ئايالىڭىزنىڭ يامان گېپىنى قىلماڭ

6,080 قېتىم ئوقۇلدى

ئاپىسىنىڭ دادىسى تەرىپىدىن ھۆرمەتلەنگەن، قەدىرلەنگەن، سۆيۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھېس قىلىپ چوڭ بولغان بىر قىز ئۆزىنى ھۆرمەتلىك، قەدىرلىك، سۆيۈلۈشكە تېگىشلىك قىممەتلىك ئىنسان دەپ تونۇيدۇ، بۇ تونۇش قەدىرلەنگەن رىئاللىقنى يارىتىدۇ.

بىر دادىنىڭ مەسئۇلىيەتچان، ئائىلىگە، ئاپىسىغا كۆيۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان  بىر ئوغۇل كەلگۈسىدىمۇ مەسئۇلىيەتچان، مۇھەببەتلىك بىر ئىنسان بولۇپ يېتىشىدۇ.

ھالبۇكى، ئىنساننىڭ سۆيگۈسى ھەم بۇ دۇنيادىكى ۋەزىپىلىرى ئالدى بىلەن ئائىلىدىن باشلىنىدۇ.

«ئاپىڭىز ئۆز ۋاقتىدا ياخشى ئۈگەنمىگەندىكىن بۇنچىلىك نەرسىلەرنى بىلمەيدۇ»، «ئاپىڭىز ئۇنچىلىك ئىشلارنى قىلالىسا…» دىگەندەك شۇنداقلا دەپ قويغان  سۆزىڭىز تېخى ئاق – قارىنى پەرىق ئېتىش ئىقتىدارى تولۇق يېتىلمىگەن بالىڭىزغا نىسبەتەن قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟   بۇ ھەقتە ياپونلۇق دادا شىمىزۇ ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى.

 

RAIN – Sulton Ali Rahmatov

 

بالىڭىزغا ئائىلىنىڭ بىر ئىللىق ماكان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇراي دىسىڭىز، ھە دىسە باشقىلارغا ھەۋەس قىلىدىغان سۆزلەرنى ۋە ياكى باشقىلارنىڭ يامان گەپ – سۆزلىرىنى قىلماڭ.

ھەسەتخورلۇق، ئىچى تارلىق دىگەنلىرىمىز باشقىلارغا قايسى كۆزدە قارىغانلىقىمىز بىلەن شەكىللىندىغان ھېسسياتتۇر.

شۇنداق! بۇ دۇنيادا ھەقىقەتەنمۇ سىز، بىزدىن بەخىتلىك، تەلەيلىك كىشىلەر بار. قارىماققا ئانچە تىرىشىپ كەتمىگەندەك تۇرسىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن، بىز ھەر قانچە تىرىشىپ ھەم تىرىشىپمۇ يىتەلمەيدىغان قالتىس كىشىلەر ھەقىقەتەن مەۋجۇت. بۇنىڭلىق بىلەن بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئادەم «پالانچى قاراپ تۇرۇپ باشلىق بوپكەتتى… بىر قاملاشمىغان ئىش – دە!» ، «پالانچىنىڭ خىزمىتى نىيۇيوركقا يۆتكىلىپتۇ، ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا مەن راستىنلا…» دىگەندەك بالىنىڭ ئالدىدا ئاغزىمغا كەلدى،-دەپ سۆزلەۋەرگەندە بالىنىڭ ، بولۇپمۇ دادىنىڭ ھەر بىر سۆز، ئىش – ھەركەتلىرىگە بەكمۇ دىققەت قىلىدىغان قىزىنىڭ قەلبىدىكى ھەممىدىن قالتىس دادىسىنىڭ ئوبرازى تۆۋەنلەپ كېتىشى، ھېلىقى قىزغىن پاراڭلىشىشلار، بىللە سىرىتلارغا چىقىش، ماشىنا ھەيدەش، بىللە ئوينىغىلى بارغان ۋاقىتلارنىڭ  قىممىتى ھەم گۈزەللىكى خىرەلىشىپ قېلىشى مۈمكىن.

بىر ئايال ھەرگىزمۇ ئۆزىدىن تۆۋەن بىر ئەرنى سۆيەلمىگىنىدەك، بىر قىزمۇ خاراكتىرى ئاجىز بىر دادىنىڭ قىزى بولۇپ قېلىشنى ئەسلا خالىمايدۇ.

بىر دادىنىڭ خىزمەتتە ئوڭۇشسىزلققا، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىغان، تۇرمۇشتا يىقىلىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ،- ئەلۋەتتە! بىراق، بۇ چاغدا قىزىڭىز سىزنىڭ «ھىچقىسى يوق، تىرىشىمەن!» دىگەن ئالغا ئىنتىلىدىغان ھالىتىڭىزنى كۆرسۇن. بۇ ھەرگىزمۇ قىزىڭىزنىڭ ئالدىدا قۇرۇق پو ئېتىڭ، يالغاندىن قالتىس قىياپەتكە كىرىۋىلىڭ دىگەنلىك ئەمەس. يۈرىكىڭىزدىن ئەنە شۇنداق تىرىشچان، ئالغا ئىنتىلىشچان ئادەم بولۇڭ، قىزىڭىز بىلەن سىزمۇ تەڭ پىشىپ – يېتىلىسىز.

ئەگەر قىزىڭىز تەرىپىدىن «دادام بەك قالتس، دادا سىزنى قوللايمەن، غەيرەت قىلىڭ» دىگەندەك ئىلھاملارغا ئېرىشسىڭىز تېخىمۇ كۈچكە تولىسىز، شۇ ئەمەسمۇ؟!

باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش دىيىلگەندىمۇ، ھەممىدىن مۇھىمى ئايالىڭىزنىڭ يامان گېپىنى قىلىشتىن قەتئى ساقلىنىڭ.

باشلانغۇچ يېشىدىكى ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى يېتىلمىگەن بالىلار دادىنىڭ يامان گېپىنى شۇ بويىچىلا قوبۇل قىلىۋالىدۇ.

«ئاپام ئاتايىن تاللا بازىرىغا بارغان ئادەم دادام دىگەن نەرسىنى ئالغاچ كەلمەپتۇ، زادى گالۋاڭراق جۇمۇ مۇشۇ ئاپام!»

ھەرقانچە ئايالىڭىزدىن ئۆتكەن تەقدىردىمۇ بالىڭىزنىڭ ئالدىدا ھە دىسىلا ئايالىڭىزنى چۈشۈرىدىغان، ئەيىپلەيدىغان گەپنى قىلىسىڭىز ئاپىسىنى بۇرۇندىنلا ياخشى كۆرىدىغان قىزىڭىز «دادام – ئاپامنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس» دەپ چۈشىنىۋالىدۇ.

«ئاپىڭىز ئۆز ۋاقتىدا ياخشى ئۈگەنمىگەندىكىن بۇنچىلىك نەرسىلەرنى بىلمەيدۇ» دىگەندەك شۇنداقلا دەپ قويغان سۆزىڭىزنى ھەممىنى راست بويچە قوبۇل قىلىدىغان قىزىڭىز كىيىنچە ئايالىڭىز بىرەر گەپ قىلسا كۆزگە ئىلماس بولىۋالىدۇ. ئۆز كۆڭلىدە ئاپىسىغا تۆۋەن نۇمۇر قويىۋالىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئەر – خوتۇن دىمەك يەنە ئايرىم – ئايرىم ئىككى ئادەم بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ھەممە گېپىنىڭ، تاللاشلىرى ھەم كۆز -قاراشلىرىنىڭ بىر يەردىن چىقىپ كېتىشى ناتايىن. مەسلەن، دادا بولغان ئادەم دەم ئېلىش كۈنى خىزمەتنىڭ چالىسىنى ئۆيدە قىلىۋاتقىنىدا ئايالى ئۆي تازلىسا، كىرئالغۇنىڭ ئاۋازلىرى ئەرنىڭ دىققىتىنى چېچىۋەتكەنلىكتىن غودۇرىسا دىگەندەك مۇشۇنداق دەتالاشلاردا بالا بولغۇچى ئاپىسى ھەم دادىسىنىڭ ئوتتۇرىسدا نىمە قىلىشنى بىلمەي كىچىككىنە يۈرىكى ئاغرىيدۇ.

ھەدىسىلا بىر – بىرىنى ئەيىپلەپلا ئۆتىدىغان ئائىلىلەرمۇ يوق ئەمەس. بۇنداق ئائىلىلەردە چوڭ بولغان قىزلار «بىزنىڭ ئۆيدە ئاپام – داداملار قاچانلا قارىسا ئۇرۇشۇپلا يۈرۈيدۇ، بۇنداق ئۆيگە قايتقۇم يوق!»، «توي قىلسا بۇنداق بولىدىغان بولسا بىر ئۆمۈر توي قىلمغىنىم ياخشى ئوخشايدۇ» دىگەندەك ئاڭلارغا كېلىپ قېلىشى مۈمكىن.

«بەلكىم، دادامنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرى باردۇ، ئاپامنىڭمۇ بەزى سەۋەپلىرى باردۇ» دەپ ئويلىيالىغۇدەك ياشتىكى بالىلار بولغان تەقدىردىمۇ بالىلارنىڭ ئالدىدا بىر – بىرىلىرىنىڭ يامان گىپىنى قىلىش، بىر – بىرىنى ئەيىپلەش… ھەقىقەتەنمۇ بالىنىڭ ئاتا –ئانىغا بولغان ھۆرمىتىنى يوقىتىدۇ. ئامال بار بۇنداق ئىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا قىزىڭىزنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچلىرىنىڭ يامان گېپىنى ھەم قىلماڭ، «بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ پۈتتۈرگەن مەكتىپى تايىلىقلا مەكتەپتى، چوقۇم كالۋالا بىر نىمە ئۇ!، پالانچى مۇئەللىمنىڭ ئوقۇتۇش مىتوتىنىڭمۇ تايىنى يوقتى، پۇستانچى ئۆتسە بوپتىكەن» دىگەندەك سۆزلەرمۇ بالىنىڭ ئۈگىنىش قىزغىنلقىنى يوق قىلىدۇ. ئىنسان ئۆزى ھۆرمەتلىمىگەن ئىنساندىن بىرەر نەرسە ئۈگىنىش ئىستىكى بولسۇنمۇ؟!

 

جاھان نېمە بولسۇن، تاشقى دۇنيا بىزگە قانچىلىك بىر زەخمە ئېلىپ كەلسۇن، زاماننىڭ  غەلۋىلىرى ئاتا – ئانىلىق ۋەزىپىمىزدىن  ھىچقاچان يىراقلىتالمايدۇ.

جۈملىدىن، بىر دادىنىڭ ئۈستىگە قانچىلىك ئېغىر بىر يۈك يۈكلەنگەن بولسۇن، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت ئۆز ئائىلىسىگە بولغان مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەتتۇر.

كۈچلۈكلۈكى بىلەن نازۇكلۇقتىكى نەپىسلىكنى، مەسۇلىيەت بىلەن  شەرمى – ھايانىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئويغىتىدىغان ئەرلەر پاراسەتلىك ئايال، قالتىس ئانىلارنى، زىمىننىڭ قۇياشىنى يارىتالايدۇ.

ئاياللارنىڭ كۆز ياشلىرى كۆپ ئەل – زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ئەلدۇر. ئاياللار، ئانىلار، بالىلار كۈلگەن زىمىندا بەرىكەت ۋە تىنچلىق گۈللىرى پورەكلەيدۇ، ئايال كۈلگەن ئۆيدە قۇياش پارلايدۇ.

 

*********************************

پايدىلانغان مەنبە:

女の子が幸せに育つパパの習慣

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

 

 

بۈگۈن ئىشتىن قايتىپ كەلگەندە، «سىزنى دۇنيادىكى بىرىنجى ئەخمەق!» دەپ مازاق قىلمايدىغان بالىلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا ئايالىڭىزغا نېمە دىيىشنى بىلىسىزغۇ – ھە؟!😜

ئايالىڭىز كۈلسۇن، ئائىلىڭىز، زىمىنمۇ ھەم كۈلسۇن~🌹

 

تارقىتىڭ...
  1. رەھمەت سىزگە بىز ئۇچۇن بەك ياخشى مەزمۇنلارنى يۇللاۋاتىسىز چارچىمىغايسىز.

  2. 公众号يوقمۇ ،يىڭى مەزمونلارنىڭ يىڭلانغانلىقىدىن خەۋەردار بولغىلى بولمايدىكەن ،قانداق قىلسام بولدۇ

  3. شۇنداق بوپقالدى، ئاساسەن ھەپتىدە بىر – ئىككى يېڭى مەزمۇن چىقىۋاتىدۇ، خالىسىڭىز ۋاقتىڭىز يار بەرگەنلەردە ئېچىپ باققايسىز، بىر مەزمۇننى ساقلاپ قويۇش ئارقىلىق ھەممە مەزمۇننى كۆرەلەيسىز.☕️

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ئايالىڭىزنىڭ

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى