كىتاب: «ئادىتىڭىز ئۆزگەرسە، ھاياتىڭىز ئۆزگىرىدۇ»ناملىق كىتابتىن ئېرىشكەنلىرىم

683 قېتىم ئوقۇلدى

習慣を変えれば人生が変わる

مارك رېكلاۋ

ھازىرقى ھاياتىڭىزدىن رازىمۇ سىز؟ كونكىرىت ئېيتقاندا، خىزمەت، شەخسى تۇرمۇش، سالامەتلىك، كىشىلىك ئالاقە، ھەتتا ياشاۋاتقان موھىتىڭىز قاتارلىقلاردىن رازىمۇ؟بەخىتلىك، مۇۋەپىقىيەتلىك ياشىشىڭىز ئۈچۈن نېمە كام بولىۋاتىدۇ؟

شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ تىزگىنىنىڭ ئۆز قوللىرىدا ئېكەنلىكىنى بىلىشمەيدۇ. قاچانلاردۇر بىرەر مۆجىزىنىڭ يۈزبېرىشىنى كۈتۈپ، ھازىرقى تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ھاياتىدا نېمە ئىش قىلغۇسى بارلىقىنىمۇ بىلىشمەيدۇ. ئۇنداقتا،ھاياتىڭىزدا نېمە ئىش قىلغۇڭىز بار؟ قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ، قەغەزگە جاۋابىنى يېزىپ چىقىڭ. ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتسەتسىڭىز، مۆجىزە يۈزبېرىدۇ.

بەزى كىشىلەر كونكىرىت بىرەر ئىش قىلماستىن، ھازىرقىدىنمۇ ياخشى ياشاشنى ئويلايدۇ. شۇ بىر نوقتا ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، ھازىر سىز دەل ئۆزىڭىز تاللىغان ھاياتنى ياشاۋاتقان بولىسىز. چۈنكى، ئادەمنىڭ تەپەككۇرى،ئىتىقادى، تەسەۋۋۇرى شۇ ئادەمنىڭ ھاياتىنى بەلگىلەيدۇ. ئىنساننىڭ قەلبى ناھايتى كۈچلۈك قۇدىرەتكە ئېگە بولۇپ، يۈرىكىدىن ئويلىغان نەرسىلەر چوقۇم ئاتا قىلىنىدۇ

بەخىتكە ئېرىشىش ئۈچۈن لاتارىيە بىلىتى چىقىش ھاجەتسىز. ئىشنى پەقەتلا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىچىككىچىك ئىشلاردىن باشلىسىڭىز، بۇ كىچىك ئىشلار مۇۋاپىقىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ. يەنى، ئەڭ موھىمى ئەمەلى ھەرىكەتكە ئۆتۈش بولۇپ، يېڭىچە ئادەت يېتىلدۈرۈپ، نىشانىڭىز ئۈچۈن ئالدىغا قاراپ ماڭسىڭىز، ھاياتىڭىزداھەقىقەتەن ياخشى ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ.

كىتابتىن پارچىلار

Faun – Karuna

 

بۇ يىلنىڭ تۇنجى ئېيىدا «كىتابخۇمارلار ئارامگاھى»دىكى كىتابخۇمارلارنىڭ تەۋسىيەسىدە مارك رېكلاۋ «ئادىتىڭىز ئۆزگەرسە، ھاياتىڭىز ئۆزگىرىدۇ»ناملىق كىتابنى ئوقۇماقچى بولدۇق. كىتابنى يېڭى يىلنىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ ئوقۇشقا باشلاپتىمەن. كىتابنىڭ ماڭا بەرگەن ئەڭ چوڭ زوق-شوقى شۇ بولدۇكى، بۇ كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۇئاللار مېنىڭ ھاياتىم، ھازىرىم، كەلگۈسۈم ھەققىدە كەڭرى دائىرىدە ئويلىنىش، ئۆزۈم بىلەن كەڭرى دائىرىدە پىكىرلىشىش پۇرسىتىگە ئېگە قىلدى. كىتابنىڭ 1-بابى تۈگىگەندىن كېيىن، كىتابتىن ماڭا تەسىر قىلغان جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلىشنى توختىتىپ، كىتابتىن ئەمەلى نەپ ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ ئوقۇشقا باشلىدىم . كىتابتىن تەسىرلىنىش نوقتىىسدىلا توختاپ قالماستىن، ئەمەلى تۇرمۇشۇمدا قانداق قوللىنىمەن؟ دېگەن نوقتىدىمۇ ئويلاندىم ھەم تۇنجى ئايدىن باشلاپ ئەمەلىي تۇرمۇشۇمدا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا باشلىدىم.

شۇنداق، كىتابنىڭ تېمىسى ئادەت ئۆزگەرتىش، يېڭىچە ئادەت يېتىلدۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ھاياتىمىزغا يېڭىلىق ۋە كۈچ ئەكىلىش. يېغىپ ئېيتقاندا، ئارزۇيىمىزدىكى ئۆزىمىز بولۇش، ئۆزىمىز كۈتكەن ھاياتتا ياشاش، ياشاش سۈپىتىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش، شۇنداققۇ؟

يېڭى بىر ئادەت يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن 3~4 ھەپتە يەنى،21كۈندىن~28 كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدۇ،-دەپ يازىدۇ مارك رېكلاۋ. مەن ھەر بىر ئايدا يېڭى بىر ئادەتنى يېتىلدۈرۈشنى قارار قىلدىم ھەم بۇنى كىچىك ئىشتىن باشلىدىم. 

بۇ يىللىق ئۆيۈمگە ئاسقان كالىندارىم

بۇ يىلقى تۇنجى يېتىلدۈرگەن ئادەت

 

سەھەردىكى قىممەتلىك ۋاقتىمنى تېلىفۇنغا سەرپ قىلماسلىق ھەم سىرىتتىن كەلگەن ئۇچۇرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىماسلىق.

مەن ئادەتتە سەھەردە ئويغانغانغىنىمدا، كېچە كۆرگەن چۈشۈم، سەھەردە ئويغانغاندىكى قەلب تىۋىشلىرىم بىلەن بىر پەس تىنچ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈشنى خالايمەن. بۇ چاغدا قۇشلارنىڭ سايرىشى، سۇنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازى…قاتارلىق تەبىئەتنىڭ ئاۋازىدىن سىرىت ماشىنىنىڭ ئاۋازلىرىدىن تارتىپ، ئاياغ تىۋىشلىرىغىچە ھەرقانداق ئاۋازنىڭ  تىنچلىقىمنى بۇزۇشىنى خالىمايمەن.

بەزىلەر ئوخشىغان تاماق ئېتىپ يىيەلىگىنىدىن ھاردۇقى چىقىدۇ. بەزىلەر ئېسىل كىيىملەرنى كىيەلىگىنىدىن پۇخادىن چىقىدۇ.يەنە بەزىلەر بىر توپ كوللىكتىپ كىشىلەر ئىچىدە تۇرغىنىدا بىخەتەرلىككە ئېرىشكەندەك ھېس قىلىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۆي تازلاپ چىرايلىق ئۆيى بارلىقىدىن خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ. شۇنداق، ھەر ئادەم ئۆز يولى بىلەن ئۆز تىنچلىقىغا يېتىدۇ. ھالبۇكى، رەيھان تىنچ سەھەرلەردىن، ئۆزىگە قايتقان مىنۇتلاردىن، قەلبى بىلەن يالغۇز قالالىغۇدەك مىنۇتلاردىن ئاجايىپ كۈچ ئالالايدۇ.

 سەھەردىكى قەلبىمنىڭ ئەڭ ئويغاق، سەزگۈر، نازۇك دەملىرىنى، ئەڭ قىممەتلىك ۋاقتىمنى تىلفۇنغا، سىرىتتىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا  ئىسراپ قىلىشىمغا،  شاۋقۇنلارنىڭ ئىگەللىۋىلىشىگە يول قويمىدىم ھەم  تۇنجى ئايلىق ئادەت يېتىلدۈرۈش پىلانىمنى غەلبىلىك ئاياغلاشتۇردۇم.

2-ئايلىق ئادەت يېتىلدۈرۈش پىلانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، سىلەرگە ئېيىتىپ بېرىمەن. ھەر ئايدا يېزىپ بولالمىغان تەقدىردىمۇ، يىل ئاخىرىدا سىلەر بىلەن ئورتاقلىنىشىمەن.

مىتىرودىكى كىتاب ئوقۇۋاتقان مەن

ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش

يېڭى يىلنىڭ ئىككىنجى ھەپتىسىدىن باشلاپ نورمال خىزمىتىم باشلاندى. ئەينى چاغلاردىكى مىتىرودا كىتاب ئوقۇيدىغان ئادىتىمنى ئوبدانلا ئەسلىگە كەلتۈرىۋالدىم. پويىزنى كىتاب ئوقۇيدىغان ياخشى ئارامگاھ قىلىۋالدىم. خۇددى ئوقۇغۇچىلىق ۋاقىتلىرىمدا ئەڭ پەيزى كىتابلارنى مىتىرودا ئوقۇپ تۈگەتكىنىمدەك. يېرىم سائەت+يېرىم سائەت= بىرەر سائەتلەر ئەتراپىدا مىتىرودا كىتاب ئوقۇش ماڭا ھوزۇر بېغىشلىدى.

ئۆتكەن يىلى ئىشقا بېرىپ-كەلگۈچە ھېلى تېلىفۇنغا قاراپ، ھېلى مۈگىدەپ، ھېلى ئولتۇرىدىغان ئورۇن ئىزدەپ دېگەندەك مومايلاردەك بوپقالغانىدىم. ھازىر ئورۇنمۇ ئىزدىمەيمەن، ئورۇن بولسىمۇ ساغلاملىقىم ئۈچۈن ئۆرە تۇرۇپ، كىتابىمنى ئوقۇۋىرىمەن ھەم بۇرۇنقىدەك مىتىرودىكى ئۇزۇن يوللارمۇ زىرىكىشلىك بېلىنمەيدۇ

كىتاب ئوقۇشقا ۋاقىت يوق، ۋاقىت يوق دەيمىز. ئەمەلىيەتتە مانا مۇشۇنداق ئىشقا بېرىپكېلىش جەريانىدىكى ئابتۇبۇس، مىتىرولاردىكى ۋاقىت ئەڭ ياخشى كىتاب ئوقۇش ۋاقتى ھېسابلىناتتى ئەسلىدە. بۇ ئايدا مەن قىلالىغان ياخشى ئادەتتىن بىرى مىتىرو-ئابتۇبۇستىكى ۋاقتىمدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يەنى كىتاب ئوقۇش ۋاقتىغا ئايلاندۇرۇش بولدى.

خەۋەر ئاڭلىماسلىق

مارك رېكلاۋ خەۋەر ئاڭلىماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. قارىماققا، ئۇنىڭ بۇ تەشەببۇسى ھەقىقەتەن جاھاندىن ئايرىلىپ، قۇلىقىنى يوپۇرۇپ ياشايدىغان جاھىل بوۋايغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خەۋەرلەر ئاساسەن پاسسىپ ئۇچۇرلارغا تولغان. ھەر قېتىملىق پاسسىپ ئۇچۇر ئۇنىڭ بىر كۈنلۈك كەيپىياتىغا ئېغىرتەسىريەتكۈزگەن. ئۇ تېلۋىزوردىن خەۋەر ئاڭلىمايدىغان بولغاندىن كېيىن، تاشقى دۇنيانىڭ كەيپىيات كونتىرۇللىقىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ئۆزى كونتىرۇل قىلىدىغان بولغان. ئۇ موھىم، بىلىشكە تېگىشلىك خەۋەرلەرنى گىزىتتىن كۆرۈشنى، تىلۋىزوردىن پەقەت بىلىم، ھوزۇر ئالغىلى بولىدىغان نەرسىلەرنى كۆرۈشنى، ئۆزى ئۆزگەرتەلمەيدىغان، پەقەت ۋە پەقەت كەيپىياتىنى بۇزۇپ چۈشكۈنلەشتۈرىدىغان خەۋەرلەردىن نېرى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

خوش، ئۆزىمىزگە كەلسەك، بىز يامان خەۋەرلەردىن كۈنكۈنلەپ نىرۋىلىرىمىز بۇزۇلغان، چۈشكۈنلەشكەن يىللارنى باشتىن كەچۈردۇق، شۇنداققۇ؟ ئۆزىمىز ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئىشلارنى ئېگىسىگە بېرىپ، ئۆزگەرتەلەيدىغان رىئاللىق ئۈچۈن ئېنىرگىيەنى قانداق توپلايمىز؟ ئۆزىمىزدە بارقۇۋۋەتنى قەيەرگە سەرپ قىلىمىز؟ بۇنى ھەر بىر يۈرەك، ھەر بىر ئەقىل ئېگىسى ئۆزى قارار قىلسا بولىدۇ.

كىشىلىك مۇناسىۋەت

يۈرىكىمىزنى تۇتۇپ ئويلىنىپ باقايلى. يۈرىكىمىزنى ئاغرىتقانلارنى، ئىززەت-نەپسىمىزگە ھۇجۇم قىلغانلارنى كەچۈرىۋىتىش ئاسانمۇ؟ ئاسان ئەمەس!دەرۋەقە، بىز دالايلامادەك «ئالىيجاناپ» ئەمەس. شەخسەن مەن ئۇنداق بىر تەستىكىگە سالسا، يەنە بىر يۈزىنى تۇتۇپ بېرىدىغان «ئېسىل»لارىدن ئەمەس!  لېكىن، مۇنداق كىشىلەرگە بولغان پىرىنسىپىم شۇكى، بىر تەستىكىمگە ئۇرىمەن دېگۈچىلەرگە يۈزۈمنى تۇتۇپ بەرمەسلىك، ئۇ ئادەمنى پۈتۈنلەي ھاياتىمدىن چىقىرىۋىتىش، بۇ ئىشلارنى ھاياتىمنىڭ دەرسىلىكى سۈپىتىدە بىلىش.

مەن پەقەت تۇرمۇشۇمدىكى مېنى قەدىرلەيدىغان، ئەزىزلەيدىغان ئادەملەرنى ھاياتىمغا ئەكىرىمەن، ھۆرمەت بەرسە، ھۆرمەت بىلەن قايتۇرالايدىغانلارنىڭ يېنىدا بولىمەن.

ئىشلەتمەيدىغان بويۇملارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش

 

ئۆيىڭىزدىكى ئارتۇق نەرسەكېرەكلەر سىزدىكى ئېنىرگىيەنى تارتىۋالىدۇ،دەپ يازىدۇ مارك رىكلو. مەنچە، ھاياتىمىزدىكى ئارتۇق ئادەم، ئارتۇق ئىشلارمۇ ئىنىرگىيەرىمىزنى خورىتىدۇ.

ئەگەر بىرەر كىيىمىڭىز بىرەر يىل كېيىلمىگەن بولسا، بۇ كىيىمنىڭ يەنە كىيىلىش پۇرسىتى يوق بولىشى مۇمكىن، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىۋىتىڭ، «ۋاقتى كەلگەندە لازىم بوپقالا» دەپ ساقلاپ يۈرگەن نەرسىلىرىڭىزنى ئىشلىتىشىڭىز ناتايىن، لازىملىك ئادەملەرگە بېرىۋىتىڭ.

كىتابتىكى يۇقارقى سۆزلەرنىڭ ئىلھامىدا نەچچە يىلدىن بىرى ساقلاپ يۈرگەن، تاشلىۋىتىشكە كۆزۈم قىيمىغان كىيىمكىچەك، ئارتۇق نەرسىلەرنى كۆزۈمنى يۇمۇپ تاشلىدىم. بىر قىسىملىرىنى ئىككىنجى قول دۇككانغا ئۆتكۈزىۋىتىش ئۈچۈن ئەپ قويدۇم

ئۇندىن باشقا، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بىرگە بولغاندا كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالىدىغان، ۋاقىت سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئاچچىق يۈتىۋالىدىغان، ھەتتا كۆڭلۈم ئازار يەيدىغان كىشىلىك مۇناسىۋەت، ئارتۇق ئىشلاردىن يېراقلىشىشنى تاللىدىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ئاي ئۆيۈمدىكى، قەلبىمدىكى، تۇرمۇشۇمدىكى ئارتۇق يۈكلەر تاشلانغان، ھاياتىمدا دادىللىق بىلەن تازىلاش ئېلىپ بارغان  بىر ئاي بولدى.

75ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈمدىكى تەبرىك سۆزى

 

ھاياتىڭىزنى تىرىشچانلىق، ئىجتىھات بىلەن ئۆزگىچە ئۆتكۈزدىڭىز. 10 پارچىدىن ئارتۇق كىتابىڭىز نەشىر قىلىندى. ئۈچ بالىڭىزنىمۇپەزىلەتلىك، ۋەتىنىنى سۆيىدىغان ياخشى ئادەملەردىن قىلىپ تەربىيلىدىڭىز. مىللىتىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈنمۇ قولىڭىزدىنكېلىدىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتىڭىز. بىز سىزدىن ئىپتىخارلىنىمىز، سىزنى سۆيىمىز، سىزنىڭ يەنىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىڭىزنى، 75 يېشىڭىزدىمۇ قىزلارغا خاس ئوماقلىق، مومايلارغا خاس ئەقىلپاراسەت، تېخبمۇ مۇكەممەللەشكەن جەزبىدارلىقىڭىزنىڭ يەنە كەم دېگەندىمۇ10 يىلغىچە مۇشۇنداق چىرايلىق ياشىشىڭىزنى تىلەيمىز.

***

بۇ يىللىق تۇنجى ئوقۇغان كىتاب ھەققىدە توختىلىشىم مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. 75 ياشلىق موماي بولغىنىمدا ئاشۇنداق تەبىرىك سۆزى ئاڭلاش ئۈچۈن، بۈگۈن تىرىشىۋاتىمەن. ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا يۇقىرى يىللىقتىكى بالىلارنىڭ «بۇ قىز بەك تىرىشچان، ئارىلاشقان ئادەملىرىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش تىرىشچان»دېگەنلىرى تۇيۇقسىز ئېسىمدىن كەچتى. مەن ھازىرقى تىرىشچانلىقىمنى يەنىلا  20 ياشلىق چاغلىرىمدىن پەرىقلەنمەيدىغاندەك ھېس قىلىمەن. تىرىشچانلار كېلىڭلار! بىرلىكتە تىرىشىمىز.

**************

مارك رېكلاۋنىڭ «習慣を変えれば人生が変わる»ناملىق كىتابىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىرات

رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...
  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    ئۇزۇن بولدى يازىمىلىرىڭىزنى ئوقۇمىغىلى ، بۈگۈن يەنە ئوقۇپتىمەن ، مەنمۇ ئۇقۇشنى ياخشى كۆرمەن ، يىزشقا بەك قىزقىمەن . رەھمەت چارچىماڭ..
    يەنە بىر ئېلھام بەردىڭىز. ئۇ كىتاپنى مەنمۇ بىر ئوقۇپ باقسام بولغىدەك

  2. ھەر قىتىمقى يازمىلىرىڭىزنى قالدۇرماي ئوقۇپ چىقىمەن!ھەر قىتىمقى مەزمۇنلار مىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى كەيپىياتىمغا ئاتاپلا يازغاندەك!بۇنىڭدىن كىيىنكى يازمىلىرىڭىزنىڭ تىخىمۇ سەرخىل بولىشىنى ئۇمىد قىلىمەن!

  3. ياپۇنچىكەن دە ؟
    ئۇيغۇرچىسى يوقمۇ؟

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

كىتاب:

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى