سۆيگۈنىڭ رەڭگى

2,077 قېتىم ئوقۇلدى

سۆيگۈنىڭ رەڭگى

رەيھان ئابلەت

Secret Love

ماشىنامنى ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا ئاق، ھالرەڭ، سۆسۈن رەڭلەردە ئېچىلىپ كەتكەن دەرەخ گۈللىرىگە كۆزۈم چۈشتى دە، كۆزەينىكىمنى ئېلىۋەتتىم …

ئاسماندىن سۆيگۈ گۈللىرى تۆكۈلگەندەك بۇ گۈزەل سەھەردە بۇ گۈزەل مەنزىرىنىڭ ئەسلى رەڭگىنى كۆرەلمەسلىك  ۋە ھوزۇرلىنالماسلىق بەك چوڭ ئىسراپچىلىق ئىدى .

توكيونىڭ چىچەك پەسلى، ئەتىرگۈل پەسلى، سەكسەن چىچەك گۈل پەسلى ( يەنى، ياپۇنچە ئاجىساي گۈل پەسلى ) … ئۆتۈپ ، ھازىر دەل دەرەخ گۈللىرىنىڭ پەسلى كەلگەنىدى …

 

       ھاياتىتىكى ئەڭ گۈزەل سەنئەتتىن بىرى تەبىئەت بولغىندەك، قەلبلەردىكى سۆيگۈلەرمۇ ئەڭ گۈزەل ھەم بارچىنىڭ مەنبەسى بولغان نادىر بىر سەنئەت ئىدى…

ئەزەلدىن قوپال، بەك ئېچىۋىتىلگەن، رىتىمى قاتتىق تۈردىكى سەنئەتلەردىن بىر سەنئەت سۈپىتىدە ھوزۇرلىنالمىغىنىمدەك  نەزىرىمدىكى سۆيگۈمۇ ئەنە شۇنداق نەڧس، نازۇك، نۇمۇسچان بولىشى كىرەك ئىدى… قىز- يىگىتلەرنىڭ بىر- بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا قىزارمىغان يۈزلىرى، بارماقلىرى تىگىپ كەتسىمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى لەرزىگە كىلىدىغان نازۇكلىقى بولمىغان سۆيگۈ – نەزىرىمدىكى سۆيگۈ ئەمەس ئىدى…

تۇيۇقسىز سۆيگۈنىڭ رەڭگىنى ئويلاپ قالدىم… بۇرۇنلاردىن سۆيگۈنى قىپقىزىل ئەتىرگۈل رەڭگىدە دەپ بىلەتتىم …

بىردىنلا  ئۇنىڭ رەڭگى كۆمۈش رەڭلىك ئاسماننىڭ شولىسى چۈشكەن دېڭىز رەڭگىدە تۇيۇلدى… يەنى، سۆيگۈ _ كۆمۈش رەڭدەك سىرلىق، جەلىپكار، گۈزەل ھەم تۇتقىلى بولمايدىغان بىلىندى…

لىئو تولىستوينىڭ “ ئاننا كارىنىنا “ رومانىنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس، ئوقۇپ بېقىش ئۈچۈنلا ئوقۇغۇنۇم، بىراق، ئۇنىڭدىن مەن ياقتۇرىدىغان بىرمۇ ئوبراز تاپالمىغىنىم راست… گەرچە، بۇ ئىككى دەۋىر، ئىككى جەمىئەت كىشىلىرىنى سېلىشتۇرۇش بەكلا ئەخمىقانىلىق بولسىمۇ ماڭا ئاننانىڭ مۇھەببەتكە تۇتقان پوزىتىسيەسى ھەم سۆيگۈ ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىپ ئۆلۈم يولىنى تاللىغىنىغا قارىغاندا، مارگارېت مېچىلنىڭ

Gone with the wind“

يەنى ، بىزدە “ ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن “ نامىدا ئومۇملاشقان روماندىكى سىكارلىتنىڭ ھەممىدىن ئايرىلسىمۇ “ بۈگۈن دېگەن بۈگۈن ، ئەتە بولسا يېڭى بىر كۈن “ دىيەلەيدىغان روھىنى ھەم مەغرۇرلىقىنى ياقتۇراتتىم…

ياماگۇچى موموئېنىڭ ناخشىسىدىكى “ باشقا بىر قىز بىلەن كۆڭلۈڭنى خۇش قىلىپ يۈرگىنىڭنى بىلسەممۇ، سېنى كۈتۈپ تۇرالايدىغان مانا مەن “ دېگەن مىسرالىرىدىكى ،ئاھاڭىدىكى ئوماقلىقنى ياقتۇرساممۇ ، بۇ خىل ئىددىيە، بۇ خىل سۆيگۈ قارىشى مىنى جەلپ قىلالمايتتى ھەم مىنىڭ سۆيگۈ پەلسەپەممۇ ئەمەس ئىدى…

سۆيگۈ غورۇردىن ئۈستۈن ئەمەس ھەم غورۇرنى دەپسەندە قىلغىنى سۆيگۈ ئەمەس ئىدى…

سۆيگۈنىڭ قانداقلىقىنى سورىدىڭمۇ ؟

جاۋابىم شۇكى:

كىملەرنى، ياق، كىمنى ئۇچىرىتىسەن..ئۇنىڭدا ئۆزۈڭنى كۆرىسەن.. بەكمۇ جەلىپكار، بەكمۇ گۈزەل، بەكمۇ يارقىن ھەم ھاياتى كۈچكە تولغان ئۆزۈڭنى كۆرىسەن…ۋۇجۇدۇڭدىكى يورۇقلۇقلارنىڭ تېخىمۇ يورۇپ –يورۇپ ،پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭغىلا ئەمەس ئەتراپىڭغىمۇ تاراۋاتقانلىقىنى بايقايسەن….

ئۇنىڭ سەۋەبسىز ، ۋاقىتسىز، مەقسەتسىز ئىللىق شامالدەك قەلبىڭگە كېرىپ كىلىشىنى توسۇپمۇ توسۇپ قالالمايسەن…پەقەت بۇنىڭ تەڭرىنىڭ بىر گۈزەل رىسقى ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولىسەن….

قەلبىڭدىكى ساڭىلا خاس پىرىنسىپلىرىڭنى، ئارزۇ- ھەۋەسلىرىڭنى، پەقەت ساڭىلا خاس ۋۇجۇدۇڭدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى، خاراكتىرىڭنى قۇربان قىلىشقا، يوقىتىشقا، بۇزىۋىتىشكە مەجبۇر قىلغىنى – ئۇ سۆيگۈ ئەمەس….

غورۇرۇڭغا غورۇر بەرگەننى، ۋۇجۇدۇڭغا كۈچ قوشقاننى، نۇرلىرىڭغا نۇر بىغىشلىغاننى، قەدەملىرىڭگە ھەمنەپەس بولغاننى، كۈلكىلىرىڭدە ئىختىيارسىز شادلىنىپ، مۇڭلىرىڭغا ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىلغاننى….سۆيگۈ دەپ بىل…خاتالاشمايسەن !

***

خاتىمە

خاتىرەمگە يۇقاردىكىلەرنى يېزىپ بولۇپ ، بۈگۈنكى ئۆزۈمگە تەئەللۇق قىسقىغىنە نەچچە سائەت ۋاقتىمدا كىنو كۆرۈشنى ياكى كىتاۋىمنى ئوقۇشنى بىلەلمىدىم… يېقىندا ئوقۇشنى باشلىغان كىتاۋىمنى قولۇمغا ئالدىم…نەچچە قۇر ئوقۇپ كاللامغا ھىچنەرسە چۈشمىگەنلىكىنى بايقىدىم،- دە ، سائەتكە قارىدىم .. ..

“             Pirates of the Caribbean      ”

يەنى، دېڭىز قاراقچىسىنىڭ 2017- يىللىق يېڭى ئىشلەنگەن نۇسقىسىنىڭ باشلىنىشىغا 10 مىنۇت قالغانىدى…دەرھال نەرسىلىرىمنى يۇغۇشتۇردۇم ،-دە ، چۈشلۈك تامىقىمغا بىر بوتۇلكا سۇ بىلەن بىر پارچە بولكا سىتىۋىلىپ ( كىنو كۆرگەندە چوقۇم ئاق بالداق يېيىش شەرىت ئەمەس ئىدى ماڭا…) 4- قەۋەتكە چىقىپ ئاپتۇماتىك بىلەت ساتقۇچتىن بىلەت ئالدىم.

كىنودىكى بەتبەشىرە چىرايلارنى كۆرۈپ سەل شۈركەنگەندەك بولساممۇ ،چارشەنبە كۈنىدىكى ئاساسلىق خانىم- قىزچاقلار بىلەن تولغان كىنوخانىدىكىلەرنىڭ ، ئەتراپىمدىكى مومايلاردىن تارتىپ كۈلۈشۈپ كۆرىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ سەل پەسكويغا چۈشتۈم…مەن ئاران چۈشىندىغان ئېنگلىز تىلىللىق كىنولاردىن بۇ مومايلارنىڭ ھوزۇرلىنىپ كەتكىنىگە قاراپ بۇ خەقنىڭ مومايلىرى بىلەن بىزنىڭ مومايلىرىمىزنى سىلىشتۇرمىدىم ، بىراق، ئويلنىپمۇ قالدىم…

كىنودىكى پىرسوناژلارنىڭ باتۇرلىقى ، جەكنىڭ ئەركىن، يۇمۇرىستىكلىقى ، ۋەقەلىكنىڭ جىددىيچىلىكلىرى ئېچىدە بەزى خىياللارنى قىلىشقىمۇ ئۈلگۈردۈم…

ئانىلىرىمىز ھىلىغۇ كىنوخانىدا يالغۇز ئولتۇرۇپ ئۆزى كۆرۈشكەن، دادىلىرىمىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ كۆرۈشنىمۇ خالىمايدىغان ، ھەتتا پىتىنالمايدىغان ۋەقەلىكى جىددى ڧىلىملارنى ئۆزىمىز يالغۇز كۆرۈشنى، ھەتتا، ھوزۇرلىنىشنى ئۈگەندۇق.

قازان بېشىدىكى ئانىلىرىمىزدىن پەرىقلىق ھالدا بىر قولىمىزدا چۆمۈچ، بىر قولىمىزدا يېڭىچە تاماق رىسالىسى تونۇشتۇرۇلغان كىتابنى قولتۇقلاپ تاماق ئېتىشنى، ھەتتا، تاماق ئېتىۋىتىپ ھىچۋاقىت كەلمىگەن ئۆزىمىزچە قالتىس تەپەككۇرلىرىمىزنى دەرھال تېلىڧۇنىمىزنىڭ ساقلىغۇچىغا يېزىشنى بىلدۇق…

پەرزەنت تەربىيەلەشنى كىتابلاردىن ئەمەس، قەلبىدىن، ئەجدادلىرىمىزدىن ئۈگەنگەن ، بىزنى يىغلىيالايدىغان، كۈلەلەيدىغان، تېرىشالايدىغان…قىلىپ تەربىيەلەپ چىققان پىداكار ئانىلىرىمىزغا ئوخشىمىغان ھالدا ھېلى ئىنگىلىز تىللىق  ، ھېلى ياپۇن تېللىق كىتابلارغا قاراپ پەرزەنتىمىزنى قانداق تەربىيەلەش ئۈستىدە باش قاتۇرۇشنى ئۈگەندۇق……

باشقىلارنىڭ “ سىز بەك گۈزەل “ دېيىشنى تاما قىلماستىن، ئەينەكتىكى تەڭرى بەرگەن چىرايىمىزدىن زوقلىنىشنى ، “ سەن قالتىس ! “ دەپ ئۆزىمىزگە يالغان گەپ قىلىشنى ئەمەس، ”يىقىملىق سۆزلەر بىلەن ئۆزىمىزنى سەمىيمى  مەدىھلەشنى ئۈگەندۇق ھەم تەڭرىنىڭ ئۆزىمىزدىن ئىبارەت نازۇك ھەم گۈزەل ئەسىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈشنى ئاياللىق مەجبۇرىيەت دەپ بىلدۇق…

**

ھە،-راست، مەن نىمە دېمەكچى ئىدىم ؟! سۆيگۈ توغۇرلۇق سۆزلەۋاتاتتىم

دەۋىر  ئۆزگەردىمۇ ؟ ئۆزگەردى. سۆيگۈنىڭ رەڭگىچۇ؟ بەلكىم، ئۇمۇ ئۆزگەردى..چۈنكى، بىر ئايالنىڭ ۋاقتى قازان بېشىدا بولمىسا بولماس، پەرزەنتى ئۈچۈن بولمىسا بولماس، سۆيگۈنى ئۈچۈن مەلىكە ھەم قۇياشى بولمىسا بولماس…

بىراق، ھەممىنىڭ ئالدىدا ئۆزى ئۆز قەلبىنىڭ باھارى بولمىسا ھەم بولماس…

ئاياللار بەلكىم بۇرۇنقىلارغا قارىغاندا، ئۆزىنى خۇشال قىلىشنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھېلىقى ئاقىللىرىمىز داۋاملىق دەيدىغان ”ئۆزىنى سۆيۈش“ دېگەننى تېخىمۇ ئۈگەنگەن بولىشى مۇمكىن..بەلكىم ، بۇ ئۆزىنى سۆيۈش _ بەك  مۇكەممەل سۆيگۈگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس ،ئېرىشكەن سۆيگۈنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش  ھەم  ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ ھىس قىلىش ئۈچۈن بولسا كىرەك…

شۇنداق…سۆيگۈنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەندەك…بىراق، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى قىپقىزىل ئەتىرگۈل ماھىيتى تېخىمۇ جۇلالانغاندەك !

 

تارقىتىڭ...
  1. 素敵な作品有難うございます、自分は自分です、印象深いひとことでした。

  2. guzel yenimu yahxi guzel eserler beklenyur.

  3. يازمىلىرىڭىزنى ئەمدى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بوپتىمەن ،بەكلا ياقتۇردۇم …داۋاملىق تىرىشىڭ …يازمىلىرىڭىزنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن

  4. مۇزىكىلار خۇددى قەلبىمنىڭ تىۋىشىدەك ·········

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

سۆيگۈنىڭ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى