سەھەر تىۋىنىشلىرى

1,722 قېتىم ئوقۇلدى

بىر ھەپتىلىك جىددى تۇرمۇشلاردىن چارچىغانىدىم… ئارام كۈنۈمدىكى سەھەرنى ئۇخلاپ ئىسراپ قىلىۋەتكۈم كەلمىدى.

سەھەر ئورنۇمدىن تۇرۇپ تەنتەربىيە كىيىملىرىمنى كىيىپ ئۆيدىن چىقتىم.

ھەر ۋاقىتتىكىدەك ئالدى بىلەن 24 سائەتلىك قولاي ماگزىندىن قىززىق قەھۋەرىمنى ئالدىم،- دە، سەھەرنىڭ تېنچلىقىدىن، ياپونلارنىڭ ئىشىكلىرى ئالدىدىكى گۈللىرىدىن، چوڭ يولدىلا ھوزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتكەن مۈشۈكتىن، ئۇچىرىغان سەھەرچىلەر بىلەن قىلىنغان يېقىملىق سالاملاردىن… چىقايمۇ –چىقمايمۇ دەۋاتقان قۇياشتىن… ھوزۇرلانغاچ باغچامغا كەلدىم.

بەخىت تۇيغۇلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئارتۇقچە ھەشەم ۋە رەسمىيەتلەر كېرەك ئەمەس. ئۆزىمىزدە بار، ئەتراپىمىزدا بار بىز كۆرگەن، كۆرەلمىگەن بىراق، ھىس قىلدۇرغانلاردىن شۇ بەخىت تۇيغۇلىرىنى تېىپىپ ياشاش كۇپايە.

بىرەر قۇر ھەركىتىمنى ئىشلەپ بولۇپ كىتابىمنى قولۇمغا ئالماقچى بولدۇم.

كاللامدا نۇرغۇن ئوي – پىكىرلەر چېچىلىپ تۇراتتى… بۇ خىل ھالەتتە بۇ پىكىرلىرىمگە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلالمىدىم.

رەيھان، ئوي – پىكىرلىرىڭنى ئۆزۈڭ تىڭشىمىساڭ كىم تېڭشاپ بىرىدۇ؟! ئاڭلا… ئۇ نېمە دەيدىكىن.

 

Lady Laura – Roberto Carlos

***

خۇشاللىقىنىلا ئەمەس ھەسرەتلىرىنىمۇ سېزىپ قالىدىغان شۇ ئادىمىڭنىڭ ھەسرەتلىك تىۋىشلىرىنى ئاڭلاپ قالساڭ قانداق قىلىسەن؟

ئەلۋەتتە، بۇ ھەسرەتلەر ساڭىمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىراق، سەنمۇ تەڭ ھەسرەتلەنگىنىڭنى ئۇنىڭغا ئېيتامسەن؟! ياق! ئەكسىچە، ئۇنىڭغا ھەسرەتنىڭ يەنە بىر يۈزىنى، قاراڭغۇلۇقنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى، ئۈمىدسىزلىكنىڭ يەنە بىر چىكىنى كۆرسىتىپ بەرگىن. ھەسرەتنىڭ بولىشى خۇشاللىقنىڭ كىلىشىدىن، قاراڭغۇلۇقتا قېلىشنىڭ يورۇقلۇقنى كۆرەلەيدىغانلىقىدىن، ئۈمىدسىزلىكنىڭ دەل ئۈمىدتىن دىرەك بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگىن. قىلالىساڭ شۇنداق قىلغىن.

***

ئىنسان ئۆزىنى كۆرمەكچى بولسا روھلىرى ئوخشاپ كېتىدىغان ، ماھىيەتلىرى ئوخشاش ئادەمنىڭ قەلبىدىن ئۆزىنى كۆرسۇن! ئېسىللارنىڭ قەلبىدىن ئىزدىسۇن! شۇ  چاغدا ئۆزىنىڭ ھەق ياراتقان گۈزەل يۈزىنى كۆرەلەيدۇ.

***

يارالمىش ماھىيتىڭدىن، قەلبىڭدىكى ئاجايىپ يارقىن نۇرلاردىن بىراۋنىڭ لال بولغان ۋاقتى بەلكىم، يەنە بىراۋلارنىڭ سېنى ئەڭ چۈشۈرىۋاتقان، قىممىتىڭنى يەرگە ئۇرىۋاتقان ۋاقتى بولىشى مۇمكىن.

ئاساسسىز، ئورۇنسىز ماختاشلار ئىنسان ئۈچۈن كېرەكسىز، زىيانلىق ماددا بولغىنى بىلەن يىقىنلىرىمىزنىڭ سەمىمى ماختاشلىرى ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرىدۇ.

ئۇنىڭ يارالمىشىدىكى ئەڭ گۈزەل تەرەپلەرنى بايقاش ھەم ئۇنىڭغا دەپ بىرىش كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى گۈزەل بىر ئىنسانى بۇرۇچ. پەقەت كەڭ قورساق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قىممەتلىك دەپ قارايدىغان ئادەملەر باشقىلارنىڭ يارقىن تەرەپلىرىنى، گۈزەللىكلىرىنى بايقاشقا ماھىر بولىدۇ ھەم بۇنى ئۇلارغا سۆزلەپ بېرەلەيدۇ.

يەنە دەيمەن، ئۆزىنى قىممەتلىك دەپ قارايدىغان كىشىلەرلا باشقىلارنىمۇ قىممەتلىك دەپ تونۇيالايدۇ.

***

بىز ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئىنسانلار، بىز ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز رىئاللىقلار ئالدىدا ئۆزىمىزگە، قەلبىمىزگە ئارتۇقچە يۈكلەرنى ئارتىۋىلىپ بىزگە كۆز يۇمغىچە ھەمرا بولىدىغان يۈرىكىمىزنى ھالسىراتمايلى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈنلىرىمىزنىڭ يەنە بىر نۇرلۇق تەرىپىنى كۆرسىتىپ بېرەيلى.

ئۆزىمىزگە ئاراملىق بەرگەن ئارام كۈنلىرىمىز بولسۇن ~🌹

2017.09.30 سەھەر

رەيھان

 

تارقىتىڭ...
  1. .

    بەخىت تۇيغۇلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئارتۇقچە ھەشەم ۋە رەسمىيەتلەر كېرەك ئەمەس. ئۆزىمىزدە بار، ئەتراپىمىزدا بار بىز كۆرگەن، كۆرەلمىگەن بىراق، ھىس قىلدۇرغانلاردىن شۇ بەخىت تۇيغۇلىرىنى تېىپىپ ياشاش كۇپايە.

  2. 素敵です。ありがとうございます。勉強になります新しい作品楽しみに待っています

  3. يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇسام ئوقۇسام ھارمايمە ….

reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

سەھەر

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى