ياپون ئاياللىرى: ئاياللار قانداق بولغاندا بەخىتلىك بولالايدۇ؟

5,443 قېتىم ئوقۇلدى

كىم بولۇپ تۇغۇلىشىمىزنى، قەيەردە ئۆلىشىمىزنى، كىمنى  سۆيۈشنى… مانا مۇشۇنداق ھاياتىمىزدىكى تاللاشقا  ئىمكانسىزلىرىمىزنى بىز بىلىدىغان ھېلىقى «تەقدىر» ئاتلىق نام بىلەن ئاتاپ كەلدۇق.

 ھالبۇكى، ئىمكانسىز تەقدىرلىرىمىزگە  قانداق مۇئامىلە قىلىشنى، ئىمكانسىزلىق ئىچىدىن  بەخىتنى، بەخىت تۇيغۇلىرىنى تاللىيالايمىز!

ئەجىبا، بەخىتنى راستىنلا تاللىغىلى بولامدۇ؟!!!

ياپون ئاياللىرى توغۇرلۇق قولۇمغا قانچىلىغان قېتىم قەلەم ئېلىشقا تەمشەلدىم. ھالبۇكى، ئىنسان ئۆزىنى بىلمەك ئۈچۈنمۇ بىر ئۆمۈر سەرپ قىلىدىغان بۇ جاھاندا، پۈتۈن بىر مىللەت ئاياللىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۇنداق  ياكى بۇنداق دەپ باھا بىرىش بەك يەڭگىللىك ھەم قىيىن بىلىندى ماڭا.

بۈگۈن ياپون ئاياللىرى ئىچىدىكى بىر قانچە ياپون ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇشىدىن ئاياللىق بەخىتكە نەزەر ئاغدۇرىمىز. ئاياللار قانداق بولغاندا بەخىتلىك بولالايدۇ ؟

 

坂本冬美 – また君に恋してる

 

ئاياللار گۈزەل،  جەزبىدار، نام – شۆھرەتلىك  بولغاندا بەخىتلىك بولالامدۇ؟

坂本冬美   –   ساكاموتو فۇيۇمى

بۇ يىل 50 ياشقا كىرىپ قالغان ساكاموتو فۇيۇمى يەنىلا ئاياللارغا خاس جەزبىدارلىقى ھەم گۈزەللىكىنى يوقاتمىغان. ئۇ ياپوننىڭ پەخىرلىك ناخشا چولپىنى.

ئاڭلاۋاتقىنىڭىز فۇيۇمىنىڭ ۋەكىل خاراكتىرىلىك ناخشىسى  ھەم  تۇنجى ئۈگەنگەن ياپونچە ناخشام.

ئۇنىڭدا ئۇتۇقمۇ، نام ـ ئاتاقمۇ، مال ـ دۇنيامۇ، گۈزەللىكمۇ، ئاياللارغا خاس سېھرى – كۈچمۇ تېپىلىدۇ. بىراق، ئۇ بىر قېتىملىق زىيارەت خاتىرىسىدە  بەخىت توغۇرلۇق مۇنداق دەيدۇ:

 «مېنىڭ ئاددى ئاياللاردەك ئائىلە قۇرۇپ، بالىلىق بولغۇم، ئاشۇنداق ئاياللارغا خاس تۇرمۇش ئىچىدە ئاددى،  بەخىتلىك  ياشىغۇم بار…»

***

田中 絵里緒   –   تاناكا ئېرىئو

ئاياللار ئەقىللىق، ئوقۇش تارىخى يۇقىرى بولسا بەخىتلىك بولالامدۇ؟

تاناكا ئېرىئو – داڭلىق توكيو ئونۋېرىستىتىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئوقۇش تارىخى يۇقىرى، بىلىملىك، ئەقىللىق بىر ئايال.  بىراق، ئۇنىڭ تۇرمۇشىچۇ؟ سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ھەشەمەتلىك، قالتىس ئەمەس!

  ئېرىئو خانىم 6  بالىنىڭ ئاپىسى ھەم دادىسى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بويتاق ئانا. ئۇ  سائەتلىك خىزمەت قىلىدۇ. ھەتتا، بىزنىڭ ھېلىغۇ داڭلىق ئالى مەكتەپنىڭ يۇقىرى ئوقۇش ئۇنۋانىدىكى قىزلاركەن، ئادەتتىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ قىلىشتىن نۇمۇس قىلىدىغان تاماق ئورايدىغان ئاددى خىزمەتنى قىلىدۇ.

ئۇ شۇنداق بىلىملىك،  ئوقۇش ئۇنىۋانىمۇ يۇقىرى تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئاددى خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؟!

چۈنكى، ئۇ بىر ئانا! پەرزەنت تەربىيلەشنى، ئۇلار بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇشنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان مەسئۇلىيەتچان بىر ئانا.

بالىلىرى بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇش ئۈچۈن جاپالىق، ئاددى خىزمەتنى تاللىغان ئانا

ئوقۇش تارىخى يۇقىرى، بىلىملىك، ئەقىللىق ئېرىئو  ئاياللارنىڭ  بەختى توغۇرلۇق مۇنداق دەيدۇ:

«تىرىشىۋاتقان ھەر قانداق بىر ئايال قالتىس ھەم تولىمۇ بەخىتلىك!»

***

小池 百合子   –   كوئىكې يۇرىكو

ئاياللار كۈچلۈك، ئۇتۇقلۇق، ھوقۇقدار بولغاندا بەخىتلىك بولامدۇ؟

ئەمدى نۆۋەتتىكى توكيو شەھەر باشلىقى كوئىكې يۇرىكو خانىمنىڭ ئازراق «غەيۋىتى»نى قىلىمىز.

ئۇ بۇ يىل 65 ياش، سىياسى چولپان، دۇنيادىكى  تونۇلغان كۈچلۈك ئاياللارنىڭ بىرى. ئىلگىرى رىياسەتچى ھەم ئەرەب تىلى تەرجىمانى بولغان. مىسىرنىڭ قاھىرە ئونۋېرىسىتىتىدا جەمىئەتشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن.

كوئىكې خانىمنىڭ ياش، سەتەڭ رىياسەتچى چاغلىرى

كوئىكې خانىمنىڭ شەخسى بەخىت قارىشى توغرىسىدىكى ئۇقۇملىرىدىن بەك خەۋەردار بولمىساقمۇ، دۆلىتىنىڭ، خەلقىنىڭ تىنچلىقىنى، بەختىنى ئۆز بەختى دەپ قارايدىغان بۇ سالاپەتلىك سىياسىئوننىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى مىسىردا ئۆتكەن ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە ئۆزى بىلەن ئوخشاش مىسىرغا ئوقۇشقا كەلگەن بىر ياپۇنلۇق يىگىت بىلەن قايناق مۇھەببەتكە چۆمگەن،  يامغۇردىن كېيىنكى چىرايلىق ھەسەن-ھۈسەندەك قىسقىلا داۋاملاشقان نىكاھ  تارىخى بولغان.

تا – ھازىرغىچە، تەنھا ياشاپ كېلىۋاتقان كوئىكې خانىم شەخسى تۇرمۇشىنى بەخىتلىك دەپ ئېيتالامدۇ؟! بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ خانىمنىڭ تىلۋىزورلاردىكى، خەلقى ئالدىدىكى  سالاپەتلىك، جەزبىدار، كۈچلۈك  شەھەر باشلىقى قىياپىتىدىن ئەمەس، ئۇنىڭ  ئۆزى بىلەن يالغۇز قالغان ،ھەقىقى كوئېكى ھالىتىگە قايتقان قەلبىدىن سوراشقا توغرا كېلىدۇ…

***

تېخى يېقىندىلا مەن خېلى ھەۋەس قىلىدىغان گۈزەل ئايال چولپان تۇيۇقسىز راك كىسىلى بىلەن ۋاپات بولدى. يەنە  بىر مىليونىر ئايالنىڭ قىزى ئېغىر روھى كېسەل… دىگەندەك  سۆزلەپ كەلسەك  تارىختا ھەم ھازىرقى زاماندا ياشاۋاتقان  تالاي گۈزەللەرنىڭ، تالانتلىق، ئىستىداتلىق ئاياللارنىڭ ،ھوقۇق – شۆھرەت ئىگىلىرىنىڭ مۇكەممەل بولمىغان، ھەتتا، پاجىئەگە تولغان مەن ئاڭلىغان سىز كۆرگەن بۇنداق ھىكايىلىرى نۇرغۇن…

خوش، يۇقارقى ئەمەلىي مىساللاردىن سىز بەخىت توغۇرلۇق نىمىلەرنى ئويلاۋاتقانسىز؟!

 

Don’t  live someone else`s life and someone else`s idea  of what womanhood is.  Womanhood is you. Womanhood is everything  that`s inside of you.

– Viola Davis

باشقىلارنىڭ ھاياتىدا ياشىماڭ، ‏ھەم باشقىلارنىڭ ئاياللىق ھەققىدىكى قاراشلىرىدىمۇ ياشىماڭ. ‏ئاياللىق دىگەن سىز! ‏ۋۇجۇدىڭىزدىكى ھەر بىر نەرسە ئاياللىقتۇر!
‏ – تەرجىمىدە رەيھان

بىر ئايال بۇ ھاياتىدا ھەر قانداق مەئىشەتكە،  ئالقىش – سادالارغا، شۆھرەتكە…جۈملىدىن  ھەر قانداق نەرسىگە تېگىشسە بولمايدىغان بىر بەخىت بار، ئۇ بولسىمۇ – دەل ئاياللىق.

ئاياللىق قەلىبنىڭ ئېرىشىدىغان بەخىت تۇيغۇلىرىمۇ شۇنچىلىك  ئۆزگىچە ھەم رەڭدار.

بىز بەخىت ھەققىدە شۇئار توۋلىمايمىز، گۈزەل مىسرالارنى يادىلاپ بېرەلـمەيمىز، چۇڭقۇر پەلسەپىلەرنى سۆزلەپ بېرەلـمەيمىز.

دىيەلەيدىغىنىمىز:

دەل شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە ئەينەككە قاراپ بېقىڭ. تەڭرى سىزگە ئاتا قىلغان ئەڭ گۈزەل تەرەپلىرىڭىزنى تېپىپ چىقىپ ياراتقۇچىنىڭ دۇنىادىكى بارچە مەخلۇقاتلاردىن گۈزەل ھەم پەقەت ۋە پەقەت سىزگىلا خاس بەرگەن  چىرايىڭىزدىن مىننەتدار ھەم مەمنۇن بولۇڭ.

 دەل شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە قەلبىڭىزدىكى ئىللىق ئېقىملار ئۈچۈن يېقىملىق كۈلۈمسىرەڭ.

دەل شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە ئۆزىڭىز بىلەن سۆھبەتلەشكەندىكى،  تەپەككۇرىڭىزدىكى يېڭىلىقلارنى بايقاپ بېقىڭ.

دەل شۇ مىنۇتتىكى تېڭىرقاشلىرىڭىز، ئازابلىرىڭىزنى بۇلار مەن ئۈچۈن بىرەر نەرسىنى ئۈگىتىش ئۈچۈن كەلگەن، ئۇلار ماڭا نىمە ئۈگەتمەكچى دەپ سوراپ بېقىڭ.

يەنە دەل شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە سىز ئانچە رازى بولمايدىغان خىزمىتىڭزدىمۇ چوقۇم سىزنى خۇش قىلالايدىغان، مەمنۇن قىلالايدىغان، پېشىپ ـ يىتىلشىڭىزگە تۈرتكە بولالايدىغان بىر يەرلىرى بارلىقىنى ئويلاپ ئۇلارنى تېپىپ بېقىڭ.

ئاخىرقى دەل شۇ مىنۇتتا ئۆزىڭىزنىڭ ھېلىمۇ ھەم ھاياتلىقىدىن، بۇ دۇنياغا بىكار يارىتىلـمىغىنىڭىزدىن، ھىچكىممۇ سىزنىڭ ئورنىڭىزدا ئۆتىيەلـمەيدىغان بىر ۋەزىپە بىلەن بۇ دۇنياغا كەلگەنلىكىڭىزدىن قەلبىڭىز لەرزىگە كەلسۇن ـ دە ھاياتنىڭ مەنالىرىدىن، سىرلىقلىقى بىلەن گۈزەل ئىكەنلىكىدىن بەخىت ئىلكىدە كۈلۈمسىرەڭ…

you make yourself happy  and it’s attract love and respact.

ئۆزۈڭنى خۇشال قىل، بۇ خۇشاللىق ساڭا ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ بېرىدۇ!

بۇ مەن بەك ياخشى كۆرىدىغان ھەم يىللاردىن بىرى ئۈندىدار ئىمزايىمغا چاپلاپ قويغان بىر جۈملە سۆز.

ئىنسان، جۈملىدىن ئاياللار ئالدى بىلەن ئۆزىنى خۇشال ھەم بەخىتلىك قىلىشنى بىلسۇن.

ئۆزىگە خۇشاللىق ۋە بەخىت تۇيغۇلىرىنى بىرەلمىگەن بىر ئايالنى دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئادەممۇ،  ئەڭ ئېسىل بايلىقمۇ، ئەڭ گۈزەل مەئىشەتلەرمۇ چىن مەنىسىدىن خۇشال ھەم بەخىتلىك قىلالماس.

 بىر ئايال ئۆز قەلبىدە بەخىت ئۇرۇقلىرىنى بىخلاندۇرماي تۇرۇپ ھەرگىزمۇ تاشقى دۇنيانىڭ، بىراۋلارنىڭ بەرگەن بەخىت تۇيغۇلىرىنى ھىس قىلالـماس ھەم  ئەتراپىغا خۇشاللىق، گۈزەللىك ھىدلىرىنى تارقىتالـماس…

 

 يازغۇچى نائوكىنىڭ مۇنداق بىر سۆزى  بار:  «ھەر قانداق كۆڭۈلسىزلىك، قىيىنچىلىق ئىچىدىنمۇ بەخىت تاپقىلى بولىدۇ.»

ئاجىز، كىچىككىنە قۇشلىرىنى رىسىقسىز، قاناتسىز قويمىغان تەڭرى ئەجىبا، ئۆزى ھەممىدىن سۆيىدىغان، قىممەتلىك قىلىپ ياراتقان ئىنسانلىرىنى بەخىتسىز قىلىپ يارىتارمۇ؟!

شۇنداق!  ھىچكىممۇ مۇتلەق بەخىت بېكىتىدە تۇرالىغان ئەمەس!  يەنە ھىچكىممۇ ھەممىگە تولۇق ئېرىشىپ ياشىيالىغانمۇ ئەمەس!

سىزدىكى، مەندىكى يوقلۇق دەل بىزدىكى بەخىت تۇيغۇلىرىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىش ئۈچۈن كەلگەن، شۇنداق ئەمەسمۇ ؟! شۇڭا دەيمەن! تاللاشقا قادىر ئەمەسلىرىڭىزنى ئىنكار قىلالمىسىڭىزمۇ، بەخىت تۇيغۇلىرىنى تاللاشقا ئىمكانسىز ئەمەسسىز!

**********************

2017.12.8

رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز سىز يۇللىغان پۇتۇن مەزمۇنلارنى ياخشى كۇرۇپ ئۇقۇيمەن. بىز ئۇچۇن ئەجىر سىڭدۇرگىنىڭىزگە رەھمەت.
    يۇلتۇز

  2. ياپون ئاياللىرىنىڭ بەختى دېسە ئېسىمگە گۈپپىدە بەككىي كېلىۋاتىدۇ…..

  3. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزنىڭ ئۆزىلا مەن ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل مەدەت ھىسابلىنىدۇ .
    خۇش بولدۇم . ❤️

  4. ھا ..ھا ..سىز بېككىنى تېلغا ئالسىڭىز ، بەزى ياپۇنلۇقلارنىڭ مىنى ئۇنىڭغا ئوخشاتقىنى ئېسىمگە كىلىۋاتىدۇ ..

  5. سالام قەدىرلىكلەر ، ئادەتتە يازمىلىرىم سەھەردە يوللىناتتى ، بۈگۈن ئالاھىدە بوپقالدى ، بايىلا پۈتكەن يازمامنى ۋاقتىدىلا يوللىۋىتىپ قالدىم . نۇقسانلىرىغا بىر كۆزۈڭلارنى قىسىۋىلىپ قۇرلار ئارىسىدىن بەخىت تۇيغۇلىرىنى تېپىۋالارسىلەر ، خەيرىلىك كەچلەر ~ ❤️

  6. ئىمزايىڭىز ئېسىلكەن.
    نەچچە ۋاقىتتىن بېرى شۇنىڭغا جاۋاب ئىزدەپ، چىققان جاۋابقا قايىل بولماي، قايىل بولغاننى قىلالماي يۈرگەن.
    رەھمەت.

  7. Asirigizni okup,koglum tokyonig bugunki asminidakla eqilip katti.rahmat☕

  8. بەك ياخشى مەزمۇنلاكەن بەك ياقتۇردۇم رەخمەت سىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇردى بۇ تىمىلا

  9. كۆپ رەھمەت. ھەقىقەتەنمۇ كۆپلىگەن ئىسىل مەنالار سىىدۈرۈلگەنكەن.

  10. man bu baht digan suzni mundak quxandim ..uzngzng ar bir minut utkuzgan huxal kungzdu

  11. كۆپ رەخمەت بەك ياخشى كۆردۈم.

  12. نېمە دېگەن چىن رېئال سۆزلەر بۇ بەك ياخشى يېزپسىز

  13. مەن يازمىڭىزنى ئوقۇپ پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر بىر ئايال شۇنچىلىك بەخىتلىكتەك ھىس قىلدىم، ھەم ئۆزۈمنىڭ ئايال بۇلۇپ يارالغىنىمدىن خۇرسەن ھەم مەمنۇن بولدۇ، مەن بەخىتلىك بىر ئايال

Reyhan ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى