خانىم- قىزچاقلارغا: قەھۋەنىڭ گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ئورۇقلىتىش رولى

2,151 قېتىم ئوقۇلدى

ماۋۇ گەپنى ئاڭلاپ قەھۋە ئىچىشكە ئامراق قىزچاقلار خۇش بوپكەتكەنسىلەر ھە؟

شۇنداق قىلىپ كىتابخانا ئارىلاۋېتىپ   قەھۋە توغۇرلۇق بىر دۆۋە كىتابلارنى  ئۇچرىتىپ قالدىم… يېنىدا خېلى ئۇزۇن تۇرۇپمۇ قاپتىمەن. ئاخىرى ئارىسىدىن بىرنى تاللاپ سېتىۋىلىپ بىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان  تېمىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ قويدۇم.

ずっとあなたが好きでした

***

قەھۋەنىڭ  گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ئورۇقلىتىش رولى

   قەھۋە ئۆز ئىچىگە ئالغان تەركىبلەرنىڭ  ئۇيقۇنى ئېچىش رولىلا بولۇپ قالـماي يەنە راك، يۈرەك كېسىلى، ياشانغاندىكى دىۋەڭلىك، جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، 2ـ تىپ دىئابىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالدىغانلىقىدەك سالامەتلىككە پايدىلىق تەرەپلىرى تۈرلۈك تەتقىقاتلاردا ئېنىقلانغان.
قەھۋە – كىشگە ھوزۇر، خۇشاللىق، سالامەتلىك بېرىپلا قالماي يەنە گۈزەللىكمۇ بېغىشلايدۇ!

ھەمىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، تېرە ھەر 28 كۈننى بىر دەۋىر قىلىپ يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ دەۋرىلىك  رىتىمى بۇزۇلىدىكەن، تېرىگە داغ چۈشۈش، قورۇق چۈشۈش، دانىخورەك… دىگەندەك تېرىنىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ خىل تېرە يېڭىلىنىشىغا ئەڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىلدىن بىرى –  قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى بولـماسلىقىدىن بولىدۇ.  يەنى، ئوكسىگىن قان ئارقىلىق پۈتۈن بەدەنگە يەتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، قان ئايلىنىش ياخشى بولـمىغاندا، ئوكىسىگىنمۇ يەتكۈزىلەلـمەيدۇ – دە، تېرىنڭ يېڭىلىنىشىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ.

قىسقىسى، قەھۋەنىڭ يۈرەك ھەركىتىنى ياخشىلىشى تەبىئى ھالدا قان ئايلىنىشنىڭ ياخشىلىنىشىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۆرەك خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىچىك تەرەت ئارقىلىق بەدەندىكى كېرەكسىز زەھەرلەرنى سىرىتقا ھەيدەيدۇ، مىتابولىزىمنى ياخشىلايدۇ. دىمەك، بۇلار تېرىنىڭ گۈزەل بولىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، چېنىقىشنىڭ ئالدىدا قەھۋە ئىچىپ بەرگەندە، بەدەندىكى ماينى ئىنىرگىيەگە ئايلاندۇرۇپ خورىشىنى تېزلىتىدۇ. ھەم ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: قەھۋە بەدەننىڭ تۆمۈر ماددىسىنى قوبۇل قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، قان ئازلىقتىن ئەنسىرەيدىغانلار تاماقتىن كىيىن قەھۋە ئىچىشتىن ساقلىنايلى.

قەھۋە كىتاب بىلەن، ۋە ياكى خاتىرە بىلەن،  يەنە ۋە ياكى ئېسىل ھەمرا بىلەن ياخشى

******************

 

 

بۈگۈنكى تەيفىڭ بورىنىدا ئۆيدىن چىقالمىغان بالىلار،  بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچكەچ، بانباننىڭ  ئاۋۇ گۈزەل ناخشىسىدىن ھوزۇرلانغايسىلەر~🎵☕️🎵

 

تارقىتىڭ...
  1. لىكىنزە ..قەھۋە ئىچتۇق دەپ شېكىرى بىلەن سۈتىنى جىققىدە سېلىۋىلىپ ۋاخاخا قىلىپ ئىچسەڭلار مەڭگۈ ئورۇقلىيالـمايسىلەر جۇما ~☕️ ( ۋاي مايەدە 32 چىش چىققان كۈلكە بار دەپ تۇرايلى …مۇشۇ چىراي ئىپادىلىرى كۆرۈنمەيدۇ دىسە بۇ ئۆتمۈشنىڭ بىلوگلىرىدا )

  2. بالا ئىمتۋاتقانلار قەھۋە ئىچسە بولامدغاندۇ ياقمۇ ؟ ھامىلدار ۋاقىتتا ئىچسە بوممايدۇ دەپ قەھۋە ئىچمگلى بىر يىل بولدى مانا ،شۇنداق سېغنىپ كەتتىم

  3. كىتابتا ھەم ياپوننىڭ تور بەتلىرىدە ديىشىچە ، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئانىلار ، ھامىلدارلىقنىڭ 8ـ28 ھەپتىلىرىگىچە بولغان ھامىلدار ئانىلار كۈنىگە 2ـ3 ئىستاكان قەھۋە ئىچسە بولىۋىرىدىكەن .ناۋادا يەنىلا ئەنسىرىگىدەك بولسا 3ـ ئىستاكاندىن باشلاپ كافۇيىنسىز قەھۋە ئىچسە بولىدىكەن .
    قەھۋەگە كۆنۈپ قالغان ئادەم مەجبۇرى ئۆزىنى كونتىرۇل قىلغاندا تۇغۇتتىن كىيىنكى كەيپىيات تۇراقسىزلىقنى ئېغىرلىتىۋىتىشى مۇمكىن.
    ئورنىڭىزدا مەن بولسام بىر ئىستاكان بىلەن كۇپايىلىنىشىم مۇمكىنكەن .
    ھە ـراست ، قەھۋە ئېچىش ۋاقتىنى بالىنى ئېمىتىپ بولغاندىن كىيىنكى ۋاقىتقا توغرىلىسا بالىغا تېخىمۇ زىيانسىزكەن .
    بۈگۈن ئۇزۇندىن بىرى ئىچەلـمىگەن قەھۋەرىڭىزدىن ھوزۇرلانغان كۈنىڭىز بولغاي ~ ☕️❤️

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

خانىم-

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى