يېزىشنى تاللىدىم

3,495 قېتىم ئوقۇلدى

بەزىلەر ئۆلسىمۇ ياشاۋاتقاندەك، يەنە بەزىلەر ياشاۋاتسىمۇ ئۆلگەندەك دۇنيا بۇ !!!  ئۆلسەكمۇ ياشايدىغان ھاياتنى ياشاش نەقەدەر كاتتا  نىھمەت   !؟

ھاياتىمىزدىن بەك داغدۇغلىق ئىزلارنى قالدۇرالمىساقمۇ، ئۆزىمىزگە خاس ھاياتلىق يولىمىز قالسۇن.

شۇنداق قىلىپ يېزىش مىنى تاللىدىمۇ ئېيتاۋۇر مەن ئۇنى… يېزىپ قالدىم. يازغانلىرىمنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالاپمۇ  قالدىم.

***

Son of the Moon / Hijo de la Luna

 

***

« ھايات سەپىرىڭ ئۇزۇن، سەن يازغىىن »  دەپ ماڭا بىشارەت بەرگەن چۈشۈمدىكى ھىلىقى ئۇزۇن، ئاق ساقاللىق بوۋايدىن  ئىلھام ئېلىپ يازدىم.

شۇنداق بېرى بار… ئۇ شۇنچىلىك جەلىپكار ھەم شۇنچىلىك نۇرلۇق، شۇنچىلىك كۈچلۈك ھەم شۇنچىلىك دانا… ئۇ كۆپىنچە سۈبىھىلەردە ياكى يېرىم كېچىلەردە قەلبمگە شىۋىرلايدۇ… بۇ شىۋىرلاشلارنى بەزىلەردە قەلبىمنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە، بەزىلەردە خاتىرەمنىڭ بەتلىرىگە… يەنە بەزىلەردە تېلىڧۇنۇمغىلا يازدىم.

يازغانلىرىم 2013-يىلى ئەدەبىيات نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كانادالىق ئايال يازغۇچى ئەلىس مونرو نىڭ ئەسەرلىرىدەك دۇنياۋى شۆھرەتكە ئېرىشەلمىسمۇ يازدىم.

مەقسىتىم ئەلۋەتتە شۆھرەت ئەمەس. پەقەت يېزىش ئارقىلىق خۇشاللىق ھەم مەلۇم دەرىجىدە ئۆزۈمدىن قانائەتكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىم، يەنە ھەم ھەشەمسىز  بىراق، قەلبىمدىكى قۇرلارنىڭ ئۆزۈمدىن ھالقىپ يەنە بەلكىم  بەزىلەرگىمۇ ئىلھام ھەم كۈچ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن يازدىم.

***

تەقدىرنىڭ ھەر بىر قىسمىتىدە بىر ھىكىمەت دەپ ئۆزۈمنىڭ نىمە ئۈچۈن يىلتىزىم بار يەردە ياشاشتىن، مىھرىبان ئانام، مەردانە دادام، خۇشچاقچاق، بىر يەرگە كەلسەك دوستلاردەك بولۇپ كېتىدىغان قېرىنداشلىرىم بار يەردە ئۇلار بىلەن جەم بولۇپ ياشىغاندىكى گۈزەل رىسىقتىن، تۇنجى ئايىقىم، تىلىم چىققان، تۇنجى سۆيگۈمنىڭ مەسۇم خاتىرىلىرى قالغان زېمىنىمدا ياشاشتىن يىراقلىقىمىدن مۇڭلىنىپ قالغانلىرىمدا شۇنداق ئويلاپ قالاتتىم…

تەڭرى مېنى ئۆز قەلبىگە تېخىمۇ يېقىنلاشسۇن، قەلبىنى تاشقى زەربىلەردىن ساقلىيالايدىغان ھەم بەزىدە ئاۋايلاپ تۇرۇپ ھىچكىم تاپالمايدىغان يەرگە يوشۇرۇپ قويالايدىغان، پۈتۈن دۇنيا ئۇنتۇپ قالغاندىمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدىغان ئۆزىنى سۆيۈش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرسۇن، ھاياتىدىكى كىچىككىنە ئىشلاردىن، ھەتتا، ياۋا گۈللەردىنمۇ گۈزەللىك، خۇشاللىق ھەم ھىكىمەت تاپالايدىغان ھەم بۇ ھىكىمەتلىرىنى يېزىشتىن قەلبى ئارام تاپسۇن دەپ بۈگۈنكى قىسمەتنى بەرگەن بولىشى مۇمكىن دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ تۇرۇپ يازدىم.

***

رەيھان ئابلەت

   2017.03.07

****************************************

  بىلوگىمنىڭ  قۇرۇلغانلىقىغا مۇبارەك !!!

تۇنجى قېتىملىق يازمامنى بۇرۇن يېزىپ قويغان، ھىچكىم تېخى ئوقۇشقا نىسىپ بولمىغان ئۇشبۇ قۇرلار بىلەن باشلىدىم. بۈگۈندىن باشلاپ ئەسرالىشىپ تۇرارمىز   ~

يېڭى ئوي-پىكىرلەر تۇغۇلۇپ تۇرىدىغان ھەر كۈنىمىزدە  بايقاپ باقمىغان ئۆزىمىزنى بايقاش ھەم سىزنى بايقاش نىسپ بولغاي ~~

 

تارقىتىڭ...
  1. Tabriklayman ,Mubarak bolsun , tunji azayingiz bop kalamdinmNima talaylik bop ,

  2. مۇبارەك بولسۇن. يارايسىز!

  3. مۇبارەك بولسۇن ئاچا، بەك چىن تۇيغۇ بىلەن شۇنداق ياخشى يىزىپسەن ، تىخىمۇ گۈزەل ئەسەرلەرنى يىزىپ قالدۇرغىن ،ئەسەرلەر ئۈزۈلمىسۇن، تېنىڭگە سالامەتلىك ، ئىشلىرىڭغا ئۇتۇق
    تىلەيمەن !

  4. Mubaraklar bolsun, guzal hesyatliringidbir likta hozurlinayli,

  5. مۇبارەك بولسۇن رەيھان !!!رەيھانگۇلىدەك ئارامبەخىش پۇراقلارغا تولغان بېلۇگ بولغۇسى

  6. Insan Eng azapqa eng japaliq kunler beshigha kelgende andin heqiqi Ozini tapalaydu dep oylaymen

  7. مۇبارەك بولسۇن يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالـمىسۇن ھەممىمىز سىزنىڭ ئوقۇرمەنلىرىڭىز

  8. بىر ماكاندا ياشاپ بۇ يازما بىلەن بەزى ھېسلاردا ئورتاق ئىكەنلىكىمدىن خوش بولدۇم. مۇۋەپپەق بولسۇن.

  9. تەپەككۇرىڭىزغا تىل تەگمىسۇن جىنىم ھەدە.
    سىزدىكى قابىليەت مىنى سىزدىن ئايرىلالماس قىلدى. سىزگە ھۆرمىتىم چۇڭقۇر.سالامەت بولۇڭ!

  10. يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ گۆھەر تېپىۋالغاندەك خوش بولدۇم،مۇشۇنداق سەمىمىيەت بىلەن يىزىلغان ،يۈرىكتىن چىققان سۆزلەرلا يۈرەككە بارىدۇ،قەلىمىڭىز توختاپ قالمىغاي!

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

يېزىشنى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى