش

ھەپتىدە بىر ئادەت 09

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

自分の力につつましく、それでいて相応の自信を持たなければ、成功や幸せを手にすることはできない.

ノーマン.ビンセント.ピール(アメリカの聖職者、作家)


ئۆزىدە بار بولغان كۈچكە كەمتەر بولۇش بىلەن بىرگە مۇۋاپىق ئىشەنچ بولمايدىكەن ھەر قانداق ئۇتۇق ۋە بەخىتكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.

ئامېرىكىلىق روھانىست ۋە يازغۇچى نورمان ۋىنسېنت پىل

 

Historia De Un Amor – Instrumental Piano Cover

 

 

ساغلام بولغان ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ-ھاياتلىقتا خۇشاللىققا ئېرىششنىڭ ئەڭ چوڭ ئامىلىدىن بىرى. ئەسلى ئۆزىنى سۆيۈش، ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىنى قوبۇل قىلىش كىشىگە ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىگە خاس بەخىت ئاتا قىلىدۇ.

بالىلىق مەزگىلىدە باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچىراش، ساغلام بولمىغان مۇناسىۋەت، روھى جەھەتتىن خورلىنىشقا ئۇچىراش، ئۆزىگە ئوخىشىمايدىغان باشقا بىر ئىنسان بولىمىسام بولمايدۇ دەپ ئۆزىگە زۇلۇم قىلىش ئۆزىگە بولغان ئىشەنچكە تەسىر قىلىدۇ.

ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ بولغاندا، ھاياتقا تولۇپ تاشقان ئېنىرگىيە ۋە قىزغىنلىق بىلەن يۈزلەنگىلى بولىدۇ. ھاياتلىق نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ، بىرەر ئىشنى قارار قىلمىقى ئاسانلىشىدۇ، ھەتتا، ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرلا ئەمەس كەلگۈسىمۇ گۈزەل كۆرۈنىدۇ. ئۆزىنىڭ ئارزۇلىرىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرالايدۇ، باشقىلارغىمۇ ئىشەنچ بېغىشلىيالايدۇ. ئىشلار پىلاندىكىدەك بولۇپ كەتمىسىمۇ تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلارغا دادىل يۈزلىنەلەيدۇ.

كىشىلىك مۇناسىۋەتتە باشقىلار بىلەنمۇ ئاسان چىقىشالايدۇ، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە جەلىپكارسانىلىدۇ. باشقىلار بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدا كىرەكلىك بولغان چىگرا سىزىقى بەلگىلەپ، خۇشال، بەخىتلىك، ساغلام بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى شەكىللەندۈرەلەيدۇ.

يېڭىچە ئۆزى بولۇش ئۈچۈن دەرھال قىلالايدىغان ئىشلار

 

(1)

ئىشنى ئەسلى ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشىتن باشلاش

ئۆزىگە ئىشىندىغان كىىشلەر ئەسلىدىكى ھەقىقى ئۆزىدىن بەخىت، ئىشەنچ، راھەت ھېس قىلىدۇ.

نورمال ئادەمدە بولىدىغان ئىشەنچنىڭ قارشى تەرىپىدىكى مۇكەممەلپەرەسلىك، ئۆزىنى تەنقىدلەش، ئۆزىنى كەمسىتىش قاتارلىق ئۆزىنى ئىنكارقىلىدىغان قەلب شاۋقۇنلىرىغا غەرق بولماستىن، ئۆزىنى مۇئەييەنلەشترۈشكە كۆپرەك دىققىتىنى بېرەلەيدۇ.

(2)

«ئۆزىگە ئىشەنچ خاتىرىسى» يېزىپ باقايلى

خاتىرىگە ئۆزىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى، نەتىجىسى، ئالاھىدىلىكلىرىنى يېزىپ چىقىمىز.

دىققىتىمىزنى بۇرۇندىن بەكرەك قىلالايدىغان ئارتۇق تەرەپلىرىمىزگە قارىتىمىز. ھازىرغا قەدەر بىز پەخىرلەنگەن ھەرقانداق بىر ئىشنى يېزىپ چىقساق بولىدۇ. مەيلى ئۇ ئوقۇش ئۇنىۋانى بولسىمۇ بولىدۇ، ئاتائانىمىزنىڭ ھاياتلىقى بولسىمۇ بولىدۇ.يېقىندا ئېرىشكەن ئەمىلىمىز بولسىمۇ بولىدۇ. قىسقىسى، مەن زادى قانداق ئادەم؟ مەندە زادى قانداق ئارتۇقچىلىق بار؟ دېگەنلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ باقايلى. ناۋادا ئارتۇقچىلىقىىڭىزنى زادىلا تاپالمىسىڭىز، ئىشەنچىلىك ئادەمدىن سوراپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

(3)

ساغلاملىق ۋە تاشقى كۆرۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىشمۇ موھىم

تاشقى كۆرۈنۈشنى ئانچە موھىم دەپ ئويلىماسلىقىڭىز مۇمكىن. لېكىن، چېنىقىش، ساغلام بولغان يىمەكئىچمەك ئادىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش، يارىشىملىق كىيىنىشمۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرىدۇ. (بۇ نوقتىنى شەخسەن مەنمۇ بەك قوللايمەن).

(4)

كۆكرەكنى كىرىپ، باشنى ئېگىز كۆتۈرۈش

كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى سىز، ئۆزىڭىزنىڭ نەزىردىكى ئۆزىڭىزگىمۇ تەسىر قىلىدۇ.

مۈرىسىنى تۈگۈپ، يەرگە قارىغان تۇرقىڭىز ئادەمگە ئادەمدىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقاندەك مەنا بېرىدۇ.

شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە مۈرىڭىزنى تىك تۇتۇپ، بېشىڭىزنى كۆتۈرۈڭ.

يول ماڭغاندا، كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتقىنىڭىزدا…قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ، بېشىڭىزنى ئېگىز كۆتۈرسىڭىز ئىختىيارسىز روھى دۇنيارىڭىزمۇ كۆتۈرىلۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىسىز. ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچ ئاشىدۇ. مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان پىقىرمۇ قايتىدىن قەددىمنى رۇسلاپ ئولتۇرۇپ، ئۆزۈمگە تېخىمۇ ئىشەنگەندەك بولىۋاتىمەن-ھە!

(5)

ساغلام ئىشەنچ بىلەن كۆرەڭلىك ئوخشىمايدۇ

ئەلۋەتتە، كەمتەرلىك يامان نەرسە ئەمەس. لېكىن زىيادە كەمتەرلىكمۇ زىيانلىق بولغىنىدەك، زىيادە ئۆزىگە ئىشەنگەن كۆرەڭلىكمۇ بىر خىل كىسەللىك. 

ساغلام ئىشەنچ دېگەنلىك ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنى كونتىرۇل قىلىپ، تېخى بىلمەيدىغانلىرىنىڭ كۆپلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، يېڭىچە نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن قەلبىنى كىڭەيتىش دېگەنلكمۇ ھېسابلىنىدۇ.

«مەن ھەمممىدىن قالتىس، مەن ھەممىنى بىلىمەن!» دەيدىغان چىكىدىن ئاشقان ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنىڭ ئارقىسىدا ئۆزىنى ھۆرمەتلىمەسلىك، ئۆزىنى كەمستىش دېگەندەك  مەسىللەر بار دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

****

خوش، ئەسلىدە #ھەپتىدە بىر ئادەت# نى يوللاش توختىتىلغان بولسىمۇ، كىتابنىڭ ئۇشبۇ قىسمى ماڭا بەك يارىدى ھەم يېقىندا بىلوگىمنىڭ ئىنكاس رايۇنىغا سۆز قالدۇرغان مەلۇم ئوقۇرمەننىڭ سۇئالىغا مەلۇم دەرىجىدە جاۋاب بولۇپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىش مەقسىتىدىمۇ ئۇشبۇ يازما تەييارلاندى.

قەدىرلىك ئوقۇرمەن، ئوقۇۋىتىپ ھەقىقى ئۆزىڭىزگە قايتۋاتقىنىڭىزنى، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قىلىۋاتقىنىڭىزنى ھېس قىلىۋاتقان بولسىڭىز، ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ نېمىلىكىنى تاپقاندەك بولغان بولسىڭىز بىلوگىمنى سىز ئۈچۈن، يەنە سىزدەك ھاياتلىق يولىدا تىڭىرقاپ قىلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرئۈچۈن، ئەڭ موھىمى قەدىرلىك ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ پىكىر بايان قىلىۋاتىدۇ، ئورتاقلىشىۋاتىدۇ دەپ بىلىڭ. خەير، ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەن كۈنلەر يار بولسۇن~

*******************

مەنبە: 52 small changes for the mind – brett blumenthal

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...
  1. ماڭا ئۆزۈمدىكى ئارتۇقچىلىقنى بايقىمىغىلى ھەم ئېتراپ قىلمىغىلى خېلى ئۇزۇن بولۇپ كەتتى. بەزىدە ئۆزۈمنى ئۈنۈملۈك بىرەر ئىش قىلالمايدىغاندەك ھېس قىلىمەن. (ئىقتىسادىي قىممەت ياراتماسلىقىمنى كۆزدە تۇتتۇم). ئۆزۈمنى ئائىلەمگە ۋە بالىلىرىمغا ئاتاشنى ياخشى كۆرىمەن، شۇ دەقىقىلەردىن تولىمۇ ھوزۇرلىنىمەن. كۈنلىرىم خوشاللىق ۋە ئالدىراشچىلىقتا ئۆتىدۇ. لېكىن بەزىدە ئۇيقۇم قاچقاندا ۋەياكى ئەينەكتىكى ئۆزۈم بىلەن ئۇزاققىچە تىكىلىپ تىكىلىشكەن چاغلاردا بۇرۇنقى ھاياجانلىق ئارزۇ ئارمانلارغا تەلپۈنىدىغان، جۇشقۇن، شوخ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ”مەن“نىڭ پەقەت ۋە پەقەت 9 يىل بويىچە ئاساسەن ئۆيدىلا “ ئولتۇرۇپ “ قالغانلىقىم ئىچىمنى تاتلايدۇ. خۇددى ھەممە نەرسىدىن قاچقاندەك. پەقەت ۋە پەقەت ئۆي ئىشى، بالا، ئەر… ھەتتا يەرلىك ۋە يا باشقا يەرلىك بىرمۇ ئالاقە دائىرەم يوق، خۇددىي باشچىلاپ بىر قۇدۇقنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەندەكلا . ئۆزۈمنىڭ دۇنياسىدا خۇددى روبىنزون دەك ياشاپ كېتىشىم كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىدۇ. بىرەر ئىشنى بۇ يېشىمدا نۆلدىن باشلىيالايدىغىنىمغا ئىشەنچىم يوق، ھەم قانداق ئىشقا ھەقىقىي قىزىقىمەن ۋە ياكى قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ قېلىش ئېھتىمالىم بارلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. خۇددى مەندىكى نەتىجە يارىتىش سۆزلۈكى مەندىن كۆتۈرۈلۈپ ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەكلا….ئىشەنچ، يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئەسلىدىكى كۈچىنى يوقىتىپ قويامدۇ يا مەن شۇنداق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىممىكىن….

    • قالدۇرغان ئىنكاسىڭىزنى دەسلەپتە ئوقۇپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالغانىدىم.
      بۈگۈن قايتىدىن ئوقۇپ چىقىپ مۇنۇلارنى ئويلىدىم.
      بىر ئايالنىڭ ئىقتىسادى قىممەت يارىتىشتىن كەلگەن خۇشاللىقى بىلەن ئائىلىسىگە بېغىشلانغان مىھىردىن كەلگەن خۇشاللىق ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. ھەمدە ئوخشىمىغان ئايالدىكى قىممەت قارىشى يەنە ئوخشىماسلىقى مۇمكىن.
      ئەگەر سىز ئائىلىڭىزگە ۋاقتىڭىز ھەم مىھرىڭىزنى بىرىپ بۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپقان بولسىڭىز بۇ نەقەدەر گۈزەل؟
      بۇ خۇشاللىق كۈن-كۈنلەپ خىزمەت قىلىپ چارچاپ يۈرىيدىغان، ئۆزىنى بەخىتسىز ھېس قىلىدىغان ئاياللارغا قارىغاندا يەنىلا بەخىت ھېسابلىنىدۇ. گەپ كىمنىڭ نېمىنى بەخىت ھېس قىلىشىدا.
      سىز ئەمدى بىرەر قىزىقىشىمنى باشلاشقا كىچىكتىم دەپ قارىغۇدەك قانچە ياشلارغا كىرىپ كەتكەنسىز؟
      يېقىندا مەن بىلەن ئىشلەيدىغان قىز توي قىلدى. سورىسام يېشى مەن بىلەن تەڭكەن. مەن ئاللىقاچان توي قىلىپ ئۈچ بالىنىڭ ئاپىسى بوپ بولغاندا ئۇ قىز ئەمدى تۇرمۇشىنى باشلاپتۇ.
      ھەممىلا ئادەمنىڭ يېڭى بىر ئىشنى باشلاش نوقتىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ئائىلىدىن باشقا پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىڭىزگىلا خاس ۋاقىت ھەم خۇشاللىق ئۈچۈن ئىزدىنىپ بېقىڭ. سىزنى خۇشال قىلىدىغان ئىشنى چوقۇم تاپالايسىز.

  2. مەنمۇ مۇشۇ ئۇسۇللارنى كۆپرەك سىناپ باقاي، مەندە شۇنداق باشنى تۆۋەن سىلىپ تۇرۇش سەل ئىغىرتى، ھازىر خىلى ياخشىلىنىپ قالدى يازمىڭىز سايىسىدە ☺️

    مەن ئۆزۈمنىڭ نىمىگە قىزىقىدىغانلىقىمنى بىلەممەي ياشاۋاتقىلى خىلى بوپتۇ، تويۇم بولغۇچە ئاتا ئانامنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن شۇلا سىزىپ بەگەن سىزىقتا مىڭىپ ئۇلانىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشلىرىم ئاللىبۇرۇن باستۇرۇلۇپ كەتكەچمىكىن، تويدىن كىيىن ئۆي ، بالا، ئەر دەپ يەنە قىزىقىشىمنى بايقاشقا پۇرسەت بولمىدىمۇ ياكى قىزىقىشلىرىمنى سەزمەي ياشاپ كۆنۈپ قالدىممۇ بىلمىدىم، خىلى كۆپ قىتىم سىناپ باققان بولساممۇ يەنىلا نىمىگە قىزىقىدىغانلىقىمنى بىلەلمىدىم، خۇددى نىملا قىلسام قاملاشتۇرالمايدىغاندەك . . . …

    • ئىچىڭىزدە مۇشۇنداق بىر ئارزۇنىڭ بارلىقى سىزدە يېنىۋاتقان بىر ئۇچقۇننىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېتىدۇ. سىزنى ئەڭ خۇش ۋە راھەت ھېس قىلدۇرالايدىغان، پەقەت سىزلا قىلالايدىغان ئىش چوقۇم بار.

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ھەپتىدە

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى