يەنە بىر سەھەرنىڭ گۈزەل شېئىرىدىن ھوزۇرلاندىم.

ئاۋۇ ئۆينىڭ ئېگىسى ھويلىسىدا قاتارىغا ئېچىلغان ئۈچ تال ئەتىرگۈلىنىڭ سەھەرنىڭ نۇرىدا نەقەدەر گۈزەل بىر لىرىكىنىڭ مەلۇم بىر بۆلەك نوتىسى، گۈزەل بىر سەنئەت ئەسىرى بوپقالغىنىنى ئۆزلىرىمۇ بىلىشمەيدۇ.

يولغا چۈشۈپ قالغان بىر تال گۈل بەرگىنى ئاۋايلاپ تىرىپ قولۇمدىكى قەھۋەگە قوندۇرىۋالدىم-دە، بۇ گۈزەل بىر مىسرادىن شۇنچىلىك ھوزۇرلاندىم.

تۇنجى كىتابىم قولۇمغا تەگكىنىدە، ھاياتىمنىڭ بىر گۈلى بەرق ئۇرۇپ جۇلالانغاندەك بولدىكى، ھاياتىمنىڭ شۇنچىلىك ھاياتى كۈچكە تولغان ئۇرغۇلۇق بىر مىسراسىغا ئايلاندى.

كۆل بويىدا سۇنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازى، سەھەر ھاشارەتلىرىنىڭ چىرىلداشلىرىغا جۆر بولۇپ، كىچىككىنە نەتىجەم ئۈچۈن ئالەمچە خۇش بولۇپ، كىچىككىنە ئازابىم ئۈچۈن چىداپ تۇرالمايدىغان دۇنيادىكى ئەڭ قەدىرلىك ئادىمىمگە تۇنجى بېغىشلىمامنى يازدىم.

شائىرلار تىللاپ كەتمەڭلار،
كۆپ شېئىر ئوقۇپ كەتمەيدىغىنىم راست!
لېكىن، تەبىئەتنىڭ گۈزەل مىسرالىرىنى ئىختىيارسىز ئوقۇپ قالىدىغىنىممۇ راست!

2021.08.09 سەھەر

 

 

River Flows In You

 

 

تۇنجى قېتىملىق يازمام ژورنالغا بېسىلغاندا، ئالدى بىلەن ئانامغا خەۋەر قىلغان، نەشىرياتتىن ژورنالنى ئالدى بىلەنئانامغا ئەۋەتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانىدىم.

تۇنجى ئوقۇرمىنىم ئانامنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتىپ بەرگەن تەسىراتلىرىغا داخىل بولغانىدىم.

ھالبۇكى، ھاياتىمدىكى تۇنجى كىتابىمنى قولۇمغا ئالغاندىكى ھاياجىنىم ھەم خۇشاللىقىمنى تۇنجى بولۇپئانامغا يەتكۈزەلمىدىم. ئۇنىڭ قىزىنىڭ تۇنجى كىتابىنى ۋاراقلىغاندىكى تۇيغۇلىرىنى تىڭشىيالمىدىم.

كىتاب قولۇمغا تەگكىنىدە، تۇنجى كىتابىمنى دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ئادىمىمگە ئەۋەتەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارغابېغىشلىدىم.

دۇنيادىكى مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك ئىنسان ئانا، دادا:

مەيلى ئەڭ ئاددى نەتىجىلىرىم بولسۇن، مەيلى كاتتا شانشۆھرىتىم بولسۇن،

ئالدى بىلەن ئۇ سىلەرنىڭ!

سىلەرنى سۆيىمەن!

2021-يىلى 9-ئاۋغۇست

 

 

قولۇمغا كىتابىمنى ئالغان بۇ سەھەر يۇقارقىلارنى خاتىرىلەپ قويدۇم، ياپوننىڭ ھەر قايسى جايلرىدىكى قېرىنداشلارغا بۈگۈندىن ئېتىبارەن كىتاب ئەۋەتىلىشكە باشلىنىدۇ. 

ئامان بولۇڭلار~

تارقىتىڭ...