ھاياتىڭىزدىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق ۋاقتىڭىز بولسۇن

2,093 قېتىم ئوقۇلدى

ۋاقىتنى ئۇستىلىق بىلەن باشقۇرۇش دىمەك ھاياتنى  ماھىرلىق  بىلەن لاھىيلەش دىمەكتۇر .

 

Sarah Brightman – Scarborough Fair

 

***

ئائىلە ھەم خىزمەت ۋاقتىڭىزدىن باشقا يەنە پەقەت ئۆزىڭىزگىلا تەئەللۇق ۋاقتىڭىز بولسۇن. بۇ خاس ۋاقتىڭىز ھاياتىڭىزغا ئېنىرگىيە ھەم ھاياتى كۈچ بېرىدۇ .

ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا  روبېرتنىڭ  يېزىقچىلىق دەرسىدە، بىر قېتىملىق «سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جاي» دىگەن ماقالە يېزىش تاپشۇرۇقىغا ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان جايلاردىن بىرىنى « قەھۋەخانا» دەپ يازغىنىم ئىسىمدە .
چەتئەلدىكى ھاياتىمدا مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جايدىن بىرى قەھۋەخانا ئىدى .
چۈنكى، رەيھان دەل شۇ يەردىن ئۆزىگە تەئەللۇق، ھىچكىم دەخلى قىلالـمايدىغان، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان خاتىرە يازىدىغان، ئويلىنىدىغان، ئۈگىنىش قىلىدىغان، كىتاب ئوقۇيدىغان گۈزەل بىر ۋاقتىغا ئېرىشەلەيتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن خېلى ـ خېلى دەم ئېلىش ئۇسۇللىرىمۇ بۇنىڭدەك ھوزۇرلۇق تۇيۇلـمايتتى… ھېلىمۇ ھەم بىر ئىستاكان قىززىق قەھۋەرىمدىن ھوزۇرلانغاچ بۇ قۇرلارنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .

گېپىمىزگە كەلسەك، ياپونىيەدەك تۇرمۇش رېتىمى تىز، زىمىنى كىچىك، نوپۇسى زىچ بىر دۆلەتتىمۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ شەخسى تىرىتورىيەسى، ئۆزىگە خاس بوشلۇقى بولىدۇ. ھىچكىم  بۇ تىرتورىيە ئىچىگە رۇخسەتسىز كىرسە بولمايدۇ.  بۇ بىر ئەقەللىي كىشىلىك مىزان ھىسابلىنىدۇ.

 

***

ئۆزىمىزگە تەئەللۇق ۋاقتىمىزنىڭ بولـماسلىقى قانداق  نەتىجىلىنىدۇ ؟

ۋاقتىڭىزنى پەقەت باشقىلار ئۈچۈنلا سەرىپ قىلىش سىزنى ھەم قەلبىڭىزنى بەكلا چارچىتىۋىتىدۇ. ئاسانلا روھى بېسىم ھىس قىلىسىز .

يۈزلىرىڭىزدىكى تەبەسسۇملارمۇ تۈگەيدۇ. ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئاىسىرىيالـمايمۇ قالىسىز ـ دە، ئائىلىڭىزدىكلەر، يېقىن دوستلىرىڭىزنى ئەنسىرىتىپمۇ قويىسىز .

ھاياتىڭىزدىكى گۈزەل ئارزۇ ـ مەقسەتلىرىڭىز كۆپۈكتەك يوقاپ بارغانسىرى پاسسىپ يۆنىلىشكە قاراپ كىتىۋاتقىنىڭىزنى تۇيمايلا قالىسىز .

ئەمدى ئۆزىگە تەئەللۇق ۋاقتى بولۇشنىڭ كارامىتىگە قاراپ باقايلى .

ئەسلىدىكى يارالـمىش ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز ئاشىدۇ .
قەلبىڭىزگە ئازادىلىك ھەم خۇشاللىق بېرەلىگىنىڭىزدە، تەبىئىي ھالدا ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرگىمۇ ئىللىق مۇئامىلىدە بولالايسىز .

ھەر كۈنىڭىزنى كۆڭۈللۈك، گۈزەل ھىس قىلالايىسىز، ھاياتىڭىز مەنا ھەم ئۆزگىچىلىككە  تولىدۇ .

 

***

قىسقىسى،  تۇرمۇشىڭىزغا ھاياتى كۈچ ئاتا قىلىمەن دەيدىكەنسىز ئۆزىڭىزگە خاس ۋاقتىڭىز ھەم بوشلۇقىڭىز بولسۇن .
ھەر كۈنى شۇنچىلىك ئالدىراش، ئەسلى قىلىشقا تېگىشلىك  بولغان ئىشلىرىڭىزغا ۋاقىت يوق، قىلغان ئىشىڭىزنىڭ تايىنى يوق، ۋاقىت شۇنچە تېز ئۆتۈپ كىتىۋاتقان… مانا مۇشۇنداق ھىس قىلغان بولسىڭىز ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلىڭىزغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ بېقىڭ .
مەسلەن، خىزمەتكە  15-20 مىنۇت بالدۇر چىقىپ، مېڭىپ باقمىغان يول بىلەن پەيزى مۇزىكىغا غىڭشىغاچ مېڭىپ بىقىش، ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن 15 مىنۇت قەھۋە ئىچكەچ سومكىڭىزدىكى كىتاۋىڭىزنى ئوقۇۋېلىش، ئۆي تازىلاش دىگەندەك ئائىلە ئىشلىرىغا سەرىپ قىلغان ۋاقتىڭىزنى سەل قىسقارتىپ ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىڭىز بىلەن ئۇچىرىششقا چىقىش… دىگەندەك كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا ئازراقلا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسەك، ئۆزىمىزنىڭ گۈزەل بىر ۋاقتىنى يارىتالايمىز. جىددى تۇرمۇش، كاللىمىزغا كىرىپ تۇرغان تۈرلۈك ـ تۈمەن ئۇچۇرلار… ھەقىقەتەن روھى ھەم جىسمانى جەھەتتە چارچىتىپلا قويىدۇ .
شۇڭا، سۆيۈملۈك ئۆزىڭىزگە كۈچ ھەم ئىنىرگىيە بېرىدىغان ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق ۋاقتىڭىزنى يارىتىپ بېرىڭ .

207.09.13

 

Today’s flower

***

ئۆتكەن ھەپتىدىكى تەرجىمەمكەن بۇ… بۈگۈنكى ئۆزۈمگە تەئەللۇق ۋاقتىمنى كىتابقىمۇ، كومپيۇتىرغىمۇ… قارىماي باشقىچە ئۆتكۈزمەكچىمەن… ھەر كۈنى كەم دىگەندە 15 مىنۇت ھاياتىمىز بولسىمۇ پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىمىزگە تەئەللۇق بولسۇن.  بۇ ۋاقىت بىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىدىغان، ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلىنىدىغان، پىلانلىرىمىزنى، نىشانلىرىمىزنى تۇرغۇزىدىغان، يېڭىلايدىغان ۋاقتىمىز بولسۇن !

ھەمىمىزگە ئۆزگىچە بىر كۈن نىسىپ بولغاي !

 

گۈزەل بىر كۈننىڭ كىچىككىنە كارتىنىسى

 

****************************

پايدىلانغان مەنبە:

「もっと輝く自分になるシンプルな習慣」

 

 ـ رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. ئىسىمداشكەنمىز،ھەم بىر يەرلىرىمىزدىن ئوخشاشلىق باردەك ھىس قىۋاتىمە خالىسىڭىز دوستلاشساق

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ھاياتىڭىزدىن

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى