خۇش كەلدىڭ 2018 !

1,576 قېتىم ئوقۇلدى

يىللارنىڭ ئاچچىق ھەسرەتلىرىنى، تېڭىرقاشلارنى، تەشۋىشلەرنى، كۆز ياشلارنى، سېغىنىشلارنى، جۇدۇنلىرىنى تاشلاپ يەنىلا ھاياتقا تەبەسسۇم بىلەن باقالىغان، قەلبىدىكى ئۈمىد مەشئىلىنى ئۆچۈرمەستىن تىرىشچان قەدەملىرى بىلەن بۈگۈنگە، 2018 – يىلغا ئۇلاشقان سۆيۈملۈك بىزلەرنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەكلەر!!!!

 

Pirates Of The Caribbean

 

قايسى كۈنى  يېڭى يىللىق نىشانىمنى، قىلغۇم بار ئىشلارنى  خاتىرلىگەچ،  پايدىلانغان ماتىريالنى تەرجىمە قىلىپ قويغانىدىم. پايدىلىنىپ قېلىشىڭلارئۈچۈن يېڭى يىللىق سوۋغا سۈپىتىدە  سۇندۇم.

ھاياتىمىزدا بەك نۇرغۇن نىشانلارنى، پىلانلارنى ئورۇندىيالمايمىز، بىراق، ئەڭ مۇھىم ئىشنى قىلالايمىز. ئالدى بىلەن قىلىدىغىنىمىز ئۆزىمىز ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغان   ئىشتىن باشلاش.

1ـ قەدەم

نىشانىمىز كونكىرىت ھەم رىئاللىققا ئۇيغۇن، يەنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغۇدەك  دەرىجىدە بولسۇن.
مەسلەن، يازغىچە ئورۇقلايمەن دىسەك، بەلكىم ھەقىقەتەنمۇ ئورۇقلىيالىشىڭىز، بۇ نىشان رىئاللىققا ئۇيغۇن بولىشى مۇمكىن، بىراق، بۇنى كونكىرىت نىشان دىگىلى بولمايدۇ.

يەنە، «1- دەرىجىلىك لاتارىيە بېلىتى چىقىدۇ!» دەپ نىشان تۇرغۇزىۋالدۇق دەيلى، بۇ نىشانىمىزنى كونكىرىت دىيىشكە بولىدۇ ـ يۇ، رىئاللىققا ئۇيغۇن دىيەلمەيمىز.

قىسقىسى، كونكىرىت، رىئالنى، ئوشۇقچە كۈچ سەرىپ قىلمايدىغان ئەمەلىي نىشان تۇرغۇزايلى.

 

2ـ قەدەم

ئاخىرقى نىشانغا يىتىش ئۈچۈن، ئۇنى قىسقا- قىسقا بىر قانچە مۇساپىلەرگە بۆلۈپ چىقايلى. يەنى، كىچىك – كىچىك نىشانلارغا بۆلۈپ چىقايلى.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتىدىن بىرى:
نىشانىمىز بەك چوڭمۇ ئەمەس، بەكمۇ كىچىكمۇ ئەمەس، بىز يىتەلەيدىغان دەرىجىدە بولسۇن. بەك قىيىن نىشاننى تۇرغۇزىۋالسىڭىز ئاسانلا ئۈمىدسىزلىنىپ قالىسىز، بەك ئاددى بوپكەتسە ئاسانلا تويۇنۇپ قالىسىز.

دەسلەپتە ئاز – ئازدىن باشلاپ ئاستا – ئاستا ئېغىرلىتىپ ماڭساق ھەم ئۆزىمىز ئېلىپ ماڭالىغۇدەك ئەڭ مۇۋاپىق ئۆلچەمدە تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ. قىسقا مۇددەتلىك نىشان تۇرغۇزغاندا، نەتىجىدىنمۇ بەكرەك ئەمەلىي ھەركەتكە، تىرىشچانلىققا كۆڭۈل بېرەيلى.

مەسلەن، بايىقى ئورۇقلاش نىشانىنى ئېلىپ ئېيتساق، «ھەپتىسىگە ئىككى كىلو ئورۇقلايمەن» دەپ پىلان تۈزگەندىن، «ھەپتىسىگە ئىككى قېتىم چېقىنىش ئۆيىگە بارىمەن» دەپ پىلان تۈزگەن تۈزۈك. قانچە كىلو ئورۇقلاش پەقەت نەتىجە بولۇپ، بۇ بىز ئۆزىمىز ئۆزگەرتەلەيدىغان ھەرىكەت ئەمەس.

 

3ـ قەدەم

قىسقا مۇددەتلىك نىشانىمىز بىلەن ئاخىرقى بىز يەتمەكچى بولغان نىشانىمىزغا ۋاقىت چەكلىمىسى تۇرغۇزۇپ چىقىمىز.

 قىسقا مۇددەتلىك نىشانغا باشلاش كۈنى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش كۈنى بىكىتىپ چىقىپ، ئەڭ ئاخىرقى نىشانىمىزغا يىتىش ۋاقتىنى قارار قىلىمىز.

ئەلۋەتتە، ئاخىرقى نىشان ۋاقتىنى بەلگىلىۋالغاندىن كىيىن قىسقا نىشان ۋاقتىڭىزنى بەلگىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بىراق، بۇنىڭدا ئوشۇق يولىڭىز كۆپيىيىپ كېتىدۇ. ئەڭ ياخشىسى قىسقا يولنى بىكىتىپ، ئۇزۇن يولغا ھۆكۈم قىلىش.

 

4ـ قەدەم

نىشانىڭىزغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئامىللارنىمۇ ئويلىشىپ قويۇڭ.

نىشانىمىز يولىدا ھەممە ئىش تۈپتۈز بولىۋەرمەيدۇ، ئويلىمىغان ئاۋارىچىلىقلار، ئېزىقىشلار بوپقالىدۇ. مەسلەن، سىز ھاراق ئىچىشتىن ئۆزىڭىزنى تارتىشنى نىشان قىلغان بولسىڭىز، پىلان تۈزگەندە ھەپتە ئاخىردىكى يىغىلىشلار، پائالىيەتلەر دىگەندەك ھاراق سورۇنلىرىدا قانداق ئۇسۇل قوللىنىدىغىنىڭىزنىمۇ ئويلىشىشىڭىز، پىلانىڭىزغا قىستۇرۇپ قويىشىڭىز كېرەك.

 

5ـ قەدەم

نىشانىڭىز يولىدىكى يولۇقۇش ئىھتىمالى بولغان ئاۋارىچىلىقلارغا، ئېزىقتۇرۇشلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىڭىزنى بىكىتىۋىلىڭ.

مۇھىمى، قوللىنىدىغان ئۇسۇلىڭىز ئىنكار شەكلىدە ئەمەس، ئىجابىي شەكىلدە بولسۇن.

مەسلەن، سىز بىر تاماكا تاشلاشنى مەقسەت قىلغان ئادەم بولسىڭىز قوللىنىدىغان ئۇسۇلىڭىز «باشقىلار تاماكا زورلىسىمۇ ھەرگىز چەكمەيمەن» ئەمەس «بىرەر تال تاماكا سۇنغان تەقدىردىمۇ مەن تاماكا تاشلاۋاتىمەن، ـ دەپ ئېنىق ئېيتىمەن.» دەپ ئەمەلىي پىلان تۇرغۇزغان تۈزۈك.

ھاياتلىقتا ھەر بىر ئادەم پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىگە تەقسىملەنگەن مەلۇم بىر ۋەزىپە بىلەن بۇ دۇنياغا كەلگەن.

بىزگە يۈكلەنگەن شۇ ۋەزىپىنى ئىزدەپ تاپقىنىمىزدا، ئۇنى روھىيتىمىزگە يۈك قىلىۋالـماستىن، ھەر كۈنىمىزدىكى ئاددى خۇشاللىقلىرىمىزدىن يەنى، باشقىلارغا سالام قىلغاندىكى تەبەسسۇملىرىمىزدىن، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىدىن، بالىلارنىڭ  ساپ دۇنياسىدىن،  كەچكى شەپەقتىن، چىرايلىق گۈللەردىن، بىر ئىستاكان قىززىق قەھۋەدىن، كىتابتىن، ھەتتا، ئۆزىمىزمۇ ھەيران قالىدىغان تەپەككۇرلىرىمىزدىن… ھوزۇرلانغاچ ۋەزىپىمىزنى ئاز – ئازدىن بولسىمۇ ئورۇنلاشقا تىرىشساق ئۆزىمىزنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى روھى تىنىچلىقىمىزغا ئېرىشەلەيمىز.

– كۈندىلىك خاتىرەمدىن    2017.05.28

********************

پايدىلانغان مەنبە:

بۇ يىل ئوقۇغان كىتابلىرىم ئىچىدە ئەڭ ياقتۇرغان كىتابىم.

بۇ كىتابنىڭ ياپونچە نۇسقىسى

ئىنگىلىزچە نۇسقىسى

***********************

گۈزەل ئىددىيەلەر تۇغۇلغان، نادىر تەپەككۇر بىلەن ئۇچراشقان، ئارزۇ قىلغان ئىشلىرىمىزنى قىلالىغان، قەلبىمىز تىنىچلىققا تولغان، ئەڭ موھىمى  گۈزەل  جەم بولۇشلار نىسىپ بولغان بىر يىل بولغۇسى! 🌹🌹🌹

2017.12.31        23:50

تارقىتىڭ...
  1. «ھاياتىمىزدىكى ئىشلارغا تاقىتىمىز يەتمىگەن بولسا يۈز بەرمىگەن بولاتتى. دېمەك چوقۇم تاقىتىمىز يىتىدۇ.»
    خۇددى يېڭى ھاياتنى 9 ئايلىق كۈتۈش، سەبر، ئاخىرقى مىنۇتلاردىكى تولغانلارغا بەرداشلىق بېرىش بەدىلىگە بەخت ئىچىدە كۈتىۋالغاندەك، بەلكىم ھازىر بىزمۇ ئارزۇلىرىمىزنىڭ، جەم بولۇشتا كۈتكەن كىشىلىرىمىزنىڭ «تولغاق پەيتى» دە تۇرىۋاتىمىز.

    بالىسى ئەمدىلا تۇغۇلغان ئانىدىن سورىسام، ئۇ بوۋىقىغا ئۇزاقلارچە قارىۋىتىپ ماڭا مۇنداق دېدى: ئىشىنەتتىم، مۇشۇ مىنۇتلارنىڭ ماڭا نىسىپ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. كۈتتۈم، چىدىدىم، بەرداشلىق بەردىم، شۇ 9 ئاينى باسماي تۇرۇپ ھازىرقى جەم بولۇشنىڭ بەختىگە ئېرىشەلـمەيدىغانلىقىمنى بالدۇرلا چۈشىنىپ يەتكەن ئىدىم. مانا ئەمدى، ئۇ جاپالىق كۈنلەرنىڭ ئىزناسىغا بوۋىقىمنىڭ قۇچىقىمدا ئۇخلاشلىرىغا مۇيەسسەر بولدۇم…. بۈگۈنكى جەم بولۇشتىكى بەخت ئۈچۈن، ئۇ كۈنلەدىكى جاپالارنىڭ سەۋرىم دائىرىسى ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىغا چىن پۈتتۈم.
    راستكەن، تاقىتىم يەتمىگەن ئىشلار ماڭا بېرىلـمەپتۇ… »
    شۇنداق، بىز ئارزۇلىرىمىزنى ، ئەزىزلىرىمىزنى، سېغىنغانلىرىمىزنى كۈتىمىز، تىرىشىمىز.

    ھەممەيلەننىڭ سىز دىگەندەك ئارزۇلىرى، سېغىنغان كىشىلىرى بىلەن جەم بولۇشىنى تىلەيمەن.

  2. ئاخىرقى شۇ بەخىتلىك مىنۇتلارغا يىقىنلاشقانسىرى پەللىگە چىقىدىغان « تولغاق ئازابى » شۇنچىلىك قاتتىق ھەم ئېغىركى …« نىمىشقىمۇ يارالغاندىمەن ؟!» دىگۈسى كەلگۈدەك ….تاقىتىمىزگە سەۋرىلەر بەرسۇن …تىلەكلىرىمىزدىكى ، ئارزۇلىرىمىزدىكى كۈنلەرنى كۆرۈش ھەم پات ئارىدا كۆرۈشلەر نېسىپ بولسۇن .
    ھەر قىتىملىق سۆيۈنۈش ئىلكىدە ئوقۇيدىغان سۆزلىرىڭىزدىن مەمنۇنمەن ، رەھمەت سىزگە~
    سىز ھەم ئائىلىڭىزگە كۆرۈنمەس گۈزەل تىلەكلىرىم بولسۇن ~ ❤️☀️

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

خۇش

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى