«توكيو خاتىرىلىرى» دىن تۇنجى سۆز

2,249 قېتىم ئوقۇلدى

 سالام قەدىرلىكلەر، بارماقلىرىم بىلەن قايتا – قايتا ھېسابلاپ كۆرسەم «توكيو خاتىرىلىرى» قۇرۇلۇپ بىردەمدىلا ئالاھەزەل 8 ئايچە ۋاقىتمۇ بوپقاپتۇ. بىلوگىم تارىخىدىكى تۇنجى سالامنىڭمۇ ۋاقتى كەلگەندەك تۇرىدۇ. بۈگۈنكى يازمام ئارقىلىق دۆلەت – قىتئەلەر ھالقىپ روھىيەت سەپىرىمىز يېقىنلاشقان، ھاياتنىڭ ئوخشىمىغان قىسمەتلىرىدە، ھەر خىل كارتىنىلىرىدا ياشىساقمۇ، تىلىمىز، دىلىمىز، تۇيغۇلىرىمىز ئورتاقلاشقان  سۆيۈملۈكلەرگە يۈرىكىمدىن سالام يوللايمەن ھەم بىر قانچە نوقتىلاردا ئورتاقلاشماقچىمەن.

 

Office romance – служебный роман

 

ھەر قانداق بىر ئىنسان قەلبىگە بۇ دۇنيادا قانداق ياشاشنىڭ، كىم بولۇپ ياشاشنىڭ خەرىتىسى سىزىلغان. خۇشاللىقنىڭ، ئازابنىڭ، گۈزەللىكنىڭ، سۆيگۈنىڭ، ئېرىشىشنىڭ، تىرىشىشنىڭ …ھەممە، ھەممىنىڭ ئۆزىگە  خاس يولى بېرىلگەن.

تولۇقسىزدىن تارتىپ كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ ئىچكى تۇيغۇلىرىنى تۆكۈشكە ئادەتلەنگەن مەن بىلوگىمنى قۇرىۋىلىپ، ھەر بىر يازمامدىن  ئىچىمنىڭ ئىچىدىكى ئەسلىدىكى ئۆزۈمنى قايتىدىن كۈزىتىشكە ھەم  تونۇشقا باشلىدىم.

 نوقسانلىرى نۇرغۇن، تېيىز يازمىلىرىم ئۈچۈن سەھەر – ئاخشاملىرى ئۇيقۇمدىن  ۋاز كىچىشلىرىمدىن، بەزى كۈنلىرى  بىلوگىم ئالدىدا ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنىمۇ سەزمەستىن ئاچ قورساقمۇ خىزمەتكە كەتكىنىمدىن شۇنى غۇۋا كۆرگەندەك بولىمەنكى، بىز سۆيۈپ ئوقۇيدىغان كىتابلار ساھىبلىرىنىڭ بۇ مىۋىلىرى ئۈچۈن نەقەدەر ئەجرى، زىھنى، ۋاقتى سىڭگەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ  ھوزۇر ئىچىدە بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى.

قىسقىسى، بىلوگىمدا بەك ئىلمىيلىقى يۇقىرى كاتتا ئەسەرلەر يوق. بىراق، ئامال بار رىئاللىقنى، قەلبىدىكىنى، تۇيغۇلىرىنى سەمىمىي ئىپادىلەشكە تىرىشۋاتقان رەيھاننىڭ   كۆچۈرۈلمىگەن، ئۆزىگە خاس  ئىددىيەسى ۋە ئەمگىكى بار.

 

بىلوگنى قانداق كۆرىمىز، قانداق قوشىۋالالايمىز؟

ئوقۇرمەن دوستلاردىن ۋاستىلىك ھەم بىۋاستە ئەڭ كۆپ  سورالغان سۇئال مۇشۇ بولدى.

ھەتتا، ئەتراپىمدىكى بەزى دوستلاردىن تارتىپ بۇ خىل تور بەتنى تۇنجى قېتىم كۆرىۋاتقانلىقىنى، قانداق كۆرۈشنى بىلەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتىشتى.

قىسقىچە جاۋاب بىرىۋەتسەم، كۆرىۋاتقان ئۇشبۇ بىلوگ ئۈندىدارلاردىكى سالۇنغا ئوخشىمايدۇ، ئۈندىدارلاردا سىكاندىرلاپ قېتىۋالغاندەك قوشىۋالغىلى بولمايدۇ.

پەقەت تور بەت ئادىرىسىنى ساقلاپ قويۇپ ئانچە – مۇنچە ئېچىپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

http://tokyoxatiriliri.net

يەنى، بۇ ئادىرىسنى ساقلاپ قويۇش ئارقىلىق ۋە ياكى مەلۇم بىر يازمىنى ساقلاپ قويۇش ئارقىلىق كونا – يېڭى بارلىق يازمىلارنى كۆرەلەيسىز.

(گەرچە ئۈندىدار سالۇنلىرىدەك قوشۇۋالغىلى بولمىسىمۇ،  ئىزچىل  يازمىلىرىمغا ئورتاقلىشىپ كېلىۋاتقان دوستلاردىن مىننەتدارمەن.)

 

 

تۆۋەندە بىلوگ قۇرۇلمىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرماقچىمەن.

يېڭى يازما مۇشۇ شەكىلدە كۆرۈنىدۇ.

يازمىلاردىكى قىستۇرما  دۇنياۋى ناخشا – مۇزىكلاردىن ھوزۇرلىنىسىز. (كۆپىنچە شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئۆزۈم ياقتۇرغان  ناخشا – مۇزىكىلارنى كىرگۈزۈپ قويىۋاتىمەن، لېكىن!)🎵

«ھەپتىدە بىر ۋىدىئو» دا ئۆزىمىزنىڭ خەلق ناخشا – مۇزىكىلىرىدىن ھوزۇرلىنىسىز.🎧

باش بەتنى ئاستىغا سۈرسىڭىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەڭ يېڭى ئىنكاسلىرى كۆرۈنىدۇ.

بۈگۈن بىلوگىمدىكى بىر «مەخپىيەتلىك» نى ئاشكارىلىۋىتەي.

قىززىق بىر ئىش شۇكى، مۇشۇ ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ئىنكاسىلا كېلىدۇ،- يۇ، كىملىكى كەلمەيدۇ!😶

مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىلوگىمدىكى ئوقۇرمەنلىرىم بىلەن  ئوتتۇرىمىزدىكى مۇناسىۋەت ھەقىقەتەن بارلىق سالاھىيەت ھەم كىملىك ئېلىۋېتىلگەن  روھلار ئۇچىرىشىشى خالاس!

شۇڭا، ئىنكاس يازغاندا كىملىكىڭىزنى ھەتتا مەنمۇ بىلەلمەيمەن. قىسمەن پەۋقۇلئاددە 5-6-7- سەزگۈلىرىم بىراۋلارنى بىلىپ قالمىسىلا سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى بىلەلمەيمەن.

(مەيلى ئەمەسمۇ، پەقەت ئىددىيەلەرلا ئۇچىرىشىدۇ، ئىنكاسلاردىمۇ ئەركىنرەك بولغىلى بولىدۇ)

ھە – راست، رەيھان بىلمەيدىكەن دەپ تىللىۋالماڭلار جۇمۇ؟! 😜«نۇرۇمنىڭ كۆڭلى بەك نازۇك» دىگەندەك رەيھاننىڭ كۆڭلىمۇ بەك نازۇك، مەن بىلمىگەن بىلەن ئىگىمىز بىلىدۇ دەيمەن!😁

شەخسى سۆزلىرىڭىز ياكى تەلەپ – پېكىر بەرمەكچى بولسىڭىز بىۋاستە ئىنكاس شەكىلىدە يوللىسىڭىزمۇ (ئەلۋەتتە، بىلوگدا ئاشكارىلانمايدۇ) ياكى تۆۋەندىكى ئېلخەت ئادىرىسىغا يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

reyhan@outlook.jp

reyhan@tokyoxatiriliri.net

 

باش بەتنى تېخىمۇ ئاستىغا سۈرۈپ «بارلىق يازمىلىرىم» نى چەكسىڭىز بۇرۇنقى يازمىلارنى تاپالايسىز.

***

ماۋۇ مۇز چىراي ئېسىڭلاردىمۇ؟🤑

ماۋۇ كىنونى كۆرىسىلەرغۇ ھە؟!

نادىر فىلىم: ئىشخانىدىكى ئىشلار
ئەسلى نامى: Служебный роман
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 1977-يىلى
دۆلىتى: سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى

ئۇيغۇرچە سۈزۈك نۇسقىسىنىڭ كۆرۈش ئادرىسى:

https://goo.gl/oHKv5j

يولداش ئاناتولى يىفرمىچ مۇنداق دەيمىش: دۇنيانى خۇشخۇيلار چۆگىلىتىدۇ.

 ھاياتى كۈچكە تولغان، ئۈمىدۋار كىشىلەر خۇشخۇي بولىدۇغۇ يولداش ئاناتولى دىگەندەك.😇

ئەسلىمىلەردىكى بۇ كىنونى كۆرگەچ  ھەممىنى ئۇنتۇپ بىر كۈلىۋالغايسىز، كۈلكىڭىز ئۈمىد چىللايمىش!🌹

 

 

تارقىتىڭ...
  1. سىزنىڭيازغامەزمۇنلىرىڭىزدىنبەكمۇھوزۇئالىمەن

  2. ھا ھا ھا …ئاۋۇ كىنودىكى مۇز چىراينى دەۋاتمايدىغانسىز ھە؟ (*☻-☻*)(◐‿◑)

  3. ياخشىمۇ سىز . تور بېتىڭزدىكى مەزمۇنلارنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ كۆرۈۋاتىمىز. رەھمەت.بولسا داۋاملىق پەرزەنت تەربىيسى توغرلىق بىلىملەردىن خەۋەردار قىلىپ تۇرسىڭز
    تور بېتىڭزنىڭ كومپيۇتىر نۇسقىسى ئانچە نورمال ئەمەستەك قىلدۇ. مەسلەن ئۈستىدىكى 3تېما مائۇسنى ئاپارمىغۇچە كۆرۈنمەيدىكە. كۆرۈنمە جەھەتتە رەت-تەرتىپى سەل قالايمىقان ھىس قىلدىم . ئۈستىدىكى رەسىممۇ تولۇق يېيىلماپتۇ. مۇشۇ جەھەتتە بىر تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان بولسا ياخشى بۇلاتتى. بىزغۇ مەزمۇن ئۈچۈن كىرىمىز ئەمما تور بىكەت تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇپ كەتسە دىگەن ياخشى ئۈمىد بىلەن بۇ تەكلىپنى ئېيتىۋاتىمەن 🙂 رەھمەت

    • ياخشىمۇسىز ، ئەمدى جاۋاب قايتۇرغىدەك ۋاقىت تاپتىم، ئۆزۈر سورايمەن.
      يېقىندا بىر سۆيۈملۈك ئاكىمىز شۇنداق دىگەنىدى” مۇشۇ بىلوگىڭىز كومپىيۇتىردا بەك سەت كۆرۈنىدۇ لېكىن…” دەپ ( ◠‿◠ )
      بەك ياخشى تەكلىپتىن بىرنى بەرگىنىڭىزدىن خۇش بولدۇم، شۇ باھانادا بىلوگىمنى شۇ ئاكىمىزغا بىر ئوڭشىتىۋالايچۇ~ ☺
      شۇڭا بىر ئۆتۈنۈشۈم، رەتكە چۈشۈرۈپ بولغىچە كومپىيۇتىردا بىلوگىمنى كۆرمەي تۇرساڭلار~(-_^)
      بۇندىن كېيىنمۇ تەلەپ -پېكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز، سالامەت بولۇڭ~☕

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

«توكيو

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى