ئۆچمىگىن!

2,395 قېتىم ئوقۇلدى

«ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىسى يالغان»
بۇ – سەن ئاڭلىغان ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزى ئىدى… ئۇ مۇشۇنداق دىيىشكە ھەقلىق ئىدى. ھاياتنىڭ ئېغىر تەڭسىزلىكى، ئىنسان قەلبى كۆتۈرەلمەيدىغان ئاچچىق بەخىتسىزلىكى ئالدىدا ئۇ ھەرگىزمۇ «ھايات گۈزەل، ھاياتنى سۆيىمەن!» دەپ جار سالالمايتتى، بۇ چىرايلىق سۆزلەر ئىنساننى ئالدايدىغان ساختا سەپسەتىلەر دۆۋىسىگە پۇرلىنىپ تاشلىناتتى… ھاياتنىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنى قاپقاراڭغۇ ئايسىز كېچە، ئايىقى چىقماس زۇلمەتلىك يوللار بولدى…

 

Yaprak dökümü –  Hayat Bir Umut

 

گۇگۇمنىڭ خىرە قاراڭغۇلىقىدا قولىنى يانچۇقىغا سالغىنىچە ئاستا قەدەملەر بىلەن كېلىۋاتقان سىنىڭ  كۆزلىرىڭ نەملەنگەن… ھەر بىر تامچە ياش روھىڭنىڭ چۇقانلىرى، غەزىپى، ئىلاجسىزلىقنىڭ پۇچىلىنىشى، يۈرەكتىن چىققان دۇئاسى ۋە تىلەكلىرى ئىدى…

گەر يازالىساڭ ئىدىڭ،  قەلىمىڭدىن  روھلار  تىتىرىگۈدەك،  تاشلار ئېرىگۈدەك،  تولا يامىلىپ كەتكەن قەلىبلەر يىنىكلىگۈدەك  قۇرلار يېزىلغان بولاتتى!

گەر سېزىپ چىقالىساڭ  ئىدىڭ، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئادىمىيلىكى يىغلىغۇدەك، ئويغانغۇدەك ، تىرىلگۈدەك  ئەسەرلەر پۈتەتتى…

گەر ئېيتالىساڭ ئىدىڭ، بۇ  ئالەم  يارىلىپ ھىچبىر زامان ئېيتىلىپ باقمىغان ،  پىنھان نالىلەرنىڭ مۇڭلۇق نوتىلىرىدىن پۈتكەن  ماتەم كۈيلىرى  ياڭرىغان  بولاتتى…

دەرتلىرىڭدىن ياش تامچىلىرى ياسىماق ئاسان بولغىنى بىلەن تەبەسسۇمنى، كائىنات ئاڭلىيالىغۇدەك، بەتلەردە قالغۇدەك ئەسەرلەرنى  پۈتمەك ئاسانمىدى ئەخمەق؟!

 

ئۆچىۋاتاتتى… ھاياتنىڭ رەڭگى،  قىزغىنلىق، تەبەسسۇملار ئۆچىۋاتاتتى…

خىزمەتتە كېيىدىغان يۇمشاق بىر ئاياغ ئالماقچى  بولغنىڭغا بىر قانچە ھەپتە بوپ كېتىپتۇ…   ئۇنۇتقان ئىدىڭ… بازار چۆرگلەپ يۈرۈشلەرگە  ھەۋەس ئۆچكەندەك…
ئانچە – مۇنچە يېڭى، ئۆزگىچە تاماقلارنى ئېتىپ، ھەتتا، رەسىملەرگە تارتىپ ھوزۇرلىنىپ قويۇشلىرىڭ  بار ئىدى… ھازىر بۇلارغا ھەتتا، تاماق ئېتىشكىمۇ رايىڭ يوق… پەقەت مەجبۇرىيەت ئۈچۈنلا ئېتىدىغان بوپقالدىڭ…

خىزمەتكىمۇ مەيلىڭ يوق ئىدى.
گەرچە،  بەك كۆڭۈلدىكىدەك  خىزمەت بولمىسىمۇ مەلۇم دەرىجىدە  خۇشاللىق تاپالايدىغان، ھەر كۈنى ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان كىشىلەر بىلەن چاقچاقلار بىلەن قاقاقلىشىپ كۈلىدىغان، تەبەسسۇملار ئىچىدە ئۆزۈڭنى  بۇ يات ماكاندا  ناتونۇش ھېس قىلمايدىغان كىشىلەر بىلەن سالاملىشىشمۇ، بىر – ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشمۇ خوش ياقماس بولدى… سائەت سىتىرلىكىسى ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقتنى كۆرسەتكەن ۋاقىت  يېقىنقى كۈنلەردىكى   بىر خۇشاللىقىڭ  ئىدى!

داۋاملىق  ئەينەكتىكى ئۆزۈڭگە  قاراپ ئوماق كۈلۈپ ماختاپ قويىدىغان ھېلىقى ئىشەنچ، تەبەسسۇملار بىلەن نۇرلىنىدىغان يۈزلەرنىڭ   ئورنىغا غەمكىنلىكنىڭ، چارچاشنىڭ ئىزنالىرىنى بايقايدىغان بوپقالدىڭ…

مۇشۇ كۈنلەردە ھېچ ئىشقا قولۇڭ بارمايتتى… نە -ھاياتنىڭ تەمى، نە -رەڭگى، نە -خۇشلىقى، نە جۇلاسىنى كۆرەلمەيتتىڭ…

 خىرەلەشكەن نەملىك كۆزلىرىڭ بالاڭنىڭ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ كۈلىۋاتقان ھالىتىگە چۈشتى، «بولدى قىل، نېمىگە شۇنچە كۈلىسەن؟!» دىمەكچى بولدۇڭ – يۇ توختاپ قالدىڭ… ئىختىيارسىز بېشىنى سىيلىغاچ شۇلارنى ئويلىدىڭ.

بوپتۇ، سەن بولساڭمۇ كۈلىۋال بالام! ئازغىنە كۈندە چوڭ بولۇپ كەتسەڭ، يۈرەك  پارىلىرىڭ  ئېغىرقايغۇ ئىچىدە بۇنچە كۈلكىلىرىڭ بىلەن  «كۆڭلى قارا!»  ھېسابلىنىسەن!

سەن بولساڭمۇ كۈلكىلىرىڭدىن  مەھرۇم قالمىغىن!

 

يىللار – ئەسىرلەر ئۆتسۇن، ئادەملەر مەۋجۇتلىقىغا  تۈزۈكمۇ دىققەت قىلىپ قويمايدىغان، ھارارەتلىرى ئۈچۈن بىرەر قېتىم رەھمەت  ئېيتىپ قويمىسىمۇ ئىللىقلىقى ھەم نۇرىنى ئايىمىغان قۇياشقا قارا، ئۇ نېمىدىگەن پىداكار !

 يەر يۈزىدىكى بۇزۇقچىلىقلارنى، تەڭسىزلىكلەرنى،  نالە – پەريادلارنى، ئانىلارنىڭ يوشۇرۇن كۆز- ياشلىرىنى… ئۈنسىز كۆتۈرۈپ تۇرغان  تارىخلارنىڭ، ئەسىرلەرنىڭ شاھىدى زىمىنغا قارا، ئۇ نېمىدىگەن سەۋىرلىك؟!

زىمىستاننىڭ جۇدۇنلىرىدىمۇ ئېچىلىپ تۇرغان چىرايلىق، نازۇك گۈللەردىكى ئىچكى كۈچكە قارا، ئۇ نېمىدىگەن كۈچلۈك!

شۇنداق بىر قىسىم كىشىلەر يارىتىلغانكى، بىز ئاددى ئىنسانلار بۇ ھاياتىدا ئېرىشەلمەيدىغان ئىنسانى مەنزىلىگە، بۈيۈكلىكىگە، ھەقىقى نۇرىغا، مەڭگۈلۈك چىن بەختىگە  يېتەلەيدىغان، بۇ دۇنيادىكى تەڭسىزلىكى ئۈچۈن تەڭرىنىڭ ئەڭ ئادىل ھۆكۈمىگە، گۈزەل  ھەدىيەلىرىگە ئېرىشەلەيدىغان!

كۈلكىنىڭ ھەممىسىنىڭ بەخىتتىن، كۆز يېشىنىڭ ھەممىسىنىڭ بەخىتسىزلىكتىن دېرەك بىرىشى ناتايىن!

 

ئۆچمىگىن !!! ھاياتنىڭ ھەر بىر ھەسرىتى بىر دەرسلىك، ھەر بىر دەرسىلىك ئادىمىيلىكنى  بېيىتقىنىدەك، سەن  بىلەن مېنىڭ بۈگۈنىمىز ئەتىكى كۈلكىلىرىمىزنىڭ تولغىقىدۇر، بەلكىم!

ئەگەر ئۇ يىغلىمىغان بولسا ئىدى، يىغلىغىنى سەن ياكى مەن بولاتتىم… ئەگەر ئۇ كەتمىگەن بولسا كەتكىنى سەن ياكى مەن ئىدىم…

شۇڭا ياشا! ئۆزۈڭ قىلالايدىغان ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى  تىرىشچانلىقىڭ بىلەن ئەڭ ياخشى ياشا. چۈنكى، بۇ ياشاشلىرىڭدا ئۇنىڭمۇ ھەققى بار!

 

******************************

رەيھان ئابلەت

2018.05.02

 

تارقىتىڭ...
  1. ‫ئىتائەتمەنلىك بىلەن كىرىپ كەتمىگىن ئۇيقۇنىڭ ئاشۇ ئۇزۇن كىچىلىرىگە،‬
    ‫كۈن پاتاي دىگەن بولسىمۇ ئاخىرقى ئۆمرىمىز يەنىلا موھتاج يالتىراشقا.‬
    ‫نەرە تارت، نەرە تارت، ھاياتلىق ئوتى ئۆچەي دېگەن بولسىمۇ،‬
    ‫گەرچە ئاقىلنىڭ گەپ سۆزلىرى يەتمىسىمۇ گۈلدۈرمامىنىڭ گەپ سۆزلىرىگە.‬
    ‫گەرچە قاراڭغۇلىققا قايتىشنى بىلسەكمۇ ئېنىق،‬
    ‫ئىتائەتمەنلىك بىلەن كىرىپ كەتمىگىن ئۇيقۇنىڭ ئاشۇ ئۇزۇن كىچىلىرىگە.‬
    ‫نەرە تارت، نەرە تارت، ھاياتلىق ئوتى ئۆچەي دېگەن بولسىمۇ.‬

    Do not go gentle into that good night,
    Old age should burn and rave at close of day;
    Rage, rage against the dying of the light.

    Though wise men at their end know dark is right,
    Because their words had forked no lightning they
    Do not go gentle into that good night.

    مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان كىنونىڭ شېئىرى.
    داۋاملىق ئاڭلاپ تۇرىمەن. مۇزىكىسىمۇ شۇنداق ئېسىل.

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئۆچمىگىن!"

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى